يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 767 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1061|ئىنكاس: 5

تەربىيە كۆرگەن قىز -ئاياللارنىڭ ئەخلاقى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

توردا
51 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
3
يازما
181
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى 19:57:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمامە بىنتى ھارىس ئىسىملىك ئايال ئۆز قىزلىرىنى كېلىن بولۇپ، كۈيئوغلىنىڭ ئۆيىگە كۆچۈرۈلۈشتىن ئاۋۋال تۆۋەندىكى نەسىھەتلەرنى قىلىپ ئۇزاتقان ئىكەن.
ئەي  قىزىم ! ئەگەر ئەدەپلىك ۋە پەزىلەتلىك كىشىلەردە نەسىھەت كېرەك بولمىغان بولسا ئىدى، ساڭا نەسىھەت قىلماس ئىدىم. ئەمما، نەسىھەت غاپىلنى ئويغاتسا، ئاقىلغا ياردەم بېرىدۇ. ئەگەر قىز بالا ئاتا-ئانىسىنىڭ كەمبەغەللىكى سەۋەبلىك ئەرگە بېرىلىدىغان بولسا، سەن ھېچقاچان ئۇزىتىلمىغان بولار ئىدىڭ. چۈنكى، ئاتاڭنىڭ بايلىقى ۋە مەرتىۋىسى يېتەرلىك، لېكىن ئاللا ياراتقان ھايات قانۇنىيەتلىرىگە ئاساسەن، ئاياللار ئۈچۈن ئەرلەر ۋە ئەكسىچە ئەرلەر ئۈچۈن ئاياللار يارىتىلغان ئىكەن. ئى قىزىم! ئەمدى سەن ئۆزۈڭ ئۆسكەن ھاۋادىن ئايرىلدىڭ، يايراپ ياشىغان ئەشيانىڭدىن چىقىپ ناتونۇش جايغا بېرىپ، ئاۋۋال ئۆزۈڭ بىلمىگەن شېرىكىڭنى بىلگەيسەن. ئۇ ئەمدى سېنىڭ خوجايىنىڭ، دوستۇڭ ۋە مەھبۇبەڭدۇر. سەن ئۇنىڭغا جور بولساڭ ئۇ ساڭا قۇل بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئون خىسلەتنى ئۆزلەشتۈرسەڭ، ئائىلىدە بەختىيار تۇرمۇش كەچۈرۈش قولغا كېلىدۇ.
1. قانائەتچان بول، ئېرىڭ ئۆيگە نېمە كۆتۈرۈپ كەلسە، خۇش پېئىللىق، ئەدەپ ۋە نازاكەت بىلەن قوبۇل قىلغىن، تەشەككۈر ئېيت .
2. پاكىزلىققا ئېتىبار بەر، ئۆي ئىچى ۋە خالانى ناھايىتى ئازادە، رەتلىك، خۇشبۇي ۋە پاكىز تۇت، ئۇ سەندىن ۋە ئۆيدىن خۇنۈكلۈك كۆرمىسۇن.
3 . تاماقنى ۋاقتىدا تەييارلا، ئەسلا كېچىكتۈرمە، كېلىشىگىلا داستىخان سال.
4. ئېرىڭنىڭ ئۇيقۇ ۋاقتىنى ۋە ئويغىنىش ۋاقتىنى بىلىۋال. چۈنكى ئاشلىق ۋە ئۇيقىنىڭ بۇزۇلۇشى ئەركەكلەرنىڭ غەزىپىنى قوزغايدۇ.
5 . خوجايىنىڭنىڭ مال-دۇنياسىغا ئېتىبار قىل، ئىسراپ قىلما، ئاۋايلاپ ئاسرا، چۈنكى ئۇنىڭ مال-دۇنياسى سېنىڭ مال-دۇنيارىڭدۇر .
6. ئېرىڭنىڭ قېرىنداش ۋە يار بۇرادەرلىرىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قىل. بۇنىڭ بىلەن خوجايىنىڭنى ئەلا، -ئۆزۈڭنى ھۆرمەت قىلغان بولىسەن .
7 . ئېرىڭنىڭ سىرلىرىنى باشقىلارغا ئېيتقۇچى بولما، چۈنكى، ئىشەنچىنى يوقىتىسەن.
8. ئۆز خوجايىنىڭغا ئاسىي بولما،ئۇنىڭ دىتىغا توغرا كېلىدىغان بارچە بۇيرۇقلىرىنى ئادا قىل.شۇنى ياخشى: بىلىۋال، ئۇ خاپا بولغاندا خوشال كۈرۈنىشتىن، ئۇ خوشال بولغاندا غەمكىن كۈرۈنىشتىن ئېھتىيات قىل.   
.9 زىنھار غەزىنەت قىلما،سۆزۈڭنى شېرىن،يۈزۈڭنى ئوچۇق قىل.   
10. مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلار ئۈچۈن ئۇنى زورلىما،ئۇ ئىشقا ماڭغاندا''ھارام ئىش قىلىپ قويماڭ،ئاچ قالساق سەۋرى قىلايلىكى ناتوغرا ئىش تۈپەيلىدىن دوزاق ئوتىدا كۆيمەيلى''دېگىن.
ئەنە شۇنداق ھېكمەتلىك نەسىھەتلەر بىلەن كېلىن بولۇپ بارغان مۇسۇلمان قىزلار مەزكۇر نەسىھەتلەرگە ئەمەل قىلسا،بەختلىك ئائىلە ئىگىلىرى بولالىشى تۇرغانلا گەپ .
اللاھ  بىزنىڭ مۇسۇلمان ئانىلىرىمىزغا ،ئاچا سىڭىللىرىمىزغا كامىل ئەدەپ-ئەخلاق ئاتا قىلغايسەن .

مەنبە  ؛  ئۇيغۇرلار تورى  .

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى 20:20:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالام arman - taxkin  ، يەتتە قىزلىرىمغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى 20:30:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەدىمىڭىزگە مەرھابا !ناھايىتىمۇ مەنىلىك بىر تىما بىلەن قەدەم ئاپسىز تەشەككۈر ،

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى 20:34:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەي قىزىم ! ئېرىڭنى ئۆزۈڭگە رام قىلىش ئۈچۈن دائىم بەدىنىڭنى تازا ، ئازادە تۇتۇشۇڭ ، ئۇچاڭدىكى كىيىم - كېچەكلىرىڭگە توپا قوندۇرماسلىقىڭ ، چاچلىرىڭنى تۈزەشتۈرۈپ ، چىرايلىق يۈرۈشۈڭ لازىم . سەن گويا ئېرىڭنىڭ ئالدىدا يەر بول ، ئۇ ئاسمان بولىدۇ . دېمەك ، سەن ئۇنىڭ ئالدىدا يەرگە ئوخشاش كەمتەر بولساڭ ، ئۇ ئاسماندەك ئالىيجاناب بولىدۇ . ئاسمان شىپالىق يامغۇرى بىلەن يەرنى كۆكەرتكىنىگە ئوخشاش ، ئۇمۇ ئۆز مېھىر - شەپقىتى بىلەن سېنى مەمنۇن قىلىدۇ .
-------------------------------------------------------------------------------------------------------
ئەخلاق ھېكىمەتلىرىدىن .

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1860

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى 08:55:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر بىر ئانا بولغۇچى قىزلىرىغا بىلدۈرۈشكە تېگىشلىك بىلىملەر.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
573 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1179

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى 11:33:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      بۇرۇنقى ئەجدادلىرىمىز تولىمۇ ھېكمەتلىك، تىللاغا تېگىشكۈسىز گەپ قىلىدىكەنتۇق، ياشلارغا ۋە قىز-ئاياللارغا قىلغان پەندى-نەسىھەتلەرمۇ شۇنچىلىك ئورۇنلۇق، جايىدا. ئەمما شۇنى بەك ئويلاپ قالىمەن، نېمىشقا دائىملا قىز-ئاياللارغا بولغان تەلەپلەر شۇنداق يۇقىرى، نەسىھەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى دېگۈدەك ئاياللارغىلا قارىتىلغان. مەسلەن:" سەن گويا ئېرىڭنىڭ ئالدىدا يەر بول، ئۇ ئاسمان بولسۇن" مۇشۇ گەپنىڭمۇ قانچىلىك ۋەزىنى بار؟ ئاسمان بىلەن يەرنىڭ ئارىلىقى قانچىلىك؟ ئارىلىقتىكى پەرقنىڭ چوڭلىقىچۇ؟ تەسۋىرلىگۈسىز دەرىجىدە ئارىلىق بارغۇ؟ ئەجىبا ئاياللار ئەرلەردىن شۇنچىلىك تۆۋەنمۇ؟...................پەقەت كاللامدىن ئۆتمەيدۇ. ئاللاغا، ئاتا-بوۋىلارغا، ئەجدادلارغا يۈز كېلەلمەيدىغان گەپ-سۆزلەرنى قىلساق قەتئى بولمايدۇ، ئەمما زادى نېمىشقا پەرق بۇنچە چوڭ؟؟؟...............................................

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 10:15 , Processed in 0.061804 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش