يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 

 

ئىزدەش
يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى باش بەت قىزىم، سىزگە گېپىم بار دانىشمەنلەر قىزلارغا نىمە د ...
كۆرۈش: 1438|ئىنكاس: 9
go

دانىشمەنلەر قىزلارغا نىمە دەيدۇ؟

Rank: 8Rank: 8

توردا
154 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى 
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى 
نادىر
يازما
451 

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى 21:59 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
(1) ئەي قىزىم، قىزلارنڭ ئەڭ گۈزىلى ھايا ۋە ئىپپەت پەردىسىگە ئۇرالغىنىدۇر.
ھەقىقەتەنمۇ قىزلار قەلەم قاش، شەھلا كۆز ، ئۇزۇن چاچ، كېلىشكەن، گۈزەل بولسمۇ شەرم-ھايالىق بولمىسا، ئۇلارنى ھېچكىم گۈزەل دېمەيدۇ. ئىپپەتلىك قىز دېگەندە، كۆز ئالدىمىزغا تەبئىي مۇلايىم، ئەقىل-پاراسەتلىك، ھايالىق، نۇمۇسچان، ئاتا-ئانىغا مېھرىبان، قېرىنداشلىرىغا كۆيۈمچان، چوڭ-كىچىكلەرگە ئېتىبارلىق قىز نامايەن بولىدۇ ۋە بۇنداقلار كۆزىمىزگە چىرايلىق، يېقملىق كۆرۈنىدۇ.
ھايا كىشىلەرنى يامان يولدىن قايتۇرغۇچى ۋە ياخشىلىققا ئۈندىگۈچىدۇر.
كىمنىڭ ھاياسى بولمىسا، شۇنىڭدا ئۇيات بولمايدۇ ۋە بارچە قەبىھ ئىشلارنى قىلىشتىنمۇ يانمايدۇ
(2) ئەي قىزىم، ئىپپەت- ۋىجدانىي پاكلىق، نۇمۇس، ھايا دېگەنلىكتۇر.
قىزلارنىڭ تەبئىيتىگە خاس پاكىزلىق، ھايا، نەپسىلىك، زىبالىق، ھوشيارلىق كەبى پەزىلەتلەر ئۇلارنىڭ ھۆسنىگە ھۆسۈن، لاتاپىتىگە لاتاپەت قوشىدۇ. قىزنىڭ ھۆسنى-يېرىم بايلىق،  ئەقلى بولسا خەزىنە.
ئۇلۇغ ئالىم ئىبىن سىنا: «ئىنساندا مەڭگۇ تۇرىدىغان ھۆسۈن ۋە لاتاپەت-ھايا بىلەن ئىپپەتتۇر، ھاياسىز يۈز جانسىز جەسەت كەبىيدۇر» دېگەن ئىدى. دەر ھەقىقەت ئادەمنى ئۆزىگە تارتىدىغان، ئسسىق كۆرسىتىدىغان نەرسە-كىشىنىڭ ھايا ۋە ئىپپىتىدۇر.
ھايا ۋە ئىپپەتنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن قىز ھامان ھەقىقىي ئىنسانلىق خاراكتىرىنى يېتىلدۈرەلەيدۇ.
(3) ئەي قىزىم، تىل بىلەن يۈرەك- ياخشلىق بىلەن يامانلىقىنىڭ بۇلىقى. بۇ ئىككىسى ياخشى بولسا، ئادەممۇ بەختلىك ۋە ياخشى بولىدۇ. بۇ ئىككىسى يامان بولسا، ئادەممۇ يامانلىق ۋە بەختسىزلىكتىن خالىي بولالمايدۇ. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب: تىل-يۈرەكنىڭ جارچىسى. يۈرەك نېمىنى ئويلسىا، تىل شۇنى سۆزلەيدۇ، كۆڭۈ لگە كەلگەننى ئالەمگە ئايان قىلىدۇ، كىشىلەر سۆزگە ئۇستىلىقى بىلەن ماختانسا، سەن سۈ كۈت قىلىش بىلەن ماختان. ھەر نەرسنىڭ دەلىلى بار. ئەقىلنىڭ دەلىلى-پىكىر، پىكىرنىڭ دەلىلى-سۈ كۈتتۇر. سەن سۈ كۈت قىلىش ئارقىلىق ئۆز مەقستىڭگە يېتەلەيسەن.سۈكۈتتىن يىراقلاشساڭ مەغلۇبىيەت سېنى قارشى ئالىدۇ.
(4) ئەي قىزىم، كىشىنىڭ خاپا بولۇپ تۇرغان ۋاقتىدا مەسىلە سورىما.
ئەگەر سېنىڭ خاپا بولۇپ تۇرغان ۋاقتىڭدا بىراۋ مەسلە سورىسا، سۆزىگە قاراپ جاۋاب بەر.
ئەقلىڭ يەتمەس سۆزنى سۆزلىمە. كۈچۈڭ يەتمەس ئىشقا ئېسىلما. ھەر ئىشتا ئوتتۇرا يولنى تۇتۇش كېرەك . جامائەت بار يەردە، مەجلىستە بىرىگە سۆزۈ ڭ بولسا، ئاشكارە سۆزلە، زۆرۈر بولمسا، پىچىرلاپ سۆزلىشىشنىڭ ھېچ پايدىسى يوق. ھەر تۈرلۈك سۆزنى ئاڭلىساڭ گوياكى ئاجىزلىقنتىن كۈچلەنگەندەك ئاڭلىغىن.بۇ سۆزلەر مەيلى كېرەككە كەلسۇن-كەلمسىۇن، جېنىڭ، تېنىڭ بىلەن ئاڭلا. چۈ نكى سۆز بىر سەدەپكە ئوخشايدۇ. ئۇ كۆڭۈل دەرياسىدىن چىقىدۇ.
(5) ئەي قىزىم، قىزلارنىڭ نازاكىتىنى، قىزلىق قەدىر-قىممىتىنى ئاشۇرىدىغان ئەمەللەرنىڭ كاتتىسى- سىلىق، سىپايە، دەل جايىغا كەلتۈرۈپ، مېھرىبانلىق پۇرىقىنى سىڭدۈرۈپ تۇرۇپ ئەدەپلىك سۆزلەشتۇر.
سۆزلىگەندىمۇ راست سۆزلەش، گەپنى قىسقا، مېغىزلىق قىلىشقا، مەنىلىك، ئورۇنلۇق سۆزلەشكە ئادەتلىنىش؛ ئۇزۇن، بىمەززە سۆزلەپ كىشىلەرنى بىزار قىلىماسلىق كېرەك. خەلقىمىز تولا گەپ قىلىدىغان كىشىلەرنى «ئەدەپسىز، كوت-كوت، لاۋزا» دەپ ئاتايدۇ. كۆپ گەپ قىلغۇچىلار ئۆزىنىڭلا گېپىنى يورغىلىتىدۇ، خاراكتېرىدىن مەمەندانلىق چىقىپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپ گەپ قىلىشىدىكى مەقستى-ئۆزىنى كۆرسىتىشتۇر.
(6) ئەي قىزىم، ئىپپەتلىك قىزلار ئۆزلىرىگە تەلەپچان، ھايالىق بولىدۇ.
يۈرۈش-تۈرۈش، كىيىنىش، مۇئامىلە، مۇناسىۋەتلەردە قىزلىق شەنىگە يارىشا ئىش تۇتىدۇ.
كىشىلەر ئارىسىدا كالتە، تار، كۆكرىكى چوڭ كىيىملەرنى كىيىشنى، مەمەدانلىق، چاكىنا قىلىق، ئورۇنسىز ھەرىكەتلەرنى قىلىشنى ئۆزلىرىگە ھار ئالىدۇ. ئىپپەتلىك قىزلار، بولۇپمۇ يىگىتلەرنىڭ ئالدىدا، چوڭلار بار سورۇنلاردا ئۆزلىرىنى قانداق تۇتۇشنى ياخشى بىلىدۇ. ھەربىر قەدىمىنى ئويلاپ باسىدۇ. قىز بالا ئۆزىنىڭ تەبىئىي چىرايى بىلەن يېقىملىقتۇر. ئۇنىڭغا يەنە پەرداز قىلىش ئۇنى سۈنئىيلەشتۈرۈ پ قويۇشى مۇمكىن.بولۇپمۇ ھەددىدىن زىيادە پەرداز قىلىش، كەلسە-كەلمەس زىبۇ-زىننەتلەرنى تاقاش، قىممەت باھالىق كىيىملەرنى كىيىش قىزلارنى يەڭگىلتەك، قونچاق سۈپەت كۆرسىتىپ قويۇشى مۇمكىن.
(7) ئەي قىزىم، دانالار ئىلىمنى مال-مۈلۈكتىن ئەۋزەل دېيىشىدۇ. ئېيتىشلىرىچە، ئىلىم مېغىز بولسا، بايلىق ئۇنىڭ پوستى. ئىلىم گۈل بولسا، بايلىق ئۇنىڭ ھىدىدۇر. دانا كىشىلەر ھەر دائىم ئەنە شۇ مېغىزنى قولغا كىرگۈزۈش يولىدا جاپا چېكىدۇ. چۈنكى، بىرىنچىدىن، پەزىلەتلىك كىشىلەردىن مىراس قالۇر، مال-بايلىق بولسا ھارۇن ۋە ھاماننىڭ مىراسىدۇر؛ئىككىنچىدىن، ئىلىم كىشىدە كەمتەرلىك پەيدا قىلسا، بايلىق مەنمەنلىك پەيدا قىلىدۇ؛ئۈچىنچىدىن، ئىلىملىك كىشىنىڭ دوستى كۆپ بولسا، مالدار كىشىنىڭ دۈشمىنى كۆپ بولىدۇ؛ تۆتىنچىدىن، مالدار كىشىلەر ئۆتە خەسىس ۋە بېخىل بولسا، ئالىم كىشىلەر ساخاۋەت ئىگىسى بولىدۇ؛ بەشىنجىدىن، ئىلىم كىشىگە دۇنيادا ئابرۇي كەلتۈرسە، مال-دۇنيا ئازاب كەلتۈرىدۇ.
(8) ئەي قىزىم، ئۈچ خىل كىشى ھېكمەت رەۋىشىدىن يىراق ۋە ئەقىل يولىدىن تاشقىرىدۇر.
بىرىنچىسى، ئۆزىنىڭ كۈ چ-قۇۋۋىتىگە ئىشىنىپ، ھەر قانداق بالا كەلسە قارشى كېتىۋىرىدىغانلار، بۇنداق كىشىلەر ئاقىۋەت ئۆزىنى ھالاكەتكە سالىدۇ؛ ئىككىنچىسى، تائامنىڭ ئۆزىگە يېتەرلىك مىقدارىنى بىلمەيدىغانلار ۋە مەيدىسنىڭ ھەزىم قىلىشقا ئاجىز كېلىشىدىن قورقماي يەۋىرىدىغانلار، شۈ بھىسىزكى، بۇنداق كىشىلەر ئۆز جېنىنىڭ دۈشمىىنىدۇر. ئۈچىنچىىسى، ئاداۋەت ئەھلىنىڭ سۆزىگە مەغرۇر بولۇپ، ئۇلارنىڭ خۇشامەتلىرىگە ئالدانغانلار، بۇنداق كىشىنىڭ ئىشى ئاخىرى ھەسرەت-نادامەت ۋە پۇشايمان كەلتۈرىدۇ.
(9) ئەي قىزىم، ياخشى خۇيلۇق، ئەدەپ-ئەخلاقلىق، مىجەز-خاراكتىردا خاسلىققا ئىگە، كۆڭلى-كۆكسى كەڭ ياراملىق قىز بولۇش ئاسان ئىش ئەمەس. بۇنىڭ ئۈ چۈن ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ قىزنى كىچىكىدىن باشلاپ تۈجۈپىلەپ تەربىيەلەپ ئەجىر سىڭدۈرىشىگە، شۇنداقلا قىزلارمۇ ئېسىنى تاپقاندىن كېيىن ئۈنسىز تەربىيە ۋە ئەتراپىدا يۈز بىرىۋاتقان ياخشى-يامان ئىشلارنى جايىدا پەرقلەندۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق ئۆز-ئۆزىنى تەربىيەلىشىگە توغرا كېلىدۇ . بۇنداق تەربىيەلەنگەن قىزلارنىڭ ئەخلاق گۈزەللىكى ۋە پەزىلەت غۇنچىىسى قەلب بوستانىدا ئېچىلغان بولۇپ، ئەگەر بۇنىڭغا چىراي گۈزەللىكى قوشۇلسا، بۇنداق گۈزەللىك كامالەتكە يەتكەن گۈزەللىك بولىدۇ.
(10) ئەي قىزىم، شىجائەتلىك، ساخاۋەتلىك ۋە خۇشخۇلق بولۇش-ئەڭ ئەلا پەزىلەتلەردىن بولۇپ، بۇ سۈپەتلەرگە ئىگە بولغان كىشىلەر ھەردائىم ئولۇغلۇق سەرمايىسىدىن بەھرىمەن بولۇر. مەزكۈر سۈپەتلەر ئىچىدە خۇشخۇلققا ئىگە بولۇش ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋەردۇر.
چۈنكى، ساخاۋەت ئالىي پەزىلەت بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ھەممىلا كىشى مۇيەسسەر بولىۋەرمەيدۇ، ئۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ئۈچۈن، كىشلەرگە ھەرخىل شەرت-شارائىتلار كېرەك. ئەمما، خۇشخۇلق بولماق شۇنداق پەزىلەتكى،  ھەممە ئادەم ئېرىشەلەيدۇ. يېقىملىق خۇلق ئېگىسىدىن چوڭ-كىچىكنىڭ بارچىسى خۇرسەن بولىدۇ. بۇنداق خۇلق ئىگىسى باشقىلارنى خۇرسەن قىلىشتىن تاشقىرى ئۆزىمۇ دائىم خۇرسەن يۈرىدۇ. باشقىلاردىن بولسا ئۇنىڭغا مۇھەببەت ۋە مۇلايىملىق قايتىدۇ.
(11) ئەي قىزىم، دەۋرداشلىرىڭدىن ئەقىل-پاراسەتتە، ئىلىم-پەن جەھەتتە تۆۋەن ئورۇندا تۇرۇش تولىمۇ نۇمۇسلۇق ئىش. ئادەم تۇرۇپ ئادىمىيلىك قابىلىيەتكە ئىگە بولالماسلىق، ئادەم تۇرۇپ ئادەمدەك ياشىيالماسلىقتەك ئېغىر مەھرۇملۇق بولمايدۇ. شۇڭا ئىنسان بالىسى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ئەيىب-بىلىمسىزلىكتۇر. نۇمۇس قىلىش توغرا كەلسە ئۆزۈڭنىڭ نادانلىقىدىن نۇمۇس قىل. خورلۇق ھېس قىلىش توغرا كەلسە ئالدى بىلەن ئۆزۈڭنىڭ بىلىمسىزلىكىڭدىن خورلان . بىلىمسىزلىك سېنى ئىنسانىي تۇيغۇدىن مەھرۇم قىلىدۇ. ئەگەر سەندە ئەقىل-پاراسەت ۋە بىلىم-قابىلىيەت يېتەرلىك بولمىسا، ھاياتتا ئالدىنىۋاتقانلىقىڭنىمۇ، ھاقارەتلىنىۋاتقانلىقىڭنىمۇ ھېس قىلالمايسەن. نېمىنىڭ ھەق، نېمىنىڭ ناھەق ئىكەنلىكىنى توغرا پەرقلەندۈرەلمەيسەن . شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈڭگە قانچىلىغان ھاقارەت تامغىسىنىڭ بېسىلىۋاتقانلىقىنى خىيالىڭغىمۇ كەلتۈرەلمەيسەن.
(12) ئەي قىزىم، قىزلارنىڭ نامىغا چۈشكەن يامان داغ- نۇمۇسنىڭ كېتىشى بەكمۇ قېيىن.
بەزىدە بايقىماي بېسىلغان تىكەننىڭ جەبرىنى بىر ئۆمۈر تارتىپ يۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.بەزىدە ئۇ كىشىنى ئۆمۈرۋايەت گۇمان، شۆبھە قىيناقلىرىغا دۇچار قىلىدۇ. بۇلارغا كۆپىنچە ئويلىماي ئىش قىلىش، ئىرادىنىڭ تىزگىنىنى ئازراقلا بوش قويۇۋېتىش سەۋەب بولىدۇ. ئىنسانىي پەزىلەتلەر، مەنىۋى قەدىر-قىممەتلەر ھەققىدە سۆز بولسا، ئۇلارنىڭ قىزلاردا ئەڭ ئالىي دەرىجىدە بولۇشى تەلەپ قىلىندۇ.
چۈنكى، قىز بالا-مىللەتنىڭ كۆركى، مىللەتنىڭ كېلەچىكى ھېسابلىنىدۇ.شۇڭا قىزلار ناھايىتى نازاكەتلىك، ئىپپەتلىك، سەۋر-تاقەتلىك، ئاقىل، مېھرىبان بولۇشى كېرەك. ئەيىب ياكى گۇناھ ئىش قىلىپ قويغان باشقا ھەممە كىشىلەر ئەپۇ قىلىنىشى مۇمكىن، پەقەت قىز بالا ئەپۇ قىلىنمايدۇ.
(13) ئەي قىزىم، راھەتنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ راھەتنىڭ قەدرىگە يەتمەيدىغان ئەھۋالدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كۆڭلۈڭگە دائىم ئارزۇ-ئۈمىد يار بولسۇن. شۇ چاغدا تېنىڭ نەپەس ئېلىپ قانغان ھالەتتىمۇ روھىڭ مەڭگۈ ئىنتىزار بولۇپ تۇرىدۇ. ئەگەر ھەممىگە ئېرىشسەڭ، ئۇ ھالدا ھەممە ئۈمىدسىزلىك ۋە نارازىلىققا ئۆزگىرىدۇ. ئاقىل بولغانلارمۇ باشقا شەيئىلەرنى چۈشىنىپ ھەۋىسىنى قاندۇرۇشى لازىم.
ئۈمىد بىزگە ھايات بېغىشلايدۇ، ئەمما قورساق تويغۇزىۋېلىپ تاماشا بىلەن ئۆتۈش جاننى ئالىدۇ. باشقىلارنىڭ ياخشلىقىنى قايتۇرغاندا ئۇلارنى قانائەتلەندۈرەلمەسلىكتىن ئەنسىرىمەسلىك لازىم. ئۇلارنىڭ ھېچ نەرسىگە ھاجىتى چۈشمىگەندە، ئۆزۈڭگە ھەممە يەردە ئاگاھ بولۇشۇڭ لازىم.
ھەر قانداق خۇشاللىق ئۇلارنى خۇشال قىلالمايدۇ. ئارزۇنىڭ ئاخىرى غەم-قايغۇ دېمەكتۇر.
(14) ئەي قىزىم، دېڭىز كەڭ بولغانلىقتىن ھەممە دەريا-ئېقىنلارنى ئۆزىگە سىغدۇرالايدۇ.
باشقىلارغا پايدا يەتكۈزۈش ئۆزىگە پايدا يەتكۈزگەنلىك.باشقىلارغا زىيان سېلىش ئۆزىگە زىيان سالغانلىق.باشقىلارغا يول قويۇش ئۆزىگە يول قويغانلىق. باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىش ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلغانلىق بولىدۇ. باشقىلارغا يول قويۇشنى ئۆگىنىۋىلىڭ!باشقىلارنى ھۆرمەت قىلسىڭىز ئىززەت تاپىسىز.يول قويسىڭىز مۇراد-مەقسىتىڭىزگە يېتىسىز.ھۆرمەت قىلىشتا ناھايىتى ئېھتىياتچان بولۇش، ئىشنى چوڭ-كىچىك دەپ ئايرىماسلىق، ھەممىسىگە سەل قارىماسلىق كېرەك. يول قۇيۇشتا ھەر قانداق ئىشقا ئىمكانىيەت قالدۇرۇش، تۆھپىنى يالغۇز ئىگەللىۋالماسلىق، خاتالاشقاندا باشقىلارغا دۆڭگىمەسلىك كېرەك.
(15) ئەي قىزىم، ھەر ۋاقىت پەزىلىتىڭنى ساقلاپ، پەزىلەتتە باشقىلارغا ئۈلگە بولغايسىز.
تاكى جەمىئىيەتتە كىشىلەر سىزگە ھەۋەس قىلىپ: «بۇ كىمىنىڭ قىزىدۇ؟ ئەجەپ ئەدەپلىك قىزكىنا!» دەپ ئېغىزىنى چاكىلدىتىپ قالسۇن.سىزدىن ھەرگىز ئەدەبسىز قىلىقلار سادىر بولۇپ قالمىسۇن، ئەگەر سىزدە كىچىككىنە ئەدەبسىزلىك سېزىلىپ قالسا، شۇ ھامان شەنىڭىز بۇلغىنىدۇ.ئابرويىڭىزنى مىڭ قىلغان بىلەنمۇ ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيسز. سىز پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ ئىپپەت-نۇمۇسىنى چىڭ ساقلىيالىسىڭىزلا، ئۆزىڭىزنىڭ ئىنسانىي قەدىر-قىممىتىڭىزنى، بولۇپمۇ قىزلىق قەدىر-قىممىتىڭىزنى قولىڭىزدا تۇتالايسىز، ئەڭگۈشتەر قولىڭىزدا بولىدۇ. ئەڭگۈشتەرنى قولىڭىزدىن بېرىپ قويدىڭىزمۇ، ئۆز قەدىر-قىممىتىڭىزنى يەرگە ئۇرىسىز.
(16) ئەي قىزىم، مۇغەمبەر ئادەملەر ھەمىشە يوقىلاڭ ئىشلار بىلەن باشقىلارنى دەي-دەيگە سالىدۇ.
شۇڭا زەربىگە ئۇچرىغان، خورلانغان ۋە ئاھانەتكە قالغان چاغلىرىڭىزدا، سوغۇققانلىق بىلەن ئەستايىدىل ئويلىنىپ، ئىشنىڭ باش-ئايىغىنى تەھلىل قىلىپ كۆرگەندىن كېيىن ئاندىن بىر قارارغا كېلىڭ.بولۇپمۇ بەزىلەر سىزگە بەزىبىر ئىشلاردىن ئالاھىدە ئۇچۇر بەرگەن چاغلاردا، ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى ئىنچىكە ئويلىنىپ، ئۇنىڭدا باشقا بىر غەيرىي نىيەتنىڭ بار-يۇقلىقىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىڭ.
چۈنكى نۇرغۇن ئىشلار سىز ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا ئاددىي بولمايدۇ.ئۇنىڭ ئارقىىسغا كىشىگە دېگىلى بولمايدىغان بىرەر مۇددىئا يوشۇرۇنغان بولىدۇ. شۇڭا كۆڭلىڭىزدە ئېدىتلىق سان بولسۇن؛ ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ قولچۇمىقىغا ئايلىنىپ قالماڭ .
(17) ئەي قىزىم، ئۆزىڭىزگە توغرا تونۇشتا بولمىسڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىڭىزگە ئىشەنمىسىڭىز، باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسى ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇشىڭىز تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئۆز-ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرۈش، تىزگىنلەش داۋامىدا، ئۆزلۈكنىڭ پۈتۈنلەي يېڭىلىنىشى مۇقەررەر ياخشى ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ. ئۆزىمىزنى توغرا تونۇپ، ئۆزىمىزنىڭ ئوبرازىنى يۈكسەلدۈرۈشنى ئۆگەنگەندىلا، ئاندىن ھەتتا ئۆزىمىزمۇ ئۇقمايدىغان يوشۇرۇن ئېڭىمىزنى ئويغۇتالىشىمىز ۋە تامامەن يىپيېڭى گۈزەل ھاياتنى يارىتىشىمىز مۇمكىن، ئۆزىگە ئىشىنىش-مۈمكىنسىزلىكنى مۈمكىنچىلىككە، ئارزۇنى رىئاللىققا ئايلاندۇرىدۇ. ئەمما، ئۆزىگە ئشەنمەسلىك-ئەسلىدىكى مۈمكىنچىلىكىنى مۈمكىنسىزلىككە ئۆزگەرتىۋىتىدۇ.
(18) ئەي قىزىم، ئاقىللار ئۆزلىرىنى دۈشمەننىڭ ھىلە-مىكىرىدىن ياخشى مۇھاپىزەت قىلىدۇ.
دۈشمەننىڭ يامان سۆزلىرى بىلەن يولدىن چىقمايدۇ. غاپىل كىشىلەر بولسا دۈشمەننىڭ يالۋۇرۇشى ۋە مۇلايىملىقىنى كۆرۈپ، ئاداۋەتنى ئۇنتۇيدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئاشنا بولىدۇ.ئۇلار دۈشمەننىڭ سىرتىنى پەردازلاپ كۆرسەتكەن بىلەن كۆڭلىدە ئاداۋەت ساقلىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.ھەر قانداق دۈشمەننىڭ كىشىگە قەست قىلىشقا قۇدرىتى يەتمسىە ، ھېلە ئىشلىتىپ يېقىنلىق قىلىپ، نەسىھەت يولىنى تۇتىدۇ ۋە مەھرۈم بولىۋىلىپ، سىرلىرىدىن ۋاقىپ بولىدۇ-دە، پۇرسەت تاپسا ئۆز ئىشىغا تۇتۇش قىلىپ، تۈرلۈك زىيانلارنى سالىدۇ. خامىنىدىن باشقىسىنى كۆيدۈرمەيدۇ ۋە قازا ئوقىدەك مۇرات نىشانىسىدىن بۆلەك نەرسىگە خاتالىشىپ تەگمەيدۇ.
(19) ئەي قىزىم، ئەگەر بىرسى سېنىڭ ئەيىب-نوقسانلىرىڭنى ئېيتسا قوبۇل قىلىپ كەمچىلىكىڭنى تۈگىتىشكە تىرىش. سېنىڭ ئالدىڭغا ئۆز ھالىنى ئېيتىپ كەلگەن كىشىنى زادى كەمسىتمە. بەلكى ياردەم قىلىپ، ئۇنى مۇھتاجلىقىدىن قۇتۇلدۇر. ئۆزۈڭىدىن كىچىكلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىل، ئۇلارغا مېھرىبان بول. چۈنكى كىچىكلەر سېنىڭ ئېكىنزارىڭدۇر، ھەممە ئىشىڭ ئاشۇلارنىڭ ياردىمى بىلەن پۈتىدۇ. ئەگەر تېرىلغۇ يەرلىرىڭ ۋەيران بولسا تېرىكچىلىكىڭ قېيىنچىلىقتا ئۆتىدۇ. دوستۇڭغا ياخشى نىيەتتە بول. خەلقنىڭ ئالقىشىغا ئىگە بولۇشنى ئىزلىسەڭ، ئالىيجاناپلىق يولىنى تۇت.
(20) ئەي قىزىم، ئەگەر قىز بالا گۈزەل، خۇش قامەت، زىبۇ زىننەتلىرى جايىدا بولسىمۇ، مۇئامىلىسى قۇپال، چېچىلاڭغۇ بولسا، ئەتراپىدىكىلەرنىڭ دىلىنى ئاغرىتسا، ئىشىنىڭكى، ئۇنى ھېچكىم، ھېچقاچان گۈزەللەر سېپىگە قوشمايدۇ، ئۇنىڭدىن كۆڭلى قالىدۇ.ھېچقانداق نەرسە كىشىنىڭ ئەقلىنى مۇئامىلە كەبى نامايەن قىلالمايدۇ. قىزلار ئۆزىگە قانچىلىك زىننەت بەرمىسۇن، مۇئامىلە مەدەنىيىتىنى، مۇئامىلە سەنئىتىنى بىلمىسە، ھېچقاچان ئۆزگىلەرنىڭ ھۆرمەت ئىتىبارىغا سازاۋەر بولالمايدۇ. يىگىتلەرنىڭ مۇھەببىتىگە سازاۋەر بولۇش ئۈچۈنمۇ قىزلاردا ئالدى بىلەن مۇئامىلە سەنئىتى يۇقىرى بولۇشى كېرەك.
(21) ئەي قىزىم، سۆزلەش ئېگىز-پەس ۋە خەۋپلىك بولۇپ، كۆپ خەتەرلەر ئۇچرايدۇ.
ئويلىماي-پىكىرلىمەي تۇرۇپ بىرەر سۆزنى ئىزھارلاشقا لەۋنى ئاچماسلىق كېرەك. ئويلىماي ئېيتىلغان سۆز كۆپلىگەن باشلارنى ئۆلۈم چەۋگاندارىغا توپ قىلىپ بەرگەن ھەم جان خەزىنىسىنى زاۋاللىق ۋە نۇقسان قىمارىغا ئۇتقۇزغان. سۆزلەشتە بىر نەچچە قائىدە بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە رىئايە قىلماق لازىم. بۇ قائىدىلەرنىڭ بىرىنچىسى شۇكى، سەۋەبسىزلىك ۋە بىمەھەللىك ئاچقۇچى بىلەن سۆزلىشىش قۇلۇپنى ئاچماسلىق كېرەككى، گەرچە سۆز گۆھىرى توغرا ۋە ئېنىق بولسىمۇ، بىۋاقىت ۋە ئورۇنسىز ئېيتىلسا، ئىدراك بازىرىنىڭ گۆھەرشۇناسلىرى ۋە قائىدە بىلگۈ چىلىرى نەزىرىدە ئېتىباردىن چەتتە قالىدۇ ۋە ھېچكىم ئۇنى ئاڭلاشقا رىغبەت قىلمايدۇ.
(22) ئەي قىزىم، يادىڭدا بولسۇنكى، تۇرمۇشتا پۇل دېگەن ھەقىقەتەن تولىمۇ قىممەتلىك ۋە قەدىرلىك نەرسە. پۇل بولمىسا ھاياتتا بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك نۇرغۇن نەرسىلەردىن مەھرۇم قالىدىغان گەپ. لېكىن، ئادەمنىڭ ئالتۇن-كۈمۈش ئالدىدا ئۆزىنى تۇتالىشى ۋە پۇلغا ئەسىر بولۇپ ئۆزىنى بولغىماسلىقى بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە قەدىرلىكتۇر. ئۆزىنى پۇل قاپقىنىدىن ئامان ساقلىيالالىغان ئادەملا ھەقىقىي قەدىر-قىممەتكە ئېرىشەلەيدۇ. ئۇنداق چىن-دۇرۇس ئادەمنى كۆزگە سۈرتسىمۇ ئەرزىيدۇ. پۇل تاپ، لېكىن پۇلنىڭ ئەسىرى بولۇپ قالما. پۇل دېگەن ئادەمنى ئەزىزمۇ قىلىدۇ، خارمۇ قىلىدۇ. پۇل ئۈچۈن ئىماننى، ۋىجداننى بۇلغاپ ئىنسانىي پەزىلەتنى يەرگە ئۇرۇش خارلىق دېگەن شۇ.
(23) ئەي قىزىم، بىلىڭكى، گۈزەل ئەخلاقنى ئۆزىگە يار قىلغان، ھايا، نۇمۇس چۈمپەردىسىگە چۆمكەلگەن، لېۋەن، ياخشى خۇيلۇق، ئىپپەت گۆھىرىنى چىڭ ساقلىغان، پەزىلەت غۇنچىسىنى يۈرىكىدە ئېچىلدۇرالىغان، سىپايە، قائىدە-يۇسۇنلۇق، جەلىپكار، سېپى ئۆزىدىن ھەقىقىي ئۇيغۇر قىزىغا خاس خىسلەتنى يېتىلدۈرگەن بولسىڭىز، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بولسىڭىز مەكتەپتە ساۋاقداشلىرىڭىزنىڭ، ئوقۇتقۇچىلىرىڭىزنىڭ سىزگە چىن يۈرىكىدىن ئىچى كۆيمەي قالمايدۇ؛ئەگەر سىز كەسپىي ئورۇنلاردا ئىشلەپ قالسىڭىزمۇ، ئەتراپىڭىزدىكى ھەرقانداق ئادەمنىڭ سىزگە قايىللىقىدىن ئىچى كۆيمەي قالمايدۇ.شۇندىلا سىز ئۆزىڭىزنىڭ ھەقىقىي جەلىپ قىلىش كۈچىڭىزنى ھېس قىلىسىز ۋە ئۇنىڭ تۈرتكىسدە ھەممە ھۆرمەتلەيدىغان شەخسكە ئايلىنىسىز.
(24)  ئەي قىزىم، ئېغىر-بېسىقلىقنى خۇددى بىر گۆھەر دېسەك، مۇلايىملىق باشقا كاندىن ئېلىنغان مەدەندۇر. بۇلار ئارقىلىق سىز شاھ بىلەن گاداينى ئۆزىڭىزگە ئىتائەت قىلدۇرالايسىز. ئوچۇق چىراي، ئەخلاقلىق بولۇش كىشىنى ئادەملەر ئارىسىدىكى زىددىيەتلەردىن، ئارازچىلىق ۋە پىتنە-پاساتلاردىن خالىي قىلىدۇ. مۇلايىم ۋە ئەدەبلىك بولۇش ئىنسان ۋۇجۇدىنىڭ مېۋىلىك باغىدۇر. بۇ باغدا چېچەكلىگەن مېۋىلەرنىڭ خوش ھېدى پۈتكۈل يەر-جاھاننى دائىما ئىللىتىپ تۇرغاي. مۇلايىم ۋە ئەدەبلىك بولۇش يەنە ئادەملىك تېغىنىڭ ئىچىدىكى قىممەتلىك يەر ئاستى بايلىقلار بىلەن تولغان زەر كاندۇر. بۇ كاننىڭ بايلىقلىرى چەكسىزكى، قېزىپ-قېزىپمۇ تۈگەتكىلى بولماس.
(25) ئەي قىزىم، دۇنيانىڭ قانۇن-قائىدىلىرى مەۋجۇت بولسا، ئادەمگە ئادىمىيگەرچىلىك قىلىش ئۇنىڭ بەلگىسى بولىدۇ. كىشى ياخشىلىققا ياخشىلىق قىلىدۇ، بىر ياخشىلىققا ئون ياخشىلىق بىلەن جاۋاب بىرىدۇ.كىمنىڭ ياخشى نام بىلەن جېنى چىقسا، ئۇنىڭ ياخشى نامى دۇئا بىلەن داۋاملىق يادلىنىدۇ. ئۆلگەندىن كېيىن، كىم ياخشى دۇئا بىلەن يادلانسا، ئۇ قايتىدىن تۇغۇلۇپ، يەنە بىر ھايات باشلىغاندەك بولىدۇ. مەيلى يەرنىڭ ئۈستىدە بول، ياكى يەرنىڭ ئاستىدا بول، ياخشى نامىڭ مەشھۇر بولسا، شان-شەرىپىدىن ئۆزۈڭ بەھرىمەن بولىسەن.
(26) ئەي قىزىم، بىلىم بىلەن جاسارەت ئۇنتۇلماستۇر.
دېمەك، ئۇلار سېنىمۇ ئۇنتۇلماس قىلىپ قويالايدۇ. سەن قانداق بىلىم ئىگەللىگەن بولساڭ، شۇنداق ئادەم بولىسەن. ھەقىقىي ئەقىل-پاراسەتكە ئىگە بولساڭ، خالىغىنىڭچە ئىش قىلالايدىغان بولسىەن. ھېچنىمىدىن خەۋىرى يوقلار ئۆزىنى قاراڭغۇ دۇنياغا قاماپ قويغان بىلەن باراۋەر. جسىمانىي قۇدرەت ۋە ئەقلىي قابىلىيەت گويا ئىككى قول ۋە ئىككى كۆزگە ئوخشايدۇ. پاراسەتلىك، ئەمما جاسارەتسىز  بولغانلارنىڭ پاراسىتى مېۋە بەرمەيدۇ.
(27) ئەي قىزىم، مۇنۇ ئون گۈزەل خىسلەت ئادەمگە بەخت-قۇت كەلتۈرىدۇ:
ھايا، مۇرۇۋۋەت، ساداقەت، تەۋززۇ، ئەمگەك، سېخىيلىق، نۇمۇس، ئامانەتكە خىيانەت قىلماسلىق، ئادالەت، ھېلىم (مۇلايىملىق) ۋە شىجائەت. مۇنۇ ئون يامان خىسلەت ئادەمنى بەختىسىزلىك-پالاكەتكە سۆرەيدۇ:ھەسەت، ئاداۋەت، بېخىللىق، تەكەببۇرلۇق، يالغانچىلىق، مۇناپىقلىق، چېقىمچىلىق، خىيانەت، جاھىللىق ۋە ھورۇنلۇق.كىمنىڭ ھىممىتى ئۈستۈن بولسا، شۇنىڭ بىلەن قەدىر-قىممىتىمۇ ئۈستۈن بولغۇسى.بىراۋ ئەدەب ئۆگەتسە، ئۆگەنمىگەن كىشى ھايۋاندۇر . ئۆزرە سورىسا، قوبۇل قىلمىغان كىشى شەيتاندۇر.
(28) ئەي قىزىم، ئېيتقان سۆزىدىن يانمايدىغان، ۋەدىسىدە تۇرىدىغان ئادەم بۈگۈن سۆزلىگەن سۆزىدىن ئەتىسى تېنىۋالمايدۇ.ۋەدىسىدە چىڭ تۇرىدۇ.كىشى ۋەدە قىلىپ، قىلغان ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرسا، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلسا، خەلقنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچى ئاشىدۇ.ۋەدىنىڭ ئاپىتى-ۋەدىسىگە ۋاپا قىلماسلىق ياكى ئۇنى سەۋەبسىز كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشتۇر. ۋەدىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ، ۋەدە قىلغۇچى باشقىلار ماقۇل بولغۇدەك بىر ئۆزرە كۆرسىتەلمىسە، كىشىلەر ئۇنىڭدىن ۋەدە تەلەپ قىلمايدىغان، ۋەدە بەرسىمۇ ۋەدىسىگە ئىشەنمەيدىغان ۋە ئۇنىڭغا بىرەر نەرسە بەرمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. شۇڭلاشقا، بەرگەن ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىش-چىن ئىنسانلىق خىسلىتىدۇر.
(29) ئەي قىزىم، ئنسانلار ئۈچۈن ھايا-ئىنتايىن شەرەپلىك بىر خىسلەت ۋە ئۇلۇغۋار ئەخلاقتۇر.
ھايا ئادەمزات جەمئىيىتىنىڭ گۈزەل ۋە تەرتىپلىك بولۇشى ئۈچۈن مۇھىم بىر شەرتتۇر. ھايادىن ئىبارەت بۇ ئەخلاق كىشىلەر ئارىسىدىن يوقۇلۇپ كەتسە، كىشى-كىشىدىن سۆز ۋە ھەرىكەتتە ئۇيالمايدىغان بولۇپ قالسا، ئالەمنىڭ نىزامى بۇزۇلىدۇ. خەلقئارا ئېسىل رەسمىيەتلەر يوقىلىدۇ.
مەئىشەت ئامانلىقىغا زور  بالالار يېتىدۇ. كىشىلەر بىر-بىرىنىڭ ھەققىدە دىيانەت ۋە ساداقەت ساقلىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى تالاپ ۋەيران قىلىدۇ. ھايا كىشىلەرنى ناچار ئەخلاق ۋە قىلىقلاردىن چەتكە تارتىدىغان تەبىئىي كۈچتۈر. ئىنسانغا ھايادىن تولۇق پايدا ۋە مەنپەئەت باردۇر، ياخشى خۇي-ئەخلاق مېۋىسى ھايانىڭ سۈيى ۋە ئاپتىپىدىن پەرۋىش تاپمسىا، تولۇق پىشالمايدۇ.
(30) ئەي قىزىم، ھۆكۈمالار «خۇشخۇيلۇقنىڭ بەلگىسى-ئون خىل بولىدۇ» دەيدۇ:بىرىنچى، ياخشى ئىش توغرىسدا كىشىلەرگە مۇخالىپەتچىلىك قىلماسلىق. ئىككىنچى، ئۆز نەپسىدىن ئۆزلۈكىدىن ئىنساپ كۆرستىش. ئۈچىنچى، كىشىلەرنىڭ ئەيىبىنى ئىزدىمەسلىك. تۆتىنچى، كىشىلەردىن نالايىق ئىشلار سادىر بولسا، ئۇنى ياخشىلىققا جۆرۈش. بەشىنچى، گۇناھكار گۇناھىدىن ئۆزرە ئېيتىپ كەلسە قوبۇل قىلىش، ئالتىنچى، ھاجەتمەنلەرنىڭ ھاجىتىنى ھەل قىلىش. يەتتىنچى، كىشىلەرنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن مۇشەققەت تارتىش. سەككىزىنچى، ئۆز نەپسىنى كۆزلىمەسلىك  
توققۇزىنچى، باشقا كىشىلەرگە چېھرىدىن مېھرىنى كۆرسىتىش. ئونىنچى، كىشىلەرگە ياخشى سۆز قىلىش.

[ ayqiz بۇ يازمىنى  2010-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى 23:25  دە تەھرىرلىگەن. ]


1

باھا خاتىرىسى

Rank: 3Rank: 3

توردا
34 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى 
نادىر
يازما
217 
يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى 23:19 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قاندىقى  بولسا  مەيلى  .قانچە  گۈزەل  بولسىمۇ  ئەخلاقى  بولمىسا،ئايال تۇرۇپ ئايالدەك ئىش  قىلمىسا تازا  بېشىم  ئاغرىيدۇ

Rank: 8Rank: 8

توردا
154 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى 
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى 
نادىر
يازما
451 

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى 23:26 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
kamiran بۇ يازمىنى 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى 23:19 دە يوللىغان
قاندىقى  بولسا  مەيلى  .قانچە  گۈزەل  بولسىمۇ  ئەخلاقى  بولمىسا،ئايال تۇرۇپ ئايالدەك ئىش  قىلمىسا تازا  بېشىم  ئ ...

<< قاغىنىڭ قېرىسىنى بىلگىلى بولماس ،
ئادەمنىڭ ئالىسىنى بىلگىلى بولماس >>  دەپتىكەن چوڭلار .

Rank: 3Rank: 3

توردا
54 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى 
نادىر
يازما
220 
يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى 00:06 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ تېمىنى ئەسلى قىسىملىق قىلىپ بۆلۈپ يوللىغان بولسىمۇ بوپتىكەن ...

Rank: 1

توردا
3 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى 
نادىر
يازما
20 
يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى 22:00 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەزمۇنى  بەك كۆپ  ئىكەن .

Rank: 8Rank: 8

توردا
154 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى 
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى 
نادىر
يازما
451 

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى 23:15 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
باغرىم ، جاھانگېر قاتارلىق ئەزالارنىڭ تەلىۋى بويىچە قىسىملىق قىلىپ يوللاشنى لايىق كۆردۇم ، ئوقۇرمەنلەرنى زېرىكتۇرۇپ قويماي يەنە . قايتىدىن تەھرىرلەپ قوياي ، رەھمەت سىلەرگە.

Rank: 8Rank: 8

توردا
154 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى 
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى 
نادىر
يازما
451 

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى 23:32 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
(31) ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ئەرلەرنىڭ ئەڭ سۈيۈنىدىغان چاغلىرى خوتۇنلىرىنىڭ خوشال - خورام ھالدا ئۆي خىزمەتلىرىنى قىلىپ تۇرغان چاغلىرىدۇر . ئېرىنىڭ يېنىدا بولغۇچى ۋە ھەر ۋاقىت ئىشلەپ تۇرغۇچى ، ئېرىگە خوشال كۆرۈنگۈچى خوتۇنلارنى ئەرلىرىگە يامان كۆرسىتىشكە ھېچكىمنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ . ئېرىڭ ئىشقا ماڭغاندا ئۇزۇتۇپ قوي ، قايتىپ كەلگەندە كۈتىۋال . ئېرىڭدىن كەچ قالماي ئۇقلا ، ئۇنىڭدىن بۇرۇن تۇر . بەزى ۋاقىتلاردا ئەرلەر خوتۇنلىرىغا نىسبەتەن تۆۋەن كۆرۈش خاھىشىدا بۇلىدۇ . دەل شۇ چاغدا مۇشۇ ۋاقىتنى پۇرسەت بىلىپ ئۇنىڭ توغرا بولمىغان ئەيىپلىرى ھەققىدە ئازراق سۆزلە .  
  (32) ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ئائىلە ھەر ۋاقىت نىمە ئەمەستۇر ، بەزى چاغلىرىدا زەھىرى ، تىكىنى ، نەيزىلىرى ھەم بۇلىدۇ . ئېرىڭ بىلەن ئاراڭغا سوغوقچىلىق چۈشسە ئېغىر بېسىقلىق بىلەن سۆزلە ، قىزىرىشما ، چىرايىڭنى ۋە ئاۋازىڭنى ئۆزگەرتمە . ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى ئۇنتىما ، ھۆرمەت قىل ، ئۇ ھەر قانچە ئاچچىقلانسىمۇ قارشى سۆز قىلما . ئەڭ ياخشى خوتۇن ئەرلەرنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇپ ، ئاچچىقىغا ھاي بەرگەن خوتۇندۇر .  
(33) ھەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، خوتۇنلارنىڭ ئەقىللىق ، ساپ دىل ۋە ياخشىسى ئۆگەي بالىلار ۋە ئۆگەي كېلىنلەر ئارسىغا كەلگەندە مەلۇم بۇلىدۇ . شۇ چاغدا ئۇلار ئۆزىنى ئۆگەيلەرگە مۇھەببەتلىك كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ . ئاستا - ئاستا ئۆيىنى تەرتىپكە سېلىشقا تىرىشىدۇ . نەتىنجىدە ئۆيدە بىر نىزام ياكى تەدبىرنى يولغا قويۇپ ئۆز ئارا قارمۇ - قارشىلىققا سەۋەپ بولغۇچى ئامىللارنى تۈگىتىدۇ . ئەگەر بىر خوتۇن باشتىلا تىرىشىپ ئىشلارنى تەرتىپكە سالسا ئۆمۈر بۇيى راھەتتە ياشاپ كۆپ خوتۇنلار ئۆز بالىلىرىدىن كۆرەلمىگەن خىزمەت ۋە راھەتنى شۇ خوتۇن ئۆگەيلەردىن كۆرىدۇ ، ھەتتا بەزى خوتۇنلار بۇرۇن نىزا ۋە زىددىيەت بولغان ئائىلىگە كىلىپمۇ شۇ نىزا ۋە زىددىيەتلەرنى تۈگۈتىپ ئۇنى تىنىچلىققا ئايلاندۇرىدۇ . بۇنداق خوتۇنلارغا راھەت يار بۇلىدۇ.
(34) ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، تەجىربىلەرگە ئاساسلانغاندا ، خوتۇنلارنىڭ گۈزەل خۇلۇقلۇق بۇلۇش سەۋەبىدىن ئەرلەرمۇ گۈزەل خۇلۇقلۇق بۇلىدۇ . بۇنىڭ ئەكىسچە خوتۇنلار سەت خۇلۇقلۇق بولسا  ئەلەرنىڭ خۇلقىمۇ بۇزىلىدۇ . ئەر بىلەن خوتۇن ئوتتۇرسىدىكى تۇرمۇشتا كېلىشىش بولمىسا ھەر ئىككىسى ئۈچۈن زور ھەسرەت ۋە ئازاب بۇلىدۇ . روزىغارنىڭ لەززىتى تۈگەيدۇ ، راھىتى تۈگەيدۇ ، تەدبىرلەر بۇزىلىدۇ . جۈملىدىن ئۆي جامائىتى ئوتتۇرسىدا دۈشمەنلىك پەيدا بۇلىدۇ . بالىلار ئارامسىزلىنىدۇ . بۇنىڭدىن كۆپلىگەن زىيانلىق ئىشلار كېلىپ چىقىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىش ئالدى بىلەن خوتۇنلارنىڭ زېممىسىگە چۈشىدۇ .
(35) ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ئەرلەر بىلەن گۈزەل تۇرمۇش قۇرۇش ئۈچۈن خۇتۇنلار تۆۋەندىكى ئىككى تۈرلۈك نەرسىنى ئېتىبارغا ئېلىشى لازىم . بىرىنچى : ئەرلەرنىڭ مىجەزىنى ۋە خۇلقىنى ياخشى بىلىش ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ قېتىم سىناق ئېلىپ بېرىش كېرەك . كىيىن شۇنىڭغا مۇۋاپىق ئىش تۇتۇش لازىم ، يەنى ئەرلەر قانداق نەرسىدىن خوشاللىنىدۇ ۋە قانداق نەرسىدىن كۆڭلى قالىدۇ ياكى قانداق ئىشلاردىن كۆڭلى يېرىم بۇلىدۇ قاتارلىقلار . خۇتۇنلار ھەر ۋاقىت مۇشۇ ئۇسۇلدا ئەرلەرنىڭ مىجەزىنى ئېنىق بىلىپ ، ئۇلار ياخشى كۆرگەن نەرسىلەرنى قىلىش ۋە ياختۇرمىغان ئىشلارنى قىلماسلىقى لازىم . ئىككىنچى : ئەرلەرگە ئىتائەتمەن خوتۇنلار ھەققىدىكى ياخشى خەۋەرلەرنى ، ئىتائەتسىز خوتۇنلار ھەققىدىكى يامان خەۋەرلەرنى بىلىش لازىم .  
(36)  ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، خوتۇنلار بەدەن ۋە كىيىملىرىنى غەيرى پۇراقلاردىن ، چاڭ - تۇزانلاردىن مۇمكىنقەدەر پاكىزە تۇتۇشى لازىم ، بۇ ئەرلەرگە ياراشنىڭ مۇھىم شەرتىدۇر . يەنە خوتۇنلار ئەرلىرى چېچىلغان ۋە ئاچچىقلانغان چاغلىرىدا سەۋرچان بۇلۇش ، ئۆزىنى بېسىۋېلىشى لازىمدۇر .  بىر ئەرەپ شائىرى ئۆزىنىڭ خوتۇنىغا مۇشۇ ھەقتە نەسىھەت يۈزىسىدىن شېئىر يازغان بۇلۇپ مەزمونى مۇنداق : ئەگەر ساڭا ئاچچىقلانسام ، جاپا قىلسام مىنى كەچۈر . مەن سىنى ھەر ۋاقىت سۆيىمەن.  ئاچچىقىم تۇتقان ۋاقىتتا ماڭا قارشى تۇرما ، مەن بىلەن جاۋابلاشما ، ناغرا چالغاندەك ۋاقىراپ - جاقىرما . بۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بۇلىدىغانلىقىنى بىلمەيسەن . بىر كۆڭۈلدە مۇھەببەت بىلەن غەزەپ جەم بولسا شۇ مۇھەببەت شۇ زامان غايىپ بۇلىدۇ .  
(37)  ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ياخشى خوتۇنلار ئەرلىرىنىڭ كۆزلىرى چۈشسە ئۇچۇق چىراي بىلەن شادلىنىدۇ . بۇيرىغان ئىشلىرىنى ئىخلاس بىلەن قىلىدۇ . ئەرلەر سەپەرگە چىقسا ئۆزىنى ، ئېرىنىڭ مال - دۇنياسىنى ياخشى ساقلايدۇ . ئۆزىلىرىنى ھارام ۋە ئەدەپسىزلىكلەردىن پاكىز تۇتىدۇ . قىلغان خىزمىتى بىلەن ئەرلىرىگە مىننەت قىلمايدۇ . ئەرلىرىگە ئاش - تائام ھازىرلايدۇ ، كىيىم - كىچەكلىرىنى يۇيىدۇ . ئەرلىرىگە ۋاقىراپ سۆزلىمەيدۇ ، ئۆيىنى تاشلاپ چىقىپ كەتمەيدۇ ، ھەتتا ئاتا - ئانىلىرى ۋە باشقا يېقىن قېرىنداشلىرىنىڭ قېشىغا بارغاندا ئەرلەردىن سوراپ رۇخسەت ئېلىپ بارىدۇ .
(38)  ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ئەسكى ۋە ناچار خوتۇنلارنىڭ ئادىتى ياخشى خوتۇنلارنىڭ ئادەتلىرىدىن تامامەن باشقىچە بۇلىدۇ . ئەسكى خوتۇنلار يوق نەرسىلەر ئۈچۈن ئېرى بىلەن ۋاقىرىشىدۇ . ئەرلەر بىرەر ئىشنى بېجىرەلمىسە شۇ ھەقتە ئۇزۇنغىچە سۆزلەيدۇ . ئۆز سۆزىنى راست قىلىش ئۈچۈن بارلىق كۈچىنى سەرىپ قىلىدۇ . ئېرى توختىمىسا ياكى چىقىپ كەتمىسە ئۇلار داۋاملىق سۆزلەيدۇ ، ئۆزلىرىنىڭ كىچىككىنە خىزمەتلىرىنى ئۇلۇغ ساناپ مىننەت قىلىدۇ ، گويا دۇنيانى شۇلار ئوڭشايدىغاندەك سۆزلەيدۇ . ئېرىدىن كۆرگەن ياخشىلىقلارنى يوققا چىقىرىدۇ ، ھەتتا « مەن سەندىن ھېچقانداق ياخشىلىق كۆرمىدىم » دەيدۇ ، « ئۆمرۈم سەن بىلەن زاياغا كەتتى » دەپ ئاجىرىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ . ھالبوكى بۇنداق خوتۇنلار لەنەتكە دۇچاردۇر .  
(39)  ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ئەقىللىق ، نۇمۇسچان ئايال ئېرىنىڭ خوشلىقىغىمۇ ، قايغۇسىغىمۇ ئورتاق بۇلىدۇ . ئېرى ئەتىگەندە ئىشقا ماڭغاندا ، ئۇنى شېرىن سۆز ، خۇش مۇئامىلە بىلەن قارشى ئالىدۇ . ئېرىنىڭ كىيىم - كىچەكلىرىنىڭ ۋاختى - ۋاختىدا يۇيۇلۇپ ، پاكىزە تۇرۇشىغا دىققەت قىلىدۇ ، تاماقنى دەل ۋاختىدا تەييارلاپ ، ئېرى ۋە بالىلىرى بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ خوشال - خورام غىزالىنىدۇ . تاماق ۋاقتىدا قاپىقىنى تۈرۈپ ، بالىلىرىنى ئۇرۇپ ، ئېرىنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتمەيدۇ .  
(40)  ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، « ئەرلەرنى ئەر قىلىدىغانمۇ خوتۇن ، يەر قىلىدىغانمۇ خوتۇن » دىگەندەك ، ئەدەپلىك ، ئەخلاقلىق ئايال ئېرىنىڭ تاپقىنىنى تىجەپ ئىشلىتىدۇ . بەتخەجلىك قىلمايدۇ ، قانائەتلىك بۇلىدۇ . بالىلىرىنىڭ تەربىيىسىگە كۆپ كۆڭۈل بۈلىدۇ . ئېرىنىڭ مەسلەھەتىسىز بىرەر ئىشقا تۇتۇش قىلمايدۇ . ئەرزىمەس نەرسىلەرنى باھانە قىلىپ ،  ھە دىسىلا ئېرى بىلەن جىدەللەشمەيدۇ . ئېرىدىن بىرەر سەۋەنلىك ئۆتىلسە ، مۇلايىملىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ ، ئۇنى شۇ ئىشىدىن قايتۇرىدۇ . ئېرىگە دائىم مۇھەببەت ۋە سادىقلىقىنى ئىپادىلەيدۇ . ئېرىنىڭ ئاتا - ئانا ، ئاكا - ئۇكا ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى ھۆرمەت قىلىدۇ . ئېرىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقىنى ياكى دوستلىرى كەلسە ، ئۇچۇق چىراي بىلەن قارشى ئالىدۇ . مانا شۇنداق پەزىلەتلەرگە ئىگە بولغان ئۆي خۇجايىنى - ئايال ئېھتىرام ۋە ئالقىشقا ئېرىشىدۇ.

Rank: 3Rank: 3

توردا
55 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى 
نادىر
يازما
151 
يوللانغان ۋاقتى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى 12:16 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەڭ موھىمى ئاياللار ئۈي ئچىدە ئوزىنى تۇزەشتۇرۇپ يۈرۇش كېرەك، چۇنكى ئەرلەرنىڭ كوپۇنچە پائالىيىتى سىرتتا ئىلىپ بىرىلىدۇ، ئايال كىشى كەڭ قوساق بولۇشنى ئۈگۇنىۋىلىشى كىرەك ئەلۋەتتە.................. يۇقۇرقىى تىما ماڭا بەكمۇ ياقتيى داۋاملىق مۇشۇنداق تىمىلارنى كوپلەپ ئەۋەتىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن

Rank: 1

توردا
11 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى 
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 
نادىر
يازما
36 
يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى 21:07 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى چىقىپتۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

رەسىمسىز ھالەت|يەتتە قىزلىرىم خانىم-قىزلار تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى 04:09 , Processed in 0.068375 second(s), 16 queries .

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.