يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 768 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 955|ئىنكاس: 5

بەتتە پولو يەپ باققانمۇ ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى 21:04:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ماتىرىيال:
گۈرۈچ ئىككى كىلوگرام،زەنجىۋىل سۈيى ئازراق،گۆش500گرام،سوققان كاۋاۋىچىن  بىر چىمدىم،ياغ200گرام،سامساق بىر تال،يېسىۋىلەك(بەسەي)250گرام،پۇرچاق ئۇنى35  گرام،پىنتوزا140گرام،سوققان زەرچىۋە بىر چىمدىم،سۇڭپىياز70گرام،زىرە مۇۋاپىق،پەمىدۇر  بىر تال.
[ئېتىش ئۇسۇلى]
    1.گۈرۈچنى پاكىزە تازىلاپ،ئىلمان سۇ بىلەن3-4قېتىم يۇيىلىدۇ.
    2.سەۋزىنى قەلەمچە،گۆشنى نېپىز،يالپاق،يىسىۋىلەك(بەسەينى)چاچتەك ئىنچىكە توغرىلىدۇ.پىنتوزا قىززىق سۇغا چىلاپ قۇيىلىدۇ.سۇڭپىياز،پەمىدۇر(شوخلا)سامساقلار ئۇششاق توغرىلىدۇ.
    3.قازانغا 140~150گرام ياغ قۇيۇپ،7-8دەرىجە قىزىتىپ،ياخشى داغلانغاندىن كىيىن گۆشى شېلىۋېلىنغان سۆڭەكنى ياغقا سېلىپ رەڭگى قىزارغىچە قورىلىدۇ.كېيىن سۆڭەكنى ئېلىۋىتىپ،پىيازنىڭ بىر قىسىمىنى قازانغا سېلىپ سارغايتىپ،ئاندىن توغرالغان سەۋزىنى سېلىپ ئازراق تۇز سېپىپ ئارىلاشتۇرۇپ قورۇلىدۇ.سەۋزە قورۇلۇپ قزغۇچ رەڭگە كىرگەندە،پولوغا كېتىدىغان سۇنىڭ يېرىمىنى قۇيۇپ،ئۇنىڭغا زىرە،ئازراق زەرچىۋە سېلىپ،10-15مىنۇت قاينىتىلىدۇ.زىرۋەكنىڭ تۇز تەمىنى تەڭشەپ،گۈرۈچنى سېلىپ،گۈرۈچنىڭ ئۈستىدىن بىر سانتىمىتىر كۆتۈرۈلۈپ تۇرغۇدەك قايناق سۇ قۇيۇپ،ئوتنى پەسەيتىپ،چوغنىڭ قىزىقىدا قازان تەكشى كاينىتىلىدۇ،ئاش قايناۋاتقاندا بىر نەچچە يېرىگە تاياق سانجىلىدۇ.گۈرۈچ سۇنى ئاساسەن سىڭدۈرۈپ  بولغاندا،ئاش15-10مىنۇت دەم يېدۇرۇلىدۇ.
    4.توغرالغان گۆشكە چىلانغان پۇرچاق ئۇنى،تۇز سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ،قازاندىكى7-6دەرىجە قىززىقلىقتىكى ياغقا گۆشنى سېلىپ قىزارتىپ قورۇپ،ئاندىن سۇڭپىيازنى سېلىپ بىر-  ئىككى ئېلىشتۈرۈپ ئۇششاق چانالغان پەمىدۇرنى سېلىپ قورۇپ ئارقىدىن يىسىۋىلەكنى(بەسەينى)سېلىپ سارغايغىچە قورۇلىدۇ.قورۇش جەريانىدا زەنجىۋىل سۈيى،كاۋاۋىچىن،مۇۋاپىق مىقداردا تۇز سېلىنىدۇ.ئاندىن ئازراق سۇ قۇيۇپ،يۇمشاتقان پىنتوزىنى،سامساقنى سېلىپ ئارىلاشتۇرىلىدۇ.بۇ سەي لېگەنگە ئۇسۇلغان پولونىڭ ئۈستىگە سېلىنىدۇ.مانا بۇ بەتتە پولو دېيىلىدۇ.
ئالاھىدىلىكى:
بەتتە پولو قىش پەسلىدە شۇنداق ئېتىلىدۇ. لېكىن ياز پەسلىدە يىسىۋىلەك(بەسەي)ئورنىغاجاڭدو،تەرخەمەك كەرەپشىلەنى ئارىلاشتۇرۇپ ئەتسىمۇ ياكى خالىغان كۆكتات تۈرىدىن بىر نەچچە خىلنى قوشۇپ قورۇپ ئەتسىمۇ بولىۋېرىدۇ.

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى 21:35:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستا ئاشپەزلەرنى يېتىشتۇرۇپ چىقىدىغان بولدىڭىز خۇشچىراي ، رەھمەت سىزگە ھارمىغايسىز !

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى 21:39:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق بولغان بولسا بەكمۇ ياخشى بولاتتى .

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
573 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1181

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى 10:28:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنۇ خۇشچىراي مۇنبەردىكىلەرنىڭ دۇئاسىنى تازا ئالىدىغان بولدىدە! رەھمەت جۇمۇڭ، بەك خۇش بولدۇم. تاماققا شۇنداق ئۇستا بولساممۇ يەنە داۋاملىق مۇستەھكەملەشكە مۇھتاجمەن.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
720 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2190

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى 18:15:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن چۈشتىلا ئەتكەن پولۇنى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1860

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى 09:02:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈرۈچنى ئىلمان سۇدا يۇسا پولو تال-تال بولماي يۇمشاق بوپ قالىدۇ. سوغۇق سۇدا يۇيۇپ ئەتسە پولو بەك ئوخشايدۇ.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 17:29 , Processed in 0.050270 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش