يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 208|نەقىل: 1

مۇئەللىم، قەلەندەر، مەسئۇلىيەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
0 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى
نادىر
0
يازما
3
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى 11:33:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇئەللىم، نۇرلۇق شام
مۇئەللىم، نۇرلۇق ماياك
مۇئەللىم، ئىنسان روھىنىڭ ئالى ئىنژېنىرى
مۇئەللىم، 100 قەدەم يىراقتىن ھۆرمەت بىلدۈرۈشكە تېگىشلىك كىشىلەر
قاراڭ خىزمەتدىشىم، مانا بۇلار بىزنىڭ شەرەپلىك تاجىمىز…
- نېمە ئىش قىلىسىز؟ – مەن ئوقۇتقۇچى!
مانا بۇ جاۋاپقا باشلىقمۇ، بايمۇ، كەمبەغەلمۇ، ھاراقكەشمۇ، موللىمۇ، دېھقانمۇ، ھۈنەرۋەنمۇ، جەمىيەتتىكى ئىشسىز سەرگەردان قىز ئوغۇللارمۇ بىر خىل ھۆرمەت بىلەن قارايدۇ. 2008-يىلى 8-ئايدا بېيجىڭدىن ئۈرۈمچىگە ماڭىدىغان پويىزدا 10 نەچچە يانچۇقچى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بىر ۋاگونغا چىقىپ قالغىنىمىزدىمۇ، ئەنە شۇ نەچچە مىڭ كىلومېتىرلىق يىراقتا سەرسان-سەرگەردانلىق بىلەن ياشاۋاتقان، ئاددىيسى يانچۇقچىلىق، ئاقچىلىق ، بۇلاڭچىلىق بىلەن ياشايدىغان بۇ كىشىلەر توپىمۇ «بىز ئوقۇتقۇچى» دېگەن جاۋاپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بىزگە ھۆرمەت بىلدۈرۈشكەن ، بىزمۇ ئۈرۈمچىگە ساق-سالامەت كېلىۋالغان ئىدۇق.
بۇنىڭدىن باشقا جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ نەزىرىدە بىزنىڭ يەنە بىر تاجىمىز بارلىقىنى مەن كېيىن ھېس قىلدىم.  ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىنى مەمۇرلار مائاشىنىڭ 3 ھەسسىگە يەتكۈزۈش كېرەك دېگەندەك دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ دەبدەبىلىك يوليۇرۇقلىرى گەرچە ئەمىللەشمىگەن، بىزنىڭ مائاشىمىز 3 ھەسسە ئۆسكۈچە باشلىقلارنىڭ مائاشى ئۈسۈپ توققۇزى تەل بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بىز يەنىلا «ئوقۇتقۇچىنىڭ مائاشى يۇقىرى» دېگەن يېڭى زامانغا خاس تاجغىمۇ ئىگە بولدۇق. خۇداغا شۈكرى، دۆلەتمۇ، ئاپتونۇم رايونمۇ، ۋېلايەتمۇ، شەھەرمۇ مالىيەدىكى قىينچىلىققا قارىماي ، مال باھاسى ئۈسۈپ بىر زامانلاردىن كېيىن بىزدەك پويىزنىڭ ۋاگۇنىدەك سېپى كۆپ ساھەگە ئاز ئازدىن قوشۇۋاتىدۇ… تىجەپ ئىشلەتسەكلا مائاشنىڭ يېتىشىدە، يۇقۇرىلىقىدا گەپ يوق…
بىر قانچە مەزگىل داۋالىنىش بىلەن بولۇپ، بالىلارنى ناھايتى سېغىنغان ئىدىم. شۇنىڭ بىلەن مەكتەپكە ئۆمىلەپ بولسىمۇ چىقىپ ئىشلەش ئىرادىسى بىلەن ئىشقا چىقتىم. بىراق… ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس تەييارلىقىدىكى يۈزەكىلىك، كۈنلەپ-كۈنلەپ دەرس ئۆتۈلمەيدىغان سىنىپلار، قوڭغۇراق چېلىنسىمۇ سىنىپىنى تېپىپ بولالماي، ئويۇندىن مېھرىنى ئۆزەلمەي قېلىۋاتقان سەبى بالىلار، تىرناقچىلىق ھوقۇق ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار سېپىمىزدىكى نادانلار،ياكى شۇئارۋازلار سېپىگە، ياكى ئەمىلى ئىشلەيدىغانلار سېپىگە قۇشۇلۇشنى بىلەلمەي يۈرۈۋاتقان ئوتتۇرا سەپتىكى خىزمەتداشلارغا قاراپ ئىچىم قاتتىق سىيرىلدى.     شودۈي ئەمەسقۇ مائارىپ دېگەن؟ لابادا توۋلاپ يىغىن ئېچىپ، تازىلىق قىلىپلا يۈرسە مەكتەپ بولامدۇ بۇ ؟ نادانلىق، بىلىمسىزلىك، ئېتىقادسىزلىق، ھاراقكەشلىك، ئەخلاقسىزلىق ھاجەتخانىسىغا بېىشىچە كىرىپ چىققانلارنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ئۈچۈن جان-تېنى بىلەن تىرىشىۋاتقانلىقىغا ۋاي…..     دانا رەھبىرىمىز يولداش جىياڭ زېمىن « مائارىپ- مەسئۇلىىتىنى تارىخ سۈرۈشتە قىلىدۇ» دېگەن گېپى نەقەدەر چوڭقۇر مەنىگە ئىگە ھە….
شەھەرگە كىرىپ ئەتىگەن سەھەردە مەن ئۈچۈن ئەڭ مېھرىبان ۋە كۈيۈمچان بولغان ئانامنى يوقلاش ئۈچۈن دوختۇرخانىغا ماڭدىم. كىتاپخانا دوقمۇشىدىن قايرىلىشىمغا ئەتىگەن سەھەردىكى ئىزغىرىن سوغۇققا قارىماي، ئەپلىك جاينى تاللاپ ئولتۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان قەلەندەرگە كۈزۈم چۈشتى. يانچۇقۇمدىن بىر يۈەن چىقىرىپ ئۇنىڭغا بېرىپ ئىتتىك ئۆتۈپ كەتتىم. كېتىپ بېرىپ مېنى تەگسىز، ئەنسىز خىياللار ئۆز ئىلكىگە ئالدى. توۋا، قەلەندەر چېغىدا ئەتىگەن سەھەردە، ناھايىتى ئەپلىك ئورۇندا، ناھايىتى جانلىق تىللار بىلەن ئۆز كەسپىنى قىلىۋېتىپتۇ…..
مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلاردا مۇشۇ قەلەندەرچىلىك كەسپىگە بولغان ئىنتىلىش، كەسپىگە بولغان قەدىرلەش ، كەسىپ ئۈچۈن ئىزدىنىش، كەسىپ ئۈچۈن تىرىشىش روھى بولغان بولسا، بىزنىڭ مەكتەپ، بىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلار، بىزنىڭ بالىلار شۇنداق بۇلۇپ كېتەرمىدى؟


Rank: 8Rank: 8

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1938

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى 10:54:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايسى كۈنىدىكى بىر تېمىدا كۆڭلۈمدىكى سۆزلەرنى ئېنىق ئىپادىلەپ بېرەلمىگەن گەپلەرنىڭ ئۆزىكەنغۇ!
ھەممەيلەن ئوقۇتقۇچىنى بەكلا ھۆرمەتلەيمىز، ئۇلاردىن پەخىرلىنىمىز.
چۈنكى ئوقۇتقۇچى بىزنىڭ ئېغىزىمىغا بىلىم سالغان، ئۇ بىزگە بىلمىگەننى بىلدۈرگەن ئۇلارنىڭ بىزلەر ئۈچۈن قىلغان ئەجرىگە قانچە تەشەككۈلەر ئېيتىمىز!
لېكىن، تېمىدا دېيىلگەندەك ئوقۇتقۇچىلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى بىلەلمەيدىغان، ئوقۇغۇچىلارنى قانداق تەربىيەلىسە بولىدىغانلىقىنى ئۇقمايدىغان ئوقۇتقۇچىلار كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ مەسلىنى ھازىرقى مائارىپ تۈزۈلمىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ شۇنداقتىمۇ ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچى دېگەن بۇ نامىغا يۈز كېلەلىسە ديمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 05:48 , Processed in 0.102641 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش