يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 733 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 984|ئىنكاس: 22

مېنىڭ پۇت- قولۇم يوق،غېمىممۇ يوق <سەكىنە> [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
18 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
1
يازما
68
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى 19:27:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مىنىڭ پۇت -قولۇم يوق ،غېمىممۇ يوق



ناۋادا  بىر كۈنى سىز پۇت-قولىڭىزدىن ئايرىلىپ قالسىڭىز ،قانداق تاماق يەپ ،كىيىم كىيىپ، يول يۈرۈيسىز ؟
سىز ئۇنىڭدەك ھايات كەچۈرەلەمسىز ؟
27 ياشقا كىرگەن ئاۋىستىرالىيىلىك نىك ۋۇجىسس ھەر كۈنى مۇنداق بىر رېئاللىققا دۈچ كېلىدۇ :
ئۇ تۇغۇلىشىدىنلا پۇت -قولى يوق بولۇپ ،پەقەت بىر <<چۈجە پۇت >>(سول تاپىنى ۋە ئۇنىڭغا تۇتاشقان ئىككى بارماق )قا تاينىپلا ھەرىكەت قىلىدۇ .
جىسمانىي مەجرۇھلىق سەۋەبىدىن نىك كىچىكىدىن باشقىلارنىڭ مەسخىرىسى ئىچىدە چوڭ بولىدۇ .چوڭ بولغاندىن كىيىنمۇ ئۇ ئاتا -ئانىسىنىڭ ياردىمىدە ھاجەتخانىغا كىرىشكە مەجبۇر بولىدۇ ،بۇنداق ئوڭايسىزلىق ۋە خىجالەتتىن ئۆزىنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالىدۇ ،سەككىز ياشقا كىرگەندە ئۆلىۋېلىشنى ئويلايدۇ ،ئون ياشقا كىرگەندە ئۈچ قېتىم ئۆلىۋالماقچى بولۇپ مەقىسىدىگە يېتەلمەيدۇ .
ئۇ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ بۇ دۇنيا بىلەن پەرىقلىنىدىغانلىقىنى بارا-بارا ھىس قىلىدۇ .
ئۇ ئۆزىدىن :
<<مېنىڭ مەۋجۇتلىقىمنىڭ قىممىتى بارمۇ ؟>>دەپ سورايدۇ .
ئۇ تۈنجى قېتىم پۇتبۇل ئوينىغاندا توپ ئۇنىڭغا ئۇچقاندەك كېلىدۇ ،ئۇنىڭ تۈنجى ئىنكاسى <<چۈجە پۇتى >>ئارقىلىق تۇسۇش بولىدۇ .
گەرچە شۇنىڭدىن كىيىنىكى بىر ھەپتىدە ئۇ پۇتىنى كۆتۈرۈپ يوتىسى بىلەن مېڭىشقا مەجبۇر بولغان بولسىمۇ ،بىراق بۇ قېتىم ئۇ ئۆزىنىڭمۇ باشقىلار قىلغاننى قىلالايدىغانلىقىنى ھىس قىلىدۇ .
ئۇ ئانىسى ياساپ بەرگەن پىلاستىك قېلىپنى پۇت ،بارماقلىرىغا چاپلاپ ،قەلەمنى قىستۇرۋېلىپ خەت يېزىشنى ئۆگىنىدۇ ،ھازىر ئۇ كومپىيوتېردا مىنۇتىغا 43 ھەرپ ئۇرالايدۇ .ئۇ چىش چوتكىلاشنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ،چىش چوتكىسىنى مۆرىسى بىلەن بوينى ئارىسىغا قىستۇرۋېلىپ ئوڭ -سولغا ھەركەتلەندۇرىدۇ .
ئۇ مەكتەپتە دوستىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆگىنىش قىلىدۇ ،ھەرىكەت قىلىدۇ ،ئۇ پۇتبول ،گولف توپ ،بېلىق تۇتۇش ،دۇمباق چېلىش ،غالتەك تېيىلىش قاتارلىقلارنى قىلالايدۇ ،ئۇ يەنە ئات مىنىشقا ،سۇ ئۈزۈشكە ،كاتىر ھەيدەشكە ماھىر .
ئۇ ئالىي مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن ئوقۇغۇچىلار ئويۇشمىسىنىڭ رەئىسى بولىدۇ .
<<مىنىڭ ھىچ بولمىغاندا مېڭەم بار ،شۇنداق ئەمەسمۇ ؟>>دەيدۇ ئۇ .
ئۇ 19 ياشتا ئاشكارا نۇتۇق سۆزلەيدۇ ،نۇرغۇن كىشلەر ئۇنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاپ كۆز يېشى قىلىدۇ .
بىر قىز كۆزلىرىگە لىققىدە ياش ئېلىپ ،ئۇنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ رەھمىتىنى بىلدۈرىدۇ .
دەل شۇ پەيىتتە نىك ئۆزىنىڭ باشقىلارغا ئۈمىد ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ،بۇ دەل ئۆزىنىڭ بۇ دۇنيادا مەۋجۇتلىقىنىڭ قىممىتى ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يېتىدۇ .
شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ مۇنداق قارارغا كېلىدۇ :<<مەن بىر نۇتۇق سۆزلىگۈچى بولىمەن !>>
نىكنىڭ نۇتۇق مەيدانى دائىم قاينام -تاشقىنلىققا چۆمىدۇ .
ئۇ مۇنبەردە <<چۈجە پۇتى >>بىلەن ئۇياق - بۇياققا سەكرەپ تاماشىبنلارغا چاقچاق قىلىدۇ .
ئۇ باشقىلار بىلەن ئويناشقا ئامراق ئىدى ،بىر قېتىم ئۇ ئايرۇپىلاننىڭ يۈك قويۇش بولۈمچىسىگە كىرىۋېلىپ ،باشقا توققۇز كىشىنى چۆچىتىۋەتكەن .
يەنە بىر قېتىم ماشىنىنىڭ ئۇرۇندۇقىدا ئولتۇرۇپ جايىدا پىرقىرىغان ،ياندا كىتىۋاتقان ماشىنىنىڭ شوپۇرى ئۇنىڭ بېشىنىڭ 360 گىرادۇس ئايلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھاڭ-تاڭ قالغان .
تاماشىبىنلارغا قويۇپ بەرگەن قىسقا فىلىمدە ئۇ سەكرەش تاختىسىدىن بىر سەكرەپلا ئۆزىنى پەسكە ئاتىدۇ ،ئەتراپتىكىلەر قورقۇپ ئالاقزادە بولۇپ كېتىدۇ ،ئۇ بولسا ھېچ ئىش بولمىغاندەك سۇ ئۈستىگە لەيلەپ چىقىپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىدۇ .
<<كۆپچىللىك مىنىڭ پۇت -قولۇم يوقلىقىنى ئۇنتۇپ كېتىپ ،ماڭا نورمال ئادەمگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىدۇ >>دەيدۇ ئۇ .
نىڭ 20 نەچچە دۆلەتكە بېرىپ نۇرغۇنلىغان كىشلەر بىلەن ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ھاياتى بىلەن ئورتاقلاشقان .ئۇنىڭ <<پۇت -قولۇممۇ  يوق >>دىگەن لىكسىيىسى ھەر بىر دۆلەتكە بارغاندا نۇرغۇنلىغان كىشلەرنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ ،فىلىم قىلىپ ئىشلىنىپ توردا تارقىلىدۇ .
ئۇ ئىلگىرى پۇت -قولى يوق تۇرمۇش دىگەن تور بېكەتنى قۇرغان بولۇپ ،پۈتكۈل دۇنيادىكى ياشلارنىڭ ھەركەتكە كېلىپ ،نامرات بالىلارغا ياردەم بېرىشىنى مۇراجەت قىلىدۇ .
نىكنىڭ تۈنجى كىتابى يېقىندا نەشىر قىلىنماقچى ،تۈنجى كىنوسى <<سېرىك ئۆمىكىدىكى كېپىنەك >>مۇ يېقىندا قويۇلماقچى .ئۇ 2009-يىلى جۇڭگۇغا كەلگەندە ،ئالايىتەن سىچۈەنگە بېرىپ يەر تەۋرەشنى بېشىدىن كەچۈرگەن بالىلارغا نۇتۇق سۆزلىگەن .
ئۇلارنىڭ بەزىلىرى شۇ قېتىملىق ئاپەتتە پۇت -قولىدىن ئايرىلغان بولۇپ ،نىك ئۆزىنىڭ ھېكايىسى ئارقىلىق ئۇلارغا ئۈمىد بېغىشلىماقچى بولىدۇ .
<<ھاياتلىقتا بەزى ئىشلارنى كونتىرول قىلغىلى ۋە ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ ،سىزنىڭ ئۈمىد ئۈزگىنىڭىز سىزنىڭ ئۈمىدنى بايقىيالمىغانلىقىڭىزدۇر .
لىكىن ئۈمىدنى بايقىيالمىغانلىقىڭىز ،ئۈمىد يوقلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ ،---دەيدۇ نىك ،---ئەگەر باشىقلار سىزگە مۆجىزە ئاتا قىلالمىسا ،ئۆزىڭىز بىر مۆجىزىگە ئايلىنىڭ !>>
نىكنىڭ پوت -قولى بولمىسىمۇ ،ئۇنىڭ ھاياتى ساغلام كىشلەرنىمۇ ھەيرەتتە قالدۇرىدۇ .


مەنبەسى :ئەلكۈيى تورىدىن ئەقىدە يوللىغان تەرمىلەر

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى 21:29:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمىسىمۇ راس ،بەزىدە ساپمۇساق،بەش ئەزايى تولۇق بىر قىسىم كىشىلەر قىلالمايدۇ بەزى مۇشۇنداق مىيىپلار قىلغان ئىشلارنى ،بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى كىشىلىك ھايات مۇساپىسى توغۇرلۇق ئويغا سالماي قالمايدۇ .

Rank: 8Rank: 8

توردا
147 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
828

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى 09:41:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Nick Vujicic


Nick Vujicic نىڭ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن قىسقا سىن فىلىم كۆرىنىشى


Rank: 8Rank: 8

توردا
168 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
نادىر
3
يازما
367

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى 09:46:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقى....

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
522 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1156

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى 10:23:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۈكرى، ئاللاھقا يۈز مىڭ شۈكرى!
  ئىنسان بۇ دۇنيادا  قانائەت قىلىپ ئۆتمەيدىكەن. پەقەت مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئاجىزلارنى كۆرگەندىلا ئاندىن ئۆزىنىڭ كۆرگەن كۈنىگە شۈكرى دېگۈسى، قانائەت قىلىپ ياشىشى كېرەكلىگىنى ھېس قىلىدىكەن. ئەمما بەزىدە ئۆزىمىزنىڭ روھى جەھەتتىن نىك جۇسىسقا ئوخشاش كىشىلەردىنمۇ ئاجىز ئىكەنلىگىمىزنى ھېس قىلىپ قالىدىكەنمىز.

Rank: 8Rank: 8

توردا
147 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
828

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى 10:44:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەڭرى ئۆز تۇرمىشىدىن ئاغرىنىپ يۈرىدىغان كىشلەرنى چەمبەرسىمان تىزىپ، ھەممىسىنىڭ قولىغا بىر ۋاراق ئاق قەغەز بېرىپتۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئاغرىنىۋاتقان ، نارازى بولىۋاتقان ئىشلىرىنى، ئازاب-ئوقۇبەت، دەرتلىرىنى يېزىشقا بويرۇپتۇ. كىشلەر تەڭرىنىڭ ئېيتقىنىدەك قىلىپتۇ. ئاندىن تەڭرى ئۇلارغا قەغەزنى كەينىدىكى كىشىگە بېرىشكە بويرۇپتۇ. كىشلەر شۇ بويىچە قىلىپتۇ.
كەينىدىكى كىشلەر ئالدىدىكى كىشىنىڭ ئازاب ئوقۇبەتلىرىنى كۆرۈپ:" ئاھ تەڭرى، ئالدىمدىكى كىشىنىڭ ئازابلىرى مېنىڭكىدىنمۇ نەچچە ھەسسە ئېغىر ئىكەن، مەن شۈكرى قىلماي سېنىڭ ئالدىڭغا دەرت ئېيتىپ كەلگىنىمگە خىجىلمەن" دەپتۇ.
خۇددى يۇقارقى ھىكايىدە ئېيتىلغاندەك، بۇ دۇنيادا بىزچىلىك خۇشال ياشاپ باقىمىغان، بىزچلىك ئۆمۈر كۆرەلمەي كېتىپ قالغان، بىزنىڭ شارائىتىمىزدەك باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈپ باقمىغان كىشلەر كۆپ.
بىزنىڭ يۇرتتىكى بەزى نامرات كىشلەر يىلدا پەقەت قۇربان ھېيتتىلا گۆش يىيەلەيدىكەن، باشقا ۋاقىتتا تۇخۇم بىلەن قورۇما قىلىپ ئۆتىدىكەن . ئويلاپ باقساق بولىدۇ دوستلار، يىلدا بىرلا قېتىم گۆش يىيىش، يېغى ئاز تاماق، كۆكتاتنىمۇ ئاز سېتىۋېلىپ كۆپ ھاللاردا كۆكتات يايمىلىرىدىن تاشلىۋېتىلگەن سېسىق كۆكتاتلار ئىچىدىن تاللاپ ئەكىلىپ يەيدىكەن. خولۇم خوشنىلار ياردەم قىلىپ بەرگەن كىيىم كېچەكلەرنى كىيىپ يۈرىيدىكەن. ئەشۇلارمۇ ئوخشاش ئىنسان. ئۇلارنىڭ گۇناھى پەقەتلا ئەشۇنداق نامراتلىققا مەھكۇم بولغان بىر تۇرمۇشقا بېكىنىپ قېلىشقا مەجبۇر بولۇش. ئۇلارغا پۇرسەت بەك ئاز، ئەمما ئۇلار ھامان باش كۆتۇرۇپ كىتەلەيدۇ.
ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ تۇرمۇشىغا قاراپ باقايلى. تۆت ئادەم ئاددىيغىنە بىر ۋاق "ساماۋەر شورپىسى" ( خوگو) يىيىشكە ھېچ بولمىغاندا 50يۇەندىن بىر ، ئىككى يۈز يۈەن خەجلىۋېتىمىز. بەش ئادەم بىرۋاق ئاددىي سورۇن تۈزۈپ ئولتۇرسىمۇ ھېچ بولمىغاندا 100 يۈەن خەجلىۋېتىمىز. توي تۆكۈنلەردىكى ئىسراپچىلىقلارنى دىمەيلى قويايلى.
سۇمرۇغ تېلىۋىزىيىسىنىڭ "مەدداھ جوۋلىبو" دەيدىغان بىر پروگراممىسى بار، شۇ پىراگراممىنىڭ بىر قىسمىدىكى ھەجۋىي خەۋەرلەردە :" ھۆكۈمەت يېقىندا بويرۇق چۈشۈرۈپ، كىشلەرگە ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى بويىچە غىزالىنىش، ئەگەر تاماقنى ئاشۇرۋەتسە ياكى نورمىدىن ئاشۇرۇپ يەۋالسا، بايقالغان ھامان ئافرىقىدىكى ئاچارچىلىق رايونىلىرىدا 1 يىل تۇرغۇزۇش جازاسى بېرىلىدۇ" دەيدىغان مۇبالىغە خەۋەر قىلىدۇ ( بۇ پروگرامما كۆڭۈل ئېچىش خارەكتىرىدە) .
شۇڭا ھەممەيلەن شۈكرى قىلايلى، شۈكرى قىلىپلا قالماي، ئەتراپىمىزدا ھەقىقەتەن تۇرمۇشى جاپادا قالغان كىشلەر بولسا ئازراق نەزىرىمىزنى تاشلاپ قويايلى. ئۇلارغا ياردەم قىلايلى. باشقىلارغا ياخشىلىق قىلساق ساۋابى ئۆزىمىزگە، ئاخىرەتلىكىمىزنى ئۇلۇغ ئاللاھ بېرىدۇ .
سۆزدىن سۆز چىقىپ يەنە كۆپ سۆزلەپ قويدۇم.

Rank: 3Rank: 3

توردا
173 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
308
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى 15:10:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تونۇرغا سامسا ياققۇدەك قولۇمنىڭ بولغىنىغا، مۇشۇنداق تېمىلارنى كۆرگۈدەك كۆزۈمنىڭ بولغانلىقىغا...... قىسقىسى ھەممە ئەزايىمنى ساق قىلىپ ياراتقان ئاللاھقا مىڭ مەرتىۋە شۈكرى! مېيىپ قىلىپ قويماي ئاسراپ باققان ئاتا-ئانامغا مىڭ مەرتىۋە رەھمەت~!
بۇرنۇم ئېچىشىپ كەتتى......

[ سامسىپەز بۇ يازمىنى  2010-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى 15:05  دە تەھرىرلىگەن. ]

Rank: 2

توردا
18 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
1
يازما
68
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى 17:00:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سايە ئەزىز قېرىندىشىم كۆپتىن -كۆپ رەھمەت بۇ تېمىنى مەن ئۇقۇپلا مۇشۇ نىكنىڭ فىلىمى نەدە باردۇ دەپ ئويلىغان ھەم كۆرۈشنى خالىغان ئىدىم ،سىزنىڭ ياردىمىڭىزدە بۇ ئارزۇيۇمغىمۇ يەتتىم .
ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن قېرىندىشىم !
ئەمدى ،بۇ تېمىنى يوللاش بىلەن بىرگە يەنە بىر تېما يوللاشقا توغرا كەلدى ماڭا .
ئەشۇ تېمامغا نەزىرىڭلارنى سالغايسىلەر ئەزىز قېرىنداشلىرىم !

Rank: 8Rank: 8

توردا
147 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
828

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى 17:06:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى سەكىنە قىز . ۋاقتى كەلگەندە يىڭى تېمىڭىزغىمۇ خۇددى ھازىرقىدەكلا ياخشى ئاۋاز قوشىمىز.
قارىغاندا يوللىماقچى بولغان تېمىڭىزمۇ بىزنىڭ يۈرەك تارىمىزنى تىترىتىپ، يەنە مۇشۇنداق چوڭقۇر ئويلارغا سالىدىكەن دە.
تەربىيىۋى ئەھمىيىتى چوڭقۇر بولغان تېمىلارنى يوللىسىڭىز، كەمىنە سايە تېمىڭىزدا يېتىۋېلىپ تۇرۇپ كۆرەر ئىدىم.

Rank: 8Rank: 8

توردا
544 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
830

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى 17:14:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا مانا ....سايە..سۇيۇقلاشتى.

ۋاي پۇتۇم!!!!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 08:29 , Processed in 0.346429 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش