يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1920 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 348|نەقىل: 9

دىققەت قىلىڭ 2 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
974 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1703
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى 17:56:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۆي ئىچىگە يېشىل قاتىل ئەكىرىشتىن پەخەس بولۇڭ



ئەنگلىيىدىكى ئۇيقۇ تەتقىق قىلغۇچى تېببىي ئالىملار نەچچە يىل تەتقىق قىلىش ئارقىلىق يېقىندا مۇنداق قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئۆيگە گۈل  –  گىياھ قويۇش ئۇيقۇغا زىيانلىق، چۈنكى ئۇلار ئۆيدە ئادەملەر بىلەن چەكلىك ئوكسىگېننى تالىشىدۇ.

   گۈل – گىياھ ماددا ئالمىشىش جەريانىدا فوتوسنتېزلاش ۋە سۈمۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. فوتوسىنتېزلاش دېگىنىمىز كۈن نۇرى چۈشۈپ تۇرغان شارائىتتا ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى بىلەن سۇ، يوپۇرمىقى ئارقىلىق كاربون (IV) ئوكسىدى سۈمۈرۈپ، كاربون  –  سۇ بىرىكمىسى ھاسىل قىلىدىغان ھەم ئوكسىگېن چىقىرىدىغان فىزىئولوگىيىلىك جەرياننى كۆرسىتىدۇ. ئۆسۈملۈك كۈندۈزى فوتوسىنتېزلاش رولىنى ئويناپ ئوكسىگېن چىقىرىدۇ.

   لېكىن يەنە شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، فوتوسىنتېزلاش رولى كۈن نۇرىنىڭ يورۇتۇشى كۈچىيىپ مۇئەييەن دەرىجىگە يەتكەندە ئورۇنلىنىدۇ. كۈن نۇرىنىڭ بۇنداق كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى ئومۇمەن 250 ~ 1000 ۋاتلىق ئاق چىراغنىڭ بىر مېتىر دائىرىنى يورۇتۇش دەرىجىسىگە تەڭ بولىدۇ. يورۇتۇش شۇ دەرىجىگە يەتمىگەندە، ئۆسۈملۈك ئاساسەن ئوكسىگېن سۈمۈرۈپ، كاربون (IV) ئوكسىدى چىقىرىدۇ. ياتاق ئۆيدە يېشىل ئۆسۈملۈكلەر زىيادە كۆپ بولسا، يەنە كېلىپ كېچىدە چىراغ ئۆچۈك بولسا، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئوكسىگېن سۈمۈرۈشى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىشىلەر كېچىدە ئىشىك – دېرىزىلەرنى تاقاپ ئۇخلاشقا ئادەتلەنگەچكە، ئۆي ئىچىدە ھاۋا ياخشى ئۆتۈشمەي، كاربون (IV) ئوكسىدىنىڭ زىچلىقى زىيادە ئۆرلەپ، كىشىنىڭ نورمال ئۇيقۇسىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

  ‹‹سالامەتلىك گېزىتى››نىڭ يېقىندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خاربىن شەھىرىدە بىر ئائىلە گۈل – گىياھلىرىنىڭ كېچىدە توڭلاپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، بالكوندىكى گۈل تەشتەكلىرىنى  ئۆي ئىچىگە ئەكىرىۋالغان، ئەتىسى ئەتىگەندە بۇ ئۆيدىكى ئۈچەيلەن كاللىسى قاپاق، پۈتۈن ئەزايى ماغدۇرسىز قوپقان. دوختۇرلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ ئۆيگە قويۇلغان گۈللەرنىڭ كېچىدە چىقارغان كاربون (IV) ئوكسىدىنىڭ تەسىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

   مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق قارايدۇ: ئۆيگە ئۆسۈملۈكلەرنى، بولۇپمۇ زەھەرلىكلىرىنى قويۇشقا بولمايدۇ، ياتاق ئۆيگە چوقۇم گۈل – گىياھ قويۇشقا توغرا كەلگەندە، سۇ ئۆسۈملۈكلىرى، نەپىس ئەتلىك گۈل – گىياھلارنى قويۇش كېرەك. كىچىككىنە ئۆيگە گۈل – گىياھلارنى سانجاق قويۇۋېلىشقا بولمايدۇ، ياۋا كولوكازىيە، رودىيە، ئىت ياڭىقى، شەۋكىران، گۈزەل سۈتلۈك ئوت، سۆگەت گۈل، قىزىل ئەپيۇن گۈل، قاغا تىرنىقىغا ئوخشاش زەھەر چىقىرىدىغان گۈل – گىياھلارنى ئۆي ئىچىگە ھەرگىز يولاتماسلىق كېرەك. خىنە، چىغىرتماق، قىزىل مارجان، قىزىل ئوسمانتۇس گۈلىگە ئوخشاش گۈل – گىياھلارنى ئۆي ئىچىگە قويۇشتىن تېخىمۇ ھەزەر ئەيلەش كېرەك، چۈنكى ئۇلار راك ھۈجەيرىسى پەيدا قىلىدۇ.


Rank: 1

توردا
275 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
389
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى 09:19:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىش پەسلىدە ئۇ بىچارە گۈللەرنى سىرتتا قويۇپ توڭلىتىۋەتمەيمىز ئەلۋەتتە ........
بىزدىن ئوكسىگىن تالاشسا ئىش چاتاق ....

تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
495 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1893

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى 12:02:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەندەك گۈل باقمىغان قۇلاق تېنچكەن جۇمۇ

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
285 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
802
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى 00:09:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي مېنىڭ گۈللىرىم،مېنىڭ گۈللىرىم،ھېلى ئۇيان .ھېلى بۇيان يۆتكەپ يۈرۈپ.ھالى قالمىدى بىچارىلەرنىڭ.......ئەتىگەن تۇرۇپ گۈللەرگە قارايتتىم.بىر بىرلەپ سۇ قۇياتتىم.لېكىن ئېچىلىدىغاان گۈللىرىم جېق قالمىدى .گۈل بولمىسا كۆڭلۈم بىرر قىسمىلا بۇلۇپ قالىدۇ.قىشمۇ ياز گۈل ئاجراتمايدىغىنى مەن ئۆيدىن .بىراق مۇنۇلار نىمە دەۋاتىدۇ ئەمدى....بولدى ،مېنىڭ گۈللىرىم مەن بىلەن تالاشمايدۇ....بېقىۋىرەيچۇ،ھېلىمۇ ئاز قالدى شۇنداق دەپ يۈرۈپ.

زىمىستاندا ھارارەتكە،زۇلمەتتە نۇرغا تەشنا بولساڭ...يېنىڭدا مەن بار...

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
285 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
802
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى 00:11:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anar يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى 12:02
مەندەك گۈل باقمىغان قۇلاق تېنچكەن جۇمۇ

ئانارخان گۈل باقماي زە ئانارنىلا تىككەن ئوخشىمامدۇق ئۆيگە........تازا باراخسانلىتىپ.........قۇچاققا پاتمىغۇدەك تازا...

زىمىستاندا ھارارەتكە،زۇلمەتتە نۇرغا تەشنا بولساڭ...يېنىڭدا مەن بار...

Rank: 1

توردا
127 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
569
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى 17:46:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ  گۈلگە  ئامراق  لىكىن  ياتاق  ئۆيدە  قۇيمىدىم،ئااپاممۇ  گۈلگەئامراق  باققا  گۈل  تېرىپ   شۇنداق  چىرايلىق  قىلىۋېتىپتۇ  بىرىپ  بەك  چۇزۇرلىنىپ  قاراپ ،پۇراپ  كىتىمەن

Rank: 1

توردا
567 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
740
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى 14:33:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مودەن يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى 17:46
مەنمۇ  گۈلگە  ئامراق  لىكىن  ياتاق  ئۆيدە  قۇيمىدىم،ئااپ ...

ئەزىزىم، ئەمدى ئاۋۇ چۇزۇرلىنىپ دىگەن يىڭىچە بىر ئاتالغۇمۇ قانداق ؟ مەن تازا چۇشىنەلمىدىم

Rank: 1

توردا
127 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
569
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى 11:10:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياق  جېنىم  ھۇزۇرلىنىپ  دىمەكچىدىم

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
495 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1893

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى 23:40:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇلخان يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى 00:11
ئانارخان گۈل باقماي زە ئانارنىلا تىككەن ئوخشىمامدۇق  ...

‏ياقەي جېنىم ،سۇغا چىلاپ قويىدىغانلارنىلا باقىمەن زادى 

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
285 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
802
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى 21:50:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anar يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى 23:40
‏ياقەي جېنىم ،سۇغا چىلاپ قويىدىغانلارنىلا باقىمەن زا ...

زامانىۋى مودا گۈل باقىمەن دەڭ.......بۇمۇ بۇلىدۇ....

زىمىستاندا ھارارەتكە،زۇلمەتتە نۇرغا تەشنا بولساڭ...يېنىڭدا مەن بار...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 11:45 , Processed in 0.057869 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش