يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 771 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1046|ئىنكاس: 9

سەۋزە تۈرمىلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى 20:08:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەۋزە تۈرمىلى:
ماتىرىياللار:سەۋزە 4-5 باش،ئۇن 3-4 پۈتە ياكى كىچىك پىيالىدە 3-4 پىيالە،بىر دانە تۇخۇم،يېتەرلىك مىقداردا تۇز ئېتىش ئۇسۇلى:ئاۋال ئۇنغا تۇخۇم ،تۇز،سۇ قۇيۇپ يۇغۇرىمىز،سۇيۇقئاشنىڭ خېمىرىدەك چىڭ يۇغۇرۇش كېرەك. ئاندىن سەۋزىنى پاكىز يۇيۇپ تېرىسىنى ئاقلاپ قەلەمچە قىلىپ توغرايمىز.دورا-دەرمەك ۋە تۇز ئارىلاشتۇرۇپ قويۇپ قويىمىز. ئاندىن يۇغۇرۇلۇپ ئۆزىگە كېلىپ بولغان خېمىرنى ياڭاقتىن چوڭ قىلىپ زۇۋۇلا ئۈزىمىز،نۇغۇچتا ناھايىتى نېپىز قىلىپ يايىمىز. قەلەمچە قىلىنغان سەۋزىنى نېپىز يېيىلغان خېمىرنىڭ ئىچىگە مۇۋاپىق مىقداردا تەكشى چاچىمىز،ئاندىن خېمىرنى يۆگەيمىز،سەۋزىنى چاچقاندا چوقۇم توغرىسىغا يەنى يۆگىلىش يۆنىلىشىگە پاراللىل قىلىپ چاچساق ياخشى يۆگىگىلى بولىدۇ.يۆگەپ بولۇپ 5 سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتا كېسىمىز،ياكى كەسمەي شۇ پېتى دۈملىسىڭىزمۇ بولىدۇ،لېكىن كەسسىڭىز يېمەككە ئاسان قولايلىق. ئاندىن قازاندا 20 مىنۇتچە دۈملىسەكلا بولىدۇ.


[ ayqiz بۇ يازمىنى  2010-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى 22:26  دە تەھرىرلىگەن. ]

Rank: 8Rank: 8

توردا
215 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
561

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى 22:40:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەۋزىنى كوپ يىسە ھەر خىل يامان سۇپەتلىك ئۆسمىلەردىن خالى بولغىلى بولىدۇ.

Rank: 3Rank: 3

توردا
9 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
2
يازما
67
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى 22:55:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپچىلىككە مەلۇم، سەۋزە يېيىش ئارقىلىق، β ــ كاروتىننى تولۇقلىغىلى بولىدۇ. ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنستىتۇتىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ يېقىندىكى تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا، β ــ كاروتىننى دائىم تولۇقلاپ بەرسە، چوڭ مېڭىنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇپ، يەنە تەپەككۇر ئىقتىدارىنى قوغداپ، دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.

ئادەم بەدىنىدىكى ئوكسىدلىنىش جەريانىدا شەكىللەنگەن ئەركىن رادىكال ۋاقتىدا بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلانمىسا، ئادەم بەدىنىدە توپلىنىپ، ئۇزاققىچە جىددىي ئوكسىدلانسا، سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەن. چوڭ مېڭىنىڭ تونۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كەتسە، ئادەم ئاسانلا دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىكەن.

مۇتەخەسسىسلەر تەتقىقاتقا 6 مىڭ ساغلام كىشىنى قاتناشتۇرغان، بەزىلەرگە β ــ كاروتىن تولۇقلىغان، بەزىلەرگە كۈنىگە 50ml دىن تىنچلاندۇرۇش دورىسى ئىچكۈزگەن. بۇ قېتىمقى سىناقتا بۇ نەرسىلەرنى يۈرەك ۋە راك كېسىلىگە تەسىرى بولىدىغان- بولمايدىغانلىقىنى تەكشۈرگەن. لېكىن تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، β ــ كاروتىننى تولۇقلىغانلارنىڭ يۈرەك ۋە راك كېسىلىگە ھېچقانداق تەسىرى بولمىغان. لېكىن، نەتىجىدىن قارىغاندا، 18 يىل β ــ كاروتىن تولۇقلىغانلارنىڭ ئاساسەن، تىنچلاندۇرۇش دورىسى ئىچكەنلەرگە قارىغاندا ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ياخشى بولغان. ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشى چەكلىك بولۇشى مۇمكىن، ئەمما مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشى ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان. بۇ نەتىجە نوپۇزلۇق ئاپپاراتلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. شۇڭا شارائىت يار بەرسە، ھەپتىسىگە ئۈچ دانە سەۋزە يەپ بەرسە ياكى β ــ كاروتىنننى تولۇقلاپ تۇرسا، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ياخشىلىغىلى بولىدىكەن.



تەن ساقلىق __ئەڭ  زور  بايلىق . ئاتا-ئانىمىزغا ھەم مۇنبەردىكى  دوستلارغا   سالامەتلىك  تىلەش  بىلەن  بىرگە  ئاشپەز  دوستلارنىڭ     سەۋزىدىن  ئېتىلىدىغان  ھەر  خىل قورۇما  ،  سوغۇق سەي- تاماق  تۈرلىرىنى  كۆپچىلىككە تونۇشتۇرۇپ  قويۇشىڭىزلارنى  ئۆتۈنۈپ  سورايمەن!!!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
720 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2190

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى 11:05:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەۋزە تۈرمىلى دىگەننى پېقىر شۇنداق ئېتىۋېتىدۇكى ئىشەنمىسەڭلار بۈگۈن بىزنىڭ ئۆيگە سەۋزە تۈرمىلىگە تەكىلپ قىلىمەن

Rank: 8Rank: 8

توردا
550 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
842

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى 11:28:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن سەۋزە تۈرمىلى ئەتتىم، كېلىپ يەپ كىتەرسىلەر.

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
720 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2190

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى 11:43:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Aydar بۇ يازمىنى 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى 11:28 دە يوللىغان
بۈگۈن سەۋزە تۈرمىلى ئەتتىم، كېلىپ يەپ كىتەرسىلەر.

ئەمسە سىزنىڭكىگىلا بارايلى

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى 15:21:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
. شۇڭا شارائىت يار بەرسە، ھەپتىسىگە ئۈچ دانە سەۋزە يەپ بەرسە ياكى β ــ كاروتىنننى تولۇقلاپ تۇرسا، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ياخشىلىغىلى بولىدىكەن.

سەۋزىنىڭ ---- بۇ خاسىيىتىنى ئۇدۇلىمدا ئولتۇرغان ئاكام بىلىپ قالمىسا ياخشى بولاتتى جۇمۇ ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىمنىڭ يۇقۇرلىغى بىلەن ئۇنى يېڭىپ كېتىۋاتىمەن

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى 10:53:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈرمەل ئۇستىلىرى ئەسلى بىزنىڭ يەتتە قىزلىرىمدا ئىكەن ئەمەسمۇ.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 3Rank: 3

توردا
9 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
2
يازما
67
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى 22:09:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېقىنقى يىللاردىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە قارىغاندا، دائىم سەۋزە ئىستىمال قىلىنسا، ئۆپكە راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان. مۇتەخەسسىسلەر، بىر گۇرۇپپىدىكى دائىم سەۋزە ئىستىمال قىلىدىغان 488 ئادەم ئىچىدە پەقەت ئىككى ئادەمنىڭ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولغانلىقىنى، يەنە بىر گۇرۇپپىدىكى سەۋزىنى ئاز ئىستىمال قىلىدىغان 488 ئادەم ئىچىدە 14 ئادەمنىڭ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇپ، ئالدىنقى گۇرۇپپىدىكى كىشىلەردىن يەتتە ھەسسە يۇقۇرى بولغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.

  مۇتەخەسسىسلەر يەنە تاماكا چېكىدىغانلار كۈنىگە بىر باشتىن سەۋزە ئىستىمال قىلىپ بەرسە، تاماكا چېكىشتىن كېلىپ چىقىدىغان ئۆپكە راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. چۈنكى، سەۋزە تەركىبىدە سەۋزە كاروتىنى مول بولۇپ، ئۇنىڭ راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش رولى بار ئىكەن.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى 22:32:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تاماقنى ئىتىش ئۇسۇلىنى يوللاپ خاتا قىلماپتىماندە ؟...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 23:23 , Processed in 0.078736 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش