يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 733 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1763|ئىنكاس: 9

مۇنبەر ئىشلىتىش قوللانمىسى (ئەزا بولۇش قىسمى) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنبەر مەسئۇلى

مۇنبەر تېخنىكى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
722 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
129

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2009-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى 20:39:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1. مۇنبەرگە تىزىملىتىش

يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگە كىرىپ بولغاندىن كېيىن، بەت ئۈستىدىكى «تىزىملىتىش» كۇنۇپكىسىنى چېكىڭ.
ئېچىلغان بەتتىكى ئەزا نامى (ئادەتتە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ھالىتى قوزغىتىلغان بولىدۇ، ئىنگلىزچە كىرگۈزۈش زۆرۈر بولسا، Ctrl+K بىرلەشمە كۇنۇپكىسى ئارقىلىق ئىنگلىزچە ، ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ھالىتىنى ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ)، پارول، E-mail قاتارلىقلارنى تولدۇرۇڭ. زۆرۈر بولسا ئالىي تەڭشەك تۈرىنى ئېچىپ، كۆرسىتىلگەن تۈرلەر بويىچە مەشغۇلات قىلىڭ. مەشغۇلاتىڭىز ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئاستى تەرەپتىكى «يوللاش» كۇنۇپكىسىنى بېسىڭ.

2. مۇنبەرگە كىرىش

ئادەتتە، سىز تىزىملىتىپ بولغاندىن كېيىن، مۇنبەرگە ئاپتوماتىك كىرىپ بولغان بولىسىز. ئەگەر كېيىن قايتا كىرمەكچى بولسىڭىز، مۇنبەر باش بېتى ئۈستىدىكى «كىرىش» كۇنۇپكىسىنى چېكىڭ. كۆرۈنگەن رامكىغا ئەزا بولغان ۋاقتىڭىزدا كىرگۈزگەن ئەزا نامى  (ئادەتتە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ھالىتى قوزغىتىلغان بولىدۇ، ئىنگلىزچە كىرگۈزۈش زۆرۈر بولسا، Ctrl+K بىرلەشمە كۇنۇپكىسى ئارقىلىق ئىنگلىزچە ، ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ھالىتىنى ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ)، پارول قاتارلىقلارنى كىرگۈزۈپ بولغان (ئەگەر بىخەتەرلىك سوئالى بېكىتكەن بولسىڭىز، ئۇنىمۇ تولدۇرىسىز، بېكىتمىگەن بولسىڭىز، ئەزا نامى، پارول كىرگۈزسىڭىزلا كۇپايە) دىن كېيىن، «يوللاش» كۇنۇپكىسىنى چەكسىڭىز بولىدۇ.

3. ئەزا ماتېرىيالىنى تەھرىرلەش

تىزىملاتقان ۋاقتىڭىزدىكى (ئەزالىق نامىڭىزدىن باشقا) ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئۆزگەرتىش زۆرۈر بولسا، مۇنبەرگە كىرىپ بولغاندىن كېيىن، مۇنبەر بېتى ئۈستىدىكى «تىزگىن تاختا» - «ئارخىپ» تۈرىنى چەكسىڭىز، يېڭى بەت ئېچىلىدۇ. بۇ يەردە «مۇنبەرگە كىرىش ئارخىپى»، «ئاساسىي ئارخىپ»، «خۇسۇسىي ئارخىپ»، «مۇنبەر تاللاش تۈرى»، «باش رەسىم يوللاش» قاتارلىق بەش تۈر بار. بۇنىڭ ئىچىدە «باش رەسىم يوللاش» تىن باشقىلىرى بىرقەدەر ئاسان مەشغۇلاتلىق جەريان بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ يەردە پەقەت «باش رەسىم يوللاش» تۈرى تونۇشتۇرۇلىدۇ.

باش رەسىم يوللاش

سىز مۇنبەرگە ئەزا بولغان ھامان، مۇنبەر سىزگە بىر پارچە باش رەسىمى (سۈرىتى) بېكىتىپ قويغان بولىدۇ. ئەگەر ئۆزىڭىزگە خاس باش رەسىمى بېكىتىۋالماقچى بولسىڭىز، «باش رەسىم يوللاش» نى چېكىڭ. كۆرۈنگەن بەتتە «كامېرا ئىشلىتىش» (使用摄像头) ، «رەسىم يوللاش» (上传图片) دېگەن ئىككى تۈر بار.
(1) كومپيۇتېرىڭىزغا كامېرا (摄像头) سەپلەنگەن بولۇپ، ھازىرقى ھالىتىڭىزنى باش رەسىمى (سۈرىتى) قىلماقچى بولسىڭىز، «كامېرا ئىشلىتىش» (使用摄像头) تۈرىنى چېكىڭ، ئاندىن «سۈرەت تارتىش» (拍摄照片) كۇنۇپكىسىنى چېكىڭ، كامېرادا تارتىلغان سۈرىتىڭىزنى «سۈرەت تارتىش» (拍摄照片) كۇنۇپكىسىنىڭ ئۈستىدىكى «يۆتكەش» (移动) ، «چوڭ – كىچىك قىلىش» (缩放) قوراللىرى ئارقىلىق، ئۆزىڭىز ياقتۇرغانغا قەدەر تەھرىرلەڭ. تەھرىرلەپ بولغاندىن كېيىن «باش سۈرەتنى كۆرۈپ بېقىش» (预览头像) كۇنۇپكىسىنى چېكىڭ، چەككەندىن كېيىن، چوڭ – كىچىك ئۆلچەمدىكى ئۈچ پارچە باش سۈرىتىڭىز كۆرۈنىدۇ. بۇ ئۈچ پارچە باش سۈرىتىنىڭ ھەممىسى سىزگە ۋەكىللىك قىلىدىغان باش سۈرەتلەر بولۇپ، مۇنبەردىكى ئىشلىتىلىش ئورنىغا قاراپ، مۇنبەر سىستېمىسى ئاپتوماتىك تاللاپ ئىشلىتىدۇ. باش سۈرىتىڭىز يارىغان بولسا، «مۇقىملاش» (确定) كۇنۇپكىسىنى چېكىڭ.
(2) كومپيۇتېرىڭىزدا باش رەسىمى (سۈرىتى) قىلىش ئۈچۈن ئالدىن تەييارلاپ قويغان رەسىم (سۈرەت) بولسا، «باش رەسىم يوللاش» (上传图片) كۇنۇپكىسىنى چېكىڭ. ئاندىن «رەسىم تاللاش» (选择图片) كۇنۇپكىسىنى چېكىڭ، باش رەسىمى (سۈرىتى) قىلماقچى بولغان رەسىم (سۈرەت) نى تاللاپ بېرىڭ. ئېچىلغان رەسىم (سۈرەت) نى «رەسىم تاللاش» (选择图片) كۇنۇپكىسىنىڭ ئاستىدىكى «يۆتكەش» (移动) ، «چوڭ – كىچىك قىلىش» (缩放) قوراللىرى ئارقىلىق، ئۆزىڭىز ياقتۇرغانغا قەدەر تەھرىرلەڭ. تەھرىرلەپ بولغاندىن كېيىن «باش سۈرەتنى كۆرۈپ بېقىش» (预览头像) كۇنۇپكىسىنى چېكىڭ، چەككەندىن كېيىن، چوڭ – كىچىك ئۆلچەمدىكى ئۈچ پارچە باش سۈرىتىڭىز كۆرۈنىدۇ. بۇ ئۈچ پارچە باش سۈرىتىنىڭ ھەممىسى سىزگە ۋەكىللىك قىلىدىغان باش سۈرەتلەر بولۇپ، مۇنبەردىكى ئىشلىتىلىش ئورنىغا قاراپ، مۇنبەر سىستېمىسى ئاپتوماتىك تاللاپ ئىشلىتىدۇ. باش سۈرىتىڭىز يارىغان بولسا، «مۇقىملاش» (确定) كۇنۇپكىسىنى چېكىڭ.


ھۆرمەت بىلەن: يەتتە قىزلىرىم تورى
2009 - يىلى 3 - ئاينىڭ 24 - كۈنى


«قىسمەت» لىرىمگە كۈلمە بۇرادەر، ھەممە ئىشقا «يەتتە قىز» گۇۋاھ !

Rank: 1

توردا
14 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
47
يوللىغان ۋاقتى: 2009-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى 21:24:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە قىسمەت.
مۇنبەردە ھەركەتچان سۈرەتنى باش سۈرەت قىلغىلى بولمامدۇ نىمە؟ مىنىڭ باش سۈرىتىم ھەركەتلىنىپ تۇراتتى. ھەركەتلەنمىسە مەنسىنى بىلگىلى بولمايدىغان باش سۈرەت ئىدى بۇ .

مۇنبەر مەسئۇلى

مۇنبەر تېخنىكى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
722 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
129

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2009-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى 21:32:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەرىكەتچان سۈرەتنى باش سۈرىتى قىلغىلى بولىدۇ. ماڭا ئەسلى ھەرىكەتچان سۈرەتنى، ئەزا نامى، پارولنى يوللاپ بېرىڭ، تەڭشەپ قوياي.

«قىسمەت» لىرىمگە كۈلمە بۇرادەر، ھەممە ئىشقا «يەتتە قىز» گۇۋاھ !

Rank: 1

توردا
14 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
47
يوللىغان ۋاقتى: 2009-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى 21:48:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى رەسىم مۇشۇ شۇ.
مەخپىي نۇمۇرۇمنى سىزگە ئۇچۇر قىلاي.

Rank: 1

توردا
1 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
5
يوللىغان ۋاقتى: 2009-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى 21:50:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇت، نېمىشقا مۇشۇ رەسىمنىڭ ئادرېسىنى چاپلاپلا باش رەسىم قىلمىدىڭىز؟

Rank: 1

توردا
14 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
47
يوللىغان ۋاقتى: 2009-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى 21:58:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداق چاپلايدۇ؟ مەن شۇ يىرىنى تاپالمىدىم،

Rank: 1

توردا
6 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى
نادىر
0
يازما
52
يوللىغان ۋاقتى: 2009-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى 00:05:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەسىمىڭىز  ھەركەتچانكەنغۇ؟ئۇنىڭدىن بەكىرەك ھەركەتلەندۇرۇپ ،مۇنبەرگىلا يۇگۇرۇپ چىقماڭ يەنە

Rank: 1

توردا
14 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
47
يوللىغان ۋاقتى: 2009-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى 00:08:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى ھەركەتچان بۇپتۇ. رەھمەت سىزگە قىسمەت.

Rank: 1

توردا
6 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى
نادىر
0
يازما
52
يوللىغان ۋاقتى: 2009-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى 00:13:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىسمەت دىگەن كىم؟مەھمۇت

مۇنبەر مەسئۇلى

مۇنبەر تېخنىكى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
722 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
129

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2009-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى 01:01:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىسمەت دېگەن مەن، زۇمرەت خانقىز.

«قىسمەت» لىرىمگە كۈلمە بۇرادەر، ھەممە ئىشقا «يەتتە قىز» گۇۋاھ !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى 08:12 , Processed in 0.050019 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش