يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1920 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 291|نەقىل: 4

مەن يولدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
96 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
396
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى 17:46:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                   مەن يولدا

                                                            ئەسلىمە

         ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئىككى يىلغىچە خىزمىتىم مۇقىملاشماي ساقلاپ قالدىم، بۇ جەرياندا بىر شەخسى شىركەتتە 10 ئايدەك ئىشلىگەن بولدۇم.  لېكىن، گەرچە مائاشىم ئاران 500 سوم بولسىمۇ، لېكىن، خىزمەت يوق بىكار يۈرگەندىن ياخشى ئىدى، شۇنداقلا، شۇ شىركەتتە ئىشلەش جەريانىدا 6 يىللىق ئالىي مەكتەپتە ئۈگىنەلمىگەن نۇرغۇن نەرسىلەرنى، مەكتەپتە ئۈگىنەلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئۈگىنىۋېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم.  2001-يىلى يىل ئاخىرىدا مەن ھازىرقى ئىدارەمگە ئىشقا چۈشتۈم، ئەمما، يەنە ساقلىدىم، چۈنكى، يېڭىدىن پۈتمەكچى بولغان ھەق ئېلىش پونكىتلىرى تېخى پۈتمىگەن ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن يەنە ساقلاشقا مەجبۇر بولدۇم، بۇ ساقلاش، كۈتۈشنىڭ تەسلىكىنى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، خىزمەت يوق ساقلاپ باققانلار ھىس قىلالايدۇ، مەن ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرسەم،     ئۈزەمنىڭ قاتناش، تاشيول ساھەسىدە ئىشلەپ قېلىشىمنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرۈپ باقماپتىكەنمەن،  ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا ئۈزەمنىڭ دوختۇر بۇلۇش ئىستىكىم شۇنچىلىك كۈچلۈك ئىدىكى، ئۆيدىكىلەرمۇ مىنى ئا دەيفۇ (دوختۇر) دەپ ئاتىشاتتى، چۈنكى، ئائىلىمىز مائارىپچى ئائىلىسى ئىدى، ئاپام، چوڭ ئاچام، كىچىك ئاچام، ئاكام ھەممىسى ئوقۇتقۇچى ئىدى، دادام بولسا مائارىپ ئىدارىسىدا ئىشلەيتى. ئۈزەمنىڭ كەلگۈسىدە ئۆيدىكىلەرنىڭ ھىچقايسىسىنىڭ كەسپىگە ماس ئەمەس بىر كەسپتە ئىشلىشىمنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. دوختۇرلۇق بولسا، ئۈزەمنىڭ قىزىقىشى ۋە ئارزۇسى ئىدى، ئىستىكىم، دوختۇر بۇلۇپ، ئاپامنىڭ كىسىلىنى شىپا تاپقۇزسام دەيتىم، چۈنكى، مەن ئىسىمنى بىلسەم، ئاپام ھەر يىلى يازلىق تەتىلدا يۈرەك كىسىلى ۋە ياكى ئۆت كىسىلى ۋە ياكى ئاشقازان كىسىلى دىگەندەك بىر كىسەل بىلەن ياتاقتا ياتاتتى. مەلۇم بىر يىلى قۇربان ھېيتتىمۇ دوختۇرخانىدا يېتىپ  قالغاندا، كۆڭلۈمنىڭ شۇنچىلىك يېرىم بولغانلىقى يادىمدا.  
    ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى شۇنچىلىك ياخشى بەردىم دەپ ئويلىدىم،  ھەم ئۈزەمنىڭ چۇقۇم تىببى ئۇنۋېرستتىتقا قۇبۇل قىلىنىدىغىنىمغا ئىشەندىم. چۈنكى، شۇ چاغدا تىببى ئۇنۋېرستىت 2-تۈركۈمدىكى مەكتەپ ئىدى. ئاخىرى نەتىجىمىزمۇ چىقتى، تەبىئى پەنلەر بويىچە ناھىيە بويىچە بىرىنچى بولغان ئىدىم.  ئەمما، تەكلىپنى قۇلۇمغا ئالغاندا قىلچىمۇ خۇشال بولالمىدىم، نۇمۇر يۇقۇرى بولغاچقا، بىۋاستە تەييارلىققا قۇبۇل قىلىنغان ئىدىم، كېيىن، ئىچكىردە ئوقۇيتۇم. لېكىن، تاللايدىغان كەسپلەرنىڭ ئىچىدە دوختۇرلۇق يوق ئىدى. دوختۇر بولالمايتىم. بۇمۇ تەغدىرنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىشى بولسا كېرەك دەپ، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرستىتنىڭ تەييارلىقىدا ئوقۇشقا كىرىشىپ  كەتتىم. تەييارلىقتىكى ئىككى يىلىمىز تىزلا ئۈتۈپ كەتتى. ئىككى يىلدىن كېيىنكى ئىچكىردىكى ئالىي مەكتەپلەرنى تاللاشتا يەنە بىر تاللاشقا، رىقابەتكە دۈچ كەلدۇق. ئەلۋەتتە، ئۇ چاغلاردا 80 ئوقۇغۇچىدىن ئالدىنقى قاتاردا ماڭغان ئوقۇغۇچىلار ياخشى مەكتەپلەرنى تاللىيالايتى.  مەركىزى مالىيە ئىختىساد ئۇنۋېرسىتىتى، شاڭخەي مالىيە ئىختىساد ئۇنۋېرسىتىتى،  دالىيەن مالىيە ئىختىساد ئۇنۋېرسىتىتى قاتارلىقلار بىرىنچىدىن ئۈچىنچىگە بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاللاش نۇقتىلىرى ئىدى. ئەلۋەتتە 80 ساۋاقداشنىڭ ئىچىدە 7-بۇلۇپ ئوقۇماق ئاسان بولمىسىمۇ، ئەمما، ئازۇ قىلىپ توشقۇزغان ، تاللىغان مەكتەپلىرىمىزنىڭ قايسىسىدىن بىزگە چاقىرىق كېلىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس ئىدى، تەتىل بۇلۇپ، يۇرتقا كەتتۇق، 9-ئايغا ئاز قالغاندا تەكلىپمۇ كەلدى، ئەمما، بۇ تەكلىپمۇ، مىنى خۇشال قىلالمىدى، ئەمما، ھاياتلىقتا بىز دەسلەپتە خالىمىغان نەرسىلەردىن بىزگە ھامىنى يامانلىق كەلمەيدىكەن، بۇ خۇددى، ساماۋى كىتاپتا دىيىلگەندەك، سىلەرنىڭ خالىغىنىڭلار بولمايدۇ، بەلكى، ياراتقۇچىنىڭ خالىغىنى بولىدۇ، دىگىنىدەك، چۈنكى، ياراتقۇچى، بىزگە ،بىزنىڭ كېيىنكى ھاياتىمىزدا، بىزنىڭ مىجەز-خارەكتىرىمىزگە نىمىنىڭ ئەڭ ياخشى ماس كېلىدىغانلىقىنى بىزدىنمۇ بەكرەك بىلىدىكەن.
     شۇنداق قىلىپ، ئەينى چاغدا مەدەنىيەت ئوچاقلىرىدىن بولغان، بۈيۈك تاڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى، ھازىرقى زاماندىكى ساياھەت شەھىرى شىئەنگە قاراپ، سېنتەبىردە يولغا چىقتۇق، ئۈرۈمچىگە كېلىپ، مەندىن باشقا تەييارلىقتا ئوقۇغان 10 دەك ساۋاقدىشىمنىڭ شۇ مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنغانلىقىمنى بىلدىم، پويىزدا تۈنجى قېتىم ئىچكىرگە مېڭىش بولغاندىكىن، ساۋاقداشلار بىلەن دەسلەپتە قىزىقشىنىش، كېيىن، كېچىسىدىكى تاتلىق ئۇيقۇنى يېڭىپ، ئولتۇرۇپ ئۇخلاشتەك چوڭ جەڭلەرنى يېڭىپ، 3 كېچە ئىككى كۈندۈزدە ئاران يېتىپ باردۇق بۇ جايغا.  
       قاتناش ئۇنۋېرسىتىتتا ئوقۇش شۇنىڭ بىلەن باشلاندى. شۇ چاغلاردا، شىنجاڭدا تېخى يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيول يوق ئىدى، كېيىن، شۇ چاغدىكى قاتناش ئۇنۋېرستىتنىڭ نازىرى ئامان نازىرنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە رولى بىلەن شىنجاڭدا تۇرپان-ئۈرۈمچى-داخۇاڭشەن يۇقۇرى دەرىجىلىك تاشيول ياسالدى، كېيىن، يەنى 2000-يىلى يەنى دەل بىز ئوقۇش پۈتتۈرگەن چاغدا ، ئۈرۈمچى-كۈيتۈن يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولى ياسىلىپ، قاتناش باشلىنىپ، شىنجاڭ تارىخىدا يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ بولماسلىقىغا خاتىمە بىرىلدى.  ئەينى چاغدا بىزنى پاكۇلتىتتىن شەنشىدىكى خۇاڭخې گۇرۇھىغا پىراكتىكىغا ئاپارغان چاغدا، يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ماڭغان ئىدۇق، ئۇ چاغدا تۇنۇش ئانچە چوڭ بولمىغاچقا، بىزگە بەك ئالاھىدە بىلىنمىگەن ئىدى.
      2002-يىلى4-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى ئىدارىدىن بىزنى ئاخىرى چاقىرتتى، ئىدارىغا دوكلات قىلىپ، ئىدارىدىن چاقىرتقىچىلىك 5 ئايدىن ۋاقىت كۈتتۈم، بۇ 5 ئاي ۋاقىت، شۇنچىلىك ئاستا ئۆتتى، مەن ئۈچۈن، خۇددى بەش  يىلدەك، نۇرغۇن ساۋاقداشلىرىم ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەپلا، ئالدى بىر-ئىككى ئايغا قالمايلا خىزمەتكە چۈشكەن ئىدى، بەزىلىرى بىرەر يىلغا قالمايلا خىزمەتكە چۈشكەن ئىدى، مىنىڭ بۇنچىلىك 2 يىلغا يېقىن ساقلاپ كېتىشىمنى ئويلىماپتىكەنمەن. شەخسى شىركەتتە ئىشلىگەن 10 ئاي ۋاقتىمنى ھىساپقا ئالمىغاندا. ئىدارىدىن چاقىرتقاندىن كېيىن،  بىر ئاي ھەربى مەشىق قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئىشقا چۈشىدىغانلىقىمىز توغرىلىق ئۇقتۇرۇش كەلدى. شۇنىڭ بىلەن يۈكسەك قىزغىنلىق ۋە ئىشتىياق بىلەن ئىدارىغا كەلدۇق. ئىدارىنىڭ ماشىنىسىدا كېىتىۋاتىمىز، شۇ چاغدىلا مەن يۇقۇرى دەرىجىلىك تاشيولنىڭ ئىسىللىقىنى ھىس قىلغان ئىدىم. ئاپتۇۋۇزدا سىلىق كىتىۋاتىمىز. ھىچقانداق سىلكىنىش يوق، شۇنچىلىك راھەت، شۇنچىلىك ئارەمبەخش. ئۈزەمنىڭ مۇشۇنداق ياخشى ئىدارىدا ئىشلىگىنىمدىن شۇنچىلىك خۇشاللىنارلىق ھىس قىلدىم، ھەم خۇشال بولدۇم، ھاياجانلاندىم. كىچىك ۋاقىتلىرىمدا يېزىدا تۇراتتۇق، يېزا يوللىرىدا تار توپىلىق ئىدى، ئولتۇرىشىمىز، ئات ھارۋىسى ۋە ياكى ئىشەك ھارۋىسى دىگەندەك. بىريەردىن يەنە بىر يەرگە بارغۇچە سۆڭگەچلەر ئاغرىپ كەتكەن،  بىر يېزىدىن يىراق يېزىدىكى بىر تۇققىنىمىزنىڭ ئۆيىگە بارغۇچە يېرىم كۈن كەتكەن، كەچرەك قالسا، كەپ بولغۇچە يېرىم كېچە بۇلۇپ كەتكەن، قاپ-قاراڭغۇ . كوچىلاردا چىراقلار نىمىش قىلسۇن. ئاسماندىكى يۇلتۇزنىڭ يۇرۇقىدىن باشقا. ئاي بولسا، ئاينىڭ شولىسىدا ماڭاتتۇق.  
      ھەربى مەشق ئاخىرلىشىپ، ھەر خىل سىناقلار تۈگىگەندىن كېيىن، سانجى ئورگاندا  خىزمەتكە چۈشتۈم. شۇندىن بىرى ئۈرۈمچى -سانجى ئارىلىقىدا قاتناپ ئىشلەۋاتىمەن. شۇ يىلى ئۈرۈمچى-سانجى ئارىسىدىكى يولنى ئوڭشاۋاتقان ئىكەن، ئۈرۈمچىدىن سانجىغا كەپ بولغۇچە، ئۇزۇن ۋاقىت كېتەتتى، ئۇ چاغلاردا 11-يول ئاپتۇۋۇسى ھۈكۈمەتنىڭ ، شەخسىنىڭ دەپ ئىككى خىلغا بۈلىنەتتى.  دەسلەپتە قايسسىسىنىڭ ھۈكۈمەتنىڭ قايسىسىنىڭ شەخسىنىڭ ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرەلمەيتۇق، شەخسنىڭكىگە چىقسا، بەزىدە ئادەم توشمىسا، دىۋوپۇ ھەق ئېلىش پونكىتىنىڭ ھەق ئېلىشىدىن قېچىپ، يول ئايلىنىپ ماڭاتتى، بۇنداق چاغدا، تېخىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت كېتەتتى.  ئىشقىلىپ، مۇشۇ 10 يىلدىن بىرى سانجىدىن ئۈرۈمچىگە كەلگۈچە، ئۈرۈمچىدىن سانجىغا بارغۇچە يولدا مېڭىپ ھارمىدىم، مەندەك ئۈرۈمچىدىن سانجىغا ۋە ياكى سانجىدىن ئۈرۈمچىگە قاتناپ ئىشلەيدىغانلار ئاز ئەمەس ئىدى، بەزى يېشى ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭمۇ قاتناپ ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ، شۈكرى قىلاتتىم، قەلبىم قانائەت ھىس قىلاتتى. دەسلەپتە، 11-يول ئاپتۇۋۇزى ئۈرۈمچىدە دوستلۇق يولى،  تىببى ئۇنۋېرستىت يولى، مەرھابا يولىدىن ئۆتۈپ، ئاندىن ئايدۇرۇدۇم يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولغا كىرىپ، ئاندىن سانجىغا كېلەتتى. كېيىن، ئالتاي يولىدىن ماڭىدىغان بولدى. دەسلەپتە، ھۈكۈمەت شەخس دەپ ئايرىلىدىغان بولسا، كېيىن بىرلەشتى. دەسلەپتە ھەر خىل، ھەر شەكىلدىكى ماشىنىلار سەپلەنگەن بولسا، كېيىن، ئالمائۇرۇغى رەڭلىك مۇدەن ماركىلىق ماشىنىلار سېلىندى، كېيىن، ئۇ ماشىنىلار بىراك بۇلۇپ، ئاق رەڭلىك ماشىنىلارغا ئالماشتۇرۇلدى، سانجىنىڭ بەزى ماشىنىلىرىنىڭ ئالدىدا تېخى بېنز ماشىنىنىڭ بەلگىسى بار.  ئىشقىلىپ، ماشىنىلار يېڭىلاندى، يولمۇ بۇرۇنقى ئادەتتىكى يولدىن، دەرىجىلىك يولغا ئايلاندى، 2009-يىلى دۆلەت بايرىمىدىن بىر كۈن بۇرۇن، ئوڭ تەرەپتە 4 ماشىنا يولى، سول تەرەپتە 4 ماشىنا يولى قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، پۈتۈن لىنىيە تېز سۈرئەتلىك، قىزىل چىراق يوق، داغدام، كەڭرى يولغا ئايلاندۇرۇلدى. ھىساپتا 8 ماشىنا قاتارلىشىپ ماڭالايدۇ، ئىككى تەرەپتىن.
     ئۆي ئۈرۈمچىدە، خىزمەت سانجىدا بولغاچقا، 10 يىلدىن بىرى بۇ يولدىن توختىماي مېڭىۋاتماقتىمەن، يوللار ئۆزگەرمەكتە، يولنىڭ ئەتراپىدىكى ئېلان تاختىلىرى ئۆزگەرمەكتە، يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدا ھەر خىل زاۋۇتلار سېلىندى، سەنپىڭ، ۋۇيى لاردىن ئۆتكۈچە، ئەتىيازدا ياپ يېشىل مايسىلارنى، يازدا يېرىم سارغايغان بۇغداي مايسىلىرىنى ، ۋە ياكى قۇلماق ئېتىزلىقلىرىنى،  مولھۇسۇللۇق كۈزدە  باشاقلىرىنى كۆتىرەلمەي قېىلىشقان زىرائەتلەرنى، قەھرىتان سوغاقتا، قاردىن ئاپپاق لىباس كەيگەن كەڭرى ئېتىز-دالىلارنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، ماشىنىدا، يولدا ماڭىمەن.
   ئايىغىم چىقىپ، يولدا ماڭغانچە، ھازىرغىچە توختىماي مېڭىۋاتىمەن، ھايات داۋاملاشماقتا، يوللار ئۆزگەرمەكتە، ئادەملەر يولدىن ئۈتۈشمەكتە، ماشىنىلار يولدا ئۇچقاندەك كېتىۋاتماقتا، ھايات توختىماستىن ئالغا ئىلگىرلىمەكتە، پۈتۈن كائىنات ھەركەتتە، ئالدىغا قاراپ ماڭماقتا.
      يول بىزنى كۈتمەكتە، بىز ماڭماقتىمىز، بىز يولدىن ئايرىلالمايمىز، يول بىز بىلەن ئاۋات. ئۈرۈمچىدە، ئەڭ دەسلەپتە پەقەت غەربى شىمال يولىدا قوش قەۋەتلىك يولنى كۈرەتتۇق، كېين، بۇ يوللار بارغانسىرى ئۈرۈمچى يوللىرىدا كەڭىيىپ، ئۈرۈمچىنىڭ ھەممە يىرىگە تۇتاشتى، BRT  يوللىرى ياسىلىپ، ئىسىل  BRT  ئاپتۇۋۇزلىرى ئادەمگە ھۇزۇر بېغىشلايتى. پات ئارىدا ياسىلىدىغان يەر ئاستى پويىز يوللىرى بىزگە قاتناشتا تېىخىمۇ زور ئاسانچىلىقنى ئېلىپ كەلگۈسى.  نەگىلا قارىساق يول، ئۈستىمىزدە ھاۋا يولى، قۇرۇقلۇقتا ماشىنا يولى، پويىز رېلىسى، سۇ ئۈستىدە پاروخوتلار ئۈچۈن يول ،  ھەممىسى بىز ئادەملەرنىڭ يول يۈرىشى ئۈچۈن ئاسانچىلىق يارىتىپ بەرمەكتە. مەن يولدا، سىزمۇ يولدا، ئۇمۇ يولدا. ئۆتمۈشىمىزدىكى يوللار، ھازىرقى يوللار، كەلگۈسىمىزدىكى يوللار. ھەممىسى يول، ھەممىسى بىز ئۈچۈن ، ھەممىسى ئىنسانلار ئۈچۈن
                       قىسقىسى مەن يولدا ئىكەنمەن. ھەممىمىز يولدا ئىكەنمىز.  

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   peacelife212 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى 19:21  


Rank: 3Rank: 3

توردا
96 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
396
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى 19:22:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خاتالىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن چەۋەندازغا رەھمەت.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
974 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1703
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى 20:24:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەپسىلى ئۇقۇپ چىقىپ ، ئۆتمۈش بۇلۇپ كەتكەن ھاياتىمنى ئەسلەپ قالدىم .
شۇنداق ، جاھاندا يول يوق ئىدى . ئادەملەر ماڭغانسىرى يول پەيدا بولدى . تار ، كىچىك ئىدى . پاراسەت ، شىجائەت ئۇنى چەكسىزلىككە ، بۈيۈكلۈككە ئىگە قىلدى . بەزىمىز تۈز يولدىمۇ پۇتلىشىمىز ، بەزىمىز ئوڭغۇل-دوڭغۇل ئىدىرلىقلاردىمۇ چەبدەس قەدەم تاشلىيالايمىز . يولنى چۇقۇم بولمىسۇن بېسىپ تۈگىتىش كىرەك .
يولدىن باشلانغان ھاياتىڭىز ، يولدىن باشلانغان بۈيۈك ئارمانلىرىڭىزغا چەكسىز ئۈمىت ، تىرىشچانلىق ، تاغدەك ئىرادە نىسىپ ئەتكىنىدەك ھەممىمىزگە مەڭگۈلۈك ئىشەنچ يار بولغاي .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
495 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1893

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى 21:54:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېچ تۇرمۇش ، مەنمۇ ئەينى چاغدا تىببىي ئۇنۋېرستىنى يازغانىدىم ، 2- تۈركۈم بولغاچقا چوقۇم ئۆتۈپ كېتىمەن دىگەنىدىم ،  كېيىن ئۆيدىكىلەر ئىگىز - پەس قىلىپ يۈرۈپ تەييارلىقنى يېزىپ قويۇپ نومۇرۇم شۇ 1- تۈركۈمگە ئۆتۈپ كېتىپ تاس قالغانىدىم ساراڭ بولۇپ قالغىلى ،  نىمىشقىكىن شۇ چاغلاردا قەتئىي ئىچكىرىگە بارمايمەن تىببىي ئونۋېرسىتتا ئوقۇغىنىم ئوقۇغان دەپ يۈرۈپ ئۆزۈم يولىنى مېڭىپ بىر يىل تەييارلىقنى ئوقۇپ يۆتكۈلۈپ كەتكەنىدىم ، يازمىڭىزنى ئوقۇپ شۇ چاغلىرىم ، تەتىلدە شۇ سانجىنىڭ شەخسي ماشىنىسغا ئولتۇرۇپ دوستۇمنىڭ ئۆيىگە بارغانلىرىم ئېسىمگە كېلىپ قالدى ....

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا

Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2110
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى 13:09:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
peacelife212 يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى 19:22
خاتالىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن چەۋەندازغا رەھمەت.

چېپلغاق ھە مەن

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 15:47 , Processed in 0.052026 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش