يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1920 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 575|نەقىل: 11

دىققەت قىلىڭ 3 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
974 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1703
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى 17:57:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاق چاچنى خالىغانچە يۇلىۋېتىشكە بولمايدۇ



قېرىمايلا چاچقا ئاق چۈشسە ھەقىقەتەن كىشىنىڭ كۆڭلى يېرىم بولىدۇ. بەزىلەر بېشىدا ئاق چاچنى كۆرسىلا يۇلۇۋېتىدۇ،  بەزىلەر بىرنى يۇلساڭ ئونى چىقىدۇ، دەپ قاراپ ئاق چاچنى يۇلۇۋەتمەيدۇ. مۇتەخەسسىسلەر چاچقا ئاق چۈشۈشنىڭ سەۋەبىگە قاراپ، دورا ئىشلەتسە ئۇنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى، ئۇنى خالىغاچە يۇلۇۋېتىشنىڭ خاتالىقىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دەيدۇ: چاچقا ئاق چۈشۈش ھەم تۇغما، ھەم ناتۇغما بولىدۇ، تۇغمىسى ئىرسىيەت جۈملىسىگە كىرىدۇ. ئىرسىيەتلىك چاچ ئاقىرىشمۇ ئىككى خىل بولىدۇ. بىرى، كېسەل سەۋەبلىك چاچ ئاقىرىش بولۇپ، چاچ، قاشلار بىردەك ئاقىرىپ كېتىدۇ. يەنە بىرى، كېسەل سەۋەبسىز چاچ ئاقىرىش بولۇپ، بالىلار ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندىلا چېچى ئاقىرىشقا باشلايدۇ. بۇ ئىككى خىل ئىرسىيەتلىك چاچ ئاقىرىشنى داۋالاش ئادەتتە قىيىن. ناتۇغما چاچ ئاقىرىشنى داۋالىغىلى بولىدۇ.

ناتۇغما چاچ ئاقىرىشقا تولاراق ئېغىر بېسىمغا ئۇچراش ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك سەۋەب بولىدۇ. خىزمەت ۋە تۇرمۇش بېسىمى ئېغىرلاپ، روھىي جىددىيلىك كۆرۈلسە ئاق چاچ كۆپىيىپ كېتىدۇ، بولۇپمۇ روھىي زەربە زىيادە بولغاندا، ئالايلۇق، ئائىلىدە ئۆلۈم – يېتىم كۆرۈلگەندە، چاچنىڭ ئاقىرىشى تېزلىشىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، يېمەكلىك تەڭپۇڭسىزلىقى، مىكرو ئېلېمېنتلارنىڭ يېتىشمەسلىكىمۇ چاشنىڭ ئاقىرىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

ئاق چاچ يۇلۇۋېتىلسە تۈك خالتىسى يەللىگلىنىپ قالىدۇ. كىشىلەرنىڭ تولىسى ئاق چاچنى ئۇدۇللۇق يۇلۇۋېتىدۇ. خەلق ئارىسىدا بىرنى يۇلساڭ چىقىدۇ، دېگەن گەپ بار. مۇتەخەسسىسلەر بۇ گەپنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسىي يوق، دەپ قاراش بىلەن بىللە، مۇنداق كۆرسىتىدۇ: قارا چاچنى ئاساسەن چاچ خالتىسى يىلتىزىدىكى قارا پىگمېنت ھۈجەيرىسى ئۆستۈرىدۇ، ئىنسان يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، چاچ يىلتىزىدىكى پىگمېنت ھۈجەيرىسىنىڭ قارا پىگمېنت ئىشلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ – دە، چاچ ئاقىرىشقا باشلايدۇ. ئاق چاچ يۇلۇۋېتىلسە، ئاق چاچ ئاۋۇپ كەتمىگىنى بىلەن چاچ يىلتىزى زەخىملىنىدۇ، بولۇپمۇ يۇلۇش  كۆپەيسە تۈك خالتىسى يەللىگلىنىدۇ. دېمەك، بىر – ئىككى تال چېچىڭىز ئاقىرىپ قالغان بولسا، يۇلۇۋەتسىڭىزمۇ، يۇلۇۋەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، لېكىن ئاق چاچ بىردىنلا كۆپىيىپ كەتسە، يۇلۇۋېرىش زىيانلىق.

چاچ بوياشنىڭ يوشۇرۇن زىيىنى كۆپ. چېچى ئاقىرىپ كەتكەنلەر چېچىنى قارا ۋە باشقا رەڭلەردە بويىتىۋالىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق قارايدۇ: چاچنىڭ تەبىئىي بولغىنى ياخشى، چاچ بوياقلىرىنىڭ راك پەيدا قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق يەكۈن تېخى چىقمىغان بولسىمۇ، بوياقلار تەركىبىدىكى خىمىيىۋى ماددىلار زىيادە سەزگۈرلۈك پەيدا قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە باش تېرىسى مېڭىگە ئەڭ يېقىن بولغاچقا، ئۇ خىمىيىلىك ماددىلار بىلەن ئۇچرىشىۋەرسە، بەدەننىڭ باشقا ئەزالىرى مۇقەررەر زەخىملىنىدۇ. بولۇپمۇ ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىزلار چېچىنى بوياتسا بولمايدۇ.

چاچ ئاقىرىشقا باشلىغاندا  ياخشىسى دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، سەۋەبىنى تېپىپ توغرا داۋالىنىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك. چاچنىڭ ئاقىرىپ كېتىشىگە مىكرو ئېلېمېتلارنىڭ كەم بولۇشى سەۋەب بولغان بولسا، چاچقا پايدىلىق يېمەكلىكلەرنى، ئالايلۇق، كۆپ گۈللۈك قامچىئوت، بەرەنگى، كولكار قاتارلىق ئوتياشلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش لازىم، بۇنداق يېمەكلىكلەر روھىي جىددىيلىك ۋە بېسىمنى پەسەيتىپ، روھىي كەيپىياتنى تەڭشەپ، قايتا قارا چاچ چىقىرىش رولىنى ئوينايدۇ.

ئىلى ئالمىزار مۇنبىرى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەسمەتۇللاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى 17:57  


Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2110
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى 20:05:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ  قېرىشقا باشلىغان ئوخشايمەن ،چاچقا ئاق سانجىىشقا باشلاپتۇ

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
285 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
802
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى 23:52:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باتۇرچەۋەنداز يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى 20:05
مەنمۇ  قېرىشقا باشلىغان ئوخشايمەن ،چاچقا ئاق سانجىىشق ...

ۋاي بىر قېرىپ تۇرسىىلا ،ئاۋال خۇتۇن ئېپ بىرىۋاللى ئۆزلىرىگە جېنىم ئۇكىجانىمبولمىسا ياڭاق پوستىدىن بىرەر تاغار ئەۋەتسەم بۇيىۋالاملا يا شاققىدە،يا پەردازخانىغا بارىدىغان گەپمۇ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   گۇلخان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى 23:53  


زىمىستاندا ھارارەتكە،زۇلمەتتە نۇرغا تەشنا بولساڭ...يېنىڭدا مەن بار...

Rank: 1

توردا
275 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
390
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى 09:26:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ يېشىمغىچە چىچىمنى بوياپ باقماپتىمەن. ساۋاقداشلىرىمنىڭ قىزىل، سېرىق چاچلىرىنى كۆرسەم بىر قىسما بولۇپ قالىمەن. تەبىئىيلىككە نىمە يىتىدۇ ؟

تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2110
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى 13:21:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇلخان يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى 23:52
ۋاي بىر قېرىپ تۇرسىىلا ،ئاۋال خۇتۇن ئېپ بىرىۋاللى ئۆز ...

بۇيىغىدەك ئاقارمىدى تېخى جۇمىسىلا

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
495 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1893

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى 12:04:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ چېچىمگە ئاق كىرىپ كەتتى ، ئادەتتە سېرىق بويايتىم ، ھازىر ئۇ بوياق يوق . رەڭگىمۇ چىرايلىق ئەمەس بولۇپ قالدى

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
285 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
802
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى 00:14:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anar يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى 12:04
مېنىڭ چېچىمگە ئاق كىرىپ كەتتى ، ئادەتتە سېرىق بويايتىم ...

ۋاي سېرىق بۇياقنىڭ گىپىنى قىلماڭ جېنىم،بىر ئاي ئوسما قويغان بولسىڭىز ۋاھ،چاچ دىگەن  قۇندۇز-قۇندۇز........ساچىڭ قارا قۇندۇزۇم دەپ ناخشا ئېيتىپ كىتەتتى-دە...ھەي ئىسىت....... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   گۇلخان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى 00:16  


زىمىستاندا ھارارەتكە،زۇلمەتتە نۇرغا تەشنا بولساڭ...يېنىڭدا مەن بار...

Rank: 1

توردا
127 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
569
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى 17:50:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي-ۋۇي  نىمە  جاھان  بولىۋاتىدىكىن  ئەمدى  30  نىڭ  قارىسىنى  ئېلىپ  ھەي  بۇ  چاچلار....ئاقىرىپ  كەتتى....بۇيسا،  بۈدىرە  قىلسا  سالامەتلىككە  بەك  زىيانلىق  دەيدۇ  دۇسلار

Rank: 1

توردا
568 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
748
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى 14:38:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ ئەمەسمۇ ، سىڭلىم تېخى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندىلا چىچىغا ئاق كىرىشكە باشلىغان

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
495 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1893

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى 23:42:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇلخان يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى 00:14
ۋاي سېرىق بۇياقنىڭ گىپىنى قىلماڭ جېنىم،بىر ئاي ئوسما  ...

‏سېرىق چېچىمغا ئامراق تۇرسا لېكىن 

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 15:39 , Processed in 0.057047 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش