يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 762 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 737|ئىنكاس: 6

بۈگۈن مەن ئىلگىركىگە ئوخشىمايمەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
215 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
559

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى 21:55:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن مەن ئىلگىركىگە ئوخشىمايمەن،مەن شۇنى تونۇپ يەتتىمكى،ئادەم ئەمىلىيەتتە ئۆز ئىدىيەسىنىڭ بېقىندىسى ئىكەن.شوڭا مەن ئۆز ئىدىيەمنىڭ خوجايىنىغا ئايلىنىپ،ئىدىيەمنى شادلىققا ۋە ئۇمىدكە تولدۇرىمەن.تۇرمۈشتىكى تۇرلۈك قۇلايسىزلىقلاردىن خاپىغان بولماي،تۇرىۋاتقان مۇھىتنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتمەي،غەم-خاپىلىقنى كاللامدىننېرى قىلىپ،ئۇمىدۋارلىقنى ئۆزەمگە ھەمراھ ،مۇۋەپىقىيەتنى ئۆزۇمگە بەلگە قىلىمەن.
    بۈگۈن مەن ئىلگىركىگە ئوخشىمايمەن،مەن شۇنى تونۇپ يەتتىمكى،ۋاقىت ئەڭ قىممەتلىك بايلىق ئىكەن.شوڭا مەن كېلىدىغان ھەر بىر كۈننى،ھەر بىر مىنوتنى قەدىرلەپ،قانائەتسىزلىك،خاپىغانلىق،بىزارلىق ،ھورۇنلۇققا ئوخشاش ناچار ئىللەتلەرنىڭ قەلبىمبىنى چىرمېلىشىغا يول قويمايمەن.
بۈگۈن مەن ئىلگىركىگە ئوخشىمايمەن،مەن شۇنى تونۇپ يەتتىمكى،بۇگۇن بىرلا قېتىم كېلىدىكەن،ئۇ كەتسە مەڭگۇ قايتىپ كەلمەيدىكەن.شوڭا مەن بالىلارچە خوشاللىق ۋە باتۇرلارچە جاسارەت بىلەن بۈگۈننىچىڭ تۇتۇپ،ئۇنى ھاياتىمدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈندەك قەدىرلەپ،ئۇ تېخى قولۇمدىن كەتمەستە سۆيگۇ -مۇھەببەت بىلەن ئۇنى بېزەيمەن.
بۈگۈن مەن ئىلگىركىگە ئوخشىمايمەن،مەن شۇنى تونۇپ يەتتىمكى،يېقىلىش قورقۇنۇشلۇق ئەمەسكەن.قورقۇنۇشلىغى ئورنىدىن قايتا تۇرالماسلىق ئىكەن.شوڭا مەن ھاياتىم ئىبرەت بىلەن تولغان تەغدىردىمۇ،ئىلگىركى سەۋەنلىكلېرىم بىلەن ئۆزۈمنى چۇشەپ قويمايمەن.تۇرمۈشۇمدا مەغلۇبىيەت سايە تاشلاپ تۇرغان تەغدىردىمۇ،ئىلگىركى ئوڭۇشسىزلىقلىرىم بىلەن ئۆزۇمنى چۈشكۇنلەشتۇرۇپ قويمايمەن.بەلكى ئۇلاردىن ساۋاق ئېلىپ،كەمچىلىكلېرىمنى تۇزىتىمەن.
بۈگۈن مەن ئىلگىركىگە ئوخشىمايمەن!مەن شۇنى تونۇپ يەتتىمكى،مۇھەببەتسىز ئادەم پۈتۇن دۇنياغا ئىگە بولغان تەغدىردىمۇ ھامان نامرات بولىدىكەن:مۇھەببەتلىك ئادەم گاداي بولغان تەغدىردىمۇ،يەنىلا باي ھېساپلىنىدىكەن.شوڭا،مەن ئۆزۇم سۆيگەن ۋە مېنى سۆيگەنلەرگە جاۋاپ قايتۇرمەن.ھېرىپ-چارچىساممۇ ئۆيۇمدىكىلەرگە ھەمراھ بولىمەن.ئىشىم ئالدىراش بولسىمۇ،ۋاقىت چىقىرىپ دوستلىرىم ،خىزمەتداشلېرىم بىلەن بىردەم -يېرىمدەم موڭدىشىمەن،ئەسرالىشىمەن....
قىسقىسى،بۈگۈن مەن ئىلگىركىگە ئوخشىمايمەن!

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى 22:45:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن مەن ھەقىقەتەن ئىلگىركىگە ئوخشىمايمان .
<< ئۆزىگە ئىشەنچى بار كىشىلەر مەڭگۈ كىشلىك ھاياتنىڭ باش قەھرىمانىدۇر >>  دىگەن ھىكىمەتكە تولۇق چۈشەندىم .

Rank: 3Rank: 3

توردا
34 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى
نادىر
1
يازما
221
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى 22:49:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن مەن ئىلگىركىگە ئوخشىمايمەن،قىسقىسى  ئادەم  ئۆز  مەنىۋىيىتىدىكى ھورۇنلۇق ھۈجەيلىرىنى تازلىشى لازىم

Rank: 8Rank: 8

توردا
215 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
559

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى 09:50:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش:يوقىردىكى ماقالە "ھاياتلىق"جورنىلىدىن ئېلىندى.

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
567 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1179

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى 14:09:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن مەن ئىلگىركىگە ئوخشىمايمەن!مەن شۇنى تونۇپ يەتتىمكى،مۇھەببەتسىز ئادەم پۈتۇن دۇنياغا ئىگە بولغان تەغدىردىمۇ ھامان نامرات بولىدىكەن:مۇھەببەتلىك ئادەم گاداي بولغان تەغدىردىمۇ،يەنىلا باي ھېساپلىنىدىكەن.شوڭا،مەن ئۆزۇم سۆيگەن ۋە مېنى سۆيگەنلەرگە جاۋاپ قايتۇرمەن.ھېرىپ-چارچىساممۇ ئۆيۈمدىكىلەرگە ھەمراھ بولىمەن.ئىشىم ئالدىراش بولسىمۇ،ۋاقىت چىقىرىپ دوستلىرىم ،خىزمەتداشلېرىم بىلەن بىردەم -يېرىمدەم موڭدىشىمەن،ئەسرالىشىمەن....


  ماڭا بۇ جۈملىلەر بەك يارىدى، شۇنداق ياقتۇردۇم. ھازىرقى تۇرمۇش پەلەسەپەمگە چۈشىدىكەن. تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشۇم كېرەككەن، دەپ ئويلىدىم. ھەمدە بىر قانچە كىشىلەرگە تەۋسىيە قىلىشنى لايىق كۆردۈم.

    مۇھەببەتسىز ئادەم ھەر قانچە باي بولسىمۇ، ئۇ روھى جەھەتتىن ھامان نامراتتۇر. مەن ئۆزەمنى ۋە ئۆزگىنى سۆيۈشنى مۇھىم دەپ بىلىمەن. شۇندىلا دۇنيا سىزگە شۇنچىلىك گۈزەل، ئادەملەر شۇنچىلىك ئىللىق بىلىنىدۇ!


"ئۆتكەن كۈنلەر"گە تەشەككۈر!

Rank: 8Rank: 8

توردا
215 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
559

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى 16:18:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راست ،مۇھەببەتسىز ئادەم بۇ دۇنيانىڭ گۇزەل ئىكەنلىگنى بىلەلمەيدۇ.ئۇ ھەرقانچە باي بولسىمۇ،ئۇ بەرىبىر مۇردا .دۇنيا مۇھەببەت بىلەن تولععغاندىلا،بىزنىڭ ھەر بىر كۈنىمىز خۇشاللىق بىلەن ئۆتىدۇ.
شوڭا بىز ھەر بىر سەھەرنى خۇشاللىق بىلەن كۇتۇۋېلىشىمىز،ھەر بىر كۈنى خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتكۇزۇشىمىز،خۇددى مېھمانغا ماڭغان چاغدىكىدەك كىيىنىپ يۇرۇشىمىز كېرەك،چۇنكى بىز بۇ دۇنيغا مېھمان.

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
833

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى 10:26:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ بىر قىز توردىشىم بار. تېخى ئەمدى 28نىڭ قارىسىنى ئالغان، توي قىلمىغان. ئەمما ئۇ بۇ ياشلىق باھارىنى ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرىدىغان كەسپىگە ئاتاپ، شېركەت قۇرۇپ باي بولغان، يۇرتىدىكى كىشلەرنى پۇل تېپىشقا يىتەكلەپ، سودا جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز كەنتىدىكى دېھقانلارغا ئىقتىسادىي ئۈنۈم ياراتقان. يەنە مۇشۇ سودىغا ۋە پۇرسەتكە پىششىق كاللىسى بىلەن يۇرتىدا كان ئېچىپ، خېلى كۆپ پۇل تېپىۋاتىدۇ ۋە نۇرغۇن كىشلەرنى ئىشلەش مۇھىتىگە ئېرىشتۇردى. قىسقىسى ئۇ بىر ئاددى قىز بالا بولسىمۇ، نۇرغۇن جاپالارغا چىداپ ئاخىرى بۈگۈنكىدەك مەنىلىك ئىشلارنى قىلىپ، يۇرتىدىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشلەردىن بولۇپ قالدى. كىملا كۆرسە ئۇنىڭغا ھەۋىسى كىلىدۇ.
ئەمما ئۇ يەنىلا غەمسىز يۈرگەن ئەشۇ ياش بالىلارغا بەزىدە ئىچى پۇشسا، بەزىدە يەنە شۇ غەمسىز ياش بالىلارغا ئوخشاش، ياشلىقنىڭ پەيزىنى، چىن  مۇھەببەتنى ھېس قىلىپ، ئاددى بىر قىز سۈپىتىدە، ھازىر بېشىنى قايدۇرىدىغان نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئويلىماسلىققا تىرىشىدۇ. ھازىرغىچە ئۇ كۈندە ئۆزىدىن مەن نىمىگە ئېرىشتىم، ئېرىشىۋاتىمەن، نىمىدىن مەھرۇم قالدىم،مەھرۇم قېلىۋاتىمەن دىگەن سۇئاللار بىلەن تۆنۈگۈنكىگە ئوخشاش بۈگۈنىنى باشلاپ، بۈگۈنكىدىنمۇ گۈزەل، پارلاق ئەتىنى يارىتىشكە قەدەم تاشلاۋاتىدۇ.

بىزمۇ كەسپتە ئۇتۇق قازاندۇق، بايلىق ۋە مەرتىۋىلەرگىمۇ ئېرىشىۋاتىمىز. ئەمما بىز ياشلىقىمىزغا تەۋە بولغان ئەسلىمىلەردىن، دوست يارەنلەر بەھرىمان بولىۋاتقان ئەشۇ مېھىرلىك چىرايلاردىن، سەمىمىي تىلەكلەردىن مەھرۇم بولىۋاتىمىز.
مەھرۇم بولىۋاتقان نەرسىلىرىمىزنى قايتۇرۋېلىشىمىز ئۈچۈن، ۋاقتىمىزنى ئىگەللىۋالغان ھازىرقى پارلاق قەدىمىمىزنى توختىتىشىمىز كېرەكمۇ؟ ياق. نۇرغۇن كىشلەر بىز ئارقىلىق تېخىمۇ مەزمۇت قەدەملەرنى بېسىۋاتىدۇ. شۇ كىشلەر ئۈچۈن بولسىمۇ قەدەمنى توختىتىشقا بولمايدۇ. بىزنىڭ قولىمىزدىن كىلىدىغىنى پەقەتلا تەڭشەش ۋە ئورنىنى تولدۇرۇش بوپ قالىدۇ، گەرچە ئۇنداق قىلالمىساقمۇ!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 22:31 , Processed in 0.064383 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش