شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز مىللەتلىرىدىكى
مېھماندىن بىشارەت
شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز مىللەتلىرى تارىختىن بۇيان «ناھايتى مھېماندۇست مىللەتلەر» دەپ تەرىپلىنىپ كەلگەن بۇ مىللەتلەرنىڭ مېھماننى تۇنۇسۇن ياكى تۇنىمىسۇن، چاقىرسۇن ياكى چاقىرمىسۇن ناھايتى قىزغىن كۈتىۋىلىش ئادىتىنى ھىلىھەم داۋام قىلىپ كەلمەكتە.
ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقىرى ئۆزىنىڭ شاھانە ئەسىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا ⅩⅨ- ئەسىردىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قەۋىملىرى ۋە باشقا تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان قەۋمىلەرنىڭ مېھماندارچىلىقىغا ئائىت مۇنۇلارنى بايان قىلىدۇ.
«مېھمان كەلسە قوت كىلەر» دەپ قارىلىدۇ①. مېھماننى ياخشى كەتمەسلىك پەسلىك ھىساپلىنىدۇ②. مېھمان ناھايتى ھۆرمەتلىنىدۇ③. مېھمان كۈتۈش ئۈچۈن ئايرىم مېھمانخانا بۇلىدۇ④. كېچىسى ئۆزى كىلىپ قالغا مېھمانلارغىمۇ ئايرىم زىياپەت بېرىلىدۇ⑤. مېھماننى كۈتۈشكە ئەھمىيەت بېرىپلا قالماي، مېھماننىڭ ئات-ئۇلاغلىرىغىمۇ ياخشى قارىلىدۇ⑥. مېھمانلارنىڭ ھۆرمىتىگە قوي سۇيۇلۇپ، قوي مېڭىسى تەقدىم قىلىش ئەڭ چوڭ ھۆرمەت ھېسابلىنىدۇ⑦.
ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز مىللەتلىرى ئالىمى مەھمۇد قەشقىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا بايان قىلغان مېھماندارچىلىق ئادەتلىرىنى ھىلىھەم ساقلاپ كەلگەن، شۇنداقلا مەزمونلىرىنى بېيىتقان، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز مىللەتلىرىنىڭ مېھماندارچىلىققا ئائىت بەزى ئىنچىكە قائىدىلىرىدە ئاز-تۇلا خاسلىقلار بولسىمۇ، ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاپ كىتىدۇ. ئۇلارنىڭ مېھماندۇستلىقى مېھماننى قەدىرلەش، قائىدە-يۇسۇن، مېھماننى قىزغىن كۈتۈش جەھەتلەردە ئىسپاتلىنىدۇ.
ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز مىللەتلىرىدىكى مېھماندوستلۇق ئادەت ئەنئەنىسى بۇ مىللەتلەر ئەجدادلىرىنىڭ كۆچمەن چارۋىچىلىق دەۋرىدىكى يايلاق تۇرمۇشىدا شەكىللەنگەن ئادەت ئەنئەنىسىنىڭ داۋامى بولۇپ، ناھايتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. مەلۇمكى چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىر چوڭ ئالاھىدىلىكى ئوت-سۇ قوغلىشىپ كۈچۈپ يۈرۈشتىن ئىبارەت. ئەينى زاماندا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز مىللەتلىرىنىڭ ئەجدادلىرىدا بىپايان كەڭ يايلاقتا ھەپتىلەپ، ئايلاپ ئۆز-ئارا ئۇچىرىشىش مۇمكىنچىلىكى، سەپەر ئۈستىدىكىلەرگە نەچچە كۈنلەپ ئىسسىق ئۈتۈپ، ئارامخۇدا ھۇزۇرلىنىپ ھاردۇق چىقىرىش مۇمكىنچىلىكى بولمايتتى. تەبىئىكى بۇ ئۇلار ئۈچۈن تۇلىمۇ زىركىشلىك ئىدى. شۇنداق شارائىتتا بىر-بىرى بىلەن ئۇچىرىشىش چوڭ خۇشاللىق ئىش ھىسابلىناتتى. مۇنداق ئۇچىرىشىشلار بولغاندا خۇشاللىقدا مال سۇيۇپ، مېھمان بولۇشۇپ قانغۇدەك مۇڭدىشىشنى تەشنالىق بىلەن كۈتەتتى. مانا بۇنداق تەشنالىق ئۇلاردا تەدرىجى مېھماندوستلۇق ئادىتىنى شەكىللەندۈرگەن.
«ئىنسانلارغا كىلىدىغان ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ ھامان بېشارىتى بۇلىدۇ» دەپ قارايدىغان ۋە بۇ بىشارەتلەر ئىلاھ ۋە ئەرۋاھلارنىڭ ئىنسانلارنى ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇشى دەپ بىلىدىغان خۇراپىي كۆز قاراش پائالىيەتلەر دۇنيادىكى ھەر قايسى مىللەتلەردە ئوموميۈزلۈك مەۋجۇت، بولغۇسى ئىشلار تۇغرىسىدىكى بۇ خىل شەپە بىشارەتلەر مىللەت ۋە رايونلارنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن پەرىقلىق بولسىمۇ كۆپىنچە كىشىلەر ئاجايىپ-غارايىپ چۈشلەر، ئادەم بەدىنىدە كۆرۈلىدىغان فىزولوگىيىلىك ھادىسىلەر ۋە ئۆزگىرىشلەر، غەلىتە ئۈسۈملۈك، ھايۋانلارنىڭ پەيدا بۇلۇپ قىلىشى، ئادەتتىكى جانلىقلارنىڭ غەلىتە ئىپادىلىرى، ھاۋارايى ۋە ئاسمان جىسىملىرىدىكى نورمالسىز ئۆزگىرىشلەر، ئادەتتىكى ھادىسىلەر ۋە ئۆز خاھىشى بۇيىچە بۇلىدىغان شەيئى ھادىسىلەرنى بولغۇسى ئىشلارنىڭ ئالدىن شەپە بىشارىتى دەپ قارايدۇ.
شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز مىللەتلىرى «مېھمان كەلسە بەخىت كىلدۇ»دەپ قارىغاچقا بۇ بەخىتنىڭ كىلىشىگە بولغان ئىنتىزارلىق ۋە بۇ بەخىتىنىڭ ۋاستىچىسى بولغان مېھمان كىلىشىگە قارىتا بىر مۇنچە ئالدىن بىشارەتلەرگە ئىشىنىدۇ.
تۈۋەندە قىزىققۇچىلار ۋە سىلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىشقا قۇلاي بۇلۇشى ئۈچۈن ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز مىللەتلىرىدىكى مېھماندىن بىشارەت دەپ قارىلىدىغان ئىشلارنى تۇنۇشتۇرىمىز.
ئۇيغۇرلاردىكى مېھماندىن بىشارەتلەر؛
چاي قويغان چىنىدە شاما تىك تۇرسا ئۆيگە مېھمان كىلىدۇ.
يىغىپ رەتلەپ قويغان يۇتقان-كۆپىلەر ئۆرۈلۈپ چۈشسە ئۆيگە مېھمان كىلىدۇ.
مۈ شۈك يۈزىنى يۇيسا ئۆيگە مېھمان كىلىدۇ.
كىچىك بالا قۇلىنى يەرگە قۇيۇپ چاتىرىقىدىن كەينىگە قارىسا ئۆيگە مېھمان كىلىدۇ.
كىچىك بالا ئىككى پۇتىنى ئاسمانغا كۈتۈرسە ئۆيگە مېھمان كىلىدۇ.
قازاننىڭ تېگى چىچەكلىسە (ئوت ئۇچقۇنلىرى قازان تىگىگە چاپلاشسا) ئۆيگە مېھمان كىلىدۇ.
چۈشىدە نان كۆرسە ئۆيگە مېھمان كىلىدۇ.
تۇنۇرغا ياققان نان چۈشۈپ كەتسە ئۆيگە مېھمان كىلىدۇ.
خىمىر يايغان چاغدا خىمىر تىشىلىپ كەتسە ئۆيگە مېھمان كىلىدۇ.
سېغىزخان ئۆينىڭ يىقىن ئەتراپىدا سايرىسا ئۆيگە مېھمان كىلىدۇ.
خىمىر يۇغۇرغان چاغدا خىمىردىكى ئۇن چاچىراپ كەتسە ئۆيگە مېھمان كىلىدۇ.
ئادەم مەزگىلسىز مۈگدەپ قالسا ئۆيگە مېھمان كىلىدۇ.
ئەينەككە قارىماقچى بولۇپ تاسادىپىي ئەينەككە تەتۈر قارىۋالسا ئۆيگە مېھمان كىلىدۇ.
ئۆيدە ئۆمۈچۈك ياكى ئۆمۈچۈك تورىغا ئوخشاش نەرسىلەر ساڭگىلاپ قالسا ئۆيگە مېھمان كىلىدۇ.
ئادەم يولدا كىتىۋىتىپ تاسادىپىي بىرەر نەرسىگە پۇتلىشىپ كەتسە ئۆيگە مېھمان كىلىدۇ.
ئوڭ قاپاق تارتسا ئۆيگە مېھمان كىلىدۇ.
ساپلىق، چوكا قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرى يەرگە چۈشۈپ كەتسە ئۆيگە مېھمان كىلىدۇ.
قازاقلاردىكى مېھماندىن بىشارەتلەر:
چاي قويغان چىنىدە شاما تىك تۇرسا ئۆيگە مېھمان كىلىدۇ. شاما ئىگىز بولسا ئىگىز بويلۇق، پاكار بولسا پاكار بويلۇق، ئىككى تال بولسا ئىككى نەپەر مېھمان كىلىدۇ.
يىغىىپ رەتلەپ قويغان يۇتقان-كۆرپىلەر ئۆرۈلپ چۈشسە ئۆيگە مېھمان كىلىدۇ.
مۈشۈك يۈزىنى يويسا ئۆيگە مېھمان كىلىدۇ.
كىچىك بالا ئويناپ يۈرۈپ بىر نەچچە قېتىم «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دەپ ئىشىكتىن كىرسە ئۆيگە مېھمان كىلىدۇ.
كىچىك بالا چاتىرىقىدىن كەينىگە قارىسا ئۆيگە مېھمان كىلىدۇ.
ئۆينىڭ ئۆگزىسىگە قارلىغاچ قونسا ئۆيگە مېھمان كىلىدۇ.
نان ۋە باشقا نەرسىلەرنى چاينىغان چاغدا قۇۋۇزنى چىشلىۋالسا ئۆيگە مېھمان كىلىدۇ.
تىلىنى چىشلىۋالسا ئۆيگە مېھمان ئىچىرقاپ كىلىدۇ.
قىزلار چىچىنى تاراپ بۇغقان چاغدا بەزى چاچلىرى بۇغۇلماي قالغان بولسا ئۆيگە مېھمان كىلىدۇ.
ئەتىگەندە سېغىزخان ئۆينىڭ ئەتىراپىغا كىلىپ سايرىسا ئۆيگە مېھمان كىلىدۇ.
چۈشىدە نان كۆرسە ئۆيگە مېھمان كىلىدۇ.
ئاياقنى سالغاندا تاسادىپىي تەتۈر ئۆرۈلۈپ قالسا ئۆيگە مېھمان كىلىدۇ.
قىرغىزلاردىكى مېھماندىن بىشارەتلەر
چاي قويغان چىنىدە شاما تىك تۇرسا ئۆيگە مېھمان كىلىدۇ.
يىغىىپ رەتلەپ قويغان يۇتقان-كۆرپىلەر ئۆرۈلپ چۈشسە ئۆيگە مېھمان كىلىدۇ.
كىچىك بالا چاتىرىقىدىن كەينىگە قارىسا ئۆيگە مېھمان كىلىدۇ.
مۈشۈك يۈزىنى يويسا ئۆيگە مېھمان كىلىدۇ.
سېغىزخان ئۆينىڭ ئەتىراپىدا سايرىسا ئۆيگە مېھمان كىلىدۇ.
چۈشىدە نان كۆرسە ئۆيگە مېھمان كىلىدۇ.
خىمىر يۇغۇرغان چاغدا خىمىر ياكى ئۇن تۈكۈلۈپ كەتسە ئۆيگە مېھمان كىلىدۇ.
چۈشىدە مېھمانغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى كۆرسە ئۆيگە مېھمان كىلىدۇ.
ئارچا ياكى باشقا ياغاچلارنى كۆيدۈرگەن چاغدا ئۇچقۇن ئالاھىدە چاچىراپ چىقسا ئۆيگە مېھمان كىلىدۇ.
ئاياللار كەشتە تىككەندە كەشتە يىڭنىسى يەرگە چۈشۈپ كەتسە ئۆيگە مېھمان كىلىدۇ.
ئۆيدە ئۆمۈچۈك يۇقىرىدىن تۈۋەنگە قاراپ تۇرقىغان بولسا ئۆيگە مېھمان كىلىدۇ.
قاپىقى تارتسا ئۆيگە مېھمان كىلىدۇ.
قوي سويغان چاغدا قوي گۆشى لىغىلداپ تۇرسا ئۆيگە مېھمان كىلىدۇ.
پال ئارقىلىقمۇ مېھماندىن بىشارەت بەرگىلى بۇلىدۇ.
قوي ئۆلتۈرگەندە قوينىڭ تارغاق سۈڭىكىگە قاراپمۇ مېھماندىن بىشارەت بەرگىلى بۇلىدۇ.
ئويغۇر، قازاق، قىرغىز مىللەتلىرىدىكى يۇقارقى مېھماندىن بىشارەتلەر ئوخشاشلىقلار ۋە پەرىقلەر مەۋجۇت، بۇنداق بۇلۇشنى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز مىللەتلىرىنىڭ بىر خىل تىل سېستىمىسى، ئوخشاش دىن ئېتقادى ۋە بىر رايون ئىچىدە ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي ئالاقە ئىلىپ بارغانلىقى ۋە ئوخشىمىغان شارائىت، ئوخشىمىغان ئىقتىسادى ئىشلەپچىقىرىش ئادەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىدىندۇر.
ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز مىللەتلىرىدىكى بۇ خىل مېھماندىن بشارەتلەر خۇراپىي بىشارەت قاراشلىرى بولسىمۇ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز مىللەتلىرىنىڭ بەزىبىر ئېتقاد، كۆز قاراشلىرىنىڭ ئىزنالىرىنى كۆرگىلى بۇلىدۇ. ئالايلۇق، ئوت يالقۇنى ئوت ئۇچقۇندىغانغا قاراپ مېھماندىن بشارەت بېرىش ئىلگىركى دەۋىرلەردىكى ئوتنى مۇقەددەس بىلىش، ئوت ئېتقادچىلىقىنىڭ ئىپادىسى، بالىلار ئۇيۇنلىرى، بالىلارنىڭ ھەرىكەتلىرىگە قاراپ مېھماندىن بىشارەت بېرىش بولسا بۇ مىللەتلەردىكى «كىچىك بالا پاك، گۇناھسىز» دەپ قاراشنىڭ سەۋەبىدىن بولسا چۈشىدە نان كۆرگەندە مېھماندىن بىشارەت بېرىش بولسا ناننى ئۇلۇغلاشنىڭ بىر خىل ئىپادىسى......
بۇ خىل بىشارەتلەر خۇراپىي بىشارەتلەر بولسىمۇ شۇنىسى ئىنىقكى مېھمان تۇغرىسىدا بۇنداق كۆپ خىل بىشارەتلەرنىڭ بۇلىشى ۋە بۇ خىل بىشارەتلەرگە ئىشىنىش ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز مىللەتلىرىنىڭ ناھايتى مېھماندوست ئىكەنلىكىنىڭ بىر خىل روشەن ئىپادىسى.
شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز مىللەتلىرىنىڭ مېھماندۇستلىقى، مېھماندارچىلىق ئادەتلىرى ۋە مېھماندىن بىشارەت ئادەتلىرىنى تەتقىق قىلىش بۇ مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ئورتاقلىقى ۋە باغلىنىشىنى تەتقىق قىلىش ۋە يورۇتۇپ بېرىشتە ۋە گۈزەل ئەخلاق ئەنئەنىلىرىنى ئوموملاشتۇرۇشتا يەنىلا رىئال ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇڭا بۇ تەرەپلەردىن تېخىمۇ ئەتراپلىق، چوڭقۇر ئىزدىنىپ كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ.
ئىزاھلار:
①، ③، ②، ④، ⑤مەھمۇد كاشفەرى: «تۈركىي تىللار دىۋانى» 1-توم شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى. 1981- يىل ئۇيغۇرچە نەشىر، 124-، 499-، 143-، 656-، 632- بەتلەر.
⑥ يۇقارقى كىتاپ 2-توم شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1984- يىلى نەشىرى 463-بەت
⑦ يۇقارقى كىتاپ 3-توم شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1984- يىل ئۇيغۇرچە نەشىرى 553-، 554- بەتلەر.