
ئاخىرەتلىك ئامانەت
(ھېكايە)
ئاخىرەتلىك ئامانەت
9- ئاينىڭ ئەمدىلا باشلىنىشىغا قارىماي ئەتتىگەن تەرەپتە سوغۇق شامال ئادەمنىڭ تېنىنى خېلىلا جۇغۇلدىتاتتى .جۈرئەت يېلىڭ كىينىۋالغىنىغا ئەپسۇسلانغاچ دۇئانى تۈگۈتۈپ قەبرىستانلىقتىن يېنىشىغىلا بىرسىنىپتا ئوقۇيدىغان قىز ساۋاقدىشى رازىيە بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى ،رازىيە«ئەتتىگەندە ئۆيىڭىزگە بارسام قەبرىستانلىققا چىقىپ كەتتى دىدى. بۈگۈن باشقا ئىشىم بارئىدى شۇڭا ئەتتىگەن ئامانەتنى تاپشۇرۇپ بىرەي دەپ سىزنى ئىزدەپ ماڭغان »دەپ بىر لىپاپىنى سۇندى ، «مەن ماڭاي ئايجامالنىڭ خېتى ئىكەن دوختۇرخانىدا سىزگە يېزىپتىكەن »دىگەچ جۈرئەتكە خوشمۇ دىمەي كىتىپ قالدى .
ئايجامالنىڭ قازا قىلغىنىغا ئىككى ھەپتە بولۇپ قالغان بولسىمۇ جۈرئەتنىڭ چىرايى تېخىچە ئېچىلمايۋاتاتتى .ھەركۈنى ئەتتىگەن مەسچىتتىن يېنىپلا قەبرىستانلىققا چىقىپ كەتكەنچە 2-3سائەتلەردىن كىيىن پەيدا بولاتتى .
جۈرئەتنىڭ قولىدا كۆتۈرۈپ كىرگەن خەتنىڭ ئايجامالنىڭ خېتى ئىكەنلىكىنى ئۇققان مەريەمخان ئانا ئوغلىنىڭ كۆڭلىنىڭ تېخىمۇ زىدە بۇلۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ «بۇ پۈتۈنلەي سىزنىڭ خاتالىقىڭىز ئەمەس بالام ! سىزنىڭ قىلغىنىڭىز توغرا. كېيىنكى ئىشلار پۈتۈنلەي اللە نىڭ ئىرادىسى. ئۇنى ھېچكىم خىيالىغىمۇ كەلتۈرەلمەيتتى . شۇڭائۆزىڭىزنىڭ مەسئۇلىيتى بولمىغان ئىشتا تولا ئۆزىڭىزنى قىينىماڭ !
ما خەتنى ۋاقتىنچە ئوقۇماي تۇرۇڭ ! كۆڭلىڭىزنى تېخىمۇ زىدە قىلىپ سالمىسۇن. كېيىنچە كۆڭلىڭىز ئارامىغا چۈشكەندە ئۇقۇۋالارسىز
»دىدى. جۈرئەتنى يېنىدا ئولتۇرغۇزۇپ .
«ماقۇل»دىدى جۈرئەت ئۆيگە كىرگەچ ۋە خەتنى كىتاپ-ماتىرياللىرىنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇپ قويدى .
بىرنەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى جۈرئەت ئايجامالنىڭ ئىشىنى خېلى ئۇنۇتقان بولسىمۇ ئەتتىگەندە مەسچىتتىن يېنىپلا ئايجامالنىڭ تۇپراق بېشىغا چىقىپ «سۈرەياسىن»نى بىر قېتىم ئوقۇشنى تاشلىماي كېلىۋاتاتتى .ئايجامالنىڭ قازا قىلىشىغائۆزىنىڭ ئاز-تولا سەۋەپچى بولۇپ قالغانلىقىنى ئىتىراپ قىلماي تۇرالمايتتى ،شۇنىڭ ئۈچۈن ھەركۈنى تۇپراق بېشىغا چىقىپ بىر قېتىم دۇئا قىلىپ تۇرغىنىدا ئۆزىنى خېلى يىنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلاتتى.
-ئايجامالنىڭ خېتىدە نىمىلەرنى يېزىپتۇ دىدى بىركۈنى دەرىس ئارلىقىدا رازىيە
-ئوقۇمۇدۇم ، دىدى جۈرئەت پەرۋاسىزلا ، بۇگەپنى ئاڭلىغان رازىيەنڭ چىرايى تاتىرىپلا كەتتى .
-ھوي، بىر ئادمنىڭ ئۈلۈم ئالدىدا يازغان خېتىنىمۇ ئاشۇنداق تاشلاپ قويامسىز ؟ئايجامالغا ئازراقمۇ ھېسداشلىق قىلمامسىز ؟ بىلىپ قۇيۇڭ ئۇ سىزگە يامانلىق قىلمىدى !ئۇسىزنىڭ دۈشمىنىڭىز ئەمەس !» رازىيە ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي خېلىلا قايناپ كەتتى .جۈرئەت قاپىقىنى تۈرگەن پېتى گەپ قىلماي ئولتۇراتتى –
-ئىسىت ! سەندەك ئادەمگە كۈيۈپ قالغان ئاشۇ ساددا ،ئەخمەق ئادىشىمنىڭ ئۆزىگە ئاز. ئىسىل ،ئوڭلۇق،ئادەمنىڭ قەدرىنى بىلىدۇ دەپتىكەنمەن »دىگىنىچە يىغلاشقا باشلىدى .جۈرئەت ئەمدى تاقەت قىلالمىدى رازىيەنىڭ بىردىنلا «سەن»لەپ كىتىشى جۈرئەتنى غەزەپلەندۈرۈپ قويدى.
-نىمانچىۋىلا توۋلايسىز؟ئۇ كۆيۈپ قالسا مەن نىمە قىلاي ؟ئۇ كۆيگەن بولسا ئۆزىنىڭ ئىشى مەن ئوقۇتۇۋالمىدىم . مەنمۇئۆزۈمگە چۇشلۇق ئادەم. ھەممە ئىشنى ئۇنىڭ سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىكىدەك قىلىش مەجبۇرىيتىم يوق. مىنىڭمۇ ئويلىغىنىم ،تۇتقان يولۇم بار
.سىزگە دەپ قوياي خەتنى ماڭا يېزىپتۇ ماڭا جايىدا تاپشۇرۇپ بىرىپ سىزنىڭ ئىشىڭىز تۈگۈدى. ئوقۇمدىم ،ئۇقۇمامدىم ئۈزۈمنىڭ ئىشى
سىز ئارلىشىۋالماڭ !»دىدى غەزەپ بىلەن.بۇگەپنى ئاڭلىغان رازىيە يۈزىنى تۇتۇۋېلىپ يىغلىغانچە سىنىپتىن چىقىپ كەتتى .جۈرئەتمۇ كەينىدىن چىقىپ رازىيەنىڭ قولىدىن تارتىپ ئارقىغا ئۆتتى ۋە
-ھەرقانداق گېپىڭىز بولسا مۇشۇ يەردە ھەممىنى دەۋىلىڭ ! مىنىڭ تولا ئىچىمنى پۇشۇرماڭ!» دىدى . ئايجامال بىردەم تۇرۋالغاندىن كىيىن ياش يۇقى كۆزلىرى بىلەن جۈرئەتكە قاراپ
-راس گەپنى قىلسام سىزنى پەقەت چۈشەنمەپتىكەنمەن ! ئايجالنىڭ ئۆلۈمى پۈتۈنلەي سىزنىڭ سەۋەنلىكىڭىزدىن كىلىپ چىققان ئىش شۇنداق تۇرۇپ سىز ئازراقمۇ ئىچ ئاغىرىتمىدىڭىز بەك نۇمۇسسىزكەنسىز
-نېمە ؟ نۇمۇسسىز ؟!مەن ئۇنىڭغاھېچنىمە قىلمىدىم ؟ ھېچنىمە دىمىدىم ؟
-ھېچنىمە قىلمىسىڭىز نىمە دەپ سىزنىڭ يېنىڭىزدىن چىقىپلا ماشىنىغا سوقۇلىدۇ، ئۇ سىز بىلەن كۈرۈشۈشكە ماڭغاندا ناھايىتى خۇشال ئىدى .
-مەن ئۇنىڭ يېنىغا كىرگەندە كارۋاتتا يېتىپتىكەن مىنى كۈرۈپلا جۈرئەت دەپ توۋلىغانچە بوينۇمغا ئېسىلىپ قۇچاقلىدى بۇنىڭ بۇنداق يولسىز قىلىقىغا ئاچچىقىم كىلىپ ئۇنى كارۋاتقا ئىتتىرۋەتتىم ۋە «نەگە بارسا كۇسۇپ قالغان بۇزۇق نىمىلەر ؟ھەرقايسىڭدەك بۇزۇق نىمىلەر پاك ئاچا-سىڭىللىرىمىزنىڭ يۈزىنى تۆكۈپ بولۇشتۇڭ »دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتىم. جۈرئەت ! دەپ توۋلىغىنىچە قالدى
-ئىسىت ! ئىسىت ! سىز بۇزۇقنى كۈرۈپ باقماپسىز ئايجامالغا قىلغان بۇ گېپىڭىز بەك ئېشىپ كىتىپتۇ ئۇ ھەرگىز كۆتۈرەلمەيدۇ ئەمدى بىلدىم ئۇ ئىنىقلا گىپىڭىزنى كۆتۈرەلمەي ئۆزىنى ماشىنىنىڭ ئالدىغا ئاتقان گەپ ھايات بولساق كۈرەرمىز تېخى خۇداسىزگە بۇزۇقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئوبدانلا بىلدۈرۈپ قويار .
-مىنى قارغىۋاتامسىز ؟مىنىڭ بۇزۇققا قېلىشىمنى تىلەۋاتامسىز ؟مىنىڭ گۇناھىم نىمە ؟ئەجەبا بوينۇمغا ئېسىلسا مەنمۇ قۇچاقلاپ تۇرىمەنما ؟
-ھەرقانچە بولسىمۇ بۇزۇق دىمەسلىكىڭىز كىرەكتى ؟
-بۇزۇق بولماي . . . .چاڭڭىدە تەككەن بىر شاپىلاق بىلەن گەپنىڭ ئاخىرى جۈرئەتنىڭ ئېغىزىدا قالدى . رازىيە يىغلىغان پېتى يۈگۈرەپ كىتىپ قالدى .
جۈرئەت مەڭزىنى سىلىغان پېتى سىنىپقىمۇ كىرمەي ئۆيگە كەتتى .
بۇ ئىشلارنى ئويلىغانسىرى جۈرئەتنىڭ كاللىسى قايمۇقۇپ كىتىۋاتاتتى . ئىشلار ناھايىتى نورمال كىتىۋاتقان بىركۈنى رازىيە ئۇنى ئىزدەپ كىلىپ ئايجامالنىڭ گىپى بارلىقىنى، بىرقېتىم كۈرۈشۈشىنى ئېيتتى .گەرچەكۈرۈشكۈسى بولمىسىمۇ رازىيەنىڭ چىڭ تۇرۇۋېلىشى بىلەن كۈرۈشىدىغان بولدى.
بىراق ئىشلار ئويلىغاندەك بولمىدى. ئىشىكتىن كىرىپ بولغىچە ئايجامال كىلىپلا بوينىغا ئېسىلدى.
بۇنى قانداق چۈشۈنۈش كىرەك ؟ئايجامال بىلەن بىر مەھەللىلىك بولغانلىقتىن ئاندا-ساندا ئۇچرىشىپ قالاتتى . بىراق سالاملىشىپلا ئۆتۈپ كىتەتتى . پاراڭ بۇلۇپ قالسىمۇ دەرس ،مەكتەپ توغرىسىدا بولاتتى.ئۇلار ئىلگىرى نە مۇھەببەت نەسۆيگۈ ھەققىدە بىرەر ئېغىزمۇ پاراڭلىشىپ باقمىغان. ئايجامالنى بۇرۇندىنلا يۈزى تۈۋەن، ھايالىق، ئىمانلىق قىز دەپ چۈشۈنەتتى . شۇيەردىن يېنىپ چىققاندىن كىيىن ئايجامالنى نەچچىنى تىللىغان ، قىزلارنىڭ سىرتقى كۈرۈنىشى ،چىرايلىق چىگىۋالغان ياغلىقى، ئىسلامى كىينىشىگە قاراپلا باھا بەرسە بولمايدىغانلىقىنى ئويلىغان ئىدى .
قېرىشقاندەك شۇ كۈنى ئايجامالنى ماشىنا سوقۇۋەتتى يەنە كىلىپ ئايجالنى ماشىنا سۇقۇۋەتكەن ۋاقىت جۈرئەت بىلەن كۈرۈشۈپ يېرىم سائەتتىن كىيىن جۈرئەت بىلەن كۈرۈشكەن ئۆينىڭ ئالدىدىلا بولغان ئىدى ،دىمەك ئايجامال شۇيەردىن چىقىشىغىلا ماشىنا سۇقۇۋەتكەن ئىدى .
«ئەجەبا مىنىڭ گىپىمنى كۆتۈرەلمەي ئۆزىنى ماشىنىنىڭ ئالدىغا ئاتقانمىدۇ ؟» جۈرئەتنىڭ تىنى شۈركىنىپ كەتتى
ئۇنداقتا ئايجامالنىڭ ئۈلۈمىگە جۈرئەت سەۋەپچى بۇلۇپ قالغان بۇلمامدۇ ؟
جۈرئەت رازىيەنىڭ« ئايجالنىڭ ئۈلۈمى پۈتۈنلەي سىزنىڭ سەۋەنلىكىڭىزدىن كىلىپ چىققان ئىش» دىگەن گىپىنى ئەسلەپ قالدى
سائەتنىڭ ئىككىگە يېقىنلاپ قالغىنىنى كۆرگەن جۈرئەت پىشىنگە ئالدىراپ تاھارەت ئېلىپ جەينامازغا چىقىشىغىلا تېلىفۇن سايراپ كەتتى
تېلىفۇننى رازىيە ئالغان ئىدى رازىيە بىر قېتىم كۈرۈشۈشنى تەلەپ «سىزگە چۈشەندۈرۈپ قويمىسام بولمايدىغان ئىش بارئىدى مۇشۇ بىرقېتىم رەنجىمەي ۋاقتىڭىزنى چىقىرىڭ كىيىن ئاۋارە قىلمايمەن »دىدى .
جۈرئەت پىيالىگە چاينى قۇيۇپ رازىيەنىڭ ئالدىغا ئىتتىرىپ قويغاندىن كىيىن «گېپىڭىزنى باشلاڭ »دىگەن مەنىدەرازىيەگە قاراپ قويۇپ پىيالىگە قاراپ ئولتۇردى . مەكتەپنىڭ يېنىدىكى ئاشخانىدا ئۇچراشقاندىن كېيىن .
-ئاۋۋال تۈگۈنكى ئىشقا سىزدىن كەچۈرۈم سورايمەن . ئۆزۈمنى پەقەت تۇتۇۋالالماي قالدىم. ئايجامال شۇ يېشىغا كەپ بولغۇچە بىرەر يات ئەركىشى بىلەن پاراڭلىشىپ باقمىغان ئەركىشىگە تىكىلىپمۇ قارىيالمايتتى .
ئۇ كۈنكى ئىشنى مەنمۇ چۈشۈنەلمىدىم . ئايجامالنىڭ نىمىشقائۇنداق قىلغىنى ئەمدى مەڭگۈ سىر بۇلۇپ قالدى .
بەلكىم بىلمەيدىغانسىز ؟ ئايجامال سىزگە كۈيۈپ قاپتىكەن بۇ ئىشقا تۆت يىل بۇپتۇ تۆت يىلدىن بىرى ھېچكىمگە دىمەي سىزگىمۇ ئېغىز ئاچماي يۈرۈپتۇ . دەسلىۋىدە سىزنى خىيال قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۈرۈپتۇ لېكىن قاچۇرۇپ قۇتۇلۇش مۇمكىنمۇ ؟ ھەرقېتىم سىزنى ئەسلىگىنىدە ھوجرىسىغا كىرىۋېلىپ خەت يېزىپتۇ ، سىزگە دىگۈسى بارگەپلىرىنى،ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ،شىرىن خىياللىرىنى ھەممىنى قەغەزگە يېزىش بىلەن ئۆزىگە تەسەللى بىرىپ سىزگە بولغان كۆڭلىنى سىر پېتى ساقلاپ كەپتۇ .
-مۇمكىنمۇ تۆت يىلغىچە ھېچكىمگە تىنماي يۈرەلىشى تازا ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ .
-مەنمۇ دەسلىۋىدە ئانچە ئىشەنمىگەن كىيىن بارلىق خەتلىرىنى كۆرگەندىم كىيىن ئىشەندىم .خېلى چوڭ دەپتەردىن بىرنى توشقۇزۇپتۇ .
-ئەمدى نىمىشقا ئاشكارلاپتۇ ؟
-دەسلىۋىدە ئىككىلىمىز ھازىر كىچىك دەپ توي يېشىغا يەتكۈچە ساقلاپ ۋاقتى كەلگەندە دەپتەرنى سىزگە بەرمەكچى بۇپتىكەن .يېقىندىن بىرى ئۆيىگە تولا ئەلچى كەپتۇ ھەتتا ئاتا-ئانىسى مەكتەپتىن ئاجىرىتىپ توي قىلىپ بەرمەكچىمۇ بۇپتۇ شۇڭا مىنى ئىزدەپ كەپتىكەن مەنمۇ سىزبىلەن كۈرۈشتۈرمەكچى بولغانتىم .
-دەپتەرچۇ ؟
-دۇختۇرخانىدا سورىغان لېكىن بەرمىدى.«ئۈزۈمدە ئۈمۈت يوق ئۇ دەپتەرنى بىرىپ بۇئىشلارنى ئەمدى ئاشكارلاپ يۈرمەي تۆت يىل ساقلاپتىمەن تايىنلىق ئاخىرەتكە ئامانەت قىلىپ ئېلىپ كىتەي اللە ئىمكان بەرسە باقى ئالەمدە بىرەرمەن »دەپ تۇرۋالغانتى دەپ يىغلاپ كەتتى
رازىيە .
-ئاخىرىدا سىزگە ئەسكەرتىپ قوياي جۈرئەت ئۈزىڭىزنى بەك چوڭ چاغلايدىكەنسىز .
-ياق مەن ئۈزۈمنى . .
-توختاڭ گىپىمنى بۆلمەڭ
ئۈزىڭىزنى زىيادە چوڭ چاغلايدىكەنسىز
ئايجامالغا ئۇۋال بۇپمۇ بەك ئېغىر ئۇۋال بولدى
ئەركىشىگە تىكىلىپ قارىيالمايدىغان بىرقىزنى بۇزۇققا چىقىرىپ قويدىڭىز گەرچە ئارىمىزدا ئاشۇنداق بۇزۇق قىز ئاياللاربولسىمۇ ھەممىمىزئۇنداق ئەمەس ئۈزىمىزنىڭ كۆڭلىنى بىرلا ئەرگە بېغىشلايدىغان ، شۇ ئەرنىڭ ئوتىدا كۈيۈپ سۈيىدە ئاقساقمۇ مىننەت قىلمايدىغان ،ئورنىدىن تۇرالمىسا تەرىتىگە قاچا تۇتىدىغان ،شۇ ئەر ساراڭ ،لەقۋا ،بىھۇش ،پالەچ بۇلۇپ قالسىمۇ ئۆمرىمىزنىڭ ئاخىرغىچە شۇ ئەرنىڭ ئامانىتىنى ساقلاپ
ئۈزىمىزنى پاك تۇتۇپ ئۈتۈپ كىتىدىغان ئاياللارمۇ خېلى بار ئايجامال بىلەنبمەنمۇ شۇلارنىڭ قاتارىدىنمىز ئايجامال نىمە سەۋەپتىن بوينىڭىزغا ئېسىلىپ سالدى بىلمەيمەن ئەمما شۇنى بىلىمەنكى بۇ ئىشتا ئالاھىدە بىر سەۋەپ بار بولمىسائايجامالنىڭ كىكىردىكىنى كىسىۋەتسىڭىزمۇ نىكاھلاشتىن ئىلگىرى بارمىقىنىڭ ئۇچچىنىمۇسىزگە تۇتقۇزماس ئىدى بۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىل .
خەيىر بۇ ئىشلارمۇ ئۈتۈپ كەتتى لېكىن شۇنى ئۇنتۇپ قالماڭ ئايجامالنىڭ ئۈلۈمىنىڭ باش جاۋاپكارى سىز ھامان بىركۈن كۈزىڭىزدىن ياش ئەمەس قان ئاققۇزۇپ پۇشايمان يېشى تۈكىسىز .
-ئۇنداقتا مىنىڭ قىلغىنىم پۈتۈنلەي خاتا كەندە ؟ئۇ قۇچاقلىسا مەنمۇ قۇچاقلاپ تۇرسام بۇلامتى
بىلىدىغانسىز مەھرەم ئىگىسى بولمىغان ئاياللارنىڭ قۇلىنى تۇتۇش، قۇچاقلاش ھارام تۇرسا بىر مۇسۇلمان ئەۋلادى، اللەقا ئىشىنىپ تۇرۇپ شۇنداق قىلىپ سالسام ئۆلگەندە نىمە دەپ جاۋاپ بىرىمەن ؟
-سىزنى قۇچاقلاپ تۇرۇڭ دىگەنلىكىم ئەمەس ھېچ بولمىسا چىرايلىقچە ئولتۇرغۇزۇپ ئىككى ئېغىز گىپىنى ئاڭلاپ باقسىڭىز بولماسمىدى ؟ھەرقانچە بولسىمۇ تىللىماسلىقىڭىز كىرەكتى تىللىسىڭىزمۇ باشقا گەپ قىلسىڭىز بولمامدۇ ؟باشقىلار قانداق ئۇنى بىلمىدىم ئەمما بىزنىڭ ئاچا-سىڭىللىرىمىز بۇنداق ھاقارەتنى كۈتۈرەلمەيمىز .تەقۋادار بولغىنىڭىز ياخشى لېكىن چەكتىن ئاشۇرۋەتسىڭىز تەقۋادارلىقىڭىزمۇ گۇناھكار قىلىپ قۇيىدۇ .
جۈرئەتنىڭ ئۈنى ئىچىگەچۈشۈپلا كەتتى .
رازىيەنىڭ قايتار ۋاقىتتا گىپى بار يوقلىقىنى سورىغاندىمۇ ھېچنىمە دىمىدى.
ئايجامالنىڭ ئۈلۈمىگە ئۈزىنىڭ سەۋەپچى بۇلۇپ قالغانلىقىدىنمۇ ياكى رازىيەنىڭ گەپلىرى بەك ئۈتۈپ كەتتىمۇ بىلگىلى بولمايتتى .
جۈرئەت ناھايىتى پەرىشان ھالدا ئۆيگە كىلىپ ئايجامالنىڭ خېتىنى ئېلىپ تۇرۇشىغا مەريەمخان ئانا كىردى ۋە «ئۇقۇڭ بالام بىللە ئاڭلايلى» دىدى.
خەت ناھايىتى قالايمىقان يېزىلغان بۇلۇپ خەت يازغۇچىنىڭ خېلى كۈچىگەنلىكىنى چىقىپلا تۇراتتى.خەتنىڭ ھەممە يىرىدە تامچە –تامچە ياشنىڭ ئىزى قالغان ئىدى .
«ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جۈرئەت ئۇبدان تۇرغانسىز ؟قانداقلا بولمىسۇن مەندىن ئۇبدان تۇرغانلىقىڭىزنى بىلىمەن .كۈنلىرىم ئۇزۇنغا بارمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپتىمەن ئۆيدىكىلەر گەپنىڭ جايىنى دىمىگەندىمۇئۇلارنىڭ ياشلىق كۈزىگە قاراپلا ھەممىنى بىلىۋالدىم يۈرۈگۈم ئىزىلىپ كەتتى جۈرئەت
ماشىنىغا سۇقۇلغانلىقتىن ئەمەس سىزنىڭ گىپىڭىزدىن ئىزىلىپ كەتتى ھەرقېتىم سىزنىڭ ئۆيدىن چىقىپ كىتىشتىن ئىلگىرى قىلغان گىپىڭىزنى ئويلىسام شۇگەپنى ئاڭلاشتىن ئىلگىرى ئۈلۈپلا كەتكەن بولسامچۇ دەپ قالىمەن نىمىشقا شۇنداق قىلىپ سالغانلىقىمنى چۈشەندۈرۈپ قۇياي
شۇكۈنى بۇرۇنلا بېرۋاپتىكەنمەن خېلى ساقلىغاندا دىيىشكەن ۋاقىت بولدى لېكىن سىز ۋاقتىدا كەلمىدىڭىز يېرىم سائەت ئۈتۈپ كەتتى كۈزۈم ئىشىكتە ئىدى لېكىن سىزنىڭ قارىڭىزنى كۆرەلمىدىم ۋاقىت ئۆتكەنسىرى سىزدىن ئەنسىرەشكە باشلىدىم كاللامغا ھەرخىل شۇم خىياللار كىلىۋالدى مىنىڭ نەزىرىمدە سىز تىچ-ئامانلا بولسىڭىز ۋەدىڭىزنى ئۇرۇنلايدىغان ،ۋەدىنى ئىمان قاتارىدا كۈرۈدىغان ئۇغۇل بالا ئىدىڭىزئۈزۈمنى تىنىچلاندۇرالماي ياستۇققا بېشىمنى قۇيۇپ ياتتىم سىزنىڭ كىچىكىشىڭىز توغۇرسىدا ھەرخىل خىياللار بىلەن كۈزۈمنى يۇمدىم.
سىرتتا ۋاراڭ چۇرۇڭ چىقىشقا باشلىدى نىمەئىش بولغاندۇ دەپ چىقسام بىر ماشىنىنىڭ ئالدىدا سىز قانغا مېلىنىپ ياتاتتىڭىز مەن ئۈزۈمنى تۇتۇۋالالماي جۈرئەت! دىگىنىمچە سىزنى قۇچاقلاپ يىغلاپ ياتسام سىزئىشىكتىن كىرىپ كەلدىڭىز سىزنى كۈرۈپ ئۈزۈمنى تۇيىمايلا سىزگە ئۈزۈمنى ئېتىپتىمەن كۈزۈم ئۇيقۇغا كىتىپ ئاۋۇ قاباھەتلىك چۈش كۈرۈنمىگەن بولسا ئەقلى-ھۇشۇم جايىدا بولسىلا ھالال نىكاھلاپ بولغۇچە قۇلۇمنىمۇ تۇتقازماس ئىدىم سىز قورققان اللە تىن مەنمۇ قورقاتتىم سىزئۈمۈت قىلغان جەننەتنى مەنمۇ ئۈمۈت قىلاتتىم بۇدۇنيادا سىزلا ئۇلۇغسىزلا پاك-تەقۋادار ئەمەس مەندىمۇ اللەئىلتىپات قىلغان ئىمان بار. يەنە بىرگەپ مەن ئۈزۈمنى ماشىنىنىڭ ئالدىغا ئاتمىدىم ئۇلۇغلارچە ئېيتقان گىپىڭىزنى كۈتۈرەلمەي يۈزۈمنى تۇتۇپ يىغلىغان پېتى چوڭ يولدىن كىسىپ يۈگۈرگىنىم ئىسىمدە ھۇشۇمغا كەلسەم ئۈزۈمنى دۇختۇرخانىدا كۆردۈم ئۈزىنى ئۆلتۈرۋالغانلارنىڭ ئەبەدى دەۋزەخكە مەھكۇم بۇلىدىغانلىقىنى بىلىمەن بۇئىش يۈزبەرمىگەن بولسا سىزسىزمۇ ئۇبدانلا ياشىيالايتتىم .لېكىن بۇ گەپلەرنى ئەمدى دىگەننىڭ نىمە ئەھمىيتى ئىھتىمال سىز خېتىمنى ئۇقۇشتىن ئىلگىرى قەبرە ئاستىغا كىرىپ كىتىشىم مۇمكىن .بىلەمسىز جۈرئەت ئادەم ئۈزىنىڭ ھامان بىركۈن ئۈلۈپ كىتىدىغىنىنى بىلىدۇ لېكىن ئۈلۈمىڭنىڭ قەرەلى بىكىتىلگەندىن كىيىن باشقىچە بۇپ قالىدىكەنسەن ئىلگىرى نەپرەتلەنگەن ئادەملىرىڭمۇ سۈيۈملۈك بىلىنىدىكەن دۈشمىنىڭ بولسىمۇ چوڭقۇر مىھرىڭ بىلەن يادئىتىدىكەنسەن بىرى-بىرىمىزگە يامانلىق قىلىپ دىلىمىزنى رەنجىتىپ نىمە پايدا تاپارمىز ؟كۈنلىرىمىز مانا مۇشۇنداق قىسقىغىلا ئىكەن مانا مەن پاكىت!
ئىككى كۈن ئىلگىرى شات-خۇرام بىر قىز ئىدىم مانائەمدى ئۈلۈم ئالدىدىكى نىمجان قۇشقا ئوخشاپ قالدىم .سەل جېق سۆزلەپ قويدۇم بەلكىم بۇ ئۆمۈرىڭىزدە سىزگە يەنە بىرى ئۈلۈم ئالدىدىكى خىياللىرىنى سۆزلەپ بەرمەس . گەپلىرىم بەك جېق ئىدى لېكىن قۇلۇم چىدۇغىسىز ئاغرىپ كىتىۋاتىدۇ ئەمما ئامال بار دىگۈم بارگەپلەرنى تۇلۇقراق دەۋېلىشقا تىرىشىۋاتىمەن سىز توغۇرسىدا نۇرغۇن شىرىن خىياللىرىم بارئىدى سىزنىڭ تاھارەت ئېلىۋاتقانلىقىڭىزنى كۆرسەم كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاشۇ تاھارەت سۈيىنى مىنىڭ تەييارلاپ بىرىدىغىنىمنى مەسچىتكە ماڭغىنىڭىزنى كۆرسەم مىنىڭ ئۇزۇتۇپ قۇيدىغىنىمنى ئويلىسام ئىككى دۇنيالىق بەختىمنى تاپقاندەك خۇشال بۇلۇپ كىتەتتىم. سىزگە كۆڭلۈم باغلىنىپ قالغىلى تۆت يىل بۇپتۇ تۆت يىلدىن بىرى سۆيگۈڭىزنى قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا يۇشۇرۇپ كەلدىم ئىنسان تائىپىسىگە تېنىپ باقمىدىم،ئەتىۋارلىدىم،سۆيگۈڭىزدىن پەخىرلەندىم ، ھامان بىركۈنى سىزمۇ خۇددى مىنىڭدەك پەخىرلىنىدىغانلىقىڭىزغا ئىشەندىم نەپسىم قىستاپ تىنالمايۋاتىمەن دۇختۇرنىڭ دىيشىچە مەن كۈچىسەم بولمايدىكەن تۆت يىللىق ئەقىدىنى مۇشۇنداقلا ئېلىپ كىتىش ئېغىر كىلىۋاتىدۇ تۆت يىل پەرۋىش قىلىپ ئېچىلدۇرغان گۈللىرىمنى بىرقېتىم پۇرىتالمايلا ئېلىپ كەتمەكچى بۇلىۋاتىمەن .تۆت يىل ساقلاپ كەلگەن شەربىتىمنى بىرقېتىم ئوتلىتالماي ئېلىپ كەتكمەكچى بۇلىۋاتىمەن جۇدالىق قانچە سۇزۇلغانسىرى مىۋىسى شۇنچە شىرىن بۇلۇدۇ دەپ ئويلايتتىم لېكىن ئۇزۇنغا سۇزۇلغان جۇدالىقنىڭ ماڭا كەلگەندە ئاچچىق مىۋە بىرىشىنى كىم ئويلىيالىسۇن . دىمەكچى بولغان گەپلىرىم بەك كۆپ ئىدى لېكىن قۇلۇم تىتىرەپ قەلەمنى تۇتالمايۋاتىمەن قالغان گەپلىرىمنى سىزگە ئىزھار قىلىش نىسىپ بولمىغان تۆت يىللىق سۆيگۈمگە ئوخشاش گۆرگە ئەكىرىپ كىتىدىغان بولدۇم بۇ ھىجران ئىنسان ئەۋلادىغا مەندىن ئاشمىغاي ،خەيىر ئامان بۇلۇڭ ئاخىردا ماڭاتۆت يىلدىن بىرى ئىلھام –مەدەت بولغان ئادىل تۇنىيازنىڭ مۇنۇ شىئىرىنى سىزگەقالدۇرۇپ قۇياي .
ئىىنتىلىپ ئۈن-تىنسىز كۆيدۈم بىرىگە
ۋەلېكىن سۆيگۈمنى قىلمىدىم ئىزھار
بولغاچقا ئاھ شۇنداق شىرىن لەززەتلىك
كۈڭۈلنىڭ قېتىدا يىتىلگەن سىرلار
خەيىر
سىزنى اللە قاتاپشۇردۇم، بىتەلەي قىز ئايجامال»
يىغا ئارىلاش تىلاۋەت قىلىنىۋاتقان قۇرئان ئاۋازىنى ئەتتىگەننىڭ سۇغۇق شامىلى قەبرىستانلىقتىن يىراقلارغا ئېلىپ كىتىۋاتاتتى ئايجامالنىڭ تۇپراق بېشىداجۈرئەت بىلەن مەريەمخان ئانا كۈن پىشىن بولغىچە ئولتۇردى مەريەمخان ئانىنىڭ يىغىدىن كۆزلىرى قىزىرىپ گېلى بۇغۇلۇپ كەتكەن ئىدى.
ئاپتۇرى روھچىن
مەنزىل:روھچىن قەلىب دۇنياسى
ئادىرىس:http://www.rohqin.com