دۇنيادىكى غەلىتە فونتانلارنى بىلەمسىز
سىنگاپور سۇنتىك شەھەرلىك نەرسە سېتىۋېلىش مەركىزىدىكى سىنگاپور بايلىق فونتانىنىڭ يە كۆلىمى 5522 كۋادرات مېتىر بولۇپ، ئېغىرلىقى 85 توننا. تۇچ بىلەن ياسالغان. بۇ فونتان دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ فونتان ھېسابلىنىدۇ. فونتان سۈيىنىڭ ھەممىسى فونتان كۆلچىكىنىڭ ئوتتۇرىغا قۇيۇلىدىكەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئۇنى سىلىغان ئادەمنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كېلىدىكەن. ئۇ يەنە كىشىلەرنىڭ رادىي ئېماناتسىيىسى قىسقا ئۇچۇرىنى قوبۇل قىلالايدۇ. بۇ دەل كىشىلەرنىڭ نېمىشقا بۇ يەردە توي قىلىش تەكلىپى قويۇشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى.

ئاۋسترىيە سۋاروۋىسكى فونتانى
بۇ فونتان ئاۋسترىيىنىڭ ۋاتتېنس بازىرىدىكى سۋاروۋىسكى خرۇستال دۇنياسىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا جايلاشقان. 1995- يىلى سۋاروۋىسكى خرۇستالنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ياسالغان.

چىكاكو شاھ تاجىسى فونتانى
بۇ فونتان چىكاكو ئەسىر باغچىسىغا جايلاشقان. فونتاننىڭ تەتۈر سايىسى كۆلچىكىنىڭ ئىككى تەرىپىدە 15 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئەينەك تام بار بولۇپ، ئۈستىگە 1000 نەپەر چىكاكو شەھىرى خەلقىنىڭ باش سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن. فونتان دەل بۇ 1000 ئادەمنىڭ ئېغىزىدىن ئېقىپ چۈشىدۇ.

ئامېرىكا جەنۇبى كارولىنا شىتاتىدىكى ئاناناس فونتانى
ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىدا ئاناناس قىزغىن ۋە مېھماندوستلۇقىغا سىموۋل قىلىنىدۇ. چارلىس دېڭىز ساھىلى باغچىسىغا جايلاشقان. بۇ باغچا تەرەپنىڭ مېھماندوستلۇق ۋە قىزغىنلىقى بەلكىم ئۇلارنىڭ ساياھەتچىلەرنى بۇ فونتاندىن كېچىپ ئۆتۈشكە يول قويۇشى بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇر ئىپادىلىنىدۇ.

روسىيىنىڭ سانت پېترىبۇرگ چوڭ فونتانى
18- ئەسىرنىڭ 20- يىللىرىدا چوڭ فونتان بىلەن چوڭ پادىشاھ ئوردىسى پىتىر پادىشاھنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ياسالغان. چوڭ فونتاندا جەمئىي 64 فونتان ۋە 200 نەچچە ھەيكەلدىن تەركىب تاپقان. ئەڭ سىرلىق يېرى شۇكى، بۇ فونتانلارنىڭ ھېچقايسىسى سۇ پومپىسى كېرەك قىلمايدۇ. فونتان كۆلچىكىنىڭ مەركىزىدە شىر بىلەن ئېلىشىۋاتقان سامسون بار. 20 مېتىر ئېگىزلىكتىكى فونتان دەل مۇشۇ شىرنىڭ ئېغىزىدىن ئېتىلىپ چۈشىدۇ.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دۇبەي فونتانى
2008- يىلى ياسالغان بۇ فونتاننىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 30 ئىنگلىز موسى كېلىدىغان بولۇپ، دۇبەي مۇنارى كۆلىگە جايلاشقان. بۇ يەردە 1500 گە يېقىن ئايرىم فونتان، 6600 غا يېقىن چىراغ، 25 دانە پرويېكتور بار بولۇپ، دۇنيادىكى چىراغ ۋە مۇزىكا ئورۇنلاش تەڭ ئېلىپ بېرىلىدىغان ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى ئورۇنلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ.

لاسۋىگاس بىللاگىئو فونتانى
بىللاگىئو فونتانى يەر كۆلىمى 8.5 ئىنگلىز موسى كېلىدۇ. 208 بۇلاق كۆزى بار. ئېگىزلىكى 137 مېتىر كېلىدۇ. كېچىدە 5000 ئاق رەڭلىك لامپۇچكا بىلەن ياندۇرۇلۇپ ناھايىتى گۈزەل مەنزىرە بارلىققا كېلىدۇ. ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن يېرىم سائەتتە بىر، كەچتە ھەر 15 مىنۇتتا بىر ھەقسىز« ناخشا- ئۇسۇل پائالىيىتى» ئۆتكۈزىلىدۇ.
قاشتېشى تورى