يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 652|نەقىل: 11

بۈگۈن ئانىلار بايرىمى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنبەر مەسئۇلى

مۇنبەر تېخنىكى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
875 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى
نادىر
0
يازما
160

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى 11:46:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

20111151129540.jpg


بۈگۈن ئانىلار بايرىمى، سەككىز ياشلىق ئوغلۇم ئۆزى يىغقان پۇللىرىغا بىردەستە قىزىلگۈل سېتىۋىلىپ، ئاپىسىغا سوۋغا قىلىۋىدى، ئۇ ھاياجاندىن ئېقىۋاتقان كۆز ياشلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۈلگۈرمەي، ئوغلۇمنى باغرىغا باسقىنىچە خېلى ئۇزاققىچە يېنىك ئۆكسۈپ يىغلىدى. قانچە كۈن ئويلىنىپ سېتىۋالغان قىممەت باھاللىق ئۈزۈكۈممۇ، ئۇنى بۇنچە خۇشال قىلىۋەتمىگەن ئىدى. ئايالىمنىڭ ھاياجاندىن تىتىرەشلىرى، ئوغلۇمغا رازىمەنلىك بىلەن باققان مىھىرلىك كۆزلىرىگە قاراپ، ئىختىيارسىز ئانامنىڭ نۇرسىز كۆزلىرى كۆز ئالدىمدا غۇۋا پەيدا بولدى. غۇۋا ئەمەس، كۆزچاناقلىرىمغا تولغان ياشلار ئانامنىڭ نۇرانە ئاجايىپ مىھرىبان كۆزلىرىنى تورلاشتۇرغان ئىدى. بەلكىم ھەسىرەت-پۇشايمان ئىچىدە قارىغان كۆزلىرىم ئۇنىڭغا خىجالەت بىلەن دادىل تىكىلەلمىگەندۇ. ئاھ، پۇشايمانغان تولغان ھايات.....

ئاھ ئانا، ھايات بولساڭ ئىدىڭ كاشكى، قەدىرىڭنى بىلمىگەن ئىللىق باغرىڭدا قانغۇچە ئۇخلىۋالغان، تولا سۆزلەيسەن دەپ تىڭشىمىغان سۆزلىرىڭنى قەلىپ خاتىرەمگە قويماي يېزىۋالغان بولاتتىم. ئالدىراش تۇرسام دەپ يىنىڭغا بارماي يۈرگەن كۈنلەردە يولۇمغا تەلمۈرگەن، ئىشىك ئالدىدا پۈكلىنىپ قالغان ئاشۇ ئاجىز تېنىڭنى باغرىمغا مەھكەم باسقان بولاتتىم.

ئەجەپ ئەقىلسىز ئىكەنمەن ئانا، يېڭى توي قىلغان چاغلىرىمدا ئايالىم مېنى چاي دەملىۋېتىشكە بويرىسا، ياكى سەينى سىز قورۇڭ، مەن خېمىر يۇغۇراي دېسە، ئانام رەھمەتلىك ئاچچىقتا تولغۇنۇپ كېتەتتى ۋە ئۆزى قىلىپ كىتەتتى. ئايالىمنىڭ تۈرۈلگەن قاپىقىغا بولۇشۇپ، ئانامغا قوپال تېگەتتىم. ئۇنىڭ ئاللا نېمىلەرنى دەپ چۈشەندۈرۈشلىرىدىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ، ياتاق ئۆيۈمگە بېكىنىۋالاتتىم. ئايالىمنىڭ ئېچىلمىغان قاپىغىدىن، مېنىڭ تەڭقىسلىقتا قالغان ھالىتىمگە چىدىماي، ئانام بىزگىمۇ ئېيتماي يۇرتقا قايتقان ئىدى.

شۇندىن بېرى بالىمىز ئۈچۈن پۇل يىغىمىز دەپ، ئۈچ يىلغىچە ئانامنىمۇ يوقلاپ بارالمىغان ئىدىم. ئۈچىنچى يىلى ئوغلۇم تۇغۇلغاندا، ئانام موزايلىق ئىنىگىمىزنى سېتىپ ئوغلىمىزغا كۆرپە-يوتقان، كىيىم-كېچەكلەرنى تىكىپ كەپتۇ. رەھمەتلىك ئانام ئوغلۈمغا تويماي قاراپ كىتەتتى. «قارىغىنە بۇ سىنىڭ كىچىكلىكىڭگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشاپتۇ، سەنمۇ مۇشۇنداق مىيىغىڭدا كۈلۈمسىرەيتتىڭ، كۆزلىرىڭ داداڭ رەھمەتلىكنىڭكىگە ئوخشايتتى، رەھمەتلىك ھايات بولغان بولسا» دەپ كۆز يىشى قىلاتتى، ئايالىم «ئېچىڭىز كىرىپ كېچىچە بىزنى يىغلاپ ئۇخلاتمايدۇ» دەپ دەرھال بالىنى قولىدىن ئېلىۋالاتتى.

بەش بالىنى بېقىپ قاتارغا قوشقان ئانام نەۋرسىنى يۈرەكلىكمۇ ئەركىلىتەلمەيتتى، لېكىن ئوغلۇمغا يېنىش-يېنىشلاپ مۇھەببەتلىك كۆزلىرى بىلەن قاراپ قانمايتتى. ئانامنىڭ «سەنمۇ مۇشۇنچىلىك ئىدىڭ، قىلىقلىرىڭ ھېلىغىچە كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ، ئۈچ ياشقا كىرگۈچە سۈتۈمدىن ئايرىلمىغان ئىدىڭ» دىگەن سۆزىگە ئايالىمنىڭ «شۇڭا ھازىرغىچە سىزدىن ئايرىلالمايدۇ» دېگەن زەھەرخەندە جاۋابىغا بىرئېغىزمۇ رەددىيە بېرەلمىگەنلىكىم ئۈچۈن ھېلىغىچە ۋىجدان ئازابى تارتىمەن.

ئېسىمدە ئانا، كېچىلىرى بالىغا قارىشىمەن دەپ ئۇيقۇسىزلىقتىن ئىششىغان كۆزلىرىمگە قاراپ، «ياخشى دەم ئالالمىدىڭلار، سىلەر ئىشلەيسىلەر، بالىغا كېچىسى مەن قاراي» دىگەن ئىدىڭ. ھەممە ئانىلارغا خاس، چەكسىز كۆيۈنۈش ۋە مىھىرىبانلىق بىلەن قىلغان سۆزۈڭنى ئاچچىق بىلەن رەت قىلغان ئىدىم، بۇ ئۆزۈمنىڭ نادانلىغىممۇ ۋە ياكى ئايالىم ئۈچۈن خىزمەت كۆرسەتكىنىممۇ بىلمىدىم. مانا ئەمدى سىنى ئەسلەپ ھەسىرەت بىلەن ئۇھ تارتىۋاتىمەن ئانا !

ھازىر بىلسەم ماڭا، يۈرىگىڭنىڭ بىر پارچىسى ھاياتىڭنىڭ ئايرىلماس بىرقىسىمى بولغان مەن ئوغلۇڭنىڭ جاپا چېكىشىنى كۆرۈشنى خالىماي قالغان مېھىرىبانلىقىڭكەن ئانا !
سېنى ئايالىمنى ياخشى كۆرمەيدۇ دەپ، خاتا ئەيىپلىگەنكەنمەن، مۇھەببەتنى چۈشەنمەيدۇ دەپ رەنجىتىپتىكەنمەن، ئەمدى بىلسەم دۇنيادىكى ھەممە مۇھەببەت ئانىنىڭ قەلبىدىكەن، جەننەت ئانا ئايىغى ئاستىغا يوشۇرۇنغان ئىكەن.

ئانا قەلبىدە ھارارىتى سوۋىماس ئوتتەك مۇھەببەت بولغىنى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر پەرزەنىت ئۈچۈن، ئوتقا كىرىشتىنمۇ، سۇدا ئېقىشتىنمۇ يانمايدىكەن. يۈرەك پارىسىنىڭ باشقا ئايال ئۈچۈن تېنەپ -تەمتىرەپ يۈرۈشلىرىگە، باغرىدىن يىراقلاپ كىتىۋاتقانلىقىغا چىدىماي مۇھەببەت بىلەن كىچە-كۈندۈز ئۇنى باغرىغا تارتىدىكەن. ئۇ ھەرگىزمۇ كېلىننى يامان كۆرۈش ئەمەس، ئۇنىڭغا ئۆز قەلبىدىكى يالقۇنلۇق مۇھەببەتنى كۆچۈرۈپ قويۇشكەن.

ئەجەپ ئەقىلسىزكەنمەن ئانا! بالام، ئائىلەم دەپ شۇ ئانامنىمۇ تۈزۈك يوقلىمىغان ئىدىم. ئايالىمنىڭ زارلاشلىرىغا قوشۇلۇپ، ئادەم قېرىپ قالغاندا شۇنداق بولۇپ قالىدىكەن دەپ گۇناھكارلاردەك تۇرۇپتىمەنۇ، ئەجىبا «مېنى ئاشۇ ئانام بېقىپ ساڭا تاپشۇرمىدىمۇ، سەن ئانا بولۇشنىڭ ئاچچىق تولغاق دەملىرىنى قانچىلىك زارلاپ ئۆتكۈزدۈڭ؟ ئاناممۇ سەندەك لىۋەن قىز ئىدى. بىزنى باقىمىز دەپ قېرىدى، سەن -بىز قېرىمامدۇق؟» دەپ بىرقېتىممۇ دېيەلمەپتىمەن.

ئانامنىڭ بىزدىن كۆڭلى سۇ ئىچمەي، يا كۆڭلىدىكىنى ئېيتالماي، داداڭ رەھمەتلىك ئېسىمگە كەپقالدى دېگەننى باھانە قىلىپ ئۈمچىيىپ يىغلىغانلىرىدا، بىرەر قېتىممۇ كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ «يىغلىما ئانا! بىز بارغۇ، سەن بىزنىڭ مەڭگۈلۈك مىھمىنىمىزغۇ» دەپ تەسەللى بېرەلمەپتىمەن. ئايالىم ئۈچۈن، نام-ئابروي ئۈچۈن، تاماششا ئۈچۈن تالاي پۇللارنى بۇزۇپ چىچىپتىمەنۇ، بىرەر قىتىم ئانام ئۈچۈن يېڭىغىنە بىر كوڭلەك ۋە بىر ياغلىق ئېلىپ بىرىشنى ئويلىماپتىمەن. ئانا مېنى كەچۈرگىن!

ئانا ......ئانا.........
قانچە توۋلىساممۇ ئاھ ئۇرساممۇ ئاڭلىغىنىم ئۆكسىگەن ئەكىس سادا، يۈرىگىمنى پۇچىلاۋاتقىنى ئاچچىق پۇشايمان. ئانا، سەكراتتا ياتقان چېغىڭدا، كۆز چاناقلىرىمدىكى ياش تامچىلىرىنى كۆرۈپ، زورلاپ كۈلۈمسىرەپ بوشقىنا «ئوغۇل بالا دېگەن ياش تۆكمەيدۇ» دىگەن ئىدىڭ. ياق ئانا! ھەسىرەت مىنى ياش بىلەن ئەمەس قان ياش بىلەن جازالىدى. ئوغۇل بالىنىڭ كۆز يىشى ئانا ئۈچۈن پەقەت ئانا ئۈچۈنلا ئاقىدىكەن.

جېنىم ئانا ! سېنى ئانا دەپ بىر قېتىممۇ چىن يۈرىگىمدىن چاقىرمىغان، بىر قېتىممۇ تاتلىق سۆزلىرىم بىلەن كۆڭلۈڭنى ئالالمىغان، ئاشۇ بەڭباش كېلىنلىرىڭمۇ، بىركۈنلەردە قەدىرىڭنى يۈرىگىڭنى چۈشۈنۈپ قالىدۇ. پۇشايمان بىلەن ئاچچىق تولغۇنىدۇ، چۈنكى ئۇلارمۇ قېيىنئانا بولىدۇ، سېنى ئورۇنسز ئەيىپلىگىنى ئۈچۈن، دىلىڭنى رەنجىتكىنى ئۈچۈن، ئۆزى تارتىۋاتقان قىسمەتلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ئۆتنە ئالەم ئۈچۈن ھەسىرەت چىكىدۇ.
ئاھ ! بۇ ئالەم ، بۇ ئالەم بىر ئادىل تارازا ئىكەنغۇ دەپ ئۇلارمۇ ساڭا ئوخشاش نادامەتلىك ياشلارنى تۆكىدۇ.
كەچۈر ئانا! نادانلىقىمىزنى، كەچۈر ئانا ساددا ھەم بالىلىق تەنتەكلىكىمىزنى.

بۈگۈن ئانىلار بايرىمى. ئىھ ! سۆيۈملۈك ئانا! سەن ئۈچۈن، سەن ياخشى كۆرىدىغان سېرىق-سېرىن ھەم پۇراقلىق رەيھانلارنى شاخ-شاخلىرىغا ۋە يۇلغۇن چىچەكلىرىگە قوشۇپ، چىرايلىق گۈلدەستە تىزدىم. ئېغىر قەدەملىرىمنى تەستە ئېلىپ، قەبرىستانلىققا يول ئالماقتىمەن. يەنە ئوغلۇمنى ئېلىۋىلىشنى ئۇنتۇمۇدۇم. توختىماي ئېقىۋاتقان كۆز ياشلىرىمنى، سېنىڭ ھەققىڭدىكى ھېكايەم بىلەن يۇشۇرۇشقا قانچە تېرىشساممۇ، ئەقىللىق ئوغلۇمنىڭ مۆلدۈرلەپ قاراشلىرىدىن، مېنى ئەيىپلەۋاتقانلىقىنى سەزدىمدە، قەبرەڭنى گۈلدەستە بىلەن قوشۇپ مەھكەم قۇچاقلىدىم .
ئاھ ! كەچۈر نادان ئوغلۇڭنى .......

مەنبە: ئىنتېرنېت
مىكروفون ئالدىدا: ئابدۇقەييۇم ئىمىن

«قىسمەت» لىرىمگە كۈلمە بۇرادەر، ھەممە ئىشقا «يەتتە قىز» گۇۋاھ !

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1429 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى 12:51:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر قېتىم ئاڭلىغىنىمدا يۈرەكلىرىم تىتىرەپ كېتىدۇ، بۇ كىشىنىڭ ئاۋازى ئاجايىپ بىر سۈرلۈك دېسە، ھەر قېتىم ‹ئانا› دەپ توۋلىغان يەرلىرى ئادەمنى بىر قىسىملا قىلىپ قويىدۇ زادى، يىغلىغۇم شۇنداق كەلسىمۇ ئۆزۈمنى تۇتىۋالدىم، يىراقتا بولسىمۇ ئانام ھايات، ئەتتىگەن تېلىفۇندا بولسىمۇ بايرىمىنى تەبىرىكلەپ قويدۇم، ئەمما ئالدىنقى يىلدىكىدەك قىسمەت ئىككىمىز ئوتتۇرىمىزغا ئېلىپ ئوينىتالمىدۇقئوماق ئاپا، ساددىلارچە قىلغان تاتلىق گەپلىرىڭنى بەكلا سېغىندىم

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2099
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى 13:18:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇقەييۇم ئىمىن ئاكىمىزنىڭ  سېھىرلىك،جەلىپ قىلارلىق ئاۋازى بىلەن ئۇقۇلغان بۇ تىما يۈرەكلەرنى ئانا ئۈچۈن سۇقۇشقىلا  دەۋەت قىلدۇ.

ئابدۇقەييۇم ئىمىن ئاكىمىزغا،قىسمەت ئەپەندىگە رەھمەت

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2099
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى 13:53:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
未命名.jpg
psu.jpeg
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   باتۇرچەۋەنداز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى 13:57  


ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 1

توردا
22 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
156
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى 14:52:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانىلار دۇنيانى سۆيۈپ ياشايدۇ،

بالام دەپ  ھەر ئوتتا كۆيۈپ ياشايدۇ.

بىر ئۆمۈر جاپانى يۈدۈپ ياشايدۇ ،

ئازاپنى مەنسىتمەي كۈلۈپ ياشايدۇ .  

مۇنبەر مەسئۇللىرىغا رەھمەت !







ساڭا كۈلكەم بىلەن بەخت تىلەيمەن !

Rank: 1

توردا
567 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
740
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى 15:18:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانىلار دۇنيانى سۆيۈپ ياشايدۇ،

بالام دەپ  ھەر ئوتتا كۆيۈپ ياشايدۇ.

بىر ئۆمۈر جاپانى يۈدۈپ ياشايدۇ ،

ئازاپنى مەنسىتمەي كۈلۈپ ياشايدۇ .  

مۇنبەر مەسئۇللىرىغا رەھمەت !


بىزگە ئوخشاش ئانىسى يوقلار قانداق ياشايدۇ؟

Rank: 1

توردا
22 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
156
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى 15:24:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانىنى ياد ئېتىپ ياشايدۇ دە ئەمدى .....

ساڭا كۈلكەم بىلەن بەخت تىلەيمەن !

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
972 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1702
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى 23:12:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياپراق520 يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى 15:18
ئانىلار دۇنيانى سۆيۈپ ياشايدۇ،

بالام دەپ  ھەر ئوتتا كۆ ...

ياپراق ، نىمە دەپ تەسەللى بىرىشنى بىلمەيمەن . كىلىپ - كىتەر دۇنياكەن بۇ . قانداق قىلىمىز ؟ بىرسىگە ئىرىشسەك بىرسىدىن ئايرىلىدىكەنمىز .
ئەجەپ كۆڭلۈم بۇزۇلدى .

Rank: 1

توردا
567 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
740
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى 13:47:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارسلان يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى 23:12
ياپراق ، نىمە دەپ تەسەللى بىرىشنى بىلمەيمەن . كىلىپ - ك ...

رەھمەت سىزگە ، ماڭا مۇشۇنىڭ ئۆزى يتەرلىك بۇئازاپ يۇرىگىمنى قۇرۇتتەك غاجىلايدۇ، مەن ئانامدىن ئايرىلىپ تۇنجى ئانىلار بايرىمىنى ئۆتكۇزدۇم،،،،،،،، بۇ كۇن-بۇكۇن بەكمۇ تەستە ئۆتتى

Rank: 1

توردا
34 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
69
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى 09:14:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەجنۇنتال قەددىنى ئېگىپ مۇلايىم،
سۇ بەرگەن ئۆستەڭگە قىلىدۇ تازىم.
سۈت بېرىپ ئۆستۈرگەن ئانا ئالدىدا
قەرزىمىز قانچىلىك ئويلايلى دائىم.
         

ئەمدى سىز يوق شەھەرماڭاتارلاشتى...مەن كۈتىمەن...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 07:37 , Processed in 0.058253 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش