يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1921 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 852|نەقىل: 6

ئاپا،امەن زىنا قىلماقچى! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
34 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
69
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى 09:54:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئاپا،مەن زىنا قىلماقچى!

بىر قىز ئاپىسىدىن زىنا قىلىشىغا يول قويۇشىنى سوراپتۇ. ئانىسى ھەرقانچەگەپ قىلسىمۇ قىز گېپىدە چىڭ تۇرىۋاپتۇ،.ئاخىرى ئاپىسى بىر شەرت بىلەن قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ.

ئۇنداقتا ئانىنىڭ شەرتى نىمىدۇ؟ قېنى بىر كۆرۈپ باقايلى:


ئانا قىزىدىن ئىمتاھان ئېلىپ باقىدىغانلىقىنى ئەگەر ئىمتاھاندىن ئۆتەلىسە قىز نىڭ گېپىگە ئۇنايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ.

بىرىنجى ئىمتاھان بولسا تۈۋەندىكىچە ئىكەن:

ئانا قىزىدىن ئەتىسى ئەتىگىنى پادىشاھنىڭ قەسىرى ئالدىدا ساقلاپ تۇرۇشىنى، پادىشاھ  چىققان ھامان پادىشاھنىڭ ئالدىغا يىقىلىپ چۈشكەن قىياپەتتە يەرگە تاشلىنىشىنى ئېيتىپتۇ.  ئاندىن  نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى كۈزىتىشىنى ئيېتىپتۇ. قىز ئانىنىڭ گىپىگە قۇشۇلۇپتۇ.

سىزنىڭچە نېمە ئىش يۈز بەرگەندۇ؟

ئەتىسى ئەتىگەندە قىز پادىشاھنىڭ قەسىرى ئالدىغا بېرىپ تۇرۇپتۇ، قىز ساقلاپ تۇرۇپ پادىشاھ چىققان ھامان قەستەن دەلدەڭشىگەن ھالدا  يىقىلىپ چۈشۈپتۇ. پادىشاھ قىز بارتەرەپكە ئالدىراپ كەپتۇ ۋە قىزنى يەردىن تۇرغۇزۇپتۇ، ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممسى ئارىنى ئورىۋاپتۇ. قىز ھۇشۇنى يوقىتىپ قويغانلىقىنى ئېيتىپ چاندۇرماي پادىشاھقا رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ كىتىپ قاپتۇ.  قىز ئۇ يەردىن ئايرىلىپ ئانىسىغا بولغان ئىشنى خەۋەرلەندۈرۈش ۋە ئۆزىنىڭ ئىمتاھاندىن ئۇتۇقلۇق ھالدا ئۆتكەنلىكىنى ئيېتىش ئۈچۈن ئۆيىگە ئالدىراپتۇ. قىز ئۆيگە كىلىپ بولغان ئىشلارنى ئاپىسىغا دەپ بېرىپتۇ

ئاپىسى: ئەتە بۈگۈن بارغان يەرگە بېرىپ بۈگۈن قىلغان ئىشلارغا ئوخشاش ئىشلارنى قىلىشنى ئېيتىپتۇ.

لېكىن ئىشنىڭ نەتىجىسى ئاۋۋالقىسىغائوخشىماپتۇ. بۇ قېتىم قىز يىقىلغان ۋاقىتتا پادىشاھ بارماستىن ۋەزىرى بېرىپتۇ ۋە ئەتراپىنى بىر نەچچە ئەسكەر قورشىۋاپتۇ. سۇلتان قىزغا قاراپمۇ قويماستىن ئۆتۈپ كېتىپتۇ. قىز بېشىنىڭ قېيىپ كەتكەنلىكىنى دەپ ۋەزىرگە رەھمەت ئېيتىپتۇ ۋە ئاپىسىنىڭ قېشىغا مېڭىپتۇ. ئاپىسى بولغان ۋەقەنى ئاڭلىغاندىن كىيىن كىيىنكى ئىمتاھاننىڭ ئوخشاش يەردە پادىشاھ  ئۆتىدىغان ۋاقىتتا ئىكەنلىنى ئېيتىپتۇ.

ئەتىسى قىز بۇرۇنقى يەرگە كىلىپ تەييارلىق قىلىپ تۇرۇپتۇ پادىشاھ نىڭ چىقىشى يەرگە يىقىلىپتۇ، بۇ قېتىم قۇماندان كىلىپ قىزنى يولدىن چەتكە چىقىرىپ قويۇپ ھال ئەھۋال سورىمايلا كىتىپ قاپتۇ، قىزئاپىسىنىڭ قېشىغا بېرىپ بولغان ئىشلارنى دەپ بېرىپتۇ، لىكىن بۇ قېتىم بولغان ئىشقا قىزنىڭ ئىچى پۇشۇپ ئىچىدە ھەسرەت ھىس قىپتۇ.

قىز ئاپىسىدىن: ئىمتاھانىڭىز تۈگىدىمۇدەپ سوراپتۇ؟


ئاپىسى: ياق قىزىم سىز باغان يەگە يەنەئۈچ كۈن بارىسىز، ئۈچۈنجى كۈنى  نىمىلەرنىڭ يۈز بەرگىنىنى ماڭا دەپ بېرىڭ دەپتۇ.



قىز ئانىسىنىڭ گېپى بويىچە پادىشاھنىڭ قەسىرى ئالدىدا بۇرۇن قىلغان ئىشلارنى قىپتۇ، ۋە ئاخىرقى كۈنى يىغلىغان ھالدا ئاپىسىنىڭ قېشىغا كەپتۇ، چۈنكى ئىمتاھاننىڭ مۇشەققىتى كۆپىيىپ كەتكەنىدى، ئۈچۈنجى كۈنى قىزنىڭ قېشىغا ھىچكىم كەلمەپتۇ، بەزى كىشىلەر قىزنى زاڭلىق قىپتۇ، بەزىلىرى قىزنى تىللاپتۇ، بەزىلىرى قىزنى تېپىپ ئۆتۈپ كىتىپتۇ.




بۇ ۋاقىتتا ئەقىللىق مېھرىبان ئانامۇنداق دەپتۇ: قىزىم زىنانىڭ باشلىنىشى مۇشۇنداق، ئەمما بىر مەزگىلدىن كىيىن ھەممە سىزدىن قاچىدۇ، قېچىپلا قالماي سىزنى زاڭلىق قىلىدۇ. يوقالغان ئىززىتىڭىزگە ھەرگىز قايتا ئېرىشەلمەيسىز، ئەڭ پەس كىشىلەر ئۈستىڭىزدىن كۈلىدۇ.

مەلىكەم يانا زىنا قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز؟

قىز بولغان ئىشلارنى ئەسلەپ ئەقلىنى تېپىپتۇ ۋە ئەقىللىق ئانىسىغا رەھمەت ئېيتىپتۇ ۋە ئاللاھ بىلەن قەسەم ئاسمان زېمىن دۈم كۆمتۈرۈلۈپ كەتسىمۇ زىنا قىلمايمەن دەپتۇ.

زىنا خار –زەبۇنلۇقتۇر

زىنا نىڭ جازاسى بىر ئەينەككە ئوخشايدۇ سۇنۇپ كەتسە ئەسلىگە كەلمەيدۇ.

ئەقىللق كىشى ھىكمەتتىن ياخشى ۋەز نەسىھەتتىن پايدىلانغان ئادەمدۇر.

ئەقىلسىز كىشى باشقىلارغا ئىبرەت بولغانكىشىدۇر.

سىز ئەقىللىق كىشىمىكەنسىز ياكى ئەقىلسىز؟

ئەي ئەقىللىق قىزلار بىرەسى سىلەرنى زىنا بىلەن ئالداپ كەتمىسۇن، زىنا خار_زەبۇنلۇق نىڭ چوڭ دەرۋازىسى!

زىناقىلغۇچىدىن كېسەل بالايىئاپەت بەرىكەتسىزلىك تۈگىمەيدۇ.

بۇ دۇنيادا زىنا قىلغۇچىنىڭ يۈزنىڭ نۇرى، يۈز ئابروي  يوق بولىدۇ.

ئاخىرەتتىكىى ئازابى بولسا ئەشەددىدۇر.

ئاللاھ تائالا دىن زىنا دىن ۋە زىناغا ئېلىپ بارىدىغان ئىشلاردىن پاناھ تىلەيمىز

مەنبەسى: ئەرەپچە ئەسەر. تەرجىمەقىلغۇچى : مۇھەممەد

ئەسكەرتىش : مەزكۇر ئەسەرنىڭ يۈكسەك قىممىتىنى كۆزدە تۇتۇپ ، مەرىپەت مۈنبىرىدىن يۆتكەپ ئېلىپ كەلدىم!

مەن ئېلىپ كەلگەن ئادىرىسى:
ئالمىزارمۇنبىرى





ئەمدى سىز يوق شەھەرماڭاتارلاشتى...مەن كۈتىمەن...

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
426 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
0
يازما
886

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى 12:24:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەربىيىۋى قىممىتى ناھايىتى يۇقۇرى يازما ئىكەن. كۆپ رەھمەت   قىز-ئاياللىرىمىز ھەممىسى بىر ئۇقۇپ چىققاي   دىمەكچى بولغىنىم ئۇلارمۇ زىناقىلىسپ سالمىسۇن دىمەكچى ئەمەس بەلكى قىزلىرىمىز، سىڭىللىرىمىز، ھەمشىرلىرىمىزگە تەربىيە بىرىشتە قوللىانساق ئۈنىمى يۇقىرى بۇلىدىكەن

Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2110
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى 13:14:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناخشىسىنى ئاڭلىغاچ،چوڭقۇر ئۇيلىندىغان ياخشى تىمىكەن

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 1

توردا
127 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
569
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى 17:52:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارا كۆز  خىنىم  رەخمەت،قوللىرىڭىز  ھارمىسۇن

Rank: 1

توردا
275 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
390
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى 20:11:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كونىلاردا قاچقاننى قوغلا، قوغلىغاندىن قاچ دەيدىغان بىر گەپ بار.
قىزلار قانچە ئىسىل تۇرغانسىرى، ئۆزىنى چوڭ سۈپەت تۇتقانسىرى باشقىلارنىڭ نەزەرىدە يۈكسەك ئورۇنغا، ھۆرمەتكە ئىرىشىدۇ .

تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

Rank: 1

توردا
55 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى
نادىر
0
يازما
58
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى 22:46:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارا كۆز خېنىمنىڭ مۇشۇنداق تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بار تېمىلارنى  تېخىمۇكۆپ ئەۋەتىشىگە تىلەكداشمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 18:22 , Processed in 0.119823 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش