يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 753 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 543|ئىنكاس: 2

ئۇيغۇرۇم نەسىھەتلىرىدىن تاللانما [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى 20:13:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىسمىللا ھىررەھمانىررەھىم

( ناھايىتى شەپقەتلىك مىھرىبان ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن )

بۇ كىتاب بۇندىن 20 يىللار بۇرۇن يېزىلغان بولۇپ ھازىرغىچە ئۆيدە ساقلاپ كەلگەن ، ئاللاھنىڭ ھىممىتى بىلەن بۈگۈن كەڭ تورداشلار بىلەن بىرلىكتە بەھىرلىنىش قارارىغا كەلدىم . كىتاپتىكى مەزمۇننى ئەينەن بايان قىلدىم  .
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ  
جامائەتلەر مەن سۆزلەي دىققەت بىلەن سېلىڭ قۇلاق  
غەزەپ بىلەن قايناپ تاشتى ئىچىمدىكى دەردۇ پىراق  
نەزەر سالسام جەمىيەتكە يامان ئىشلار تاپتى روناق  
شۇ سەۋەپتىن بۇكىتاپنى يېزىپ چىقتىم نەزەر ئەيلەڭ  
1  
يۇرت مەھەللە قىمارۋاز ۋە ئىچەرمەنگە تولۇپ كەتتى  
خالايىقلار شەرئى تۇتماي شۇنداق ئىشقا كۇنۇپ كەتتى  
ئىتنى ئىتقا تالاشتۇرۇپ خۇشاللىنىپ كۇلۇپ كەتتى  
شۇنىڭ ئۈچۈن نەھى مۇنكەر قىلىپ ئۆتتۇم نەزەر ئەيلەڭ  
2  
بەزى كىشلەر ئوياش ئۈچۈن پۇلنى بۇزۇپ ئىتنى ئالدۇق  
شەيتانلارنى شاتلاندۇرۇپ تالاشتۇرۇپ ھوزۇر ئالدۇق  
شۇنداق قىلىپ ئاخىرەتكە گۇناھلاردىن خالتا سالدۇق  
سىزنىڭچە بۇ توغرا ئىشمۇ قېرىنداشلار نەزەر ئەيلەڭ  
3  
ئىتنى ئالغان شۇپۇللارنى ئاجىزلارغا خەيرى قىلساق  
ياكى كىگىز گىلەم ئېلىپ مەسچىتلەرگە نەزىرە قىلساق  
گورنى روشەن قىلماسمىدى ئەجەل يىتىپ ئۈلۈپ قالساق  
بۇرادەرلەر بۇنداق بىدئەت يامان ئىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ  
4  
ئىتنى ئىتقا تالاش تۇرۇپ ھۈزۈرلىنىپ كۇلۇپ يۇرسەك  
ئىككى دوستنى دوشمەن قىلىپ گۇناھلارغا چۈمۈپ يۇرسەك  
ئىتلاربىلەن بىرگە يېتىپ بىر سۇڭەكنى يالاپ يۇرسەك  
قىيامەتتە بىزلەرنى ھەم شۇنداق قىلۇر ھەزەر ئەيلەڭ  
5  
بىرنىڭ سۆزنى بىرگە تۇشۇپ ئىككى ياخشىنى يامان قىلسا  
جانۋارلارنى ئۈسسۈشتۇرۇپ تالاشتۇرۇپ زۈلۈم قىلسا  
گۆر قىستايدۇ ئۇنداق كىشى ئەجەل يىتىپ ئۈلۈپ بارسا  
ئەل قىساسى مىنەل ھەقتۇر شەرىئەتتە ھەزەر ئەيلەڭ  
6  
ئىتۋازنى ئىت سۇرتىدە قىلىپ ئاللاھ ئۇنى تالاشتۇرغاي  
مۇڭۋاز سىزگە مۇڭۋاز بىرىپ قىساس ئۈچۈن ئىزنى قىلغاي  
بۇدۇنيادا خارلانغانلار زالىملاردىن قىساس ئالغاي  
سىزگە راھەت كىرەك بولسا بۇ ئىللەتتىن ھەزەر ئەيلەڭ  
7  
ياخشنى يامان قىلىپ ئۆيمۇ ئۆي ئېقىپ يۇرگەن  
كىشىنىڭ سۆزىنى كىشىگە توشۇپ بىرنى بىرگە چېقىپ يۇرگەن  
كىشىلەرنىڭ ئۈستىلىردە ھەرخىل گەپنى تېپىپ يۇرگەن  
مۇناپىقلار ئايەت ھەدىس مەناسىگە نەزەر ئەيلەڭ  
8  
لاتەجەسسە سوۋە لايەغتەب بەئزۇكۇم بەئزەن دىدى ئاللاھ  
سۆز تۇشىماڭ غەيۋەت قىلماڭ بىر بىرىڭىزنى مۇسۇلمانلار  
غەيۋەت قىلىپ ئادەم گۆشنى يىمەڭ دىدى رەسۇرۇللاھ  
بۇ ئەمىرگە بۇيۇن سۇنۇپ نەھىلەردىن ھەزەرئەيلەڭ  
9  
سۆز تۇشۇغۇچى قىيامەتتە مايمۇن سۇپەت ھەشىر قىلۇر  
غەيۋەتچىنى قىلىنغۇچىنىڭ گۆشنى يىيىشكە ئەمرى قىلۇر  
بۇ ئەمىرگە ئامالى يوق ئول جەسەتنى غاجاپ يىيۇر  
ھەشرى نەشرى كۇنلىرىدىكى رەسۋالىقدىن ھەزەر ئەيلەڭ  
10  
شەرىئەتتە چوڭ ساۋاپ دۇر 2ياماننى ياراشتۇرماق  
ئاداۋەتلىك ئەر خۇتۇننى سۈلھى قىلىپ بۇلاشتۇرماق  
مۇسۇلماننىڭ ئوغۇل قىزنى سايە قىلىپ تۇنۇشتۇرماق  
ساۋاپ ئىشقا قەدەپ تاشلاپ يامان ئىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ  
11  
بىرسى ئازراق پايدا كۆرسە ئىچنى ئۇرۇپ تىنمايدىغان  
شۇ پايدىنى مەن كۆرسەم دەپ ئۇخلىماي ئويلايدىغان  
ئىچنى تارتىپ ھەيزى كۇرۇپ ئىشتىنىنى بۇلغايدىغان  
ھەسەتخورلار مۇنداق ئىشتىن ئۈمۈت ئۇزۈڭ ھەزەر ئەيلەڭ  
12  
شەرىئەتتە پۇل مالىنى جازانىغا بىرىپ يۇرسە  
خۇتۇن قىزلار ئەۋرەت ياپماي باشلىرىنى ئېچىپ يۇرسە  
ھەسەتخور ۋە سۇخەنچىلەر بىر بىرىگە چېقىپ يۇرسە  
دۇئا قىلساق قۇبۇل بولماس بۇ ئىشلاردىن ھەزەر ئەيلەڭ  
13  
بۇگۇن كۇندە قۇلۇم قوشنا كىسەل بولسا كۆرمەيدىغان  
قازا يىتىپ ئۈلۈپ قالسا نامىزىغا بارمايدىغان   
ئايدا يىلدا ئۆتنە يېرىم سىلە رەھىم  قىلمايدىغان  
يامان ئادەت ئەۋجى ئالدى شەرىئەتكە نەزەر ئەيلەڭ  
14  
شەرىئەتتە ۋاجىپ دۇر مۇسۇلمانغا كىسەل كۆرمەك  
مۇسۇلمانلار قازاتاپسا نامازىنى ھەم ئۆتىمەك  
پېقىر ئاجىز مىسكىنلەرگە خەيرى قىلىپ ياردەم بەرمەك  
بۇ ئەخلاققا يۇرۇش قىلىپ يامان ئىتىن ھەزەر ئەيلەڭ  
15  
يول يۇرگەندە يول ئۈستىدىن تاش تىكەننى ئېلىپ تاشلاش  
تۇل خۇتۇن ۋە يىتىملارغا ياردەم بىرىپ بېشىنى سىلاش  
ئەمرى مەئرۇپ نەھى مۇنكەر قىلىپ ئەلنى يولغا سۇلاش  
دىنىمىزنىڭ ئاساسىدۇر جامائەتلەر نەزەر ئەيلەڭ  
16  
تۇخۇ ئكدەك قوي كالىنى قوشنىلارنىڭ يېردە باققان  
چىتنى بۇزۇپ يىرنى شىلىپ دىل ئاغرىتىپ تامنى چاققان  
خوتۇن قىزنى ئېزىقتۇرۇپ زىنا قىلىپ كۆڭۇل ئاچقان  
نۇمۇسسىزلار شەرىئەتنىڭ ھوكۇملىرگە نەزەر ئەيلەڭ  
17  
قوشنىلارغا ئازار بەرگەب شەرىئەتتە مۆئمىن ئەمەس  
ھەرقانچە كۆپ ئىبادەت قىلسا ۋەللاھۇ ئەئلەم مەقبۇل ئەمەس  
ھەقتەئالا ئۇنداق كىشنى ئىككى ئالەم بەندەم دىمەس  
بۇ سۆزلىرىم يالغان بولسا كىتابۇلغا نەزەر ئەيلەڭ  
18  
كىسەل بولساق قولۇم قوشنا ھالىمىزدىن خەۋەر ئالۇر  
ئۆلۈپ قالساق جىنازىمىز تۆت پۇتىغا داخل بولۇر  
ھېيىت ئايەم ۋە بارائەتتە دۇئالەردە يادىغا ئالۇر  
قوشنىلارغا ئازار بىرىشتىن بۇرادەرلەر ھەزەر ئەيلەڭ  
19  
بۇگۇن كۇندە يېزا شەھەر قىمارخانغا بولۇپ قالدى  
بەزى دوستلار مىليارت ئويناپ قەلەندەردەك بولۇپ قالدى  
بەزىلىرى تەلەي سىناپ پۇل ماللىردىن قۇرۇق قالدى  
سۆزلىرىمگە ئىشەنمىگەنلەر جەمىيەتكە نەزەر ئەيلەڭ  
20  
ئۈچ تۆتەيلەن شىرىكلىشىپ شەمۇشەھەر قاينايدىغان  
ئاپتۇۋۇزدا ئەلنى گوللاپ ھەرخىل قىمار ئوينايدىغان  
ئىككى قەلەم ئۈچتال قەرت تە يولۇچىنى ئالدايدىغان  
ئىشلارمۇ ھەم مۇۋجۇت ئىدى قېرىنداشلار ھەزەر ئەيلاڭ  
21  
باشقىلارنى ئوينىسۇن دەپ شىرىكلىرى ئويناپ بىرىپ  
شۇ ئارقىلىق قىززىقتۇرۇپ پۇللىرىنى ئۇتۇپ ئېلىپ  
ئۇتقان پۇلنى شىرىكلىرگە ئۇتتۇرۋاتقان بولىۋېلىپ  
كىشىلەرنى ئالداپ يۇرگەن ئادەملەردىن ھەزەرئەيلەڭ  
22  
بونداقلارنىڭ ئالدىمىغا چۇشۇپ كەتمەڭ جامائەتلەر  
سىزگە ھەرگىز  ئۇتتۇرمايدۇبۇبىر تۇركۇم پالاكەتلەر  
بۇندىن بۇرۇن بۇقىسماققا چۇشتى نۇرغۇن ھاماقەتلەر  
سىز خۇداغا بەندە بولسىڭىز بۇ ئىللەتتىن ھەزەر ئەيلەڭ  
23  
چۇنكى ئاللاھ  قۇرئان كەرىمدە ھارام قىلدى بۇقىمارنى  
ھەركىم بۇنى ھالال بىلسە زاۋال تاپقاي ئۇ ئىمانى  
دىن دىن چىقىپ قۇر قۇر  بۇلۇر  ئۇنىڭ گۇناھى  
سى زگە ئىمان كىرەك بولسا قىمارلاردىن ھەزەر ئەيلەڭ  
24  
قىمارۋازلار ئەدەپسىز سۆز قېنىدا قوليۇيغانغا باراۋەردۇر  
ھۆكۈمەتمۇ ئالتە زىيانداشنىڭ بىرسى شۇدەپ جازالايدۇ  
قىيامەتتىمۇ قىمارۋازنى جەھەننەمدە جازالايدۇ  
قىمارۋازلار ئىككى ئالەم راھەت كۆرمەس ھەزەر ئەيلەڭ  
25  
بۇگۇن كۇندە ئوغرى يانچۇقچى يۇرتىمىزغا تولۇپ كەتتى  
نەدە ئادەم كۆپ بولسا شۇنداق جايغا كۇنۇپ كەتتى  
يەڭ ئىچىدىن قولچىقىرىپ كىشنىڭ پۇلنى ئېلىپ كەتتى  
شۇنىڭ ئۇچۈن بۇنەسىھەتنى قىلدىم سىزگە نەزەر ئەيلەڭ  
26  
ئوغرى يانچۇقچى كۇپەيدى ياتمىدى ئوينى ماراپ  
ئاجىزنى تاپسا قورقۇتۇپ پۇل مېلىنى ئالدى بۇلاپ  
ھۆكۇمەتمۇ تۇگىتەلمىدى نەچچىمىڭنى تۇرمىگە سۇلاپ  
قېرىنداشلار بۇكىشلەرنىڭ بالاسىدىن ھەزەر ئەيلەڭ  
27  
سودا سېتىق قىلغاندا قىستاڭچىلىققا بارغاندا  
پۇلنى ئېلىپ سالغاندا نەرسە كىرەك ئالغاندا  
دوستلار بىلەن سىردىشىپ پاراڭلىشىپ تۇرغاندا  
يان بال دىكى كىشنىڭ يۇرۇش تۇرۇشقا نەزەر ئەيلەڭ  
28  
ئوغرى بىلەن توغرىنىڭ نىشانىنى بىلمەيمىز  
بەزىلەرنىڭ سۆلىتىدىن ھەرگىز ئوغرى دىمەيمىز  
پۇلنى ئېلىپ قاچقاندا ئۇياق بۇياقتىن ئىزدەيمىز  
شۇڭا بۇنى سىزلەرگە بايان قىلدىم نەزەر ئەيلەڭ  
29  
بىز خۇدادىن قورقىمىز ئوغرى قورقماس خۇدادىن  
چۇنكى ئۇلار تۇرەلگەن نامەھرەمدىن زىنادىن  
خۇدايا پاك پەرۋەردىگارا پاناھ بەرگىن ئۇلاردىن  
دەپ خۇداغا يالۋۇرۇپ بۇكىشلەردىن ھەزەر ئەيلەڭ  
30  
كىچە بولسا ئوغرىلىق قىلىپ تاڭ ئاتقۇچە ياتمايدىغان  
تۇتقىنىنى چاشقان كەبى تېرىپ يىغىپ تويمايدىغان  
نەچچە قېتىم تۇتۇلسىمۇ ھەرگىز نۇمۇس قىلمايدىغان  
تاپان يۇزلەر ئاخىرەتنىڭ ئازابىدىن ھەزەر ئەيلەڭ  
31  
ئوغىرلىق قىلىپ ئەل يىغلىتىپ كىشىنىڭ مېلىنى ھارام يىسەڭ  
قۇبۇل بولماس دۇئايىمىز كىچە كۇندۇز ئاللاھ دىسەڭ  
مۇنكىر نەكىر ئازاپ قىلور ئەگەر ئۈلۈپ گۆرگە كىسەڭ  
بۇرادەرلەر تۆۋە قىلىپ بۇنداق يولدىن ھەزەر ئەيلەڭ  
32  
كۇندۇزلىرى يانچۇق كولاپ كىچىلىرى تامنى تەشسەك  
قانۇننى ۋە شەرىئەتنى ئاڭلاپ تۇرۇپ چىرىكلەشسەك  
دىن شەرىئەت ھەم سىياسەتتە ئىشلىرىدا خۇنۇكلەشسەك  
ھۆكۇمەتنىڭ جازاسىدىن قۇتۇلماق تەس ھەزەر ئەيلەڭ  
33  
يۇرتىمىزدا شەھۋەت پەرەس ئوغۇل قىزلار ئەۋجى ئالدى  
رەسۇل سۇزى ئەل ھايا مىنەل ئىمان نەدە قالدى  
پۇرسەت تاپسا ئۇيۇن دىسكو تانسا خانغا يول ئالدى  
جامائەتلەر بالىلارنىڭ ئەخلاقىغا نەزەر ئەيلەڭ  
34  
ئوغۇل قىزنى تاپتۇق لىكىن ئەدەپ ئەخلاق ئۇگەتمىدۇق  
بىزبار چاغدا ئوينىۋال دەپ ئۆز مەيلىگە قۇيىۋەتتۇق  
ئەركىلىتىپ ۋاي بالام دەپ يامان ئىشتىن ياندۇرمىدۇق  
شۇڭا باللار يولدىن چىقىپ ئىشنى بۇزدى نەزەر ئەيلەڭ  
35  
بەزىلىرى ئويۇن مەشرەپ مەيخانىغا پاتماس بولدى  
شەيتانلارغائاشنا بولۇپ نەغمە قىلىپ ياتماس بولدى  
ئەدەپ ئەخلاق دىن شەرىئەت ئىشقا ئۇزىنى قاتماس بولدى  
جامائەتلەر بۇباللارنىڭ كەلگۇسىگە نەزەر ئەيلەڭ  
36  
بەزىلىرى ھاراق ئىچىپ خەقنى ناھەق ئۇرۇپ كەتتى  
بەزىلىرى يانچۇق كولاپ خالايىقنى بۇلاپ كەتتى  
بەزىلىرى قىمارۋاز ھەم ئالدامچى بولۇپ كەتتى  
قېرىنداشلار بالىلارنىڭ توغرا يولغا نەزەر ئەيلەڭ  
37  
بۇلار بۇنداق كىتىۋەرسە قالاق لىشىپ يولدىن چىقۇر  
ۋەتىنىمىزنىڭ ھەم مىللىتىمىزنىڭ ئابرويىغا خەتەر يىتۇر  
نۇرغۇنلىغان ئاتا ئانىلارنىڭ ئەل ئىچىدە يۇزى كىتۇر  
سىزگە جەننەت كىرەك بولسا بۇئىشلاردىن ھەزەر ئەيلەڭ  
38  
بەزى باللار پاخپاق لىشىپ باشتاقلىشىپ يۇرۇپ كەتتى  
قايسى ئەركەك قاسى چىشى ئايرىماق تەس بولۇپ كەتتى  
قىز ئوغۇلغا ئوغۇل قىزغا ئۆزگىرىپ يۇرۇپ كەتتى  
بۇنداق يامان ئادەتلەردىن جامائەتلەر ھەزەر ئەيلەڭ  
39  
بەزى قىزلار ياغلىق ئارتماي چاچنى چۇۋۇپ پاخپاق لىشىپ  
ھايا قىلماي كۇچىلاردا ئەرلەربىلەن چاخچاق لىشىپ  
چوڭلاردىنمۇ ھېيىقماستىن مەكىياندەك قاقاق لىشىپ  
يۇرۇشمەكتە ئاتا ائانىلار بۇقىزلارغا نەزەر ئەيلەڭ  
40  
جاھان بۇنداق ئەدەپسىزلىك ھاياسىزلىق بىلەن تولسا  
قىزنىڭ بېشىدا ياغلىق يوق بەدەنلىرى ئۇچۇق بولسا  
ئوغۇللار ئويۇن مەشرەپ ھاراق مەستانىسى بولۇپ قالسا  
ئاللاھ بىزگە نىچۇن باققاي جامائەتلەر نەزەر ئەيلەڭ  
41  
بەزى ياشلار ماڭار بولسا كۇزى يوقتەك ماڭار بولدى  
تۇرار بولسا نوچىلىق قىپ يولنى توسۇپ تۇرىۋالدى  
كىبىر قىلىپ ھەم  چوڭلاردىن سالامىنى ئايار بولدى  
بۇرادەرلەر بالىلارنىڭ كىيىنلىكىگە نەزەر ئەيلەڭ  
42  
كىچە كۇندۇر  كۆزنى يۇمماي ئىبادەتلەر قىلىپ يۇرسەك  
ھەركۇنلىكى خەيرىقىلىپ يەتمىش ئاچقا تائام بەرسەك  
لىكىن ئوغۇل قىزلىرمىزنى يامان ئىشتىن تەزدۇرمىسەك  
قىلغان ئەمەل بىر پۇل بولغاي بۇرادەرلەر ھەزەر ئەيلەڭ  
43  
بەزى كىشلەر باللىرىنى ئەجەپ ياخشى تەربىلىدى  
ئەدەپ ئەخلاق قائىدە يۇسۇن شەرىئەتنى ھەم بىلدۇردى  
ئەل جامائەت بۇ باللارنى يوق يىرىدە مەدىھلىدى  
ئاتا ئانىلار بۇنداقلارنىڭ ئەخلاقىغا نەزەر ئەيلەڭ  
44  
بۇبالىلار ئۇزدىن چوڭنى ھۆرمەتقىلىپ سالام قىلدى  
قېرى ئاجىز مېيىپلەرگە شەپقەت قىلىپ ياردەم بەردى  
شەرىئەت ۋە سىياسەتنى ئۆزلىرىگە ئۆلچەل قىلدى  
بۇنداق ياخشى بالىلارنىڭ ئىش ئىزلىرغا نەزەر ئەيلەڭ  
45  
ئاجىزلارغا ياردەم بەرمەك ۋاجىپ بولدى شەرىئەتتە  
لى فىڭ چە ئادەم بولۇڭ دەيدۇ يېڭى سىياسەتتە  
ھەر ئىككىسنىڭ مەزمۇنى بىر ئويلىساقمۇ ھەقىقەتتە  
رەھىم شەپقەت قىلىپ ھەردەم يامان ئىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ  
46  
كۆپ كىشىلەر ئىمان ئىسلام شەرىئەتتىن بىكار بولدۇق  
نەغمە قىلىپ ئويۇن ئويناپ شەيتانلارغا چاكار بولدۇق  
ناماز روزا ئۆشرە زاكات ساۋاپ ئىشتىن قاچار بولدۇق  
شۇڭا بۇگۇن يۇرتنى قىممەت قىلدى ئاللاھ نەزەر ئەيلەڭ  
47  
بەزىلىرمىز غەپلەت بىلەن دىن ئىسلامدا ئاجىز بولدۇق  
خۇشياققاندا رىيا بىلەن بەش ۋاخ ناماز ئوقۇپ قويدۇق  
خوش ياقمىسا ئۈچ كۈن ئوقۇپ تۆتىنچى كۈنى تاشلاپ قويدۇق  
شۇنىڭ ئۈچۇن كۆپ ئىللەتلەر ياغدى بىزگە نەزەر ئەيلەڭ  
48  
قىلما دىگەن ئىشنى ئارزۇ قىلىپ ھەريان چېپىپ يۇردۇق  
يېڭى يېڭى بىدئەتلەرنى سەت ئادەتنى تېپىپ يۇردۇق   
قىل دەپ ئەمرى قىلغان ئىشتىن ھەرتەرەپكە قېچىپ يۇردۇق  
ھېلىمۇ بىزنى يەر يۇتمىدى جامائەتلەر ھەزەر ئەيلەڭ  
49  
بۇگۇن كۇندە كاھىن پالچى يۇرتىمىزدا ئەۋجى ئالدى  
يالغان ياۋداق سۆزلەربىلەن ئەلنى ئالداپ پۇلنى ئالدى  
نۇرغۇن كىشلەر ئاخماق بۇلۇپ پۇلدىن ئاجراپ ئوڭدا قالدى  
شۇڭا بۇنى خالايىققا تەنبىھ  قىلدىم نەزەر ئەيلەڭ  
50  
دۇئا ئۇقۇپ دەم سالدىم دەپ ھەرتەرەپكە قاتراپ يۇرگەن  
كالامۇللانى تەتۇر ئۇقۇپ خەلىقلەرنى ئالداپ يۇرگەن  
شەرىئەتكە داغ تەككۇزۇپ ئىسلام دىننى بۇلغاپ يۇرگەن  
مۇناپىقلار ئىمان ئېيتىپ شەرىئەتكە نەزەر ئەيلەڭ  
51  
شەرىئەتتە دىندىن چىقۇر غايىپتىن خەۋەر بەرگۇچىلەر  
سىھىر قىلىپ كىشىلەرنى تۇگۇنچىگە تۇككۇچىلەر  
ھەم شۇنىڭدەك  بۇكىشلەرگە ئىشەنچ قىلىپ پۇتكۇچىلەر  
ئايەت ھەدىس مەنا سىدۇر جامائەتلەر ھەزەر ئەيلەڭ  
52  
ئارزۇ قىلماڭ بۇرادەرلە سىھىرگەرنىڭ سىھىرىنى  
ئۇلار ھەرگىز سالالمايدۇ خۇدا سالغان مىھرىنى  
ئىشەنچ قىلىپ دىندىن چىقماڭ رامباللارنىڭ ھىلىسىنى  
ئاللاھ ئەقىل بەرگە بولسا بۇھەقىقەتكە نەزەر ئەيلەڭ  
53  
پالچى رەمبال بىلسە ئىدى غايىپلارنىڭ بايانىنى  
نەزرە چىراق پۇل مال ئۈچۈن ساتماس ئىدى ئىمانىنى  
تىلسىم ئېچىپ باي بۇلاتتى دورىماستىن دىۋانىنى  
بۇرادەرلەر بۇنى ئويلەپ توغرا يولغا نەزەر ئەيلەڭ  
54  
ۋەلىللاھۇ غەيبىس سەماۋاتى ۋەلئەرزى دەپ ئېيتتى ئاللاھ  
مەن ئامەنۇ بىننۇجۇمى پەقەت كەپرە دىدى يەنە رەسۇلۇللا  
مەزكۇر ئايەت ھەدىسلەرگە نەزەر سېلىپ مۇسۇلمانلا  
بۇنداق ھارام مەينەت ئىشتىن نېرى بولۇڭ ھەزەرئەيلەڭ  
55  
كاھىنلىق ۋە ساھىرلىق راۋا ئەمەس شەرىئەتتە  
ئالتە زىيانداشنىڭ بىرى شۇدەپ كۆرسەتتى ھەم سىياسەتتە  
بۇنداقلارغا ئورۇن يوقتۇر بۇدۇنيا ۋە ئاخىرەتتە  
بەندە مۆئمىن بولسىڭىزلەر بۇنداق ئىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ  
56  
بېشىڭىزغا كۇن چۇشسىلا كاھىن پالچى ئىزدەپ ماڭماي  
پۇلنى بۇزۇپ تۆيزە تۇمار يازدۇرۇشنى خىيال قىلماي  
خۇدانىڭ ئۇزىدىن تىلەيلى بىز كۇن چۇشكىچە ئۇخلاپ قالماي  
ئور ئوۋنى ئەستەجىپ لەكۇم دىدى ئاللاھ نەزەر ئەيلەڭ  
57  
پەيغەمبىرىم رەسۇلۇللا ئۆزسۇزىدە مۇنداق دىگەن  
ھالال لوقما دۇئالارنىڭ ئىجابىتى شەرتى  دىگەن  
توڭگۇز قۇپارگورلىرىدىن  قىيامەتتە ھارام يىگەن  
جامائەتلەر بۇھەدىسنىڭ مەزمۇنىغا نەزەر ئەيلەڭ  
58  
ئايەت ھەدىس مەنىسىنى ئاڭلىغاندا تۆۋبە دەرسىز  
ئارقىدىنلا نەپسىنى دەپ غاپىل بولۇپ ھارام يەرسىز  
كېكىردەكتىن ئوتكىنىنى نىمە بولسا ھالال دەرسىز  
ھارام يىيىش چوڭ گۇنادۇر جامائەتلەر ھەزەر ئەيلەڭ  
59  
ئىشلىگەننىڭ يۇزى يۇرۇق ئىشلىمىگەننىڭ يۇزى چۇرۇق  
ھەر ئىشتا قانتەر تۇكۇپ ھالال يىسە بولغاي ئۇلۇق  
ھۇرۇن بولسا قانداق كىشى بولۇر دائىم قۇلى قۇرۇق  
ئۈجمە پىش ئاغزىمغا چۇش دەپ يېتىپ قېلىشتىن ھەزەرئەيلەڭ  
60  
ئەمگەك قىلىپ ھالال يىسەك ئاندىن يىغلاپ خۇدادىسە  
ئىجابەت قىلىپ دۇئاسىنى بىرەر ئاللا نەچچە ھەسسە  
بەخىت ئىقبال يۇز ئۆرىمەس نەچچە مىڭ يىل ئۆمۇركۆرسە  
بۇسەۋەپنىڭ ئالەمىدۇر جامائەتلەر نەزەر ئەيلەڭ  
61  
خۇدايىمدىن بەخىت تىلەپ ئولتۇرسا قىلماي ئىجات  
ئاسماندىن ئالتۇن كۇمۇش ياغمايدۇ بۇ قانۇن ھايات  
مۇشەققەتسىز بەخىت دۆلەت تاپالمىغان ھېچ مەخلۇقات  
تەلەپمۇ قىل سەۋەپمۇ قىل بەخىت تەرەپكە نەزەر ئەيلەڭ  
62  
ئەمگەك قىلىپ يىگەن لوقما ئىجابەتنىڭ ئاچقۇچىدۇر  
تەييار تاماققا يۇگۇرەەندىن خۇدا يىراق قاچقۇچىدۇر  
كىم تىرىشچان ئىشچان بولسا بەخىتنى شۇ تاپقۇسىدۇر  
بۇرادەرلەر ھالالدىن يەپ ھاراملاردىن ھەزەر ئەيلەڭ  
63  
دىنىمىزنىڭ چوڭ نوقتىسى بەش پەرىزنى ئاداقىلىش  
ئاداۋەتنى ھەم ھەسەتنى كۆڭلىمىزدىن جۇداقىلىش  
كىشى ھەققىدىن پەرھىز قىلىپ تەر ئاققۇزۇپ ھالال يىيىش  
بۇرادەرلەر يول مۇشۇدۇر ھورۇنلۇقتىن ھەزەر ئەيلەڭ  
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ  
  ئاپتۇر : ئۇبۇل قاسىم  تۈمۈر بەردى 1990- يىلى4 -ئاينىڭ1-كۈنى


مەنبە: ئۇيغۇرۇم مۇنازىرە مۇنبىرى


Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى 20:28:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىنىمىزنىڭ چوڭ نوقتىسى بەش پەرىزنى ئاداقىلىش  
ئاداۋەتنى ھەم ھەسەتنى كۆڭلىمىزدىن جۇداقىلىش  
كىشى ھەققىدىن پەرھىز قىلىپ تەر ئاققۇزۇپ ھالال يىيىش  
بۇرادەرلەر يول مۇشۇدۇر ھورۇنلۇقتىن ھەزەر ئەيلەڭ  

بۇ مىسرالار بەكمۇ يارىدى ماڭا .

Rank: 2

توردا
14 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
0
يازما
73
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى 10:07:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە ئايقىز ، ھارمىغايسىز !
تەربىيى - ئەھمىيىتى چوڭ بولغان تېمىدىن بىرى يوللاپسىز ، ئەجرىڭىزدىن سۆيۈندۈم .
( بۇ نادىر تېما ئىكەن ئەسلى )

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 15:56 , Processed in 0.056696 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش