يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1347|نەقىل: 11

دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئايالنى كۆرۈپ باقامسىز؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
567 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
740
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى 13:23:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن سىزگە دەپ قوياي، سىزئالداندىڭىز! بۇ يەردە قانداقتۇر بىر گۈزەل ئايالنىڭ رەسىمى يوق. ئەمما سىز ئانىڭىزنى ئەڭ گۈزەل ئايال دەپ بىلسىڭىز داۋامىنى كۆرۈڭ:  
ئانىڭىز بىرئۆمۈر سىزگە نېمە قىلىپ بەردى؟ بىلەمسىز؟ بىر ياش ۋاقتىڭىزدا،ئانىڭىز سىزگە سۈت بېرىپ پەپىلەپ باقتى، ئەمما سىز بۇنىڭ بەدىلىگە ھەر ئاخشىمى يىغلاپ بەردىڭىز.

ئۈچ ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز سىزگە كۆيۈنۈپ بىر قاچا تاماق ئېتىپ بەردى، ئەمما سىز بۇنىڭ بەدىلىگە ئېتىپ بەرگەن تاماقنى يەرگەتۆكۈۋەتتىڭىز.

تۆت ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز سىزگە رەڭلىك قەلەم ئېلىپ بەردى، ئەمما سىز بۇنىڭ بەدىلىگە ئۆينىڭ تاملىرىغا ھەرخىل رەسىملەرنى سىزىپ قويدىڭىز.

بەش ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز سىزگە چىرايلىق كېيىم-كىچەكلەرنى ئېلىپ بەردى،ئەمما سىز بۇنىڭ بەدىلىگە كۈندە پاتقاق يەرلەردەئوينىدىڭىز.

يەتتەياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز سىزگە توپ ئېلىپ بەردى،ئەمما سىز بۇنىڭ بەدىلىگە توپ بىلەن قوشنىڭىزنىڭ دەرىزىسىنى چېقىۋەتتىڭىز.

توققۇز ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز نۇرغۇن پۇل خەجلەپ سىزگە رويال ئېلىپ بەردى، ئەمما سىز بۇنىڭ بەدىلىگە بىر ئىككى قېتىم چېلىپ قويۇپ مەشىقنى داۋاملاشتۇرمىدىڭىز.

11 ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز دوستلىرىڭىز بىلەن بىرگە سىزنى كىنو كۆرۈشكە ئاپاردى، ئەمماسىز بۇنىڭ بەدىلىگەئاپىڭىزنى باشقا رەتتىكى ئورۇندا ئولتۇرۇشقا بۇيرىدىڭىڭز

13 ياش ۋاقتىڭىزدا،ئانىڭىز سىزگە چېچىڭىزنى قىسقارتىشىڭىزنى جىكىلىدى، ئەمماسىز ئانىڭىزنى ھازىرقى مودا بولۇۋاتقان چاچ پاسونلىرى بىلمەيسەن دىدىڭىز  

14ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز سىزنىڭ بىر ئايلىق يازلىق لاگىر پۇلىڭىزنى تۆلىۋەتتى، ئەمماسىز بۇ بىر ئاي ئېچىدە بىرقېتىممۇ ئانىڭىزغا تېلفون قىلىپ  
قويمىدىڭىز  

15ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز ئىشتىن چۈشۈپ كىلىپ سىزنى بىرقوچاقلاپ قوياي دىۋىدى، ئەمما سىز ئارقىڭىزغا بۇرۇلۇپلا ھوجرىڭىزغا كېرىپ كەتتىڭىز.   
17ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز بىر مۇھىم تېلفوننى ساقلاۋاتقان ئىدى، ئەمماسىز تېلفوننى قۇچاقلىغان ھالەتتە دوستىڭىز بىلەن بىر كېچەپاراڭلىشىپ چىقتىڭىز.  ~  
18 ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىزسىزنىڭ تولۇق ئوتتۇرامەكتەپنى پۈتتۈرگىنىڭىزدىن مەمنۇن بولۇپ كۆز يېشى قىلدى، ئەمما سىزسىرتتادوستلىرىڭىز بىلەن بىركېچە ئولتۇرۇش ئويناپ كەلدىڭىز.   
   

19 ياش ۋاقتىڭىزدا،ئانىڭىز سىزنىڭ ئالي مەكتەپ ئوقۇش پۇلىڭىزنى تۆلەش بىلەن بىرگە سىزنى مەكتەپكەئاپىرىپ قويدى، ئەمما سىز ساۋاقداشلىرىڭىز ئالدىدا خېجىل بولۇشتىن قورقۇپ ئانىڭىزنى يىراقتىنلا يولغا سېلىپ قويدىڭىز.

20 ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىزسىزدىن:" كۈندە نەگە بېرىۋاتىسەن؟" دەپ سورىسا، " سەندەك بولۇپ قىلىشنى خالىمايمەن" دەپ جاۋاب بەردىڭىز

   23 ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز سىزنىڭ يېڭى ئۆيىڭىزگە بىر يۈرۈش ئائىلە جاھازلىرى ئېلىپ بەردى، ئەمما سىزنىڭ دوستلىرىڭىزغا بۇ نەرسىلەرنى ياراتمايدىغانلىقىڭىزنى ئېيىتتىڭىز.
   
30 ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىزسىزگە بالىنى قانداق بېقىش كېرەكلىكى ھەققىدە تەلىم بەردى، ئەمما سىز "ھازىر دەۋر ئوخشىمايدۇ" دەپ جاۋاب بەردىڭىز.  

   40 ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىزتوغۇلغان كۈن خاتىرىسىگە سىزنى تەكلىپ قىلدى، ئەمما سىز ئالدىراش ئىكەنلىكىڭىزنى ئېيىتتىڭىز.   
  
50 ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز تولا ئاغرىقچان بولۇپ قالدى، ئەمما سىزبالىلىرىڭىزنىڭ غېمىدەئالدىراش.l  

ئاخىرى ئانىڭىز بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى، سىز توساتتىن ئانىڭىزئۈچۈن ئەزەلدىن قىلىپ باقمىغان ئىشلىرىڭىزنى ئويلاپ، قاتتىق ئازاپ چەكتىڭىز.
ئەگەر سىزنىڭ ئانىڭىزھايات بولسا بۇندىن كېيىن چوقۇم تېخىمۇ بەك كۆيۈنۇڭ،قەدىرلەڭ.

مۇبادا ئانىڭىز  سىزدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلغان بولسا ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ئانا مېھىرى دۇنيادا ھەممدىن ئۇلۇغ. ئانىڭىز دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل  ھەممىدىن مىھرىبان ئايال!

مەنبە: تور دۇنياسى(كەڭساي مۇنبىرى)


ئىگمىز ھەممەيلەننى ئانىلىرىمىزنى قاخشىتىشتىن  ساقلىسۇن خىزمىتىنى ياخشى قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلسۇن

Rank: 1

توردا
91 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
0
يازما
338
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى 14:42:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيادىكى گۇزەل ئايال كىم بولغۇيتى دەپ ئالدىراپلا كىرسەم ،ئەسلىدە ئانىلىرىمىزنى تەسۋىلىگەن ئەدىبىي ئەسەركەن ئەمەسمۇ،تېما ئىگىسىگە قايىل بولدۇم.ئانىلىرىمىزنى قەدىرلەش بىز پەرزەنتلەرنىڭ باش تارتىشقا بولمايدىغان مەسئۇليىتىمىز،بۇنى قەتئى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ.

Rank: 1

توردا
34 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
69
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى 15:13:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئايال بولۇشقا ئەلۋەتتە ئاشۇ پەرىشتە سۈپەت ئانىلىرىمىز ئەڭ مۇۋاپىق! ئۇلۇغ ئاللاھ شۇ ئانىلارنىڭ ئەزىز تېنىنى سالامەت،ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلغاي. كەتكەنلىرىنىڭ ئىمانىنى سالامەت،ياتقان يىرىنى جەننەت قىلغاي.ئامىن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قاراكۆز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى 15:14  


ئەمدى سىز يوق شەھەرماڭاتارلاشتى...مەن كۈتىمەن...

Rank: 1

توردا
2 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
0
يازما
5
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى 15:24:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئانامنىى ئەڭ گۇزەل دەپ ئۇيلايمەن،ئانام بىر پەرىشتە

Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2099
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى 19:11:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
未命名11111.jpg

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 1

توردا
127 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
569
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى 14:36:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 1

توردا
127 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
569
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى 14:38:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ رەسىم بەك ماس كەپتۇ.گۈلئايىمنىڭ بۇ تىمىسىغا تەشەككۈر

Rank: 1

توردا
567 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
740
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى 14:49:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە مودەن قىز، مەن سىزنىڭ رەسىملىرىڭىزنى كۆرەلمىدىمغۇ؟ رەسىم ئورنىلا با، رەسىم يوق!

Rank: 1

توردا
127 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
569
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى 16:22:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچۈرۈڭ شۇنداق چىرايلىق بىر ئۇيغۇر ئانىنىڭ رەسىمىنى يوللاپ ھىچ چىقىرالمىدىم

Rank: 1

توردا
127 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
569
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى 16:23:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەلكىم مەن قىلالمىدىم بولغاي

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 02:04 , Processed in 0.056156 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش