يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 754 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 698|ئىنكاس: 5

قايغۇرماڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

توردا
5 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى
نادىر
0
يازما
17
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى 22:07:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايغۇرماڭ



( ئايەت ۋە ھەدىستىن ئېلىنغان تۇرمۇش ساۋاتلىرىدىن)



ئۆتمۈشنىڭ ئارخىپلىرى ئەقىللىق كىشلەر نەزرىدە قاتلىنىدۇ ۋە رىۋايەت قىلىنمايدۇ، ئۆتۈپ كەتكەن نەرسە بىلەن غەم بېسىپ ئولتۇرمايدۇ. ئۆزىڭىزنى ئۆتمۈشنىڭ كۆلەڭگىسىدىن قۇتقۇزۇڭ، ئۆتمۈشنىڭ دەپتىرىنى ئوقۇپ ھازىرنى زايا قىلماڭ، كۈچ قۇۋۋىتىڭىزنى پارچىلاپ تاشلىماڭ .



بىزدىكى مۈشكىلە ئۆتمىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ، ھازىرقى رىئاللىقىمىزدىن ئاجىز كىلىمىز. كىشلەر ئارقىسىغا قارىمايدۇ، چۈنكى شامال ئالدىغا قاراپ ماڭىدۇ، سۇ ئالدىغا ساقىيدۇ، كارۋان ئالدىغا قاراپ ماڭىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھايات قانۇنىيىتىگە خىلاپلىق قىلماڭ!



****

بىكار تەلەپلەر پىتنە ۋە قۇرۇق گەپنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ، چۈنكى ئۇلاردىكى زىھنى قۇرغاقچىلىق شۇنىڭغا سەۋەب بولىدۇ. ھاياتىڭىزدا بىكار ۋاقىت تاپسىڭىز غەم ۋە قايغۇغا تەييارلانسىڭىز بولىدۇ!. چۈنكى بىكارچىلىق سىزگە ئۆتمۈش، ھازىر ۋە كەلگىسىنىڭ ۋاراقلىرىنى كەلتۈرۈپ بېرىدۇ. شۇڭا ياخشىسى بىكار تەلەپلىك قىلماي  ۋاقىتىڭىزنى قەدىرلەپ ئۈنۈملۈك ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىڭ…

بىكارچىلىق ئاستا قىيناپ ئۆلتۈرگەنگە ئوخشاش بىر ئىش… راھەت غەپلەتتۇر، بىكارچىلىق كەسپىدار ئوغرىدۇر.

ئۇنداقتا ناماز ئوقۇڭ، كىتاب ئوقۇڭ، بىلىم ئېلىڭ، تىل ئۆگۈنۈڭ، بىر نەرسە يېزىڭ ياكى بىر ئىش قىلىڭ…

ئەركىنلىك ھاياتىدىكى دىھقاننىڭ ياكى ناۋاينىڭ قۇچقاچلاردەك بەختلىك سايرىغىنىنى كۆرىسز.



****

مەيدانىڭىز ئېنىق بولسۇن، مۇستەقىل كۆز قاراشقا ئىگە بولۇڭ، باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىدە ئىرىپ تۈگەپ كەتمەڭ. ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تارتىپ ئىككى ئادەم بىر سۈرەتتە كەلمىگەن، ئۇنداقتا ئىككى ئادەم ئىقتىدار ۋە ئەخلاقتا قانداقمۇ بىرگە بولالىسۇن؟!

سىز تارىختا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر نەرسە، يەنە سىزگە ئوپ- ئوخشاش بىر نەرسە دۇنياغا كەلمەيدۇ.  ئۆزىڭىزنىڭ مۇستەقىللىقىڭىزنى ئىسپاتلاڭ، شەخسىيىتىىڭىزنى ئاشكارىلاڭ، ئۆزىڭىزنى يوقۇتۇپ قويماڭ. سىزنىڭ ئايرىم مىجەزىڭىز ۋە ئايرىم رەڭگىڭىز(چىرايىڭىز) بار، شۇنىڭ ئۈچۈن باشقىلار قايانغا بۇرۇلسا سىزمۇ ئويلانماستىن شۇ تەرەپكە بۇرۇلماڭ.



****

بىر بۆلۈك كىشلەر كارۋىتىدا ئۇخلاپ تۇرۇپ خەلقئارالىق ئۇرۇشنى بېشىدا كۆتىرۋالىدۇ، ئۇرۇش ئاياغلاشقاندا ئاشقازان جاراھىتى ۋە قان بېسىمىغا دۇچار بولىدۇ.

سىزگە نەسىھىتىم يەر شارىنى بېشىڭىزدا كۆتىرۋالماڭ، ھادىسلەرنى زېمىندا قويۇڭ، ئۈچيىڭىزگە سېلىۋالماڭ بەزى ئادەملەرنىڭ يۈىكى بۇلۇتقا ئوخشاش قۇرۇق گەپنىڭ ھەممىنى سۈمۈرۋالىدۇ، يوقىلاڭ سەۋەبلەر ئۈچۈن  خاپا بولىدۇ بۇ خىلدىكى يۈرەك ئادەمنى داۋاملىق بىئارام قىلىدۇ.



***

بىر ئىش قىلسىڭىز چېكىدىن ئاشۇرۋەتمەڭ ياكى كەمتۈك قىلىپ قويماڭ، بەختلىك بولاي دىسىڭىز ھېسياتىڭىزنى كونتىرول قىلىڭ، رازى بولۇش ياكى خاپۇلاشتا ئادىل ( نورمال) بولۇڭ، ھەر قانداق ئىشلىرىڭىزدا نورماللىق ۋە تەڭپۇڭلىقنى ئۆلچەم قىلىڭ، ھېسياتقا بېرىلمەڭ، كىچىك ئىشلارنى چوڭايتىۋەتمەڭ، خىيالى ھاياتتا ياشىماي ئەمەلى رىئاللىق ھاياتىدا ياشاڭ، ھەر بىر نەرسىگە ئۆز ھەجىمىنى (مىقدارىنى) بېرىپ مۇئامىلە قىلىڭ، كىچىك بىر ئىشنى چوڭايتىپ مۇئامىلە قىلىماڭ، ئادىل مىزاننى ئاساس قىلىڭ.

***

غەم قىلىش ئىسلامدا چەكلەنگەن، غەم - قايغۇ ئارزۇ- ئىستەك يىلتىزىنى بوشاشتۇرىدۇ، ئالى ھىممەت روھىنى ئۆلتۈرىدۇ، قەلبنى سويىتىۋىتىدۇ، ئۇ ھايات جىسىمىنى پالەج قىلىپ قويىدىغان قىزىتمىدۇر.

غەم قايغۇ بىر ئىشنى ئاسانلاشتۇرماي تەسلەشتىرۋىتىدۇ، قەلبگە پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ. غەم- قايغۇنى يوقۇتۇش مۇسۇلماننىڭ مەجبۇرىيىتى. چۈنكى غەم ھاياتنى دۇغلاشتۇرۇپ، تۇرمۇشنى غەشلەشتۈرىدۇ.



تەبەسسۇم قىلىڭ



تەبەسسۇم بىلەن كىلىش غەم- قايغۇلارنىڭ شىپاسى ۋە دورىىسى، نورمال كىلىش قەلبگە خورسەنلىك كەلتىرىدۇ ۋە قەلبنى ياشارتىدۇ.

تەبەسسۇم بىلەن كىلىش راھەتنىڭ يۇقىرى پەللىسى، ئىسلام دىنى قاپاقنى تۈرۈپ يۈرۈشنى ياكى داۋاملىق قاقاھلاپ كۈلۈشنى ياخشى كۆرمەيدۇ.

تەبەسسىم قىلماقچى بولسىڭىز ئۈمۈدسىزلىك بىلەن كۆرەش قىلىڭ، ئەقلىڭىزنى ئادەتلەندۈرۈڭ، شۇنىڭدا ئارزۇ ئېچىلىدۇ ۋە ياخشىلىق يولى كۆرۈنىدۇ.

ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنى ئاجىز كۆرسىڭىز ھېچ ئىش قولىڭىزدىن كەلمەيدۇ، ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنى بۈيۈك ئىشلار ئۈچۈن يارتىلغان ئىنسان دەپ قارىسىڭىز ھىممىتىڭىز ئارقىلىق چىگرانى بۆسۈپ ئۆتەلەيسىز، يۇقۇرى مەقسەتلىرىڭىزگە يىتەلەيسىز.



****

نادانلىق ۋىجداننىڭ ئۆلىمى ۋە ھاياتنىڭ ھالاكىتى، بىلىم- مەرىپەت قەلبنىڭ نۇرى، ھاياتنىڭ روھى ۋە ئىنسان تەبىئىيىتىنىڭ ئېنىرگىيىسى.خورسەنلىك بىلىم-مەرىپەت بىلەن كىلىدۇ، چۈنكى بىلىم - مەرىپەت مەجھۇل نەرسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىدۇ، يوشۇرۇن نەرسىنى كەشىپ قىلىپ بېرىدۇ. نادانلىق بولسا قايغۇ ۋە زېرىكىشنى پەيدا قىلىدۇ، چۈنكى نادانلىق ھايات يېڭىلىق يارتالمايدۇ، ھەر كۈنى ئوخشاش ئۆتىدۇ…

بەخت ئىزدىمەكچى بولسىڭىز بىلىم- مەرىپەت ئېلىڭ، مەرىپەت ئىزدەڭ، بىلىم- مەرىپەت بولماي ھەر قانچە باي بولىسىڭزمۇ ھاياتىڭىز بەختلىك ئۆتمەيدۇ.



****



قايغۇرماڭ: ئەگەر كەمبەغەل بولسىڭىز سىزدىن باشقىلار قەرزگە بوغۇلغان، ئەگەر سىزنىڭ ماشىنىڭىز بولمىسا، باشقىلارنىڭ ماڭىدىغان پۇتىمۇ يوق…

قايغۇرماڭ: چۈنكى سىز ئاللاھغا، كىتابلىرىغا، پەيغەمبەرلىرىگە، قىيامەت كۈنىگە ۋە تەقدىرنىڭ ياخشى يامىنىغا ئىشەندىڭىز…

قايغۇرماڭ: گۇناھ قىلىپ سالغان بولسىىڭىز تەۋبە قىلىڭ، يامانلىق قىلىپ سالغان بولىسىڭز ئىستىغفار ئېيتىڭ، خاتالىىشپ قالغان بولىسىڭىز تۈزۈتىۋىلىڭ، ئاللاھنىڭ رەھمىتى كەڭرى، دەرۋازا ئوچۇق، تەۋبىڭىز مەقبۇل خۇدا خالىسا.

قايغۇرماڭ: چۈنكى قايغۇرسىڭىز نېرۋىڭىز جىددىلىشىدۇ، ۋۇجۇدىڭىز تىترەيدۇ، يۈرۈكىڭىز  چارچايدۇ ۋە كۈنىڭىز ئارامسىز ئۆتىدۇ.

غەلبىنى كۈتۈڭ، تاڭغا قاراڭ" ئارغامچا قاتتىق تارتىلسا ئۈزۈلىدۇ" دىگەن گەپ بار.

قايغۇرماڭ: قارا بۇلۇتمۇ يوقۇلىدۇ، زۇلمەتلىك كىچىلەرمۇ يورۇيدۇ، شىۋىرغانلىق شاماللارمۇ پەسىيىدۇ…

قايغۇرماڭ: دۈشمەنلەر مېنى نېمە قىلالايتتى، جەننىتىم قەلبىمدە، مېنى ئۆلتۈرسە مەن شەھىد، يۇرتۇمدىن قوغلاپ چىقارسا ساياھەت، تۈرمىگە سالسا ئاللاھ بىلەن يالغۇز سۆھبەت.

قايغۇرماڭ: قايغۇرۇش سىزنى ئىبادەتتە ئاجىزلاشتۇرۋىتىدۇ، مۇقەددەس كۈرەشتىن توسۇپ قويىدۇ، ئۈمۈدسىزلىك پەيدا قىلىدۇ، گۇمانخورلۇققا چاقىرىدۇ ۋە شۇملۇنۇشقا سەۋەب بولىدۇ.

قايغۇرماڭ: قايغۇرۇش روھى كىسەللىكنىڭ ئاساسى، نىرۋا دەرت- ئەلىمىنىڭ مەنبەسى،  ۋەسۋەسە ۋە ۋەيران بولۇشنىڭ ماددىسى.



قايغۇرماڭ ۋە بۇ قائىدىلەرنى ئوقۇڭ:



1. ئەگەر سىز ئۆز دائىرىڭىزدە ياشىمىسىڭىز زېھنىڭىز چېچىلىدۇ، ئىشلىرىڭىز داۋالغۇيدۇ، غەملىرىڭىز كۆپىيىدۇ.

2. ئۆتمۈشنى ئۇنتۇڭ، ئۆتۈپ كەتكەن نەرسىگە غەم قىلىش ئەخمەقلىقتۇر.

3. تەنقىدكە ئۇچىرسىڭىز خاپۇلاپ كەتمەڭ، تەۋرەنمەي تۇرۇڭ، شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى تەنقىد قىممتىڭىزگە باراۋەر بولىدۇ.

4. ئاللاھغا ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرۈش گۈزەل ھاياتتۇر.

5. كىم قەلبى خاتىرجەملىكنى ئىزدىسە ئاللاھغا زىكرى ئېيتسۇن.

6. ھەر بىر نەرسىنىڭ تەقدىر بىلەن بولىدىغانلىقىنى بىلىڭ.

7. بىر ئادەمدىن رەھمەت كۈتمەڭ.

8. ئەڭ ئېغىر مۇشەققەتلەرنى قوبۇل قىلىشقا ئۆزىڭىزنى تەييارلاڭ.

9. نېئمەتتە ئويلۇنۇڭ ۋە رەھمەت ئېيتىڭ.

10. سىز ئۆزىڭىزدە بار ئىمكانىيەتلەر بىلەن باشقىلاردىن يۇقىرى.

11. قىيىنچىلىق بىلەن ئاسانچىلىق بىللە.

12. يوقىلاڭ نەرسىگە چېچىلماڭ.

13. پەرۋەردىگارىڭىزنىڭ رەھمىتى كەڭرى.

14. ئاچچىغلىماڭ، ئاچچىغلىماڭ، ئاچچىغلىماڭ.

15. مۇسىبەتكە ئۇچىرغانلاردىن ئىبرەت ئېلىڭ.

16. ئاللاھ بىر ئادەمنى ياخشى كۆرسە ئۇنى سىنايدۇ.

17. قىيىنچىلىقنىڭ دۇئاسىنى تەكرار قىلىڭ.

18. بىكارچىلىقنى تاشلاڭ، جىددى قەدەم بېسىڭ.

19. قۇرۇق گەپلەرگە ئىشەنمەڭ.

20. مۆمىن قېرىنداشلىرىڭىزدىن ئىنتىقام ئېلىش تۇيغۇسىدا بولماڭ، بۇ ساغلاملىقىڭىزغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.



ئوسمانجان

بېيجىڭ

ئىسلام ئاۋازى تور بىتى

Rank: 2

توردا
75 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
162
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى 18:11:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ،ھايات يولىمىزدا ئەمەل قىلشقا تېگىشلىك  مىزانلار ئىكەن.
مۇشۇنداق  ئىسىل ئۈگۈتلەر بىلەن ئۇچراشتۇرغانلىقىڭىز ئۈچۈن كۆپتىن -كۆپ رەھمەت.

Rank: 3Rank: 3

توردا
34 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى
نادىر
1
يازما
221
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى 18:32:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئىش قىلسىڭىز چېكىدىن ئاشۇرۋەتمەڭ ياكى كەمتۈك قىلىپ قويماڭ، .......................................................
چېكىدىن  ئېشىپ  كەتسە  بىزارلىقنى،كەمتۈك بولۇپ  قالسا  دۆتلىكنى بۈلدىرىدۇ...........

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى 21:00:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس غەم قايغۇ ئادەمنىڭ زېھنىنى قورىتىدۇ .

Rank: 1

توردا
19 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى
نادىر
0
يازما
20
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 16:10:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن! مەن ئۈچۈنلا يوللاپسىز بۇ تېمىنى.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
716 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2174

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 16:26:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xahla بۇ يازمىنى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 16:10 دە يوللىغان
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن! مەن ئۈچۈنلا يوللاپسىز بۇ تېمىنى.

شەھلا سىڭلىمىزغا مۇنبەردىكى تېمىلار يارىغانلا بولسا مەن بۇنىڭدىن خۇش، داۋاملىق قەدەم تەشرىپ قىلىپ تۇرغايسىز

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 16:33 , Processed in 0.058339 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش