يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 886|نەقىل: 21

بالىلارنى قۇتقۇزۇۋالايلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنبەر مەسئۇلى

مۇنبەر تېخنىكى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
875 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى
نادىر
0
يازما
160

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى 22:24:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش





     ئۆزىدىن چوڭ كىتاب سومكىسىنى كۆتۈرۈۋالغان، تاپشۇرۇقىنىڭ كۆپلىكىدىن كىتابىنىڭ ئۈستىگە بېشىنى قويۇپ ئۇخلاپ قالىدىغان قىزىمغا ھەر بىر قارىسام تۈگىمەس ئويلارغا چۆكىمەن…

- خاتىرەمدىن


     بىر ئەسىر مۇقەددەم، جۇڭگو ئەدەبىياتىنىڭ ئاتىسى، قاتتىق سۆڭەك يازغۇچى لۇشۈن ئەپەندى «بالىلارنى قۇتقۇزۇۋالايلى» دەپ ۋارقىرىغان ئىكەن، بىر ئەسىر كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە مەن ۋارقىراۋاتىمەن. بىر ئۇلۇغ خەنزۇ يازغۇچى ۋە بىر ئاددىي ئۇيغۇر پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئىككى دەۋردە ئوخشاش بىر مۇراجىئەتنى ئوتتۇرىغا تاشلاۋاتىمىز.
     خوش، لۇشۈن ئەپەندى نېمىشقا ئۇنداق ۋارقىرايدۇ؟ ئۇنىڭغا يەنىلا لۇشۈن ئەپەندى ئەسەرلىرى ئارقىلىق جاۋاب بەرسۇن. مېنىڭ ۋارقىراش سەۋەبىمنى بۇ يازمىدىن بىلىڭ.
     سىزنىڭ مەكتەپتە، بولۇپمۇ باشلانغۇچتا ئوقۇيدىغان پەرزەنتلىرىڭىز، ئىنى-سىڭىللىرىڭىز بارمۇ؟ مەكتەپتىن قايتىپ ئۆيگە كىرگىنىدە ئۇلارنىڭ خۇددى ساپان سۆرىگەندەك ھاسىراپ كەتكەنلىكىگە، نۇرسىز كۆزلىرىنىڭ پىلىلداپ قالغانلىقىغا دىققەت قىلغانسىزمۇ؟ ئەتىگىنى ئويغاتقىنىڭىزدا بەڭ چەككەنلەردەك ساڭگىلاپ كەتكەن چىرايلىرىغا قاراپ نېمىلەرنى ئويلىغانسىز؟!
     بىز باشلانغۇچنى بىرلا سومكا بىلەن پۈتتۈرگەن ئىدۇق. تاغقا ياماشقانلىرىمىزدا، دەرەخلەردىكى، تام كامارلىرىدىكى قۇشقاچ ئۇۋىلىرىنى بۇزغان چاغلىرىمىزدا، چانىلىرىمىزنى قولتۇقلاپ، مۇزلۇق ئىزدەپ مەھەللە كېزىپ يۈرگەنلىرىمىزدە شۇ سومكا ئۆشنىمىزدە بار ئىدى.
     ئەپسۇس، بالىلىرىمىز ئۇنداق ئويۇنلاردىن يىراق، ئوينىغۇسى بولسىمۇ يۈدۈۋالغان سومكىسىنىڭ، ياق سومكا ئەمەس، «زۇلۇم»نىڭ ئېغىرلىقىدىن ئويۇننى خىيالىغا كەلتۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ. ئۇدۇل مەكتەپكە بارىدۇ، ئۇدۇل قايتىدۇ. بىچارە بالىلار پايلىغان بۇ زۇلۇمغا ئاۋۇ تىلسىز سومكا پايلىمايدۇ. ئۇلارنىڭ دۈمبىسىدە سومكا يىرتىدىغان خىسلەت بارمۇ يا؟! بار، ئاشۇ ئېغىر كىتابلار، يىل بويى بىرەر قېتىم ۋاراقلاپ قويۇلمايدىغان ئاتالمىش «پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى» بالىلىرىمىزنىڭ ئۆشنىسىگە سانجىلىپ، ئۇلارنى بارغانسېرى يەر تامان بېسىپ مېڭىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ يۇمران بەدەنلىرىنى، سومكىسىنى كۆرۈنمەس چىشلىرى بىلەن غاجاۋاتىدۇ. بۇ ھالدا بالىلىرىمىزنىڭ يىلدا 2-3 سومكا ئالماشتۇرۇشىغا، ھەتتا بەزى بالىلارنىڭ چاقلىق سومكا ئىشلىتىشىگە ھەيران قېلىشىنىڭ ئورنى يوق.
     بەزىدە مەكتەپتىن يانغانلىرىدا قىزلىرىمنىڭ سومكىسىنى مەن كۆتۈرۈپ قالىمەن، بىردەم مېڭىشىمغا مۈرىلىرىم ئاغرىشقا باشلايدۇ. سومكا (قىزلىرىمغا بالا-قازادەك كۆرۈنىدىغان شۇ سومكا) مۈرىسىدىن چۈشكەن قىزلىرىم تايچاقتەك تاقلاپ ماڭىدۇ. بۇنى كۆرۈپ مۈرىلىرىمنىڭ ئاغرىقى ئېسىمدىن چىقىدۇ.
     ماڭا-پۈتۈنسۈرۈك بىر ئەركەككە ئېغىر كەلگەن سومكا ئۆسمۈرلۈك يېشىدىكى شۇ نارەسىدىلەرگە ئېغىر كەلمىسە-ھە!؟
     بەلكىم «كېيىنكى ئىستىقبال ئۈچۈن، جاپا چېكىشكە ئەرزىيدۇ» دەر بەزىلەر. توغرا، ئەرزىيدۇ، لېكىن بىھۇدە، نىشانسىز جاپا چېكىش زۆرۈرمۇ؟ بالىلارنى ئورۇنسىز قىيناپ، ئۇلارنى مەكتەپ دېسە بېشى ئاغرىيدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇش زۆرۈرمۇ زادى؟
     ئەتراپىڭىزدا ئىچكىرىگە ئېلىپ كېتىلگەن، ئاللاھنىڭ شاراپىتى بىلەن شۇ دوزاختىن قۇتۇلۇپ چىققان مەكتەپ يېشىدىكى بالىلار بارمۇ؟ بولسا شۇ بالىلار بىلەن پاراڭلىشىپ باقتىڭىزمۇ؟ مەكتەپتىن زېرىكىپ، گاڭگىراپ تۇرغان شۇ بالىلارنىڭ ئادەم سودىگەرلىرىنىڭ قارمىقىغا ناھايىتى ئاسانلا ئىلىنىپ قالغانلىقىنى ئاڭلىغىنىڭىزدا، ئاۋۇ گېپىڭىزنىڭ ئاساسسىز بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلغانسىزمۇ؟
     مەنمۇ پۈتتۈرگەن شۇ باشلانغۇچنى، سومكامدا بارى-يوقى 4 كىتاب، نەچچە تال دەپتەر، 1-2 تال قېرىنداش، بىرەر يېرىم نان. بارى-يوقى شۇ. باشلانغۇچتىن تاكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە ئاجايىپ ئوقۇغان. بولۇپمۇ تولۇق ئوتتۇرىدا مەكتەپ بويىچە 1-بولۇپ ئوقۇغانمەن. ھەتتا ماتېماتىكا دەرسىدە مۇئەللىم بىلەن بىر مەسىلىنى تالىشىپ قېلىپ، مېنىڭ توغرا چىقىپ مۇئەللىمنى ئىزاغا قويغانمەن. شۇ سەۋەبلىك ئۆمرۈمدە تۇنجى ۋە ئاخىرىقى قېتىم مۇئەللىمدىن تاياق يىگەنمەن؛ تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندە ئىمتىھانسىز چاقىرىق كەلسە، «كۆتەر ئۇ چاقىرىقىڭنى، ئۆزۈم ئىمتىھان بېرىپ، خالىغان مەكتەپتە ئوقۇيمەن» دەپ، ئوقۇتقۇچىلىرىمنى، ساۋاقداشلىرىمنى ھەيران قالدۇرغانمەن.
     شۇنداق، مەن شۇ تۆت تال كىتاب بىلەن باشلانغۇچنى پۈتتۈرگەن، لېكىن دۆت بولۇپ قالمىغانمەن. ئەمدىلىكتە، بالىلىرىمىز ئەنە شۇ بىر دۆۋە كىتاب ئىچىدە ئوقۇسا ئەقىللىق بولۇپ چىقىدۇ، دەيدىغان ئىش بارمۇ؟
     يازما بوسۇغىسىدىكى سۆز خاتىرەمگە 2009-يىلى يېزىلغان ئىدى. ئۈچ يىلدىن بېرى ئەھۋال ئېغىرلاشسا ئېغىرلاشتىكى يېنىكلىمىدى.
     ئالدىنقى قېتىم «كۆڭۈلدىكى سۆز» پىروگراممىسىدىمۇ مۇشۇ ھەقتە سۆھبەت بولۇندى. ھەممىسى ئۇ-بۇ دېدىيۇ، جىڭ باسقۇدەك چارە تېپىپ چىقىلمىدى.
     ئەمەلدار ياكى باي بولمىسا گېپى ئاقمايدىغان بۇ زاماندا، ئېنىقكى مەنمۇ چارە تېپىپ چىقالمايمەن. چۈنكى، مەن قولىنى شىلتىسا مىليون تۆكۈلىدىغان باي ئەمەس، ياكى پىچىقى كېسىدىغان باشلىق ئەمەس، بەلكى، ئالەمدىن ئۆتكىلى 27 يىل بولغان ئاددىي دېھقاننىڭ پەرزەنتىمەن.
     ئەمسە قولۇمدىن ھېچنېمە كەلمەيدىغان نانقېپى تۇرۇپ، بۇ يازمىنى نېمىشقا يازىمەن؟
     چۈنكى، مېنىڭ پەرزەنتىم بار. بۇ يازمىنى ئوقۇۋاتقان ئوقۇرمەننىڭ ھەم شۇنداق. شۇڭا بىرلىكتە چارە تېپىپ چىقساق، ئەمەلىيلەشتۈرسەك دەيمەن؛ شۇ بالىلار كۈلۈپ ياشىسا، بەردەم، يۈرەكلىك چوڭ بولسا دەيمەن.
     بالىلىرىمىزنى ئوقۇشتىن چىقىرىۋالامدۇق ياكى باشقا ئوبدان چارە بارمۇ؟ قېنى ئورتاقلىشايلى.


     مەنبەسى: قىسمەت بلوگى
     يازما مەنزىلى: http://www.qismet.me/balilar.html



«قىسمەت» لىرىمگە كۈلمە بۇرادەر، ھەممە ئىشقا «يەتتە قىز» گۇۋاھ !

Rank: 3Rank: 3

توردا
146 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
432
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى 23:30:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مېنىڭمۇ شۇ تاپشۇرىقى تۈگىمەيدىغان بىچارە سىڭىللىرىمغا ئىچىم ئاغرىيدۇ  ، جىق ئۆگەندى دىگەن بىلەن ئۆگەنگىنىنى ئۇنتۇپ ماڭىدىغان گەپكەن ...يەنىلا ئاز ، ساز بولغانغا يەتمەيتتى ، ئەمما چارە - ئامال دىسىڭىز كاللامغا ھىچنىمە كەلمەيۋاتىدۇ ...

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
495 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1893

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى 23:54:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەس جۇمۇ بۇنىڭغا ئامال تاپماق  ....مەنمۇ جىيەن قىزىمنى ئالغىلى بارسام سومسىكىنى كۆتۈرۈپ بولغىچە غوللىرىم تېلىپ كېتىدۇ ، نەچچە قېتىم بازار ئايلانغاندا كىچىك چاماداندەك سۆرەپ ماڭىدىغان سومكا ئېلىپ بەرگىم كېلىپ كېتىدۇ ، ئالاي دىسەم  ھەدەم غەزەپ تىللاپ مېنى سومكا بازىرى ئاچامتۇق دەپ ....
ئوقۇتمىساق تېخى بولمىغان....ئىشقىلىپ مونا چوڭ بولۇپ بۇ يەردە ئوقۇپ قالسا شۇنداق چامادان ئالىمەن

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا

Rank: 1

توردا
91 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى
نادىر
0
يازما
338
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى 09:37:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تۇللۇقسىز ،توللۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ۋاقتىمدا ،كۇندىلىك ئوتىلدىغان دەرس ماتىرىياللىرىنى ھەپتىلىك دەرس ئورۇنلاشتۇرۇش سېتكىسى ئارقىلىق ئۇرۇنلاشتۇراتتىم .ئۇ ۋاقىتلاردا پەقەت دەرسلىك كىتاپ ۋە تاپشۇرۇق دەپتەر،قەلەم قاپچۇقلىرى بارئىدى. لىكىن ھازىر قۇشۇمچە دەرس ماتىرىياللىرى كۆپىيىپ كەتتى.بۇئۇسۇلنى قوللىنىپ سومكىدىكى ماتىرىيالنى ئۇرۇنلاشتۇرۇشمۇ ناھايتى ئاۋارىچىلىق بىرئىش .بۇ مەسىلە ھەقىقەتەن بىز ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ ھەل قىلىشتا قىيلىنىۋاتقان ،باش قاتۇرىدىغان بىر چوڭ مەسىلىگە ئايلاندى .مەنچە بۇ مەسىلىنى ۋاقىتلىق ھەل قىلىش چارىسى يەنىلا پەرزەنتىمىزگە كۆپرەك ۋاقىت چىقىرىپ ئۇلاربىلەن بىرگە بولۇشمىكىن دەپ ئويلايمەن.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1429 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى 19:38:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىغا ئىنكاس يېزىشتىن بۇرۇن مەنمۇ ئازراق دەردىمنى تۆكىۋېلىشىمغا رۇخسەت قىلغايسىلەر!
مەن تۆت بالىنى مەكتەپتە ئوقۇتۇش جەريانىدا مەيلى توردىن بولسۇن، مەيلى كىتاپخانىدىن بولسۇن توختىماي< پەرزەنت تەربىيىسى> گە مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق كىتاپ، ماتىرياللارنى كۆزۈمدىن نېرى قىلمىدىم. < كارل ۋېتىرنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى> < ستېنا خانىمنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى> < ئۇغۇرلاردا پەرزەنت تەربىيىسى> < تالانتلىق بالىلارنى تەربىيلەشنىڭ سىرى> < فرانسوزلار بالىلىرىنى قانداق تەربىيلەيدۇ> < روسلار بالىلىرىنى قانداق تەربىيلەيدۇ>.... قاتارلىق بىر يۈرۈش كىتاپلارنى ئوقۇدۇم، پەرزەنت تەربىيىسى توغۇرلۇق تېلۋېزىيە نۇتۇقلىرى بولسا ئىزدەپ- سوراپ قاتناشتىم، تورلاردىن شۇنداق نۇتۇقلار بولسا ئىزدەپ ئاڭلىدىم، تېخى پىسخېك مەسلىھەتچىلىرى بىلەن توختىماي سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بارىمەن.  
ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك، يۇقۇرقى ئوقۇغانلارنىڭ، سۆھبەتلەرنىڭ ئۈنىمى بولدىمۇ؟ بولدى ئەلۋەتتە. گەرچە بالىلىرىم يۇقۇرقى كىتاپتىكى بالىلاردەك تالانتلىق بولمىسىمۇ، مەكتەپنىڭ ھاشاسىنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقىدۇ، ئالدىنقى بەشنىڭ ئىچىدە كېتىپ بارىدۇ، مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق مۇئەللىملەرنىڭ توختىماي، بالىلارغا ئۆيدە كۆپرەك كۆز قۇلاق بولساڭلار، كۆپىرەك يېتەكچىلىك قىلساڭلار....دېگەندەك ئىلتىجا سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمەن. ئەمدى شۇنچىلىك كىتاپلارنى ئوقۇپمۇ، نۇتۇقلارنى ئاڭلاپمۇ بالىلىرىنى تالانتلىق قىلالماپتىغۇ، دېيىشىڭىز مۇمكىن. بۇ يەردىكى مەسىلە زادى نېمە؟ نېمە ئۈچۈن بىزدىن ئاشۇنداق تالانتلىق بالىلار چىقماسمۇ؟ چىقىدۇ، چىقتى، چىقىۋاتىدۇ، بىراق بىزنىڭ بۇ مائارىپىمىز بالىلىرىمىزدىكى ئەسلى ئۆزىدە بار بولغان تالانتنىمۇ يوق قىلۋېتىپ بارىدۇ. خۇددى،( ساپا مائارىپمۇ <خاتا> مائارىپمۇ) نامىلىق كىتاپتا ئېيتىلغاندەك، بىزنىڭ مائارىپىمىز بالىلاردا مەكتەپكە ئىنتىلىش ئەمەس، ئەكسىچە مەكتەپتىن قېچىشتەك ھالەتنى پەيدا قىلىۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئاددى مىسالى بالىلار جۈمە كۈنىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتىدۇ، چۈنكى جۈمەنىڭ كەينىدىكى شەنبە، يەكشەنبە ئۇلار ئۈچۈن چوڭ بىر بايرام. بۇنىڭ سەۋبى نېمە؟
بۇ توغۇرلۇق مەن جىق گەپ قىلمىساممۇ بارلىق ئاتا- ئانا بولغۇچى چوقۇم ھېس قىلدى، ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ <مېنىڭ سومكام نېمىشقا بۇنداق ئېغىر> نامىلىق تېمىسىغىمۇ بىر مۇنچە قاقشىغان ئىدىم. يىغىشتۇرۇپ كەلگەندە بالىلار ئۆزلىرىنىڭ چىقىش يولىنىڭ بىلىم ئىگىلەشتە ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، ئەمما نەپەس ئالالمىغىدەك دەرىجىدىكى ئۆگىنىش بېسىمى ئۇلارنى چارچىتىپ قويۋاتىدۇ، ئۆگىنىشتىن، مەكتەپتىن، ئوقۇتقۇچىلاردىن بىزار بولىۋاتىدۇ.
بۇ يەردە نەچچە كېچە- كۈندۈز قاقشىساممۇ، قاقشىساقمۇ، بۇ رېئاللىقنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىمىز ئېنىق، ئەمما بالىلار مەكتەپتىن كەلگەندىن كېيىن بىزلەر قانداق ئۇسۇللار بىلەن ئۇلارنىڭ بېسىمى ئازايتىشنى، ئۆگىنىشتىن ئىبارەت بۇ ۋەزىپىنى قانداق قىلغاندا خۇشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلدۇرۇش ئۈستىدە ئويلىشىپ باقساق، ھەممەيلەن ئاتا- ئانا بولغاندىن كېيىن ئۆز- ئارا پىكىرلەشسەك.

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
285 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
800
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى 23:39:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوغلۇم ھازىر 2-يىللىقتا ئوقۇۋاتىدۇ، دەسلەپتە ئۇنىڭ  تاپشۇرۇقى  شۇنداق  كۆپىيىپ  كەتتى، بەزى  كەچلىرى  شۇ 15 مىنۇت ئەتراپىدا  كارتۇن فىلىم  كۈرۈپلا  تاپشۇرۇققا چۈشۈپ  كەتسە  ھەتتا 11 لەرگىچىمۇ  تاپشۇرۇق  ئىشلىدى. ئۇ تاپشۇرۇقىنى  ئىشلەپ  بولىغۇچە  بەزى  كۈنلىرى  مەن، كۆپرەك  دادىسى  بىللە ئولتۇردق، يەنە  بەزى  چاغلاردا ئاخشىمى  بەك  ئۇيقۇسى  كىلىپ  كەتسە  ئەتىسى  سەھەردە قۇپۇپ  ئىشلىدى. ئىككىمىز  ئوقۇتقۇچى  تۇرۇپمۇ  بەزى  كۈنلىرى  بىزمۇ  قاخشاپ  كەتتۇق تاپشۇرۇقلارنىڭ  جىقلىقىدىن، لېكىن  پىكىر  قىلساق  سىلەرمۇ ئوقۇتقۇچى بەك  پىكىرىڭلار بولسا  ئىدارىگە دەڭلار دەپ  ئاغىزىمىزنى  توۋاقلاپ  قويدى، ئامال  يوق  يەنە  بىرىمىز  ھەر كۈنى ھەمراھ  بۇلۇپ  ئولتۇردۇق،
ھازىر  ئەھۋال  خېلى  ياخشى. قىسمەن  كۈنلەردە تاپشۇرۇقى  سەل  كۇپىيىپ  قالسىمۇ  يەنىلا  بۇرۇنقىدىن ئازلىدى. بەزى  كۈنلىرى   تاپشۇرۇقنى  مەكتەپتە ئىشلەپ بولدۇم  دەپ  كەچلىرى  تىكىسىت يادلاپ  بۇلۇپ ياكى  ئويدىكى  كىتاپلىرىدىن ئوقۇپ  بۇلۇپ  ئوينايدۇ، ھازىر  چوڭ  سومكىسىنىنمۇ  ئاسقىلى  قويمايمىز،

زىمىستاندا ھارارەتكە،زۇلمەتتە نۇرغا تەشنا بولساڭ...يېنىڭدا مەن بار...

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
495 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1893

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى 22:49:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ تېما ناھايىتى ياخشى يېزىلغان تېمىكەن ، ئاندىن پەرزەنت تەربىيسى ئۈستىدە مۇلاھىزىلىشىمىزكەن ، شۇڭا بالىلىرىمىزغا ئوقۇپ بەرسەكمۇ ئۇلارمۇ ئۆز پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئەتراپلىق مۇنازىرلەشكۈدەك بىر مەسلە ئىكەن.

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1429 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى 22:55:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anar يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى 22:49
مەرۋەرى ، بۇ تېما ناھايىتى ياخشى يېزىلغان تېمىكەن ، ئ ...

شۇنداق قىلايلى، مەن قىزلىرىمنىڭ مۇشۇ نەچچە كۈن ئىچىدەچارەكلىك ئىمتىھانى بار. تۈگىگەندە ھەممىسىدىن ئايرىم- ئايرىم پىكىر ئېلىپ، ئىنكاس سۈپىتىدە يوللايمەن!

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 3Rank: 3

توردا
146 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
432
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى 23:07:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەكتەپتىكى ئۈستىلىنى قۇلپىلىق قىپ بەرسە ، تاپشۇرۇق ئىشلەيدىغان كىتاپ - ماتىرياللىرىنى ئېپ كېلىپ قالغانلىرىنى سىنىپقا قۇيۇپ قويسىمۇ بولىدىكەنتۇق .... مەن بۇرۇن دائىم شۇنداق قىلاتتىم ، ئۈستىلىمنىڭغۇ قۇلىپى يوقتى ئەمما ئۈگىنىش قىلىدىغان ئىككى تال كىتاپتىن باشقىنى سومكامغا ھەرگىز سالمايتتىم ...  تاپشۇرۇققا كەلسەك ، ھەي ، تۇلۇق ئوتتۇرىدا بىر ئۆمۈرلۈك تاپشۇرۇقنى بىراقلا ئىشلىگەندەك ھىس قىلىمەن ، ھەممە پەندىن بەرگىلى تۇرسا ھەر كۈنى تۈگىمەس پايدىلىنىش ماتىريالى ، گېزىت ، تەخمىن ئىمتاھان قەغىزى ... كۆزلىرىمگە ياش ئېلىپ ئولتۇرۇپ ئىشلەپ كىتەتتىم ئالىي مەكتەپ ئۈچۈن دەپ ... پايدىسى بوپقۇ مەكتەپنىڭ بىر كىشىلىك ياخشىسىغا ئۆتىۋالدىم ... ئەمما ئۇنىڭدىن بۇرۇن تاپشۇرۇقنى مەكتەپتە ئاساسەن ئىشلەپ بولۇپ ئۆيگە قايتىپ تاماقنى چالا يەپ ئۇيۇنغا ئالدىرايتتىم .... ھازىرقى بالىلارنىڭ تاپشۇرۇقغا قارىساملا تۇغۇلمىغان بالامغا ئىچىم ئاغرىپ كېتىدۇ ...

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1429 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى 23:19:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
hilal يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى 23:07
مەكتەپتىكى ئۈستىلىنى قۇلپىلىق قىپ بەرسە ، تاپشۇرۇق ئى ...

بۇ تېمىلارنىڭ تۈرتكىسىدە بۈگۈن ئەتتىگەن ئوتتۇرانچى قىزىمنىڭ دەۋرىي پەن كىتاپلىرىنى ئايرىم بىر قول سومكىسىغا سېلىپ، باشقا پەن دەرىسلىك ۋە ماتىرياللىرىنى سومكىسىغا سېلىپ بەرسەم كەچتە شۇنداق خوشال بوپ كەپتۇ، ئەمما چوڭ قىزىمغا دېسەم ئاۋارچىلىق كۆرۈپ ئۇنىمىدى

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى 22:54 , Processed in 0.074467 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش