يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 208|نەقىل: 3

ساغلاملىققا زىيانلىق 10 خىل يېمەكلىك خۇرۇچى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
974 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1702
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى 15:50:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ساغلاملىققا زىيانلىق 10 خىل يېمەكلىك خۇرۇچى


   1. ناترىي
   پىسا قاتلىمىسى، سىرتتىن سېتىۋالغان تاماقلار، شوخلا قىيامى ۋە تەييار سېتىلىدىغان پىششىق گۆش قاتارلىق يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ناترىي بولۇپ، زىيادە ئىستېمال قلغاندا مېڭە سەكتىسى ۋە يۈرەك مېڭە قان تۇمۇرى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ ناترىي قوبۇل قىلىش مىقدارىنىڭ 2300 مىللىگرامدىن، يەنى بىر قوشۇقتىن ئېشىپ كەتمەسلىكىنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
   2. قايتىلانما ياغ
   ھامبۇرگ بولكىسى، ياڭيۇ قەلەمچىسى ۋە سىرتتىن سېتىۋالغان گۈرۈچ، قۇناق ئېتىلدۇرمىسى قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە مول مىقداردا قايتىلانما ياغ بار. ئۇ ئادەم بەدىنىدىكى خولېستېرىننى ۋە تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرىدۇ.
3. يۇقىرى فرۇكتوزا، كۆممىقۇناق شېكىرى
   گازلىق سۇ، تەم تەڭشەش ماتېرىيالىنىڭ تەركىۋىدە بۇ خىل تاتلىقلاشتۇرغۇچ ۋە چىرىتىشتىن ساقلاش دورىسىنى بايقىغىلى بولىدۇ. بۇ خىل يېمەكلىكلەرنى زىيادە ئىستېمال قىلغاندا سېمىزلىك ۋە قەنت سىيىش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4. يېمەكلىككە ئىشلىتىلىدىغان رەڭ پىگمېنتى
   قىزىل رەڭ 40، سېرىق رەڭ 5، ۋە سېرىق رەڭ 6 (كەينىدىكى سان، رەڭ كود نومۇرىنى كۆرسىتىدۇ) قاتارلىق ئىستېمال قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان رەڭ پىگمېنتىلىرى مېۋە ياسالمىلىرى ۋە تەنھەرىكەت ئىچىملىكلىرىدە كۆپ ئۇچرايدۇ، ئۇلار بالىلاردىكى جىم تۇرماسلىق كېسىلى (多动症) نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھايۋاناتلاردا تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ يەنە راك بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى بايقالغان.
   5. Acesulfame-k (安赛蜜)
   بۇ خىل ھېچقانداق كالۇرىيە ئىسسىقلىقى بولمىغان سۈنئىي تاتلىقلاشتۇرغۇچ كەمپۈت، سېغىز ۋە يالپۇز تەملىك كەمپۈت قاتارلىقلارنى پىششىقلاپ ئىشلەشكە ئىشلىتىلىدۇ. ھايۋاناتلارغا تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق، راك كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ئېنىقلانغان.
6. ھىدروگىنلاشتۇرۇلغان ئۆسۈملۈك مېيى
   بىر خىل يېڭى ساقلاش خۇرۇچى ۋە تەم چىقارغۇچ بولۇش بىلەن، ھېدروگىنلاشتۇرۇلغان ئۆسۈملۈك مېيى دائىم سېرىق ماي ۋە سالا قىيامىغا ئىشلىتىلىدۇ، ئاساسلىقى سۈنئىي سېرىق ماي، كاۋاپ پىشۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇ سېمىزلىك، يۇقىرى خولىستېرىن ۋە يۈرەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
7. ئاسپارتىما تاتلىقى (阿斯巴甜) ۋە ساخارىن
   تەركىبىدە ئىسسىقلىق مىقدارى بولمىغان ساخاروزا ماددىلىرى دائىم تاماق ئۈستىلىدىكى تاتلىقلاشتۇرغۇچ ۋە ئىچىملىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ خۇرۇچلارنىڭ راك كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن.
8. ناترىي نىترىت
   بۇ خىل يېڭى ساقلاش خۇرۇچى كونسىرۋالىق تەييار سۈرلەنگەن گۆش، دۈملەنگەن گۆش، كونسىرۋالىق بېلىق قاتارلىقلاردا كۆپرەك ئۇچرايدۇ. كۆپ خىل راك كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

   9. ئۇن بىر تەرەپ قىلغۇچ ـــــ كالىي برومات
   بۇ خىل خۇرۇچ ئۇن ۋە ئۇن يېمەكلىكلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەشكە ئىشلىتىلىدۇ، راكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە ئىشلىتىش چەكلەنگەن.

   10. تېتىتقۇ (味精)
   سان گۆش، جياڭيۇ ۋە كاۋاپ پىشۇرۇقلىرى خۇرۇچىغا ئىشلىتىلىدۇ. باش ئاغرىش، كۆڭلى ئېلىشىش ۋە دېمى سىقىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بەزى رېتسىپ دورىلار بىلەن بىللە ئىشلىتىلىدۇ. ئۇزۇن مەزگىل ئىستېمال قىلسا، راك كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

مەنبە تەڭرىتاغ تورى





Rank: 1

توردا
22 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
156
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى 08:46:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارسلانغا رەھمەت !
بۇ ماتىريالنى ئۆتكەندە (ساغلاملىق يېتەكچىسى )دىن كۆرگەن ئىدىم ....بۇندىن كېيىن تېخىمۇ دىققەت قىلىپ ،ئەڭ ياخشىسى پىسا دىگەنلەرنى ئۆيدە ئەتسەك بولغۇدەك .

پىسا توغۇرلۇق بىر ھىكايىنى ئاڭلاپ قالغان ئىدىم :

خېلى بۇرۇنلاردا ئەنگىلىيەدىن بىر تەتقىقاتچى دىيارىمىز قەشقەرگە كەلگەن ئىكەن . بۇ ئادەم بىر كۈنى بىر دېھقاننىڭ ئۆيىدە تاماققا داخىل بولۇپ قاپتۇ ،دېھقاننىڭ ئايالى گۆش نان ئېتىۋاتقان بولۇپ ، بۇ مېھمان بۇ تاماققا قىزىقىپ ، ‹نىمانداق پىشمايدۇ ›دەپ سوراۋېرىپتۇ ....دىھقاننىڭ ئايالى :

---بۇ تاماق سىڭىپ پىشقاندا ئاندىن ئالىمىز ، پىشسا ،پىشسا ،پىشسا -دەپتۇ .

شۇندىن كېيىن بۇ تاماقنىڭ ئىسمى ياۋرۇپالاردا پىسا دەپ ئاتىلىپتۇ .

ساڭا كۈلكەم بىلەن بەخت تىلەيمەن !

Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2099
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى 18:45:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى تاماق خۇرۇچلىرىنى بىلىپ بىلمەي ئىستىمال  قىلىپ قۇيىمىز جانغا ئېكەك سېپ

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 1

توردا
127 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
569
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى 15:49:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ،شۇ ئامال بار تاماقلارنى ئۆيدە ئېتىپ يىسەك سەل ياخشىكەن

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 10:32 , Processed in 0.050840 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش