يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 759 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 763|ئىنكاس: 6

1-ئايدا تۇغۇلغانلارنىڭ مىجەز خارەكتىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
11 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى
نادىر
0
يازما
13
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى 10:09:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىجەز - ئالاﻫىدىلىكى ﻫاكاۋۇر،سوغۇققا چىداملىق،قەيسەر،مەردانە،خۇش پېئىل كېلىدۇ.
ئەخلاق - پەزىلىتى تەبىئىي ئەقىللىق،چېچەن،كۆپ كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلىب قىلىدۇ.ئېسىل پەزىلەتكە ئىگە.ئىقتىسادى چىڭ،باشقىلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى خوشاللىق دەپ بىلىدۇ.
مۇﻫەببەت ۋە كەلگۈسى         بۇ خىل كىشىلەرنى ياخشى كۆرىدىغانلار ناﻫايتتى كۆپ،لېكىن ﻫەقىقى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرىدىغانلار كۆپ ئەمەس.
ئاجىزلىقى ﻫەددىدىن زىيادە ﻫاكاۋۇر بولغاچقا ،باشقىلارنىڭ سۆز - چۆچىكىدىن قۇتۇلالمايدۇ.
1 -ئايدا تۇغۇلغھنلارنىڭ مىجەز خارەكتىرى
مىجەز - ئالاﻫىدىلىكى ئاقكۆڭۈل ،سەمىمى بولۇپ،لېكىن كۆپىنچە باشقىلارنىڭ زەربە ئوبيىكتى بولىدۇ.
ئەخلاق - پەزىلىتى قابىلىيەت ۋە سەنئەت بىلىمىگە ئىگە.ئۆز ئابرويىنى ﻫاياتتەك قىممەت بىلىدۇ.كىشىلەرگە سەمىمى مۇئامىلىدە بولىدۇ.شۇڭا كىشىلەرنىڭ ياخشى باﻫاسىغا ئېرىشىدۇ.
مۇﻫەببەت ۋە كەلگۈسى         كۆپ كىشىلەر بۇ خىل كىشىلەر بىلەن ياخشى ئۆتۈشنى ئويلايدۇ.بىراق سەمىمى نىيەتتە بولىدىغانلار ناﻫايتتى ئاز.مۇﻫەببەتتىن كېيىن ئازراق ئۇڭۇشسىزلىققا دۇچ كېلىدۇ،ئەمما ئاخىرىدا يەنىلا بەخىتكە ئېرىشىدۇ.
ئاجىزلىقى ئاسانلا باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىپ قويىدۇ،ﻫەسەتخورلىقى ،ئابرويپەرەسلىكى كۈچلۈك.
2 -ئايدا تۇغۇلغانلارنىڭ مىجەز خارەكتىر

3  -ئايدا تۇغۇلغانلارنىڭ مىجەز خارەكتىرى
مىجەز - ئالاﻫىدىلىكى مۇلايىم ،ئاقكۆڭۈل،كىشىلەرگە بولغان مۇئامىلىسى ياخشى،ئاددى - ساددا،بىلىمى بار،كىشىلەرنى قايىل قىلالايدىغان كېلىدۇ.
ئەخلاق - پەزىلىتى مول بىلىملىك ،تەدبىرلىگى ئېنىق كېلىدۇ.تۇرمۇش قارىشىغا ئىگە.كىشىلەرگە ياردەم بېرىشكە،يۇمۇرلۇق چاقچاقلارنى قىلىشقا ئامراق.
مۇﻫەببەت ۋە كەلگۈسى جاپادىمۇ ۋە كەلگۈسىدىمۇ بىرگە بولىدىغان ياخشى ﻫەمراغا ئېرىشىدۇ،لېكىن ناﻫەقچىلىككە ئۇچرايدۇ.
ئاجىزلىقى         غەيرىتى كەمچىل،مەيدانى مۇستەﻫكەم ئەمەس.
4  -ئايدا تۇغۇلغانلارنىڭ مىجەز خارەكتىرى
مىجەز - ئالاﻫىدىلىكى تۈز كۆڭۈل،سۆزگە ماﻫىر،لىرىك ﻫېسياتقا ئىگە،خىيالچان،ئىجاد قىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە كېلىدۇ.
ئەخلاق - پەزىلىتى غايىلىك،يېڭىلىققا ئىنتىلىدىغان،باشقىلار بىلەن ئاسان چىقىشالايدىغان كېلىدۇ.
مۇﻫەببەت ۋە كەلگۈسى مۇﻫەببەتتە تەلىيى ئوڭدىن كېلىدۇ.لېكىن قارشى تەرەپ ئاسانلىقچە كۆڭلىگە ياقمايدۇ.تۇرمۇش زەربىسىگە كەلگەندە يېڭىپ چىقالايدۇ.
ئاجىزلىقى كىشىلەرگە ئاسانلىقچە ئىشىنىپ كېتىدۇ.
مىجەز - ئالاﻫىدىلىكى ئىتايىن ﻫېسياتچان بولۇپ،ئاسان ﻫاياجانلىنىدىغان ،روشەن كۆز قاراشقا ئىگە.باشقىلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى كۆرۈشكە ماﻫىر.
ئەخلاق - پەزىلىتى ئەدىبىيات - سەنئەت بىلىمىگە ئىگە بولۇپ،بۇ جەﻫەتتە ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئامراق.غەيرەت قىلسىلا نەتىجە يارىتالايدۇ.
مۇﻫەببەت ۋە كەلگۈسى         ياشلىقىدا كۈچلۈك سۆيگۈلەر بولىدۇ.لېكىن ﻫېسياتى مۇقىم ئەمەس.كۆپ كىشىلەر كۆڭلىگە ياقمايدۇ.
ئاجىزلىقى         ئالدىراڭغۇ ،تۇرمۇش ئورۇنلاشتۇرۇشى كەمچىل.
5 -ئايدا تۇغۇلغانلارنىڭ مىجەز خارەكتىرى
6 -ئايدا تۇغۇلغانلارنىڭ مىجەز خارەكتىرى
مىجەز - ئالاﻫىدىلىكى شوخ،ئىنتىلىشچان خارەكتىرگە ئىگە.ئوچۇق - يورۇق دوستلىقنى قەدىرلەيدۇ.
ئەخلاق - پەزىلىتى مۇستەقىل پىكىر قىلىشقا ئامراق،ئىنتايىن كەسكىن،تۇرمۇش ئورۇنلاشتۇرۇشى كەمچىل.
مۇﻫەببەت ۋە كەلگۈسىمۇﻫەببەتكە سادىق بولۇپ بەخىتلىك ئائىلە قۇرالايدۇ.ئەمما چاكىنا كىشىلەرنىڭ پاراكەندە قىلىشىغا ئۇچراپ تۇرىدۇ.
ئاجىزلىقى ﻫېسياتى تۇراقسىز،ئىشلارغا بىر دەم قىزىپ ،بىر دەم سوۋۇپ،نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ.
7 -ئايدا تۇغۇلغانلارنىڭ مىجەز خارەكتىرى
مىجەز - ئالاﻫىدىلىكىئەقىللىقلىقى كۆزىدىن بىلىنىپ تۇرۇدىغان،تالانتلىق،چاققان كېلىدۇ.
ئەخلاق - پەزىلىتى سەمىمى ،پاك كىشىلەرگە ئامراق،ﻫەققانىيەت ئۈچۈن ئۆزى بىلەن ﻫېساپلاشمايدىغان ،باشقىلار ئۈچۈن كەڭ قورساق،تۇرمۇشنى سۆيىدىغان كېلىدۇ.
مۇﻫەببەت ۋە كەلگۈسىلايىق قوغلاشمايدۇ،كۆپىنچە ياخشى كىشىلەرگە ئۇچراپ تۇرىدۇ.
ئاجىزلىقى تەرسا،ئاداۋەت ساقلاش ئىدىيىسىگە ئىگە.دوستلىرىنى ئاسانلا رەنجىتىپ قويىدۇ.
مىجەز - ئالاﻫىدىلىكى جۇشقۇن مىجەزگە ئىگە.ئىشلارنى سالماق بىر تەرەپ قىلىدىغان،كىشىلەرگە ياردەم بېرىشتىن باش تارتمايدۇ.
ئەخلاق - پەزىلىتى سەمىمى،كەمتەر،ئېﻬتىياتچان،يېڭىلىقنى ئاسان قۇبۇل قىلالايدۇ.
مۇﻫەببەت ۋە كەلگۈسى بۇ خىل كىشىلەر بىلەن مۇﻫەببەتلىشىشنى ۋە بىللە ئۆتۈشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار كۆپ.لېكىن نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ.
ئاجىزلىقى شەخسىيەتچى.
8 -ئايدا تۇغۇلغانلارنىڭ مىجەز خارەكتىرى
مىجەز - ئالاﻫىدىلىكى جۇشقۇن مىجەزگە ئىگە.ئىشلارنى سالماق بىر تەرەپ قىلىدىغان،كىشىلەرگە ياردەم بېرىشتىن باش تارتمايدۇ.
ئەخلاق - پەزىلىتى سەمىمى،كەمتەر،ئېﻬتىياتچان،يېڭىلىقنى ئاسان قۇبۇل قىلالايدۇ.
مۇﻫەببەت ۋە كەلگۈسى بۇ خىل كىشىلەر بىلەن مۇﻫەببەتلىشىشنى ۋە بىللە ئۆتۈشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار كۆپ.لېكىن نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ.
ئاجىزلىقى شەخسىيەتچى.
       
9 -ئايدا تۇغۇلغانلارنىڭ مىجز خارەكتى
مىجەز - ئالاﻫىدىلىكى مەردانە،كىشىلەرگە قىزغىن مۇئامىلە قىلىدىغان،مۇستەقىل ۋە كەسكىن پىكىرلىك، ئېغىر - بېسىق.
ئەخلاق - پەزىلىتى ئاددى - ساددا،ئوچۇق قول،ئىش باشقۇرۇش قابىلىيىتىگە ئىگە،ئەمگەككە چىداملىق.
مۇﻫەببەت ۋە كەلگۈسى بۇ خىل كىشىلەرنى مۇﻫەببىتى ئۆزى ئىزدەپ كېلىدۇ.بىرلا ﻫەمراﻫ بىلەن مەڭگۈلۈك بولىدۇ ﻫەمدە،دەرد - ئەلەمگە ﻫەمدەم بولۇپ، بىر ئۆمۈر بىرگە ئۆتىدۇ.
ئاجىزلىقى ئالدىراڭغۇ،قىلغان ئىشى بىلەن ﻫېساپلاشمايدۇ.
10 -ئايدا تۇغۇلغانلارنىڭ مىجەز خارەكتىرى
مىجەز - ئالاﻫىدىلىكى دائىم باشقىلارنى بېسىپ چۈشۈشنى ئويلايدىغان،جەسۇر ۋە سېخى،باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خوشاللىق دەپ بىلىدىغان كېلىدۇ.
ئەخلاق - پەزىلىتى توغرا ئىستىللىق،نازاكەتلىك،ۋاپادار،ئاسانلىقچە ئادەم ئالدىمايدىغان كېلىدۇ.
مۇﻫەببەت ۋە كەلگۈسى ﻫاكاۋۇر بولغاچقا ئاسان مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ.
ئاجىزلىقى باشقىلارنىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش دەپ ئويلاپ،تولا ئالدىنىپ قالىدۇ.
مىجەز - ئالاﻫىدىلىكى زېﻬنى ئۆتكۈر،قابىلىيەتلىك،پايداـ زىيان بىلەن ﻫېساپلاشمايدىغان،سەنئەت تالانتىغا ئىگە كېلىدۇ.
ئەخلاق - پەزىلىتى مەسئۇلىيەتچان،ئىشلارنى سالماق بىر تەرەپ قىلالايدىغان،ئىجادكارلىققا ئىگە.
مۇﻫەببەت ۋە كەلگۈسى بۇ خىل كىشىلەر بىلەن سۆﻫبەتلىشىشنى خالايدىغانلار كۆپ،تۇرمۇشى مەنىلىك ۋە ئەﻫمىيەتلىك ئۆتىدۇ.
ئاجىزلىقى جاپاغا چىدىمايدۇ،ئاجىز كېلىدۇ.
11 -ئايدا تۇغۇلغانلارنىڭ مىجەز خارەكتىرى
12-ئايدا تۇغۇلغانلارنىڭ مىجەز خارەكتىرى
مىجەز - ئالاﻫىدىلىكى قەيسەر،غەيرەتلىك،باي تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە.كەلگۈسىگە ئىنتىلىدىغان،مەغلۇبىيەتنى يېڭەلەيدىغان كېلىدۇ.
ئەخلاق - پەزىلىتى تۈز كۆڭۈل،خۇشخۇي،ئىخلاس بىلەن ئۆگىنىدىغان كېلىدۇ.
مۇﻫەببەت ۋە كەلگۈسى مۇﻫەببەتكە بېرىلىپ كېتىدۇ،پۇرسەتنى ئۆتكۈزۈپ قويىدۇ،غەيرەت قىلسىلا ،كۆڭۈلدىكىدەك ﻫەمراﻫ تاپالايدۇ.
ئاجىزلىقى نەزىرى ئۈستۈن.

تېمىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئەسكەرتىۋېتىڭ.

Rank: 2

توردا
11 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى
نادىر
0
يازما
13
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى 17:10:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روخلان توردىن چۇشۇرگەن

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى 17:35:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
11 - ئايدا تۇغۇلغانلار ھىچقانداق مىجەز خاراكتىرگە مۇناسىپ كەلمەيدىغان ئوخشىمامدۇ ؟

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
50 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
1
يازما
181

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى 18:45:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2-ئاينىڭكىنىمۇ يوللىۋىتىڭە.

Rank: 2

توردا
75 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
162
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى 21:15:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
5-ئاينىڭچۇ؟

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
231 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى 09:43:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاجىزلىقى ﻫەددىدىن زىيادە ﻫاكاۋۇر بولغاچقا ،باشقىلارنىڭ سۆز - چۆچىكىدىن قۇتۇلالمايدۇ
مۇشۇ بىر خاتا كۆز قاراش جۇمۇ ...ئەمەلىيەتتە بىز ئازراقمۇ ھاكاۋۇر ئەمەس

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى 19:37:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
11-تۇغۇلغانلارنىڭ قانداق بولىدىكەن ؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 05:18 , Processed in 0.047670 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش