يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 771 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 745|ئىنكاس: 2

مۇنداقمۇ ياشاپ بېقىڭ.(زۇمرەت) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
6 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى
نادىر
0
يازما
52
يوللىغان ۋاقتى: 2009-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى 23:59:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنداقمۇ ياشاپ بېقىڭ.(ھەۋەسكار)

     ***********مۇنداقمۇ ياشاپ بېقىڭ***********
1.مۇھەببىتىڭىزنى ئاۋۋال ئاللاھقا ،ئاندىن قالسا رەسۇلۇللاھقا،ئاتا-ئانىغا، مۇسۇلمان قىرىنداشلارغا،ئاندىن سۈيۈشىمىزگە ئەرزىيدىغان كىشلەرگە بېغىشلاڭ.

2.ھاياتىڭىزنى مەنىلىك ئىشلارنى قىلىش بىلەن ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىڭ.ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بۇيرىغان ئىشلارنى قىلىپ ،چەكلىگەن ئىشلاردىن يېنىڭ.  
3.ھەمىشە تەقدىردىن، باشقىلاردىن رەنجىمەڭ،باشقىلاردىن رەنجىشكە ھەققىڭىز يوق.رەنجىشكە توغرا كەلسە،پەقەتئۆزىڭىزدىنلا رەنجىڭ.
4.كىشلەرگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىڭ،بىرەرىنى ياقتۇرمىسىڭىز،مېنى قانچىلىك كىشى ياقتۇرىدۇ دىگەننى ئويلاڭ.

5.قولىڭىزدىن كەلسە باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىڭ،لېكىن مىننەتسىز،نىيىتىڭىز خالىس بولسۇن.بىرەر مەقسەتتە قىلماڭ

قىلغان ياردىمىڭىزنى ھە دىگەندىلا پەش قىلماڭ.
6.يالغانچىلىقتىن ساقلىنىڭ،باشقىلار سىزگەئىشىندىغان ،سىزنى ھۆرمەت قىلدىغان بولسۇن.
7.ۋاز كېچىشنى بىلىڭ،ئىرىشكەنلىرىڭىزدىن ھامان بىر كۈن ئايرىلىپ قالدىغانلىقىڭىزنى ئۇنۇتماڭ.
8.مەيلى نىمە ئىش بولسۇن،قىلغان ئىشىڭىزغا ئۆكۈنمەڭ،بولۇپ بولغان ئىشقا ئۆكۈنگەن بىلەن ئورنىغا كەلمەيدۇ،مۇھىمى، بۇندىن كېيىن دىققەت قىلسىڭىزلا بولىدۇ.
9.ھىسياتىڭىزنى كونتىرول قىلىشنى بىلىڭ.شاللاقلىقتىن ساقلىنىڭ.باشقىلار ئالدىدا ئابرويىڭىزغا دىققەت قىلىڭ

10.ھەر قانداق ئىشنى ئەقىل بىلەن قىلىڭ،ئەقلىڭىز بىلەن بىرگە تەۋەككۈلچىلىك روھىڭىزمۇ بولسۇن. 11.مۇستەقىل ئىش قىلىشقا تىرىشىڭ،ھەمىشە باشقىلارغا تايىنۋالماڭ.

12.نوقسانلىرىڭىز بارلىقىنى ئۇنۇتماڭ،ئۆزىڭىزنى ئەڭ ئەقىللىق،نوقسانسىز ھىساپلىماڭ.

13.دوسىتلىرىڭىز بولسۇن.لېكىن چاكىنا ئادەملەرنى دوسىت تۇتماڭ.دوستلىرىڭىز سىزگە يار-يولەك بولالايدىغان

بولسۇن.

14.كىتاپ كۆرۈشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇڭ،بىلمىگەنلىرىڭىزنى بىلگەنلەردىن سوراپ بىلۋېلىشقا تىرىشىڭ

15.ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا،<بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ>دىگەننى ئويلاڭ. بەك قايغۇرۇپ كەتمەڭ.
16.قولىڭىزدىن كەلمەيدىغان ئىشلارغا ئېسىلۋالماڭ.ئۆز ئارتۇقچىلىقىڭىزنى جارى قىلدۇرۇشقا تىرىشىڭ 17.غەيۋەتخور بولماڭ.بىر گەپنى بەك كۆپتۈرۋەتمەڭ،پىتنە-ئېغۋاغا ئارلاشماڭ.
18.ئېغىر-بېسىق بولۇڭ،ئالدىراڭغۇ بولماڭ.بىر ئىشنى قىلىشتىن بۇرۇن ئوبدان ئويلىنىڭ.لېكىن بەزى ئىشلاردا كەسكىن بولۇڭ.لامزەللىلىكتىن ساقلىنىڭ.
19.چاقچاق قىلدىم دەپ باشقىلارنىڭ دىلىغا ئازار بىرىشتىن ساقلىنىڭ.قىلغان چاقچىقىڭىز يولىدا بولسۇن.  
20.ئۈمۈدۋار بولۇڭ.ئالدىراپ ۋاز كەچمەڭ.<ئۈمۈت بىلەن ياشىغىن ھەر كۈن، ئارزۇلاپ كۈتكىنىڭ كېلىدۇ بىر كۈن> دىگەن سۆز ئېسىڭىزدە بولسۇن.
21.باشقلارنى بىزار قىلىپ قويماڭ.ئامىتىڭىزنى ھە دىسىلا كۆز-كۆز قىلماڭ.
22.تۇرمۇشتا ئەمەليەتچىلراق بولۇڭ. رىئاللىق ئالدىدا كۆزىڭىزنى يۇمۇۋالماڭ.

23.كەڭ قورساق بولۇڭ.كىچىككىنە ئىشلارنى دەپ، باشقىلار بىلەن ئازارلاشماڭ.
24.تەرسالىق قىلماڭ. ئۆزۈمنىڭلا راست دىگۈچىلەر ھەقىقەتەن ئەخمەقلەردۇر.
25.باشقىلارغا يول قويتۇشنى بىلىڭ.لېكىن ھەممە ئىشلاردا يول قويۇۋەرمەڭ

26ئاغزىڭىزغا كەلگەننى سۆزۈم بار دەپ دەۋەرمەڭ. <ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ،ئويلاپ سۆزلەڭ.
27.سىر ساقلاشنى بىلىڭ.ھەممە ئىشلارنى ئاشكارىلاپ يۇرمەڭ.ئازراق مەخپىيەتلىكىڭىز بولسۇن.
28.مۇھەببەت-نەپرىتىڭىز ئېنىق بولسۇن. بىر-بىرىگە ئارلاشتۇر ۋالماڭ.

29.ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز خۇشال قىلىشقا تىرىشىڭ. ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز خۇش قىلمىسىڭىز، باشقىلار قانداقمۇ سىزنى خۇش قىلالىسۇن؟ھەم باشقىلاربەرگەن خۇشاللىقنىڭ لەززىتى بولمايدۇ.

30.ھەممە ئادەمنى ئەسكى-يامان دەپ قارىماڭ.باشقىلارغا گۇمان نەزىرىدە قاراشتىن ساقلىنىڭ.  
31.باشقىلارنى بەك چۈشىنىمەن دەپ كەتمەڭ.ئاۋۋال ئۆزىڭىزنى چۈشىنىڭ. باشقىلار سىزدىن بىزار بولۇپ قالمىسۇن.

32.ۋەزىيەتكە بېقىپ ئىش قىلىڭ.ئاچچىقىڭز كەلگەندە جىم تۇرۇۋېلىڭ."
33.ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى،نۇقسانلىرىڭىز ھەر قانچە كۆپ بولسىمۇ، مۇكەممەل ئادەم بولۇشقا تىرىشىڭ.تىرىشسىڭىزلاچۇقۇم سىز ئەڭ مۇكەممەل ئادەم بولالايسىز..................
                 مەنبە؛گۈلدەستە تورى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2009-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى 16:41:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈنكىدەك جەمىيەتتە بۇنداق ياشىماق بەكلا تەس جۇمۇ .

Rank: 2

توردا
2 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى
نادىر
1
يازما
23
يوللىغان ۋاقتى: 2009-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى 17:33:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەس بولسىمۇ شۇنداق ياشاش كېرەكتە .
تىما ئىگسگە رەھمەت.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 05:28 , Processed in 0.042223 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش