يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 485|نەقىل: 13

مېنىڭ سومكام نېمىشقا بۇنداق ئېغىر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
237 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
642

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى 12:38:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ سومكام نېمىشقا بۇنداق ئېغىر

باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يۈرەك ساداسى:


مېنىڭ سومكام نېمىشقا بۇنداق ئېغىر


شياۋچۈن شاڭخەي شەھىرىدىكى مەلۇم نۇقتىلىق باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بەشىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىسى . بۇ يىل 11 ياشتا بولۇپ ، بەدەن ئېغىرلىقى 40 كىلوگرامغا يەتمىسىمۇ ، ئەمما سومكىسى 6 كىلوگرام كېلىدۇ. ئىچىدىكى نەرسىلەر بەكلا كۆپ : تىل-ئەدەبىيات ، ماتېماتىكا، دەرىستىن سىرتقى ئوقۇشلۇقلاردىن سىرت، يەنە ئولىمپىك ماتېماتىكىسى ، پەن-تېخنىكا ، گۈزەل-سەنئەت ، ئۇچۇر دەرىسلىكى ۋە ئۇچۇر قوللانمىسى، يېتەكچى كىتابلار بولۇپ 20 گە يېتىدۇ .
سومكىسى غالتەكلىك بولۇپ ، شياۋچۈن ھەر كۈنى مەكتەپكە بېرىپ-كېلىشتە سۆرەپ ماڭىدۇ .
شياۋ چۈن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:‹‹ بۇنى يۈدۈۋالسام قانداق چىدايمەن ؟ مۈرەم تېلىپ ئاغرىپ كېتىدۇ، دەم ئالالماي قالىمەن ! شۇڭا، تۆتىنچى يىللىقتىن باشلاپ غالتەكلىك سومكا ئىشلىتىدىغان بولدۇم ››. بۇنداق يۈرۈشمۇ ئاسان ئەمەس . شياۋ چۈننىڭ ئۆيى ئالتىچى قەۋەتتە ، چىقىپ-چۈشۈشتە ئۇ سومكىسىنى كۆتۈرۈۋالىدۇ . ئەتىگەندە ئۇنىڭ ئاتىسى بىلەن ئاپىسى ئىشقا بېرىشتىن ئىلگىرى بىنادىن چۈشۈشتە ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ كۆتۈرۈپ چۈشىدۇ ، چۈشتىن كېيىن مەكتەپتىن قايتقاندا يەنىلا ئۆزىگە تايىنىدىغان بولغاچقا قوللىرى قىزىرىپ، نەپەس ئالالماي قالىدۇ، ئىلاجىسىز چىشىنى چىشلەپ بىر باسقۇچ بىر باسقۇچتىن يۇقىرى ئۆرلەيدۇ . شياۋ چۈننىڭ دېيىشىچە ، ئۇلارنىڭ سىنىپىدا 40 قا يېقىن ئوقۇغۇچى بولۇپ، غالتەكلىك سومكا ئىشلىتىدىغانلار تەخمىنەن ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلەيدىكەن .
يالغۇز سومكا ئېغىر بولۇپلا قالماستىن ، تاپشۇرۇقلارنىڭ بېسىمى تېخىمۇ ئېغىر
شياۋ چۈن ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 6 يېرىمدا ئورنىدىن تۇرۇپ ، سائەت 7 يېرىمدا مەكتەپكە بېرىپ دەرىسكە كىرىدۇ . سائەت 7 يېرىمدىن تارتىپ 8 دىن 10 مىنۇت ئۆتكىچە، سىنىپتىكى يېرىم دېگۈدەك ساۋاقداشلار تاللىنىپ 40 مىنۇتلۇق ئولىمپىك ماتېماتىكا دەرىسىگە كىرىدۇ . دەرسنىڭ ئاخىرىدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرىدۇ . ئوقۇغۇچىلار يېزىپ تۈگىتەلمىگەن مەشىق تېمىلىرىنى باشقا تۇرۇپ ئىشلەشكە كىرىشىدۇ .
شياۋ چۈن خۇرسەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى : ‹‹ ھەتتا بىر كۈندىكى بىر سائەتلىك چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىمىزنىمۇ ئىگىلىۋالدى . چۈشلۈك تاماقنى يەپ بولۇپ ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسى چۈشتىن كېيىن دەرس ئۆتۈش قوڭغىرىقى چېلىنغانغا قەدەر تاپشۇرۇق ئىشلەيدۇ؛ چۈشتىن كېيىن سائەت 4 تىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە مەكتەپتىن قايتىمىز. ئۆيگە بېرىپمۇ ئارام ئالالمايمىز، دەرستىن بېرىلگەن تاپشۇرۇقلارنى ئىشلەپ تۈگەتمىسەك بولمايدۇ، يەنە دەرىستىن سىرتقى تاپشۇرۇقلارمۇ بار. ھەر كۈنى ئاخىشىمى سائەت 8 ~ 9 لارغىچە ئىشلەيمىز. گەرچە ھەر ئاينىڭ 20-كۈنى مەكتەپنىڭ ‹ تاپشۇرۇقسىز كۈنى › دېيىلگەن بولسىمۇ ، ئەمما ھەتتا بۇ كۈننىمۇ مۇئەللىم بوش ئۆتكۈزىۋەتمەيدۇ . بىز ياخشى ئۇخلىيالمىغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئىككىنچى كۈنى روھسىز ھالدا دەرىسكە قاتنىشىمىز›› .
شياۋ چۈننىڭ ئانىسى مۇنداق دېدى: ‹‹ بالام ھەر كۈنى مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەندە، ئالدى بىلەن ئازىراق بىر نەرسە يەۋېلىپ، دەرھال تاپشۇرۇق ئىشلەشكە كىرىشىدۇ . تاماق پىشقاندا، تاماقنى يەيدۇ-دە، يەنە يېزىشقا كىرىشىدۇ . بەزىدە بالام مۈگىدەپ قېلىپ ، ئۈستىلىدە ئۇخلاپ قالىدۇ . بىرئازدىن كېيىن ئويغاتمىسام بولمايدۇ ، چۈنكى يازىدىغىنىنى تۈگەتمىسە بولمايدۇ››.
مۇخبىر سىرتقا چىقىپ ئوينايدىغان ۋاقتى بارمۇ؟-دەپ سورىغاندا ، شياۋ چۈننىڭ ئانىسى مۇنداق دېدى: ‹‹ راستىنلا ۋاقىت يوق ، ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا بىز مۇمكىن قەدەر بالىنى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ ئوينىتىمىز. ئوينايدىغان ۋاقىت بولمىسا، تەنتەربىيە ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىدىغان ۋاقتىمۇ يوق›› .
يۈزەكى قارىغاندا، ئوقۇغۇچىلار تاپشۇرۇقتىن چارچاپ كېتىدۇ ، ئەمەلىيەتتە ، ئىمتىھان ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ .مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىلارنى باھالايدۇ ، ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا بېسىم چۈشۈرىدۇ؛ ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھاندا ياخشى نومۇر ئالالمىسا ، ئائىلە باشلىقلىرىمۇ مەكتەپنى ئىزدەيدۇ . نەتىجىدە كىتابلارنى كۆپ ئوقۇغانسېرى سومكا شۇنچە ئېغىرلىشىدۇ . ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ئارزۇسى بارغانسېرى يۇقىرىلايدۇ ، بۇنى ئۆلچەيدىغان بىردىنبىر ئۆلچەم ئىمتىھان ئارقىلىق ئەلالار بىلەن ناچارلارنى باھالاشتىن ئىبارەت بولىدۇ.
شياۋ چۈن مۇنداق دېدى: ‹‹ ئەڭ مۇھىمى ئىمتىھاننى ياخشى بېرىش ، دەرستىن سىرتقى كىتابلارنى كۆرۈشكە ئادەتتە ۋاقىت چىقمايدۇ ›› .
شەنبە ، يەكشەنبە كۈنلىرىگە كەلگەندە ، شياۋ چۈن ئاران دېگەندە ئازىراق يېنىكلىك ھېس قىلىغان ۋاقىتقا ئېرىشسىمۇ ، ئەمما بۇمۇ چەكلىك بولىدۇ ، يەنە كۆپلىگەن كۇرسلار ئۇنى ساقلاپ تۇرىدۇ. ئاتا-ئانىسى قوش دەم ئېلىش كۈنلىرى ئۇنى تۆت كۇرسقا بېرىدۇ : بۇلار ئولىمپىك ماتېماتىكىسى ، پىئانىنو، مۇزىكا نەزەرىيەسى ۋە ئوكسفورت ئىنگىلىزتىلىدىن ئىبارەت . بەزى كۇرسلارنى ئۇ ھەرگىز ياقتۇرمايدۇ .
پەقەت بالا قىزىقىدىغان كۇرسنى ساقلاپ قالسا بولمامدۇ ؟
‹‹ بۇنداق قىلسا قاندان بولىدۇ !›› ئائىلە باشلىقى مۇنداق دېدى : ‹‹ باشلانغۇچتىن تولۇقسىز ئوتتۇرىغا ئۆرلىگەندە ئىنگلىز تىلى ئىمتىھان كېنىشكىسى بولۇشى كېرەك ، ئولىمپىك ماتېماتىكىسىغىمۇ نومۇر قوشۇپ بېرىدۇ ، سىنىپتىكى يېرىمدىن كۆپرەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى كۇرسقا قاتنىشىدۇ ، نومۇر قوشۇشنى دېمىسەكمۇ ، ئولىمپىك ماتېماتىكىسىدا ئوقۇغاندىن كېيىن ئاددىي ماتېماتىكا تېمىلىرىنى ئىشلەشتە ھەقىقەتەنمۇ ياردىمى كۆپ بولىدۇ ، خۇددى ئېغىرلىقنى ئاشۇرۇپ يۈگۈرۈشكە ئادەتلىنىپ ، ئېغىرلىقنى چۈشۈرۈۋەتكەندە تېخىمۇ تېز يۈگۈرگەنگە ئوخشاش ، كۇرسقا بارمىسا بولامدۇ؟ ››
ئېغىرلىقنى ئاشۇرۇپ يۈگۈرۈشكە ئادەتلەنگەندە ، ئېغىرلىقنى چۈشۈرۈۋەتكەندە تېخىمۇ تېز يۈگۈرگىلى بولىدۇ ؛ ئەگەر ئېغىرلىق ئېشىپ كەتسىچۇ ؟ داۋاملىق يۈگۈرگىلى بولامدۇ ؟ بالىلار خۇددى غالتەكلىك سومكىنى تارتىپ ماڭغانغا ئوخشاش ، ئېغىر يۈك ئۇلارنى بېسىپ دەم ئېلىشقا ئىمكانىيەت بېرەمدۇ ؟ ئۇلار بېلىنى رۇسلىيالامدۇ ؟
1-مېسال :
بېسىمىم ئېغىر ، ئەي جېنىم ئانا
بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئولىمپىك ماتېماتىكا مۇسابىقىسىغا تەييارلىق قىلىمەن دەپ ئاپىسى بىلەن گەپ تالىشىپ كەتكەن نەنجىڭدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ‹‹ بېسىمىم ئېغىر ، ئەي جېنىم ئانا›› دېگەن بىر شېئىرنى يازغان ، بۇ شېئىر توردا تارقىلىپ ، جامائەتچىلىكنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىغان ، بەزىلەر ھەتتا بۇ شېئىرغا ئاڭاڭ ئىشلىگەن . ئەمدى بۇ شېئىردىن بىر ئارىيە كۆرەيلى :


بېسىمىم ئېغىر ، ئەي جېنىم ئانا
ماڭىدۇ سائەت چىكىلداپ يەنە
قۇشقاچ جېنىدا كەتتى ئۇۋىغا
قەھرىتان سوغۇق ، پىژ-پىژ ئىسسىقتا
قارىساڭ مەن ھامان ئۆيۈمدە مانا
قونچاق تىزىپ ئوينايدۇ دېمە ،
تورغا چىقىپ چۈشمەيدۇ دېمە .
قولۇمدا قەلەم ، ئىشلەيمەن ھېساب ،
ئۇھ ... يەنە گەجگەمدە بېسىم .
جاق تويدۇم دوسكىدىن ، بىر ئىككى ئۈچتىن
قاچانمۇ كېلەر تەتىل ئىنتىزارمەن ، تەشنامەن
قانغۇدەك ئوينىۋالسام ئورمان-چىمەنزاردا مەن
بىلىۋالسام شۇ تەبىئەت سىرلىرىنى مەن .
ئۆتمەكتە كۈنلەر ، ھەي تۈگىمەس تاپشۇرۇق
ئىشلىگەنسېرى تەسلىشىپ قاتىدۇ بېشىم
سۆزۈمنى ئاڭلا ، ئەي جېنىم ئانا
يولۇمنى تاپالايمەن ، چوڭ بولسام ھامان
تەبىئەت قوينىدىن ئايرىۋەتمەڭلار
جاق تويدۇم دوسكىدىن ، بىر ئىككى ئۈچتىن .


2-مېسال :
98 نومۇر ئالغان ئوقۇغۇچى يەنە نېمە ئۈچۈن ئوقۇشتىن بىزار بولدى ؟
بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىسخىكا ئالىمى ۋو جيەنجۇڭ مۇخبىرغا تۆۋەندىكى مېسالنى سۆزلەپ بەردى :
6-يىللىقتا ئوقۇيدىغان بىر ئوقۇغۇچى تەقلىدىي ئىمتىھاندا 98 نومۇر ئالغان بولسىمۇ ، يەنىلا داۋاملىق ئوقۇغۇسى كەلمىگەن . قائىدە بويىچە 98 نومۇر خېلى ياخشى نەتىجە ھېسابلىنىدۇ ، ئۇنداقتا بۇ ئوقۇغۇچىدا يەنە نېمە ئۈچۈن ئوقۇشتىن زېرىكىش پىسخىكىسى پەيدا بولىدۇ ؟ ھەرقانچە ئويلاپمۇ تېگىگە يېتەلمىگەن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى پىسخىك مەسلىھەت سوراش ئورنىغا ئېلىپ كېلىشكە مەجبۇر بولغان .
بۇ بالىنىڭ ئېيتىشىچە ، گەرچە 98 نومۇر ئالغان بولسىمۇ ، يەنىلا سىنىپ بويىچە 10-ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان . بۇ نەتىجە بىلەن ئەڭ ياخشى مەكتەپلەرگە كىرىش ناھايىتى تەس . ئۇنداقتا بۇ 98 نومۇرنىڭ زادى نېمە ئەھمىيىتى بار ؟
ئۇنىڭ قارىشىچە ، بىرىنچى بولۇش نىشان ، چوقۇم بىرىنچى بولۇش كېرەك . لېكىن ئۇنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمەيدىغىنى ، نېمە ئۈچۈن شۇنچە تىرىشسىمۇ ، ئاران مۇشۇ نەتىجىگە ئېرىشىدۇ ؟ ئۈگىنىشنىڭ خۇشاللىقى زادى قەيەردە ؟
ۋو جيەنجۇڭنىڭ ئېيتىشىچە ، بۇ بالا دۇچ كەلگەن ئەھۋال ئەمەلىيەتتە ۋەكىل خاراكتىرگە ئىگە بولۇپ ، ئۈگىنىشتىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان بالا ئىشەنچىسىز بولۇپ قالغان .

مەنبە؛تەڭرىتاغ مۇنبىرى
http://bbs.xjtsnews.com/forum.php?mo...hread&tid=6152




Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1429 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى 13:17:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەچچە كۈن ئاۋال  كىچىك قىزىمنىڭ بەڭۋاشلىقى تۈپەيلى،  ئوتتۇرانچى قىزىم شۇنچە ئېغىر سومكىسىنى كۆتۈرۈپ، ئۇكىسىنىڭ مەكتەپتىن تارقاتقان بىر يېشىك سۈتىنى كۆتۈرۈپ، پىيادە ئۆيگە كەلگۈچە كۆزلىرى پىلىلداپلا قاپتۇ. يېقىدىن بۇيانقى كىچىك بالىلارنىڭ يۈتكەنلىك خەۋەرلىرى مېنى بەك ئەندىشىگە سالغاچ بالىلار مەكتەپتىن كەلگۈچە كۆزۈم تالادىلا ئىدى.  كۈندە ۋاقتىدا كېلىۋاتقان بالىلارنىڭ بۈگۈن بەكمۇ كېچىكىشى مېنى سەل ئەنسىرەتتى، ئاخىرى قاراپ بېقىش ئۈچۈن ئىشىك ئالدىغا كېلىشىمگە ئىككىسىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى، ئىشىكنى ئېچىپ ئوتتۇرانچى قىزىمنىڭ مۈكچەيگەن ھالىتى ئىچىمنى بەكلا سېرىۋەتتى، ئۇنىڭغا قوشۇپ ماۋۇ كىچىك جىنتەكنىڭ ئاچىسىنى بوزەك قىلىپ، سۈتىنى كۆرۈرگۈزگەنلىكى، ئۇنى  ئاز دەپ پىيادە كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ جۇدۇنۇم بەك ئۆرلىدى. ئەزەلدىن ئۈچ بالىنى بىر يەردە، بىر- بىرىنىڭ ئالدىدا تەنقىتلىمەيدىغان ئادەم، ئۇ كۈنى زادىلا ئۆزۈمنى باسالمىدىم، كىچىك قىزىمغا ئاچىسىنىڭ سومكىسىنى بەش مىنۇت ئېسىپ تۇرۇشنى بۇيرۇدۇم. ( ئەمەليەتتە كىچىك قىزىمنى جۇغى ئاچىسىدىن چوڭ، سېمىزرەك ئىدى) سومكىنى شۇنداق تەستە كۆتۈرۈپ ئېلىپ، مۆرىسىگە ئالغۇچە جايىدا نەچچە قېتىم دەلدۈگىلەندى، گەپ قىلمىدىم. سومكىنى شۇنداق تەستە ئېسىپ بىر ئىككى مىنۇت تۇرا- تۇرمايلا،  ئالدى- ئارقىغا داجىغىلى تۇردى، بەش مىنۇت بولغاندا ئاۋازىنى قويۇپ يىغلىۋەتتى. سەۋەبى بالىنىڭ مۆرىسى ئاغىرغان ئىدى. ياش پەرىقى ئانچە چوڭ بولمىغان ئىككى بالىدىكى ئىنكاس.
چوڭ قىزىمنىڭ سومكىسى توغۇرلۇق ئارتۇق گەپ قىلغۇم يوق. ئوتتۇرانچى قىزىم بۇ يىل 9 يېرىم ياش، بەدەن ئېغىرلىقى سىڭلىسىدىن بىر كېلۇ يېنىك يەنى 24 كىلو،  بوي ئىگىزلىگى 1.35~1.40 كېلەر. مانا مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق سىڭلىسى بەش مىنۇت ئېسىپ يىغلىغان شۇ سومكىنى ئەتتىگەندە ئېسىپ ماڭىدۇ، كەچتە ئېسىپ كېلىدۇ. كۈندە ئەتتىگەندە مۆرىسىگە ئاتقۇچە بىر قاقشايمەن، ئىچىم سېيرىلىدۇ، قىزىم ئارتۇق ماتىريال بولسا ئېلۋېتىڭ،- دېسەم:
- ئاپا، بەزى ماتىرياللار راستىنلا سومكىمىزدا تۇرغىنى تۇرغان، بۇنداق چاغدا ھېچكىم سورىقىنى قىلمايدۇ، كۆتۈرۈپ ئاپىرىمىز، كۆتۈرۈپ كېلىمىز، لېكىن شۇنداق تۇيۇقسىز، يەنە بىر مەۋسۈمدە بىرەر قېتىم ئېسىگە كېلىپ شۇ ماتىريالنى سوراپ قالغاندا سومكىمىزدا بولماي قالسا تەنقىتلەيدۇ، مېنىڭ ساۋاقداشلىرىم ئالدىدا يەرگە قاراپ قالغۇم يوق، قىينالساممۇ ئاپىراي دەپ ئىنجىقلىغىنىچە پەلەمپەيدىن چۈشۈپ كەتسە چوڭقۇر ئۇف تارتىپ كېتىمەن. مانا مۇشۇ ئىشلارنى قىسمەت بىلەن دىيىشىپ، ئۆز ۋاقتىدىكى ئۆزىمىز ئۈستىدە جىق پاراڭلارنى قىلىشتۇق. دىمەكچىمۇ ھازىر ھەر بىر دەرىسكە يانداشما ماتىرياللار بار، ئاساسلىق دەرىسلەردىن باشقا دەۋرىي پەنلەر( ھازىرقى قوشۇمچە پەنلەرنىڭ ئاتىلىشى ئىكەن)نىڭ ماتىرياللىرىمۇ خېلى بار، مېنىڭ ئۈچىلا قىزىم سىنىپتا ئۈچنىڭ قاتارى ئوقۇۋاتىدۇ، ئەمما ئوقۇتقۇچىلار ماڭا تېلىفۇن قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىشىنى، تېخىمۇ ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈشى ئۈچۈن ئائىلىدە ئۆگىنىشىگە تېخىمۇ بەك كۆڭۈل بۆلىشىمىزنى ئېيتىدۇ. قانداق قىلساق بەكرەك كۆڭۈل بۆلگەن بولىدىغاندىمىز، دىدىم ئاخىرى بىر كۈنى چوڭ قىزىمنىڭ سىنىپ مەسئۇلىغا.
راست گەپ قىلسام مەن ئۈچ قىزىمنىڭ نەتىجىسىدىن شەخسەن مەن رازى،(ئۆزلىرىگە ئۇنداق دىمەلمەيمەن ئەلۋەتتە) ئۇنىڭدىن ئارتۇق تەلەپ قويۇشقا يۈرىكىم چىدىمايدۇ، ھېلىمۇ سەھەر5.30 دىن كەچ سائەت 8.30 گىچە ئۆگىنىش قىلىدۇ، پەقەت چۈشلۈك تاماق ۋە كەچلىك تاماق ۋاقتى ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ دەم ئېلىشى ھېساپلىنىدۇ. لېكىن ئۆيگە قايتقاندىن كېيىنكى بۇ ئالۋان- ياساقنىڭ ھۆدىسىدىن چىقمىسا ئەتىسى ساۋاقداشلىرى ئالدىدا يەرگە قارايدىغان گەپ، ئۇنى ئاز دەپ بىزلەرمۇ چەتتە قالمايمىز، ئوقۇتقۇچىلارغا:
- بالىلىرىم بەك چارچاپ كېتىپتىكەن، شۇڭا ئۇخلا دىدىم، دەپ دىيەلەمسىز، دىيەلمەيمىز، بىزدە ئۇنچىلىك جۈرئەت يوق، يۈرەك يوق. ئارام كۈنلىرى بېرىلاىغان تاپشۇرۇقچۇ تېخى، ھېيت- بايراملاردىمۇ شۇ. نىمە دەيمىز ئەمدى؟
بىر چاغدا قايسى بىر تېلۋېزىيە پىروگرامىسىدا، مەلۇم بىر مەكتەپنىڭ تاپشۇرۇق بېرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغۇرلۇق ئاتا- ئانىلاردىن پىكىر ئالغان چاغدا، 80% ئاتا- ئانىنىڭ بالىلىرىمىز ئۆيگە قايتىپ كېلىپلا ئويۇنغغا بېرىلىپ كەتتى، يەنىلا تاپشۇرۇق بېرىلسە ياخشىكەن دېگەن گېپىنى ئاڭلاپ، توۋا... دەپ قالغان ئىدىم. پەقەت 20% ئاتا- ئانا لايىقىدا تاپشۇرۇق بېرىلسە دىدى، لېكىن ھېچكىم تاپشۇرۇق بەرمىسۇن، بالىلىرىمىزنىڭ ئاشۇ كىچىككىنە كاللىسى ئارام ئالسۇن دىمىدى.
چوڭ قىزىمنىڭ دائىم دەيدىغان بىر ئېغىز گېپى يۈرۈكۈمنى ئېزىۋېتىدۇ:
- شەھەر باشلىقى بولسام تۇنجى قىلىدىغان ئىشىم، تاپشۇرۇقنى يوق قىلۋېتىش.
مانا بالىلىرىمىزنىڭ يۈرەك ساداسى، ئەمەليەتتە بالىلار ئائىلىگە قايتقاندىن كېيىن مۇۋاپىق پائالىيەتلەرگە قاتناشسا، مۇۋاپىق ئۆگىنىش قىلسا، ئاتا- ئانا بولغۇچى شۇنى جايىدا ئورۇنلاشتۇرسا، ئۇلارنى ئۆزى خالىمىغان شۇ ئۆگىنىشنى قىلغاندىن، خالاپ قىلغان ئۆگىنىشىنىڭ نەتىجىسى، ئۈنىمى ياخشى بولامدىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم.
مۇشۇ بالىلارنىڭ ئۆگىنىش بېسىمى، سومكىسىنىڭ ئېغىرلىقى توغۇرلۇق سۆز چىقسا بەك قايناپ كېتىمەن، چۈنكى مەن تۆت بالىنى ئوقۇتىۋاتقان ئانا. يېشىغا ماس كەلمىگەن ئورۇق بەدەن، مۈكچەيگەن سىما، ئۇيقۇسى قانمىغان شۇ ھالەتلەر مېنىڭ ئىچىمنى بەكلا ئاچچىق قىلىۋېتىدۇ.
قالغان دەرتلەرنى يۇقۇرقى تېمىدا بالىلار ئۆزلىرى سۆزلەپتۇ، مەن ئارتۇق قاقشىماي، قاقشىغاندىن كۆرە بالىلىرىمنىڭ يۈكىنى قانداق قىلسام يېنىكلىتىش ئۈستىدە ئويلىشاي.

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 1

توردا
91 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
0
يازما
338
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى 14:16:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرۋەرى يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى 15:11
نەچچە كۈن ئاۋال  كىچىك قىزىمنىڭ بەڭۋاشلىقى تۈپەيلى،  ئ ...

- شەھەر باشلىقى بولسام تۇنجى قىلىدىغان ئىشىم، تاپشۇرۇقنى يوق قىلۋېتىش.
پاھ -پاھ مەرۋەرى خانىم ئالامەتقۇ سىز ،ئەگەر شەھەر باشلىقى بۇلۇپ قالسىڭىز ئوقۇغۇچىلارنى ئازات قىلىش بىلەن بىرگە بىزدەك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بېشىنىمۇ سىلاپ قۇيارسىز ھە؟

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1429 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى 17:25:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىزتارىم يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى 14:16
- شەھەر باشلىقى بولسام تۇنجى قىلىدىغان ئىشىم، تاپشۇرۇ ...

مەن ئەمەس، چوڭ قىزىمنىڭ دېگەن گېپى ئاۋۇ، ئوبدانراق ئوقۇڭ.

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
285 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
802
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى 23:23:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنىلا ئوغلۇم  ىەر ھالدا  ياخشىكەن،ياكى   ئۇمۇ  يۇقىرى  يىللىقلارغا  چىقسا شۇنداق كۈنلەرگە قالامدىكىن،بىز ئۇنى  سومكىنى  كۈتۈرۈپ  بۇلامىدى  دەپ كىچىك  سومكىدىن  بىرنى  ئېلىپ  بېرىپ  زاددى  شۇ كۈنى  تاپشۇرۇقى  بار پەنلەرنىڭ  ماتىريالىنىنىلا  ئېلىپ  كىلىشنى  ،باشقا  ئۇقۇشلۇقلىرىنى  ئېلىپ  كەلمەسلىكنى  تاپىلاپلا  تۇرىمىز،  ھازىر  بەزى  كۈنلىرى  تاپشۇرۇقنى  مكتەپتە  ئىشلەپ بولدۇم  دەپ  كىلىپ   ئوينايدىغان  بولدى.كېيىن  قانداقمۇ  بۇلار؟

زىمىستاندا ھارارەتكە،زۇلمەتتە نۇرغا تەشنا بولساڭ...يېنىڭدا مەن بار...

Rank: 1

توردا
22 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
156
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى 09:15:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سومكىمۇ ئېغىر ،بىر سەۋەپلەرنى قىلىپ ئۇنى يېنىكلەتسەك بولار ؟


ئوقۇش بېسىمىنىڭ ئېغىرلىغىنى قانداق قىلارمىزكىنە ؟

ساڭا كۈلكەم بىلەن بەخت تىلەيمەن !

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
285 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
802
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى 11:35:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخشام ئۇخلاپ ئولتۇرۇپ خەت يازدىممۇ  نىمە؟  خەتلىرىمنىڭ يېرىمى  يوققۇ؟تۆۋە.تۆۋە...

زىمىستاندا ھارارەتكە،زۇلمەتتە نۇرغا تەشنا بولساڭ...يېنىڭدا مەن بار...

Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2099
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى 13:29:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
75787aba77c7c95792ae4ecbecd75462.jpg

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 1

توردا
567 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
740
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى 15:58:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بىر بىلەت تاشلايمەن ئاۋۇ تىمغا ، مەن شۇ باللىرىمنى دەپلا كەڭرى ئويۇمنى تاشلاپ بىناغا كۆچتۇم مەكتەپكە يىقىنراق بولسا باللىرىم ئازراق جاپا تارتامدىكىن دەپ، ھەي يەنىلا شۇ تاشۇرۇق غىمى كىچىك ئوغلۇم بىلەن قىزىم ھەرھالدا خىلى ياخشى بىراق ئوترانجى ئوغلۇم تاپشۇرۇق ئىشلىگىلى شۇنداق قىرىق بەزىدە راستىنلا نىمە قىلارىمنى بىلمەي قالىمەن

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1429 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى 21:58:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇلخان يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى 11:35
ئاخشام ئۇخلاپ ئولتۇرۇپ خەت يازدىممۇ  نىمە؟  خەتلىرىمنى ...

قارىسام شەپەرەڭدەك يېرىم كېچىدە تىمىسقىلاپ يۈرەتتىڭىز، بەلكىم ئۇخلاپ تۇرۇپ يازغان بولسىڭىزمۇ يازغانسىز

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 06:17 , Processed in 0.379613 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش