يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 318|نەقىل: 6

جۇڭگو ئاياللىرى لايىق تاللاشتا بارغانسېرى قۇسۇرچى بولۇپ كەتتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
974 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1702
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى 10:24:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

جۇڭگو ئاياللىرى لايىق تاللاشتا بارغانسېرى قۇسۇرچى بولۇپ كەتتى

مۇھىم مەزمۇنى: ئىلگىرى ئاياللارنىڭ توي ئىشىنى ئاتا- ئانىسى بېكىتەتتى. مەيلى يېشىڭىز قانچە چوڭىيىپ كەتسۇن، ياكى بىر كۆزىڭىز كۆرمەس بولۇپ قالسۇن، سىز ھامان توي قىلاتتىڭىز. ئەمما ھازىر، ئەگەر مۇۋاپىق لايىق تاپالمىسىڭىز توي قىلالمايسىز.
ئامېرىكا «سودا ھەپتىلىك ژۇرنىلى» نىڭ تور پونكىتىدا 14- ئىيۇن ئېلان قىلىنغان ماقالە، ئەسلى تېمىسى: جۇڭگودىكى لايىق تاللاش مەيدانىدا، ئاياللار بارغانسېرى قۇسۇرچى بولۇپ كەتتى
58 ياشقا كىرگەن جاڭ پېيجۈەن (ئاھاڭ تەرجىمىسى) شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى باغچىسىدا توپلانغان مىڭلىغان كىشى ئىچىدىن لاياقەتلىك بىر ھەمراھ تېپىشنى ئارزۇ قىلاتتى. «ئۇنىڭ تولۇق كۇرس ئوقۇش تارىخى بولۇشى، بوي ئىگىزلىكى 1.75 مېتىر ئەتراپىدا بولۇشى، چوقۇم ئۆيى بولۇشى كېرەك.» دېدى ئۇ. ئۇ 28 ياشقا كىرگەن قىزى ئۈچۈن ئەر تاپماقتا ئىدى، - «قىزىم ياقتۇرغۇدەك كىشى چىقسىلا، مەن بېرىپ ئۇنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى سورىۋالىمەن».
جاڭ پېيجۈەن قاتناشقان شاڭخەيدىكى بۇ قېتىملىق ئەڭ چوڭ كۆلەملىك لايىق تاللاش پائالىيىتى 38 مىڭ كىشىنى جەلپ قىلدى. ئۇيۇشتۇرغۇچىنىڭ مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگودىكى بۇ ئەڭ باي شەھەر، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان پۇل مۇئامىلە مەركىزى ۋە ئەڭ چوڭ پورتتا، بۇ يىللىق توي قىلىشنى تىزىملاتقانلارنىڭ سانى شىددەت بىلەن %17 ئازلاپ كەتكەن. «شاڭخەي جەمئىيەتتە كەڭ كۆلەمدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىدىغان ئالدىنقى سەپتە تۇرماقتا، جۇڭگودىكى نۇرغۇن شەھەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق.» دېدى چىڭخۇا – برۇكىڭس ئاممىۋى سىياسەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى رېن ۋاڭفېڭ.
تېخىمۇ يۇقىرى تەربىيە سەۋىيەسى، كەسپىگە بولغان ئىخلاسمەنلىك ۋە تېخىمۇ يۇقىرى كۈتۈلمە قىممەت شەھەرلىكلەرنىڭ كېچىكىپ توي قىلىشى ۋە ئاز پەرزەنت كۆرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. شاڭخەيدىكى لايىق تونۇشتۇرۇش ئورگىنىنى باشقۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى جوۋ جۆمىن مۇنداق دېدى: تېخىمۇ ياخشى تەربىيەلىنىش پۇرسىتى تېخىمۇ كۆپلىگەن ئاياللارغا جۆرە تاللاش ئىقتىدارى ئاتا قىلدى. ئىلگىرى ئاياللارنىڭ توي ئىشىنى ئاتا- ئانىسى بېكىتەتتى. مەيلى يېشىڭىز قانچە چوڭىيىپ كەتسۇن، ياكى بىر كۆزىڭىز كۆرمەس بولۇپ قالسۇن، سىز ھامان توي قىلاتتىڭىز. ئەمما ھازىر، ئەگەر مۇۋاپىق لايىق تاپالمىسىڭىز توي قىلالمايسىز.
«جۆرە تاللاشتا ئەر- ئاياللار ھەمىشە تەلەپنى يۇقىرى قويۇۋالىدۇ.» - دېدى ئەسىر قۇت تەقدىر تورىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى گوڭ خەييەن. بۇ تور بەت توققۇز يىل ئىلگىرى قۇرۇلغان چاغدا، ئاياللار ئۆيى بولسۇن دېگەن تەلەپنى جۆرە ئىزدەشنىڭ بىر ئۆلچىمى قىلىۋالاتتى، ئەمما ھازىر ئاساسلىق ئۆلچەمنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئەنخۈيلىك ئەر خۇاڭ خەنسېن (ئاھاڭ تەرجىمىسى) مۇ مۇشۇنداق قاراشتا بولدى: «ئۇلارنىڭ بىلمەكچى بولغان تۇنجى ئىشى سىزنىڭ ئوبدانراق خىزمىتىڭىز بارمۇ، ئىش ھەققىڭىز قانچىلىك، ئۆيىڭىز بارمۇ دېگەنلەردىن ئىبارەت. ئاياللار مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنى قاندۇرالايدىغان جۆرە ئىزدەيدۇ، بۇنداق بولغاندا ئۇلار بىر قەدەر راھەت تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ.»
گەرچە بىر قىسىم ئاياللار ھازىر كىچىكىپ توي قىلىشقا مايىل بولسىمۇ، ئەمما ياش ۋاقتىدا ئەرگە تېگىش يەنىلا ئەڭ ياخشى تاللاشتۇر دەپ قارالماقتا. «ئاياللار ياش ۋاقتىدا تولىمۇ قۇسۇرچى بولۇشى مۇمكىن.» - ئەنخۈيلىك ئەر خۇاڭ خەنسېن (ئاھاڭ تەرجىمىسى) - «ئەگەر سىز ئەڭ قىممەتلىك چېغىڭىزدا ئۆزىڭىزنى ‹ساتالمىسىڭىز›، ئۇ ھالدا ئالتۇندەك ۋاقتىڭىزدىن مەھرۇم قېلىشىڭىز مۇمكىن. بىز ئەرلەرگە نىسبەتەن تاللىغۇدەك نۇرغۇن ئاياللار بار. ئەگەر سىز 26 ياشلىق ئايال ئىزدىمەكچى بولسىڭىز، 28 ياشلىقنى ئىزدىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.»


قاشتېشى تورى


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1429 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى 10:23:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇسۇرنى جىق تاپقاچقا ئايپاتەملەر جىقىيىپ كېتىپ بارىدۇ-دە شۇ

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 3Rank: 3

توردا
96 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
396
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى 12:05:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شاڭخەيدە تۇرمۇش رېتىمى تىز، ھەپتىدە بىر كۈرۈشىدىغان ئەر-خۇتۇنلار جىق دەپ ئاڭلىغان ئىدىم.
جۆرە تاللاشتا، ھازىر ھەممە ئادەم ماددىلىقنى كۆپرەك ئويلىشىدىغان بوپ قالدى،ۋاقتى كەلسە،  ھىچكىم ئۆز قىزىنىڭ جاپا تارتىشىنى خالىمايدۇ .

Rank: 8Rank: 8

توردا
170 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
983

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى 18:28:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پائالىيەتنىڭ سىن فىلىمىنى توردا كۆرگەنىدىم.  نىكاھ، تۇرمۇش ئىشىغا بىرنىمە دەپ بولغىلى بولمايدۇ. ھازىر كىشلىك ئەركىنلىك بەك تەرغىپ قىلىنىدىغان بولۇپ كەتتى، خەقنىڭ ئېشىغا ياخشى نىيەتتە ئارلىشىپ قويسا بۇرنىغا يەيدىغىنى ئېنىق. بولۇپمۇ مۇشۇنداق ھېسيات ئىشلىرىغا كەلسە.
ئاللا ئىگەم چوكىنى جۈپ يارىتىپتىكەن. ئىنسانلارنىڭمۇ ئۆز جۆرىلىرىنى باردۇر.

بىر ئۇستاز ئۇچرىشىپ دوزاخ ھەم بېھىش،ئۆزەڭدە دىدى ئۇ ئېزىپ يۈرمىگىن -ھەييام

Rank: 3Rank: 3

توردا
198 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
364
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى 20:24:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېلىقى بىر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ھېلىقى بىر پىروگراممىسى بار، 50 قىز ئولتۇرۇۋېلىپ ئەر تاللايدىغان.... بىچارە ئەرلەر ياخشىچاق بولۇپ ئۆزلىرىنى تونۇشتۇرۇپ كېتىۋاتقان... ھېلىقى خېنىملار نومۇر قويۇپ كېتىۋاتقان.... چىشلىرىم غۇچۇرلاپ كېتىدۇ كۆرسەم...   مەن بولسام، ئۆمۈر بويى خوتۇنسىز قالىدىغان ئىش بولسىمۇ شۇنداق يەرگە كىرمەيتتىم.... كىر دېسە، ئۆزەم يالغۇز ئولتۇرۇپ، 50 قىزدىن تاللايدىغان پىروگرامما بولسا ئويلىشىپ باقاتتىم...

Rank: 3Rank: 3

توردا
147 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
432
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى 23:48:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

« شەرت قويۇشقا ئەرزىمەيدىغان ، كىلىشكەن ئەمەس ، ئۆيى خىزمىتى پۇلى يوق ئەرلەرمۇ ھەممە نىمىسى تەل ئەرلەرگە ئوخشاش ئەسكى تۇرسا نىمىشقا كىلىشكەن ئەمەس ، ئۆيى خىزمىتى پۇلى يوقنى تاللايمىز ، شەرتى تۇلۇقنى تاللىغاندا ھىچ بولمىغاندا سۇنغان كۆڭۈلنى ياسىنىش بىلەن ئابرويغورلۇق بىلەن بولسىمۇ ئازراق ئاۋۇندۇرغىلى بولىدۇ »  ... بىر يەردە مۇشۇنداق بىر نەرسە ئوقۇغىنىم ئىسىمدە ...

Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2099
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى 09:17:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر سىز 26 ياشلىق ئايال ئىزدىمەكچى بولسىڭىز، 28 ياشلىقنى ئىزدىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق
مانى ماڭا قارتىپ دىگەندەكلا

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 08:57 , Processed in 0.054121 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش