سىلەرگە بىر رىۋايەت سۆزلەپ بىرەي .
قەدىقى گۇلاخما ئادەملىرى ئىشچان ، سۇلىرى ئەلۋەك ، ئۆم - ئىناقلىققا تولغان گۈزەل بىر يېزا ئىكەن . بۇ يېزىدا گۈلخان ئىسىملىك ھۆرمەتكە سازاۋەر ، ئەقىللىق بىر ئايال بار ئىكەن . بىر كۈنى بۇ گۈزەل ماكانغا نەچچىلىگەن مىھمانلار كەپتۇ . گۈلخان ئانا شۇلارنىڭ ھۆرمىتىگە 40 مۇ يەرنى تەييارلاپ ، 40 قوينىڭ گۈشىنى قىيما قىلىپ ، 40 پاتمان زىرە ، 40 پاتمان قارمۇچ ، 40 چارەك پىياز ئارلاشتۇرۇپ ، 40 ھارۋا ئۇتۇندا گۈلخان يېقىپ ناھايىتى چوڭ بىر كۈمەچ كۈمۈپتۇ . كۈمەچ پىشقاندىن كىيىن ھارۋىغا بېسىپ مىھمانلار چۈشكەن شاھانە قەسىرگە ئېلىپ كەپتۇ . كۈمەچ چوڭ بولغاچقا قەسىرنىڭ دەرۋازىسىدىن پاتماپتۇ . مۇلازىملار گۈلخان ئانىدىن كۈمەچنى پارچىلايمىزمۇ ياكى دەرۋازىنى چاقىمىزمۇ دەپ ئىجازەت سوراپتۇ . گۈلخان ئانا دەرۋازىنى بۇزۇپ كۈمەچنى پۈتۈن ئەكىرىشكە بۇيرۇپتۇ . كۈمەچ ئېلىپ كىرىلىپتۇ . مىھمانلار يۇرت خەلقىنىڭ ئەقىل پاراسىتىگە ھەيران بولماي تۇرالماپتۇ . شۇنداق قىلىپ بۇ يۇرتنىڭ نامى گۈلخان ئانىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىلىپ پۈتۈن دىيارغا پۇر كىتىپتۇ . گۇلاخما دىگەن ئىسىم ئەشۇ گۈلخان ئانىدىن نامىدىن كەلگەن ئىكەن .
مانا بۇ مىنىڭ كىندىك قېنىم تۈكۈلگەن ، مەن ئۈسۈپ چوڭ بولغان ئەزىر ماكان . بۈگۈن ھاۋا ناچار ، شامال چىقىپ تۇپا يېغىپ تۇرىدۇ . شۇنداقتىمۇ 2 سائەت ۋاقىتى چىقىرىپ گۇلاخماغا بېرىپ كەلدىم . ھاۋانىڭ ناچارلىقى بىلەن پەيدا بولغان كۈڭۈل غەشلىكىم ئاللىياقلارغا ئۇچۇپ كەتتى .دۇنيادا يۇرت مىھرىدىن ئۈتە سۇيۇملۈك تۇيغۇ بارمىدۇ ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەسمەتۇللاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى 17:59