يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 767 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 537|ئىنكاس: 0

2010 -يىللىق 10چوڭ Blog نى باھالاش تەييارلىقى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1860

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى 07:26:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

2010 -يىللىق 10چوڭ Blog نى باھالاش تەييارلىقى

Blog دىن ئىبارەت بۇ يېڭى شەيئى ئارىمىزدا قانچىلىك تېز پەيدا بولغان بولسا، شۇنچىلىك تېز تەرەققىي قىلدى. ھەش – پەش دېگۈچە ئۇيغۇر بلوگگىر ( Blogger، بلوگ نەشىر قىلغۇچى، بلوگ يازغۇچى ) لار قوشۇنىمۇ تېز زورايدى. كۆركەم لايىھىلەنگەن، مەزمۇنى رەڭدار، پايدىلىقلىقى يۇقىرى بلوگلار ئارقا – ئارقىدىن بارلىققا كەلدى. Blog بىزگە يېڭىچە ياشاش، ئۆگىنىش، خىزمەت قىلىش ئۇسۇلى ئاتا قىلىپ،بلوگ بىزنىڭ ئۆزىمىزنى ئىپادىلەيدىغان، ئۆز – ئارا پىكىر ئالماشتۇرىدىغان، ھەمكارلىشىدىغان يېڭىچە سورۇنىمىز بولۇپ قالدى. Blog بارغانسېرى كۆپ كىشىلەرنىڭ قوبۇل قىلىشى ۋە ئالقىشىغا ئېرىشىپ، ھاياتىمىزغا ئۈزلۈكسىز تەسىر كۆرسەتمەكتە. قىسقىسى، Blog ھاياتىمىزغا تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ سىڭىپ كىرمەكتە.
كۆپچىلىكنىڭ ئېسىدە بولغىنىدەك، يۈكسەل بلوگى 2008 – يىلى تارىختا تۇنجى قېتىم ‹‹ ئۇيغۇرلاردىكى 10 – چوڭ بلوگنى باھالاپ چىقىش پائالىيىتى ›› مۇۋەپپەقىيەتلىك تەشكىللەپ، كەڭ تورداشلارنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز بېرىشى نەتىجىسىدە ‹‹ 2008 – يىللىق 10 چوڭ بلوگ ›› نى باھالاپ چىققان ئىدى. بۇ قېتىملىق باھالاش پائالىيىتى Blog نى ئۇيغۇر تورداشلارغا تونۇشتۇرۇش، تېخىمۇ كۆپ ئوقۇرمەننى ئۇيغۇر Blog لىرىغا جەلپ قىلىش، ئۇيغۇر Blog لىرىنىڭ ئۆزىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇشقا ئوخشاش بىر قاتار ئىجابىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى.
ئۆتكەن يىلى دىيارىمىزدىكى بلوگگىرلار ‹‹ ئۇزۇن مۇددەتلىك دەم ئېلىش ›› قا قويۇپ بېرىلگەن بولغاچقا، تارىختىكى ‹‹ 2009 – يىللىق 10 چوڭ بلوگ ›› بېتى ئاق قېلىشقا توغرا كەلدى. 2010 – يىللىق تور مۇساپىمىز 5 – ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئاندىن باشلانغان بولسىمۇ ، ‹‹ 2010 – يىللىق 10 چوڭ بلوگ ›› ۋاراقلىرىنى يەنىلا ئاق قويۇشقا كۆڭلىمىز ئۇنىمىدى. شۇڭا بىز ‹‹ ئۇيغۇرلاردىكى 2010 – يىللىق 10 چوڭ بلوگ باھالاش ›› پائالىيىتىنى تەشكىللەشنى قارار قىلدۇق.
مەزكۇر تېما ئېتىبارىدا بىز كەڭ بلوگگىر دوستلار، كەڭ ئوقۇرمەن تورداشلاردىن مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدە تەكلىپ – پىكىر قوبۇل قىلماقچىمىز.

بۇ پائالىيەت ھەققىدە بىزنىڭ دەسلەپكى ئويمىز:
1. يۈكسەل بلوگ 2008 – يىلى ھەم تەشكىللىگۈچى ھەم پائالىيەتكە قاتناشقۇچى بولغان ئىدى. بۇ يىلدىن باشلاپ، مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ھەقىقى ئادىل ۋە نوپۇزلۇق بولۇشىنى كۆزدە تۇتۇپ، يۈكسەل بلوگ ھەر يىللىق ‹‹ 10 چوڭ بلوگنى باھالاش ›› نى تەشكىللەيدۇ. ئەمما، ئۆزى بۇ پائالىيەتكە قاتناشمايدۇ.
2. بۇ يىلدىن باشلاپ بۇ پائالىيەتنى ھەرقايسى كارخانا – شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزۈپ، ئاخىرىدا ‹‹ 10 چوڭ بلوگ ›› شەرىپىگە ئېرىشكەن بلوگلارنى ماددىي جەھەتتىن رىغبەتلەندۈرۈش ئويمىز بار. شۇڭا، مۇشۇ خىل پائالىيەتكە ھەمكارلىشىش ئىستىكى بار شىركەت – كارخانىلارنىڭ بىز بىلەن ھەمكارلىشىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
3. پائالىيەت 3 باسقۇچ بويىچە ، ئۇدا 3 ئاي ئېلىپ بېرىلىپ، نەتىجە كېلەر يىلنىڭ يېڭى يىل كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ.
بىرىنچى باسقۇچ: بلوگ نامزاتلىرىنى كۆرسىتىش باسقۇچى بولۇپ، بلوگگىرلار ئۆز بلوگىنى كۆرسەتسىمۇ ياكى ئوقۇرمەنلەر ئۆزلىرى ياقتۇرىدىغان بلوگلارنى كۆرسەتسىمۇ بولىدۇ. بۇ باسقۇچ 11 – ئاينىڭ بېشىدىن ئاخىرغىچە داۋاملىشىدۇ.
ئىككىنچى باسقۇچ: نامزات بلوگلارنى ئاۋازغا قويۇش باسقۇچى . بۇ باسقۇچ 12 – ئاينىڭ بېشىدىن 25 – كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.
ئۈچىنچى باسقۇچ: 12 – ئاينىڭ 25 – كۈنىگىچە بولغان باھالاش بېلەت – ئاۋازلىرى ستاتىستىكا قىلىنىپ ، 2011 – يىلى 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ‹‹ http://www.yuksel.me/982.html”>ئۇيغۇرلاردىكى 2010 – يىللىق 10 چوڭ بلوگ ›› رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ.

يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاشقا تەكلىپ – پىكىر قوبۇل قىلىمىز
1. يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاشنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟
2. 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتىنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى قانداق بولسا مۇۋاپىق؟
3. مەزكۇر پائالىيەتنىڭ باھالاش نەتىجىسى قانداق بولغاندا تېخىمۇ نوپۇزلۇق ۋە قايىل قىلارلىق بولىدۇ ؟
4. باھالاش كۆرسەتكۈچلىرى قانداق بولۇشى كېرەك ؟
… … …
مانا يۇقىرىقى سۇئاللارغا ئائىت ۋە ياكى مەزكۇر پائالىيەتكە ئالاقىدار ھەرقانداق تەكلىپ – پىكىرىڭىز بولسا دادىل ئوتتۇرىغا قويۇشىڭىزنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز. چۈنكى سىزنىڭ يول كۆرسىتىشىڭىز ۋە قاتنىشىشىڭىز بولغاندىلا بۇ پائالىيەت تېخىمۇ ئادىل ، تېخى مۇۋاپپەقىيەتلىك تەشكىللەنگۈسى!

مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تەشۋىقاتىغا كۈچ قوشۇشنى خالىغۇچىلار ئۈچۈن تەشۋىقات رەسىملىرى









ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: 2010 – يىللىق 10 چوڭ Blog نى باھالاش تەييارلىقى


ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 09:43 , Processed in 0.056116 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش