يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 425|نەقىل: 7

ساغلاملىق بۇيۇمى ئىشلىتىپ تېرىسى سېسىپ كەتكەن ئايال [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
69 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى
نادىر
0
يازما
81
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى 09:55:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېنجىن خەۋەر تورى خەۋىرى، شەندوڭ رادىئو تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى تېلېۋىزىيە ئاممىۋى قانىلى <خەۋەر قىزلار گۇرۇپپىسى>دوكىلاتىدا دېيىلىشىچە ، خېزېدىكى 43ياشلىق خوجايىن جوۋشىيۈننىڭ ئەسلىدىكى ھۆسن جامالىمۇ يامان ئەمەس بولسىمۇ ، تېخىمۇ گۈزەل بولۇش ئۈچۈن ۋەنمېي شىركىتىنىڭ بىرتۈركۈمدىكى مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلغان ، بىراق ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بوينىدىن تارتىپ كۆكسىگىچە بولغان قىسىملارنىڭ ھەممىسىنىڭ تېرىسى سېسىپ كەتكەن . 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۇنىڭغا بىر تېلېفون كېلىپ ,ئۆزىنى 28يىل بۇرۇنقى باشلانغۇچ ساۋاقدىشى گوگۇيجۇ دېگەن ، شۇنداقلا ئۇنى گۇاڭجۇغا كېلىپ ئويناپ كېتىشكە تەكلىپ قىلغان , بۇنىڭدىن جوۋشىيۈن قاتتىق خۇشال بولغان.بىراق ئويلىمىغان يەردىن ئۇ گۇاڭجۇغا بارغاندىن كېيىن دوستى ئۇنى ئۇدا نەچچە كۈن ۋەنمېي شىركىتىنىڭ لېكسىيىلىرىگە ئېلىپ بارغان ، جوۋشىيۈن ئىشنىڭ نورمال ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ ئۆيىگە قايتىپ كەتمەكچى بولغان .دوستى ئۇنى ۋەنمېينىڭ بىر سېتىش دۇكىنىغا ئېلىپ كېلىپ مەھسۇلاتلارنى سىناپ بېقىشىنى ، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ لىمفا ۋە ئۆپكە كېسىلىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ ، ئۇنىڭدىن بىريۈرۈش مەھسۇلات سېتىۋېلىشىنى ئۆتۈنگەن .دوستىنىڭ ئۆتۈنۈشىگە ئامال قىلالمىغان جوۋشىيۈن ئۈچ مىڭ نەچچە يۈزيۈەنلىك ۋەنمېي مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالغان .ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ دوستى ئۇنىڭغا ئىزچىل ئەسكەرتىپ , مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىشنى شۇنداقلا تاماق يېيىشنى توختىتىشنى ئيتقان .بىرمەزگىلدىن كېيىن ئۇ قۇلىقىنىڭ كەينى تەرىپىگە بىر پارچە قوتۇر تەمرەتكە چىقىپ قالغانلىقىنى بايقىغان .دەسلەپتە جوۋشىيۈنمۇ ئانچە ئېرەن قىلمىغان ، ۋەنمېي شىركىتىنىڭ خادىملىرىمۇ بۇنى زەھەرنى ھەيدەش دېگەن .بىراق تېرىسى بارغانسېرى ناچارلىشىپ كەتكەن , ئۇ ئامالسىزلىقتىن گۇاڭجۇغا بېرىپ تېرىسىنى ئاسراتقان ، ئەمما ئاقىۋەتتە ئەھۋال تېخىمۇ ناچارلىشىپ ، تېرىسى سويۇلۇپ ، ئاخىرى سېسىپ كەتكەن .ئەھۋالنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى پەملىگەن جوۋشىيۈن دەرھال خېزېغا قايتىپ كەلگەن ، بۇ چاغدا ئۇ يولدىشىدىن يوشۇرۇن ئۈچ تۆت مىڭ يۈەننى خەجلەپ بولغان.بىراق بىر ئوبدان تۇرغان ئايالىنىڭ تېرىلىرىنىڭ سېسىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن يولدىشى قاتتىق ئاچچىقلانغان ، ھەتتا سېسىق پۇراق چىقىپ تۇرىدىغان ئايالى بىلەن بىللە تۇرۇشنىمۇ خالىماي مېھمانخانىدا ياتقان .ئۇ مەزگىللەردە جوۋشىيۈن كېچە-كۈندۈز قاتتىق قىززىغان ، ئىچىنى چۈمۈلە تاتىلىغاندەك بىئارام بولغان .ئۆزىنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇ سوتقا ئەرز سۇنغان ، بىراق ئىسپاتلىرىنىڭ تولۇق بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن , سوت ۋاقتىنچە ئۇنىڭ ئەرزىنى قوبۇل قىلمىغان بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قاپلان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى 07:13  


Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2099
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى 22:43:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

  چىرايلىق بۇلىمەن دەپ،ئەستەقپۇللا

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 3Rank: 3

توردا
766 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1416

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى 22:46:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي خۇدايىم! ئوزۇقلۇقلارنى ئالدىراپ ئىستېمال قىلمىسا بولغۇدەك جۇمۇ. تۇرۇپلا 如新 نىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئويلاپ قالدىم. ئۇلار دەيدۇ: زەھەرنى ھەيدەپ تېشىغا تېپىدۇ، ئاندىن ئوڭشايدۇ، دەپ. ئەمما...........

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 1

توردا
22 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
156
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى 09:26:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر ۋاقىت‹ شۈكرى‹نى ئۇنۇتمىغان بولسا ھە ؟؟؟؟

ساڭا كۈلكەم بىلەن بەخت تىلەيمەن !

Rank: 3Rank: 3

توردا
96 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
396
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى 13:14:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي خۇدايىم! ئوزۇقلۇقلارنى ئالدىراپ ئىستېمال قىلمىسا بولغۇدەك جۇمۇ. تۇرۇپلا 如新 نىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئويلاپ قالدىم. ئۇلار دەيدۇ: زەھەرنى ھەيدەپ تېشىغا تېپىدۇ، ئاندىن ئوڭشايدۇ، دەپ. ئەمما...........



ئەمىسە ئورفىلەم قانداقتۇ ؟   ئايالىمنىڭ سىڭلىسى ئورفىلەمنىڭ ئاقسىل تالقىنىنى ئىچىپ، ئۇرۇقلاپتۇ. 5 قاپ ئىچىپتىكەن، تاماقتىن يېرىم سائەت بۇرۇن ئىچىدىكەن.

Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2099
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى 13:34:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
peacelife212 يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى 13:14
ئەمىسە ئورفىلەم قانداقتۇ ؟   ئايالىمنىڭ سىڭلىسى  ...

سىز بى ئېچىپ باققان بولسىڭىز ئازراق ئوروقلايتىلە بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   باتۇرچەۋەنداز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى 15:21  


ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 8Rank: 8

توردا
67 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى
نادىر
1
يازما
101

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى 09:10:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۆزىمىزنىڭ تەبىئىي يېمەكلىرىنى ئىستىمال قىلىشنى،شۇنداقلا يەنە قاپ،بوتولكىلارغا قاچىلانغان ھەرقانداق نەرسىدىن ئېھتىيات قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.ھەتتا سىرتتىكى ئاشخانا، رېستۇرانلارنىڭ تائاملىرىدىن ئۆزىمىزنىڭ ئىسسىق نان،قۇرۇق ۋە ھۆل مېۋىلەرنى ئىشەنچلىك ھەم پايدىلىق دەپ قارايمەن.(باشقىلارمۇ شۇنداقتۇ بەلكىم).بۇ قاراشنى ھەر ۋاقىت ئۇنتۇمىساق،ئۆزىمىزنىڭ تەبىئىي ھالىتىمىزدىن رازى بولساق،شۈكىرى-قانائەتنى ئۇنتۇپ قالمىساق،ئەشۇ خانىمدەك ئاقىۋەتلەرگە قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kizilgul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى 09:11  


تاشلىۋەتمە،ئۇنتۇلمايسەن،يېپىشىۋالما خار بولمايسەن.(ئا.پ.چىخوۋ)

Rank: 1

توردا
69 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى
نادىر
0
يازما
81
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى 12:19:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kizilgul يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى 09:10
مەن ئۆزىمىزنىڭ تەبىئىي يېمەكلىرىنى ئىستىمال قىلىشنى، ...

مەنمۇ سىزدەك قاراشتا ،شۈكىرى-قانائەتنى ھەرۋاقىت  ئۇنتۇماسلېقىمىز كىرەك.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 10:04 , Processed in 0.062963 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش