يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 366|نەقىل: 8

تۇغۇلمىغان بوۋاقنىڭ چالا قالغان كۈندىلىك خاتىرىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
34 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
69
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى 20:33:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تۇغۇلمىغان بوۋاقنىڭ چالا قالغان كۈندىلىك خاتىرىسى

(تۇغۇلماي تۇرۇپلا بۇ دۇنيا بىلەن  خوشلاشقان جىيەنىمگە بېغىشلايمەن!!!)

5- ئۆكتەبىر: بۈگۈن مەن پەيدا بولدۇم، يوق ئىدىم، ئەمدى بار بولدۇم، بەك ياخشى ئىش بولدى!مېنىڭ پەيدا بولغىنىمنى دادام-ئانام تېخى بىلمەيدۇ.بىر ئالمىنىڭ ئۇرۇقىدىنمۇ كىچىكمەن، شۇنداقتىمۇ ئىشقىلىپ مەن مەۋجۇتمەن. بەدەنلىرىم تېخى روشەن يارىتىلمىدى، يۈزۈممۇ تېخى يوق، ئەمما مېنىڭ مەۋجۇتلۇقۇم مېنىڭمۇ بىر تىرىك جان ئىكەنلىكىمنى چۈشەندۈرىدۇ. ئىنشائاللاھ بىر قىز بوۋاق بولۇپ تۇغۇلىمەن، چىچەكلەرنى سۆيىمەن، چىچەك كەبى بىر قىز بولىمەن.
    19-ئۆكتەبىر: بىر ئاز چوڭ بولدۇم، ئەمما مىدىرلىشىم مۇمكىن ئەمەس، ئانام تېخىچە بىلمىدى، ھازىر ئۇنىڭ ئۇنىڭ قېنى بىلەن چوڭ بولىۋاتىمەن. ئۇنىڭ يۈرىكىدىن كەلگەن ئىسسىق قان ماڭا ئېقىپ كىرىۋاتىدۇ. بۇ يۈرەكنىڭ مېنى چوقۇم بەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئانام مېنى كۆرسە چوقۇم خۇش بولىدۇ.
    23- ئۆكتەبىر: مەن كۆرەلمەيدىغان بىر غايىۋانە قول مېنىڭ ئېغىزىمنى يارىتىۋاتىدۇ، لەۋلىرىمنى، تاماقلىرىمنى.... ئويلاپ بېقىڭلارچۇ، بىر يىلدىن كېيىن بۇ ئېغىزىمدىن تەبەسسۇملار تۆكۈلىدۇ، ھەر خىل سۆزلەر تۆكۈلىدۇ، ئەڭ ئاۋال " ئانا!" دەيمەن. ئانا!! گېپىمنى ئاڭلاۋاتامسەن؟ بۇ ئېغىزلىرىمدا  ئانامنىڭ كۆكسىدىن چىققان سۈتنى ئىمىمەن، يەنە ناننىڭ كىچىك ئۇۋاقلىرىنى يەيمەن. شۇنداقمۇ ئانا؟ ھەي تېزراق گەپ قىلالىسامتىم!؟!؟
    27- ئۆكتەبىر: بۈگۈن مەن بەك خۇشال،  تولىمۇ ھاياجانلىنىۋاتىمەن، ھازىر بىر يۈرىكىممۇ بار بولدى، سوقۇشقا باشلىدى. ئەمدى بىر ئۆمۈر مۇشۇنداق گۈپۈلدەپ سوقىدۇ. بۇ يۈرىكىمنى سۆيگۈ ۋە مېھىر-مۇھەببەت بىلەن تولدۇرىمەن. خۇددى ئانامنىڭ يۈرىكىگە ئوخشاش. ئانام بەدىنىدە ھازىر ئىككى يۈرەكنىڭ سوقۇۋاتقانلىقىنى بىلسە قانچە خۇش بوپ كېتەر-ھە ؟!   
    2-نويابىر: ھەر كۈنى ئاز-ئازدىن چوڭ بولىۋاتىمەن. قول-پۇتلىرىممۇ شەكىللىنىشكە باشلىدى. قوللىرىم يەنە ئازىراق چوڭ بولسۇنچۇ قېنى، سېنى قانداق قۇچاقلايدىكەنمەن ئانا، شۇ پۇتلىرىممۇ بىر تولۇق چىقسۇنچۇ، سەن بىلەن ھويلىمىزدا قوغلىشىپ ئوينايمەن .
    12- نويابىر: ۋاھ!! نېمىدىگەن پەيزى، بارماقلىرىممۇ چىقىشقا باشلىدى، بۇ بارماقلىرىم بىلەن ئەڭ گۈزەل گۈللەرنى ئۈزىمەن، ئانامنىڭ قوللىرىنى چىڭ سىقىمدايمەن، قەلەم تۇتىمەن، تېخى گۈزەل شېئىرلارنى يازىمەن.  ئانا ئاڭلاۋاتامسەن، قوللىرىڭنى تۇتۇش ئۈچۈن بەكمۇ تاقەتسىزلىنىۋاتىمەن جېنىم ئانا .   
    20-نويابىر: ئۇف !ئانام ئاخىرى دوختۇرخانىغا كەلدى، مېنىڭ بارلىقىمنى ئۇقتى. دوختۇر ئاجايىپ، ئالاھىدە بىر ئۈسكۈنە بىلەن مېنى كۆردى، ھەتتا رەسىمىمنىمۇ تارتىۋالدى. خۇش بولدۇڭمۇ ئانا؟يەنە بىر يىلغىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە دادام ئىككىڭلارنىڭ قوللىرىدا بولىمەن...
     25- نويابىر: داداممۇ مېنىڭ بارلىقىمنى ئۇقۇپتۇ، ئەمما قىز ئىكەنلىكىمنى تېخى بىلمەيدۇ. ئۇلارنى ھەيران قالدۇرۇۋېتىمەن.
    10-دېكابىر: بۈگۈن يۈزۈم پۈتۈنلەي پۈتۈپ بولدى، ئىككى كۆزۈم، كىچىككىنە بىر بۇرنۇم، مەڭزىم ۋە ئويماقتەك ئاغزىم بار، ھى ھى ھى چوقۇم ئانامغا ئوخشايمەن .
     13-دىكابىر: ھازىر ئەتراپىمغا قارىيالايمەن، تۆت چۆرەم قاپقاراڭغۇ، مەيلى شۇنداقتىمۇ يەنىلا بەختلىكمەن .ئاز كۈنگە قالماي قۇياش نۇرىنى كۆرىمەن، ھەرخىل رەڭلەرنى، گۈللەرنى كۆرىمەن. يەنە تېخى ھەرخىل ئوماق قونچاقلارنى ئوينايمەن....
     ئانو!! دادو!!! سىلەرنىڭ چىھرىڭلارنىمۇ كۆرىمەن. چوقۇم بەختلىك بولىمىز.
     24- دىكابىر: ھازىر قۇلاقلىرىممۇ ئاڭلىيالايدىغان بولدى. ئانا سېنىڭ يۈرەك سوقۇشلىرىلىڭنى ئاڭلاۋاتىمەن. مېنىڭ يۈرەك سوقۇشلىرىمنى سەنمۇ ئاڭلاۋاتقانسەن-ھە؟ مەن ھازىر ئاۋازىڭنى تونۇيالايمەن، ئاۋازىڭ بەك چىرايلىق ھەم تاتلىق جېنىم ئانا. مەنمۇ چوقۇم ساغلام ۋە تاتلىق بىر قىز بولىمەن، قوللىرىڭدا يۇۋاشلىق بىلەن ئۇخلايمەن، يۈزۈڭگە قاراپ ياتىمەن، تاتلىق ئاۋازىڭنى ھەر كۈن ئاڭلايمەن، يەنە ماڭا ئەللەي ناخشىسى ئېيتىپ بېرىسەن شۇنداقمۇ  ئانا؟ مېنى چوقۇم تولىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسەن ئانا !!!
     28- دىكابىر: ئانا غەيرى بىر ئىشلار يۈز بېرىۋاتىدۇ، دوختۇر ئايال غەمكىن ھالدا بېشىنى چايقاپ ماڭا قاراۋاتىدۇ. ئانا سەن نېمە بولدۇڭ، يۈرەك سوقۇشۇڭ تېزلىشىپ كەتتىغۇ ؟ نېمىشقا  گەپ قىلمايسەن ئانا؟! ئانا ! ئانا !! يۈزۈمگە مۇزدەك سوغۇق بىر نەرسە تېگىۋاتىدۇ. ئانا ! ئانا !يۈزۈمنى كېسىۋاتىدۇ، ئانا ئۇلارغا گەپ قىل، ئاھ!!!! قول-پۇتلىرىمنى پارچىلاشقا باشلىدى، جېنىم  چىقىۋاتىدۇ، ئانا! ئانا! مېنى قۇتقۇزۇۋال، مېنى ساڭا باغلاپ تۇرغان تومۇرنى ئۈزىۋەتمەكچى بولىۋاتىدۇ... ئانا !! ئا.....نا....... ئاھ !!!
     -- مۇبارەك بولسۇن خانىم !! ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپىراتسىيىڭىز مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى



مەنبە بۇيەرگە كېرىڭ



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قاراكۆز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى 20:42  


ئەمدى سىز يوق شەھەرماڭاتارلاشتى...مەن كۈتىمەن...

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
424 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
0
يازما
886

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى 11:23:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر تەندە ئىككى يۈرەك. . .  بۇ پەقەت ئانىلارلا مۇيەسسەر بۇلالايدىغان شەرەپ !
ئاخىرنى ئۇقۇپ كۆزۈمگە ياش كەلدى. تامغىلىۋىتەي دىسەم تەۋسىيە تىمىكەن

Rank: 1

توردا
567 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
740
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى 11:48:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەيييييييييييي، شۇ ئانا بىلسە ئىدى ئاشۇ يۈرەك پارىسىنىڭ نالىسىنى، ئۇنىڭ ئاھۇ زارىغا قۇلاق سالسا ئىدى، ئۆزىمۇ بەخىتلىك بولار ئىدى، ئانا- نەقەدەر ئۇلۇغ ئاتالغۇ ھە، بىراق ئاشۇ يۈرەك پارىسىنى ، ئۆز قولى بىلەن نابۇت قىلىدىغان ئانىلارنى قانداق چۇشەنسەك بولاركىن؟  
مەنمۇ ،يىقىندىلا مۇشۇنداق بىر ئانىنى ئۇچراتتىم، توسىۋالغۇم بار ئىدى، خىلى ئۇرنۇپ باقتىم يەنىلا ئامال قىلالمىدىم،  شۇ دەقىقىلەردە يۈرىگىم شۇنداق ئىچىشقان ئىدى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
495 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1893

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى 12:25:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېقندا مەنمۇ شۇنداق بىر ماتىرىيال ئوقۇغانىدىم ، ئامرىكا مۇتەخخەسسلىرى تەتقىق قىلىشىچە ، ھامىلە ئۆلتۈرۈلۈش جەريانىدا قۇتقۇزۇش سىگنالى بېرىدىكەن ، ئۇنى ئۇلتىرا دولقۇن بىلەن تەكشۈرۈپ بىلگىلى بولىدىكەن . شۇ چاغدا ئۇماقالىنى ئوقۇپ يۈرۈگۈم ئاغرىپ كەتكەنىدى ...بۇ تېمىنى ئوقۇپ تېخىمۇ بىئارام بولۇپ كەتتىمغۇ

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1429 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى 20:43:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئارتۇق گەپ قىلماي، ئوقۇپ شۇنچىلىك يىغلىۋەتتىمكى سەۋەبى بىر ئۆزۈمگە ئايان، ئاللاھ گۇناھكار بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى مەخپىرەت قىلغاي!

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2099
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى 14:53:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئىشلەۋاتقان يېزىنىڭ مەلۇم بىر كەنتىدە ئۈچ قىزى بار بىر ئەزايىمىز،بىر ئوغوللاق بۇلىشىنى ئارزۇ قىلىپ،ئاغرىۋالغان قىياپەتكە كىرىپ قۇساق كۆتۈرۈپ، قوساقتىكى بالا يەتتە ئايلىق بولغاندا بىرەيلەننىڭ ھۆكۈمەت ئورنىغا چېقىپ قۇيىشى سەۋەبى ئۇكۇل بىلەن چۈشۇرۋىتىلەندىن كىيىن بىر مەزگىل ئۇ ئايال باشقىچە(روھى چەھەتتىن) بوپ قىلىپ ،بىز ئاساسى قاتلام كادىرلىرىغىمۇ تەسىرى خېلى چوڭ بولغان،ئۇ ئايالغا شۇنچىلىك ئىچىم ئاغرىغان زادى

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 1

توردا
127 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
569
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى 18:15:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ  شۇ  ئاللاھغا  تۆۋە  قىلىمەن.دۇسلار  پىلانلىق  تۇغۇت  دىگەن  گەپ  بار  ئەمەسمۇ.......ھەي....ئۇھ

Rank: 1

توردا
0 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى
نادىر
0
يازما
3
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى 15:32:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇغۇلالمىغان  بوۋاق تىزلا ئۇنتۇلۇپ كېتىپ بۇ ئائىلىگە يېڭى بىر بوۋاق قوشۇلدى .

ئەسەر ئاپتورىدىن 7 قىزلىرىمغا سالام

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 01:00 , Processed in 0.071500 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش