يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 759 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 801|ئىنكاس: 10

سەكىنە:<....>دىن تۇغۇلغان ئويلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
18 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
1
يازما
68
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى 17:04:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

<مىنىڭ پۇت -قولۇممۇ يوق ،غېمىممۇ يوق >دىن تۇغۇلغان ئويلار



مەن <ئەقىدە>يوللىغان <<مىنىڭ پۇتۇممۇ يوق ،قولۇممۇ يوق ،غېمىممۇ يوق >>دىگەن تېمىنى كۆرۈپ قىزىقىپ ئاچتىم .ئوقۇپ كىتىۋېتىپ ئويلىغانلىرىم شۇ بولدىكى : <<مىنىڭ مەۋجۇتلىقىمنىڭ قىممىتى بارمۇ ؟>>،<<مىنىڭ ھىچ بولمىغاندا مېڭەم بار ،شۇنداق ئەمەسمۇ ؟>>،<<مەن بىر نۇتۇق سۆزلىگۈچى بولىمەن >>،<<ھاياتلىقتا بەزى ئىشلارنى كونتىرول قىلغىلى ۋە ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ ،سىزنىڭ ئۈمىد ئۈزگىنىڭىز ،سىزنىڭ ئۈمىدنى بايقىيالمىغىنىڭىزدۇر ....
لېكىن ئۈمۈدنى بايقىيالمىغىنىڭىز ،ئۈمۈدنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ ،
ئەگەر باشقىلار سىزگە مۆجىزە ئاتا قىلالمىسا ،ئۆزىڭىز بىر مۆجىزىگە ئايلىنىڭ !>>
بۇ دەل ئەشۇ ماقالىدە دېيلگەن قولىمۇ يوق پۇتىمۇ يوق يىگىتنىڭ ھاياتىدىن يەكۈنلىگەن سۆزلىرى ئىكەن.
بۇلار ماڭا قاتتىق تەسىر قىلدى.چۈنكى ،مەنمۇ ياشاۋاتىمەن ،نۇرغۇن دوستلارمۇ ھەم شۇ ...
بىز قانچىلىك مۆجىزىگە ئېرىشتۇق ؟يەنە قانچىلىك مۆجىزە ياراتتۇق ؟
بولدىلا ،باشقىلارنى قويۇپ ئۆزەم توغۇرلىق سۆزلەي :مىنىڭ مەۋجۇتلىقىم نىمدىن دېرەك بېرىدۇ ؟سوئال قويدۇم ۋە جاۋابنى دەرھال ھاياتلىق مۇساپەمدىن ئىزدىدىم :<مەن ئاللىقاچان مەۋجۇتلىقىمنى نامايەن قىلىپ بوپتىمەن ھەم داۋاملاشتۇرۋېتىپتىمەن >...
مىنىڭ جىسمىمدا ئۇ يىگىتتىن ئارتۇق بولغىنى سۈيۈملۈك ئىككى قولۇم ئىكەن .شۇنداق بولغان ئىكەن ئەلۋەتتە ،مەۋجۇتلىقىمنى نامايەن قىلىش پۇرسىتىم ئىنتايىن كۆپ-دە.
شۇڭا يەنە بىر سوئال قويدۇم ئۆزەمگە :مەن ئارتۇقچىلىقىمنى قانچىلىك نامايەن قىلدىم ؟
مەن ئارتۇقچىلىقىمنى ئۆز كەسپىم بولغان <ئاق خالاتلىق پەرىشتە >گە خاس نامايەن قىلدىم ۋە قىلىۋاتىمەن .
لىكىن ،مەندە كەم بولىۋاتقىنى بەزى چاغلاردىكى روھىي چۈشكۈنلۈك ،ھەممىدىن بىزار بولۇش ،تۇرۇپلا ئۆزەمنى كەمچىللىكىم كۆپ ئادەم بىلىۋېلىش .....ئىشقىلىپ ،مەن قەيسەرلىكنىڭ بەختىمنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى شۇئارىم سۈپىتىدە كۆتىرىۋالغان بولساممۇ ،ئەمەلىيىتىمدە كۆرسىتىشىم كەمچىل بوپتۇ .
ئەجىبا ،مەندە شارائىت كەمچىلمۇ ؟يەنە سوئال قويدۇم ئۆزەمگە :
ياق .....مەندە شارائىت كەمچىل ئەمەسكەن .بەلكى ،دادىللىق كەمچىل ئىكەن .
بىھۇدە خىجىل بولۇش ،خۇدىكسىرەش مىنى ئاخىرىدا <گۇمانخورلۇق >كېسىلگە گىرپتار قىپتۇ .
مەن بۇ ماقالىنى ئوقىغاندىن كىيىن گاھىدا دىماقلىرىم ئاچچىق بولغان بولسا ،گاھى يەرلىرىنى ئوقۇپ <نىك >نىڭ يۇمۇرىستىك قىياپىتى كۆز ئالدىمغا كىلىپ قانغۇدەك ئېچىلىپ كۈلدۈم .بۇ ھەرگىزمۇ ئۇنى مازاق قىلىش ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ ئۆزلىكىنى نامايەن قىلىشىدىكى دادىللىقىغا بولغان قايىللىقىم سەۋەبىدىندۇر .
مەن يېقىندا ،نۇرغۇن دوستلار بىلەن تۇنۇشتۇم ، پاراڭلاشتىم ھەتتا كۆرۈشۈپ سىرداشتىم .
شۇنىڭدىن بىلدىمكى ،ئادەم ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئەشۇ دوستلار ،سىرداشلار بىلەن ئۇچۇرشىپ ،مۇڭداشقاندىلا ئاندىن بىلەلەيدىكەنمىز .
ئۇنداق بولمىغىندا ،ماڭا ئوخشاش ھەممە ئادەمدىن خۇدىكسىرەپ <مىنى كۆزگە ئىلماي قالارمۇ ؟>دەپ ئەنسىرەپ يۈرۈيدىغان گەپكەن.
ھەتتا ،بىمارلىرىم مىنىڭ مېيىپلار ئۇرۇندۇقىدا ئولتۇرۇپمۇ كېسەللەرنى داۋالاپ ساقايتىپ ،ھەتتا مەنىۋى زوق ئاتا قىلىدىغان سۆزلەر بىلەن دىلىنى بېسىپ تۇرغان ھارغىنلىقنى بىردەمگىنە ئۇنتۇلدۇرۇشلىرىمدىن قايىل بۇلۇپ <ئاپرىن >ئوقۇشقان ۋە خوشنا ،يارەنلىرىگە <شىپاخانىم>ۋە مىنى تۇنۇشتۇرۇشلىرىمۇ ماڭا تەسىر قىلماي ،بىرخىل غۇۋالىق ئىلكىدە ياشاپ كەپتىمەن .
دىمەك مەندە يەنىلا دادىللىق ،ئۆز-ئۆزەمگە ئىشىنىش ،ئۆزلىكىمنى نامايەن قىلىش پىسخكىسى كەمچىل ئىكەن .
دوستۇم ،توردىشىم سىزمۇ ماڭا ئوخشاش قايتا بىر ئويلىنىش قىلىپ بېقىڭ !بەلكىم ،كەمچللىكىڭىزنىڭ تۈپ يىلتىزىنى تېپىپ چىقىپ دەل ۋاقتىدا ،يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاپ ،كەلگۈسىڭىزنى ئۆز قولىڭىز بىلەن باغۇ -بوستانلىققا ئايلاندۇرالىشىڭىز مۇمكىن .
مىنىڭ يەنىلا

شۇئارىم شۇكى :
پىكىر قىلىۋاتىمەن ،دىمەك مەۋجۇتمەن

.

Rank: 8Rank: 8

توردا
550 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
838

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى 20:51:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەكىنە: يازمىڭىزنى ئوقۇپ دىماقلىرىم ئېچىشتى. ئادەمدە ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ كاللىسى، سىتىفىن خاۋكىڭنى ئەسلەڭ، ئۇنىڭ سۆزلەيدىغان ئېغىزىمۇ كاردىن چىقاي دىگەن، لېكىن ئۇ يەنىلا قاراڭغۇ ئۆڭكۈر نەزىرىيىسىنى تەتقىق قىلماقتا.
سىزگە بەخىت تىلەيمەن.

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 2

توردا
18 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
1
يازما
68
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى 21:03:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپتىن -كۆپ رەھمەت ئەزىزەم !
مەن سىزنى كۆپ ھاللاردا ئويلايمەن .سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىزنى ئۆزەمگە ماياك قىلغۇم كىلىدۇ ،
شۇڭا بۇ تېمام بىلەن سىز بىلەن بولغان دوستلۇق باغىمنى گۈللەندۈرۈشنى ئويلىدىم .
مىنىڭ دوستلىرىم مىنىڭ ئەھۋالىمدىن خەۋەردار بولغاندىلا دوستلىقىمىز تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ دەپ ئويلايمەن .
ئەزىز ھەمشىرەم بەخىت تىلىگەنلىكىڭىزدىن شۇنداقلا ماڭا مەدەت بەرگەنلىكىڭىزدىن خۇرسەن بولدۇم !
اللاھ ئاقكۆڭۈل ئادەملەرنى ئامان قىلسۇن ،ئامىن !

Rank: 3Rank: 3

توردا
34 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى
نادىر
1
يازما
221
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى 22:07:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەم ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى بىلىپ ۋە تونۇپ يېتەلىگەنلىكى ئۈچۈنلا ئۆزىنى تولۇقلاپ ماڭالىغان دەپ يېزىپتىكەن بىر يازغۇچى.
يۇقۇرقى قۇرلارنى ئوقۇپ ئۆز ئۆزەم  توغۇرلۇق ئويلىنۋاتىمەن..........

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى 23:45:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئارتۇقچىلىقىمنى ئۆز كەسپىم بولغان <ئاق خالاتلىق پەرىشتە >گە خاس نامايەن قىلدىم ۋە قىلىۋاتىمەن .
لىكىن ،مەندە كەم بولىۋاتقىنى بەزى چاغلاردىكى روھىي چۈشكۈنلۈك ،ھەممىدىن بىزار بولۇش ،تۇرۇپلا ئۆزەمنى كەمچىللىكىم كۆپ ئادەم بىلىۋېلىش .....ئىشقىلىپ ،مەن قەيسەرلىكنىڭ بەختىمنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى شۇئارىم سۈپىتىدە كۆتىرىۋالغان بولساممۇ ،ئەمەلىيىتىمدە كۆرسىتىشىم كەمچىل بوپتۇ .

ئوخشاش ھېسيات سەكىنە

Rank: 8Rank: 8

توردا
550 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
838

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى 07:43:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەكىنە : مېنىڭ بىر دوستۇم بار. ئۇ دائىم مەن ئۈمىدسىزلەنگەن چاغلاردا پەيدا بولۇپ، << سىز ھەممىدىن قالتىس، سىز چوقۇم قىلالايسىز، سىز چوقۇم ياخشى يازالايسىز >> دەپ ئىلھام بىرىدۇ. يېقىندىن بۇيان مەن ئۆزۈمگە شۇنداق دەيدىغان بوپ قالدىم. سىزمۇ سىناپ بېقىڭە، ئۈنۈمى بەك ياخشىكەن.

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 8Rank: 8

توردا
168 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
نادىر
3
يازما
368

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى 08:39:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنىۋىي ساپانىڭ موھىملىقىنى ھېس قىلالىغان يۈرەكلەرگە،ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىدىن تارتىپ،تۇرمۇشنىڭ قىسمەتلىرىگىچە ھەممىسى سېڭىپ كىتەلەيدۇ.

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
833

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى 10:36:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن كىم؟ كىم ئىدىم؟ كىم بولماقچى؟
مەن قەيەردىن كەلدىم؟ قەيەرگە بارماقچى؟
مانا بۇ سۇئاللارنى تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ تالاناتلىق ئاۋاز ئارتىسى قەيسەر ھەبىبۇل دائىم ئۆزىدىن سورايتتى .
بۇنىڭدىن 7 يىل بۇرۇن ئاۋازلىق چايخانىدا قەيسەر ھەبىبۇللا بىلەن سۆھبەتلەشكەندە ئادەم ئۆز ئۆزىدىن بۇ سۇئاللارنى سوراپ تۇرىشى كېرەك دىگەنىدى.
7 يىلدىن بېرى بۇ سۇئاللارنى ئۆز ئۆزەمدىن سوراپ كېلىۋاتىمەن. گاھىدە جاۋاب تېپىپ قانائەت ھاسىل قىلسام گاھىدە مىجەزىم بىلەن خارەكتىرىم ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەر بىلەن ئارىسالدىلىق ئىچىدە ياشاپ كېلىۋاتىمەن.
كىشىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى ياراتقان ئىقتىسادىي قىممىتى ئاساسىدىكى ئىقتىدارىنى نامايەندە قىلىش بىلەن بەلگىلەنسە، كىشلەر ئىچىدىكى ھۆرمىتى، ئەدەب-ئەخلاق، شەرمىي-ھايا، مېھىر-شەپقەت، مۇھەببەت بىلەن بەلگىلىنىدىكەن. ھېچ بولمىغاندا مەن شۇنداق ئويلايمەن.
جەمئىيەتتىكى ئورنىمىزنى تىكلىشىمىزگە پۇرسەت كۆپ ياكى قايتا تىكلىشىمىز ئاساندۇر بەلكىم. ئەمما كىشلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئورنىمىزنىڭ چۈشۈپ كېتىشى بىزنى بىۋاستە يىگانىلىققا تاشلايدۇ. كۆڭۈلنىڭ ئارامى بولمىسا قايسى بىر ئىشىمىز ئالغا باسار؟

مۇنداق بىر لەتىپە بولىدۇ. كۇيئوغلى سۇنغان پۇتىنى سۆرىگەن پېتى قېيناتىسىنىڭ يېنىغا كىردى. قېيناتىسى پۇتىغا نىمە بولغانلىقىنى سورىغاندا كۈيئوغلى جاۋاب بەردى:
- يىقىلىپ كەتتىم، ئاتا .
- قەيەردىن يىقىلىپ كەتتىڭىز.
-تامدىن يىقىلىپ كەتتىم، ئاتا .
- ھە...مەن تېخى خەلقتىن نەزىرىدىن يىقىلىپ كەتتىمكىن دەپتىمەن ...
ئاددىيغىنە بىر لەتىپە، ئەمما ئۇنىڭدا بىزگە بىر ئۈمۈرلۈك ئادەم بولۇشنىڭ يولىنى ئۆگىتىدىغان ھېكمەت يۇغۇرۇلغان. تامدىن يىقىلىپ كەتسەك قايتا قۇپۇپ كېتەلەيمىز، ئەمما كىشلەرنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كەتسەك ھەقىقەتەن تۇرمىقىمىز تەس.
خوش، ئادەم بولۇشنىڭ يولىنى بىلىۋالدۇق، ئەمدى گەپ بىزنىڭ قەدەمنى قانداق بېسىشىمىزدىلا قالدى.
خىزمەت قىلىپ باقامدۇق؟ تىجارەت قىلىپ باقامدۇق؟ ۋە ياكى ھۈنەر كەسىپ قىلىپ باقامدۇق؟
ياكى بولمىسا قولىمىزدا ھۈنىرىمىز يوق، قورساقتا بىلىم يوق بىكار يۈرۈپ جەمئىيەتتىن قاقشاپ باقامدۇق؟
ئاتا-ئانىمىزنىڭ باشقىلارنىڭ ئاتىسىدە كاتتا ئەمەلدار بولمىغانلىقدىن، چوڭ بايلاردىن بولمىغانلىقىدىن ئاغرىنىپ دوق قىلىپ يۈرەمدۇق؟
گەپ بۇ يەرگە كەلگەندە كاللامغا بىر ژورنالدىن ئوقۇغان بىر ھىكايە كېلىۋاتىدۇ. يادىمدا قالغىنى بويىچە دەپ باقاي.
بىر ياش يىگىت بىلەن بىر بوۋاي سۆھبەتلىشىپ قالدى، ياش يىگىت ئۆزىنىڭ زامانىۋى نەرسىلىرى بىلەن ماختىنىپ، بوۋاينى مازاق قىلماقچى بولدى.
- بىزنىڭ دەۋرىمىزدە رەڭلىك تېلىۋىزور بار، سىلەرنىڭ ۋاقتىڭلاردا بارمىدى،. بوۋاي
- يوق ئىدى. بىز ھەممىمىز مەھەللىدە ئولتۇرۇپ سۆھبەتلىشەتتۇق.
-بىزنىڭ دەۋرىمىزدە ئېسىل ماشىنىلار بار بولدى. سىلەرنىڭ دەۋرىڭلاردە بارمىدى؟
-يوقتى، بىز ئىشەك ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ يول يۈرەتتۇق.
-بىزنىڭ دەۋرىمىزدە گازلىق توربا، سۇ توربىسى بار بولدى. سىلەرنىڭ دەۋرىڭلاردا بارمىدى؟
- يوق، بىز كارىزدىن سۇ تارتىپ ئىچەتتۇق.
ياش يىگىت مەغرۇرلانغىنىچە كۈلدى. بوۋايمۇ مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ ياش يىگىتتىن سورىدى:
- بىز ئەشۇ كونا جەمئىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ مانا سىلەرگە ئەكىلىپ بەردۇق. سىلەر كېيىنكى ئەۋلادلارغا نىمە قالدۇرماقچى؟
ياش يىگىت نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي تېلى تۇتۇلۇپ قالدى .
مانا شۇنداق، چوڭلارنىڭ ياراتقان تۇرمۇشى ئۇلارغا مەنسۇپ، ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزگە ئۆتۈنۈپ بەرگىنى پەقەت كۆيۈنۈش ۋە مەدەت، ھەرگىز بىزگە بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولىدىغان، بىر ئۆمۈر قوغدايدىغان يىمىرىلمەس قالقان ئەمەس. يول بىزنىڭ قەدىمىمىز ئاستىدا.
شۇڭا كاللىمىزنى سىلكىۋېتىپ ئاتا-ئانىمىزنىڭ دەردىگە يەنە دەرت، تۇرمۇشىغا بېسىم قوشۇۋالماي ئۆزىمىزنىڭ چىقىش يولىنى ئۆزىمىز قىلايلى. ئىشىنىمەنكى ھەرقانداق كىشىدە ئۆزى بىلمەيدىغان، سەزمىگەن ياكى ئېتراپ قىلمايدىغان بىر يوشۇرۇن ئالاھىدىلىك بار. بۇ ئالاھىدىلىك دەل بىزنى پارلاق كەلگۈسىگە باشلايدىغان يورۇۋاتقان ماياك.
سىز كومپىيوتۇرنى ياخشى كۆرىسىز، كۈن بويى پۇل خەجلەپ تورخانىدا ئولتۇرىسىز. ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ سىز كومپىيوتۇرغا ئامراقلىقتەك مۇشۇ ئارتۇقچىلىقنى ئۆزىڭىزنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىشىكى ئاساس قىلىپ ئازراق ئۆزگەرتىپ باقسىڭىز قانداق بولار؟ ياخشى يامان بوپ كەتمىسىمۇ بىر ئاددى خىزمەتكە ئېرىشىپ قالسىىز، كۆپ بولمىسىمۇ ئۆزىڭىزگە تەۋە كىرىم مەنبەيىڭىز بولىدۇ. بۇرۇن پۇل خەجلەپ تورغا چىققان بولسىڭىز، ئەمدى توردا ئولتۇرۇپ ئۆزىڭىزنىڭ تالانتى بويىچە ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىپ پۇل تاپىسىز. ( ئەسكەرتىش بۇ ئېلان ئەمەس)
سىزنىڭ ھېچقانداق ئالاھىدلىكىڭىز يوق دىگەندىمۇ ھېچ بولمىغاندا سۆزلىيەلەيسىز، ئويلىنالايسىز. باشقىلارنىڭ دەردىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلاپ قويالايسىز. سىز مۇشۇ ئازراققىنە ئالاھىدىلىكىڭىزگە يەنە ئازراق پىسخولوگىيىگە ئائىت كىتاب بىلىملىرىنى كۆرۈپ، كۆپ ئويلاپ ئۆزىڭىزنىڭ نۇتۇق قابىلىيىتىڭىزنى يىتىلدۇرۇپ بېقىڭ. باشقىلارغا تەسىر قىلالايدىغان، باشقىلارنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشىيەلەيدىغان، باشقىلار خۇشياقىدىغان پىكىرلەرنى بېرەلەيدىغان بولۇڭ. ياشانغانلار ساناتورىيىسى، زەھەر تاشلاتقۇزۇش مەركىزى ۋە بىر قىسىم كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەت مەركەزلىرىنىڭ سىزنى تەكلىپ قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ.
قىلىمەن دىسەك ھەممىمىزگە پۇرسەت بار، ئۆزىمىزنىڭ ئالاھىدلىكىنى قازىدىغانغا ئىرادە بولسىلا بولغىنى.
بىزنىڭ بۆلۈم باشلىقىنىڭ شۇنداق بىر سۆزى بولىدىغان " دۇنيادا دۆت ئادەم يوق، پەقەت تىرىشمايدىغان ئادەم بار، دۇنيادا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق، پەقەت ئويلاپ بولالمىغان ئىش بار " . ئۇنىڭ سۆزىنىڭ ئەلۋەتتە ئاساسىي بار.
جەمئىيەتتىكى ياشلار، پەقەت ۋە پەقەت 30 مىنۇت ۋاقتىمىزنى چىقىرىپ يۈرىكىمىزنى تۇتۇپ تۇرۇپ بۇ مەسىلىنى ئويلاپ باقايلى. جەمىئىيەتنى كۈزىتىپ باقايلى. جىسمانىي جەھەتتىن بىزدىن ئاجىز كەلگەن كىشلەرگە قاراپ باقايلى. ئەشۇ كىشلەر ئىچىدىن ئۇتۇق قازانغانلىرىغا قاراپ باقايلى.
تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ نەچچە يىل ئىلگىرىكى جەمئىيەت پروگراممىسىدا پىچان ناھيىسىنىڭ لۈكچۈن بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر مىيىپ قىزنىڭ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ بىر كومپىيوتۇر مۇلازىمەت مەركىزى ئېچىپ تۇرمۇشىنىڭ ئوبدانلا ھاللىنىپ قالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ئۇلار ئىش باشلىغاندا دۇكاننىمۇ نىسىگە ئىجارىگە ئېلىپ، ئىككىنچى قول كومپىيوتۇر ۋە ئاددى پىرىنتىر بىلەن ئىش باشلىغان. مېنىڭ ئۇ تەرەپتىكى دوستلىرىمدىن بىلىشىمچە ئۇلارنىڭ تىجارىتى خېلى ياخشى ئىكەن، اللاھ تىرىشقان بەندىلىرىگە مەرھىمىتىنى زىيادە قىلسۇن.
تۇرپاندا خىزمەت ئورنىدىن قالغان بىر جۈپ ياشنىڭ مىللىيچە تاللا بازىرى ئېچىپ روناق تاپقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر بېرىلدى. جەنۇب شىنجاڭدىكى نۇرغۇن يەرلەردە دېھقانلارنىڭ يۇرتلىرىنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرىغا ماركا ئىلتىماس قىلىپ، مەملىكەت بازارلىرىغا سالغانلىقى ۋە چەتئەللەرگە ئېكىسپورت قىلىپ ھاللانغانلىقىنى بېرىلىۋاتىدۇ.
ئۇلارمۇ ئۆز ۋاقتىدا ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشى، بالىلىرىنىڭ ئىستىقبالى توغرىسىدا قايغۇرغانىدى. ئۇلار بوشىشىپ كەتمىدى. ئۇلارنىڭ ھېچنىمىسى قالمىغاندىمۇ ئىنساندا يوق بولسا بولمايدىغان ئىككى نەرسە بار. ئۇ بولسىمۇ بىرى غايە، يەنە بىرى ئىشەنچ.
غايە بولمىسا نىشان بولمايدۇ. نىشان بولۇپ ئىشەنچ بولمىسا ئىنسان دادىل قەدەم تاشلىيالمايدۇ.
دوستۇم سىزدە ھەتتا بۇلارمۇ يوقمۇ؟!!!
بىز ئاخىرقى قېتىم ئۆزىمىزدىن سوراپ باقايلى، بەلكىم جاۋابىنى ئۆزىڭىز تېپىپ ئالارسىز
مەن كىم؟ كىم ئىدىم؟ كىم بولماقچى؟
مەن قەيەردىن كەلدىم؟ قەيەرگە بارماقچى؟
. . .
توردىشىمىز سەكىنەنىڭ مۇشۇنداق ياخشى بىر پىكىر تېمىسى قويغانلىقىغا ھەشقاللا. ئاللاھ سىزنىڭ ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق قىلسۇن، سىز ئارقىلىق يەنە نۇرغۇن قەلبلەر كۈلسۈن شادلانسۇن.
ئېھتىرام بىلەن : سايە

Rank: 2

توردا
18 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
1
يازما
68
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى 11:35:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىز قېرىنداشلىرىمنىڭ ماڭا مەدەت بولىدىغان ئىنكاسلار بىلەن مىنى ئىلھاملاندۇرۇپ ماڭا ئىشەنچ ئاتا قىلغانلىقىغا كۆپ رەھمەت !
سايە قېرىندىشىم دىگەندەك ،غايە بار ،يىتىپ ئاشقۇچە ئارزۇ بار لىكىن كەم بولىۋاتقىنى ئىشەنچ كەمدۇر ،شۇ سەۋەپتىن دادىل قەدەم تاشلىيالماي تېڭىرقاش مەۋجۇت .بۇ خىل روھى ھالەت بەلكىم كۆپچىللىك دوستلىرىمنىڭ قەلىب دونياسىدا مەۋجۇت بولىۋاتقان ،تېزدىن بىر تەرەپ قىلمىسا بولمايدىغان يۇقۇملۇق كېسەل بولۇپ ،ھەتتا بەزىلىرىمىزنى ئىچىدىن سېسىغان مىۋىدەك ھىچقانداق قىممىتى يوق ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان بولىشى مۇمىكىن .
ئىشەنچ تۇرغۇزۇش ھەرگىزمۇ سودا سارايدىن مال سېتىۋالغاندەك ئاددىي بولمىسىمۇ ،لىكىن قېرىغاندا ياشلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىن بولمىغاندەك ئۇنچە قىيىن، قىلغىلى بولمايدىغان ئىشمۇ ئەمەس .پەقەت مەن كىم؟ كىم ئىدىم؟ كىم بولماقچى؟مەن قەيەردىن كەلدىم؟ قەيەرگە بارماقچى؟ دىگەن سوئالنى پات -پات ئۆزىمىزگە قويۇپ ئۆز -ئۆزىمىزدىن ھىساب ئېلىپ تۇرساقلا بۇمۇ تەس ئىش ئەمەستۇر !

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى 19:33:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت مەن كىم؟ كىم ئىدىم؟ كىم بولماقچى؟مەن قەيەردىن كەلدىم؟ قەيەرگە بارماقچى؟ دىگەن سوئالنى پات -پات ئۆزىمىزگە قويۇپ ئۆز -ئۆزىمىزدىن ھىساب ئېلىپ تۇرساقلا بۇمۇ تەس ئىش ئەمەستۇر !

مانا مۇشۇ سۆزلىرىڭىزنىڭ ھەقىقەتەن جېنى بار سەكىنە ، ھەممىزنىڭ ئۆزىمىز ھەققىدە قايتىدىن ئويغىنىشىمىزغا تۈرۈتكە بولغان بۇ تېمىڭىز ئۈچۈن تەشەككۈر .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى 23:52 , Processed in 0.281563 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش