يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1921 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 369|نەقىل: 6

پەرزەنت تەربىيىسىدە مۇھىم بەش جۈملە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
147 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
432
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى 13:42:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مۇنۇ بەش جۈملىنى دائىم دەپ بىرىش ياخشى بولغان پەرزەنت تەربىيىسىدە ناھايىتى مۇھىم .

ھەممىمىز بىلىمىز ، ئاتا - ئانا بالىنىڭ بىرىنچى ئوقۇتقۇچىسى ، ئاتا - ئانىنىڭ ئىش - ھەرىكەتلىرى ۋە سۆزلىرى بالىنىڭ ئۈسۈپ - يىتىلىشى، مىجەز - خاراكتىرىنىڭ يىتىلىشى قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەرگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ . ئەمەلىيەتتە ، بالىنى ياخشى تەربىيلەش بىر خىل ئازادە ۋە كۆڭۈللۈك ئىشتۇر ، ئادەتتە پەرزەنتىڭىزگە تۆۋەندىكى بەش جۈملە سۆزنى كۆپ دەپ بەرسىڭىز سىزگە ياردىمى چوڭ بولىدۇ .

1. "ئۆزىڭىز قارار قىلىڭ !"
ئەگەر سىز بالىڭىزغا بىر ئىشنى قىلدۇرماقچى ياكى قىلىۋاتقان ئىشىنى توختاتماقچى بولسىڭىز ، سىزنىڭ مۇشۇنداق دىيىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن . بۇنداق دىسىڭىز بالىڭىزنىڭ ئۆزى قىلغان ئىشىغا مەسئۇل بولۇش تۇيغۇسىنى ئويغاتقىلى بولىدۇ ، شۇ ئارقىلىق مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى شەكىللىنىدۇ .

2. "بالام ، سىزنى ياخشى كۈرىمەن ، (سىزگە مەن بەك ئامراق ) ، ئەمما بۇنداق قىلىشىڭىزنى ياقتۇرمايمەن ."
ئاتا - ئانا بولغانكەنمىز ، بالىنى تەنقىت قىلىشتىن يىراق تۇرالمايمىز ، بۇ ۋاقىتتا ئەڭ مۇھىم بولغىنى سۆھبەت ۋە مۇلاھىزە ، بۇنداق بولغاندا بالا ئۆزىنىڭ خاتا ئىش قىلغانلىقىنى بىلىۋالىدۇ ، ئەمما بۇ ئۇنىڭ ئەسكى ئادەم بوپ قالغانلىقىدىن دىرەك بەرمەيدۇ . بالىنى تەنقىت قىلغاندا ئۈزىڭىزنىڭ ئۇنى ياخشى كۈرىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىشىڭىز سىزنىڭمۇ سەمىڭىزگە شۇنى سالىدۇكى : بالىنى تەنقىت قىلىشىڭىز ئۇنى جازالاش ئۈچۈن ئەمەس بالىڭىزنىڭ توغرا - خاتانى ياخشى ئايرىۋېلىشى ئۈچۈن .

3." سىز ئەمەلىيەتتە نىمە دىمەكچى ؟"
بەزىدە بالىلار ئۆزىنىڭ سىزىمىنى ۋە ھىسسىياتىنى ياخشى ئىپادىلىيەلمەيدۇ ۋە توختىماستىن " ياق !" ، " ماڭا سەن كىرەك ئەمەس " ، " "مەن ئۆچ ... " دىگەندەك سۆزلەرنى دەپ ۋارقىرايدۇ . بۇ چاغ دەل سىزنىڭ ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى ئىپادىلىۋېلىشىغا ياردەم قىلىدىغان ۋاقتىڭىز . بالا ئاستا - ئاستا كۆڭلىدە ھىس قىلغانلىرىنى ئېنىق بايقىۋالالايدىغان بولغاندا سىز يېنىدا بولمىسىڭىزمۇ ئەمما ھىس - تۇيغۇلىرىنى ئەتراپىدىكىلەرگە ياخشى ئىپادە قىلالايدىغان بولىدۇ .

4. " ماڭا ياردەملىشىپ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشىپ بىرەمسىز ؟!"
بۇ سىھرى كۈچكە ئىگە بىر جۈملە . بۇ بالىغا ئۈزىنىڭ ئىش - ھەرىكىتىنىڭ ئالقىشقا ۋە ھۆرمەتكە ئىرىشكەنلىكىنى ھىس قىلدۇرىدۇ .

5. " ھەر ئادەمنىڭ ئوخشىمىغان ئېھتىياجى بولىدۇ ."
بالىڭىز سىزگە غەلۋە قىلىپ ئارتۇق نەرسىلەرنى تەلەپ قىلغاندا بۇ جۈملىنى قوللىنىڭ ! بالىڭىزغا ھەر بىر ئادەمنىڭ مەلۇم بىر نەرسىگە ھەقىقىي ئېھتىياجى بولغاندا ئاندىن شۇ نەرسىگە ئىرىشەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈڭ . مەسىلەن بالىڭىزنىڭ بىر دوستى يېڭى ئاياق كەيگەندە كونا ئايىقىنىڭ كىچىك كەپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئاتا - ئانىسى يېڭى ئاياق ئېپ بەرگەنلىكىنى ، بۇ ھەممە كىچىك بالىلارنىڭ يېڭى ئاياق كىيىدىغانلىقىدىن دىرەك بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتىڭ !


تەرجىمىدە :ھىلال


Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2110
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى 15:44:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھازىر ئوقۇپ قۇيۇپلا قاچاي

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
495 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1893

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى 22:03:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
." سىز ئەمەلىيەتتە نىمە دىمەكچى ؟"
بەزىدە بالىلار ئۆزىنىڭ سىزىمىنى ۋە ھىسسىياتىنى ياخشى ئىپادىلىيەلمەيدۇ ۋە توختىماستىن " ياق !" ، " ماڭا سەن كىرەك ئەمەس " ، " "مەن ئۆچ ... " دىگەندەك سۆزلەرنى دەپ ۋارقىرايدۇ . بۇ چاغ دەل سىزنىڭ ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى ئىپادىلىۋېلىشىغا ياردەم قىلىدىغان ۋاقتىڭىز . بالا ئاستا - ئاستا كۆڭلىدە ھىس قىلغانلىرىنى ئېنىق بايقىۋالالايدىغان بولغاندا سىز يېنىدا بولمىسىڭىزمۇ ئەمما ھىس - تۇيغۇلىرىنى ئەتراپىدىكىلەرگە ياخشى ئىپادە قىلالايدىغان بولىدۇ
بۇنى كۆرۈپلا ئېسىمگە تۆۋەندىكى سىن كېلىپ قالدى ، بەك ئوماق بەزىدە بالىلار


جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا

Rank: 1

توردا
22 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
156
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى 09:51:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تولىسى بالىلارغا سىلەر چوقۇم قىلالايسىلەر دەپ رىغبەتلەندۈرىمەن .

بۇ 5 جۈملىنى كۈندە ئىشلىتەي .

ساڭا كۈلكەم بىلەن بەخت تىلەيمەن !

Rank: 1

توردا
127 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
569
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 16:23:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باللىرىمنى تەربىيلەشيە تازا پايدىلامسام بولغۇدەك رەخمەت سىزگە

Rank: 1

توردا
42 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
222
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى 17:28:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1. "ئۆزىڭىز قارار قىلىڭ !"

ئاپام مۇشۇنى بىر ئۈگەنسە بوپتىكەن

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 18:23 , Processed in 0.073552 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش