يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1920 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

ئىگىسى: قىسمەت

بالىلارنى قۇتقۇزۇۋالايلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كونا ئەزا

زۆھرەگۈل

Rank: 3Rank: 3

توردا
130 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
625
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى 17:18:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر تېمىغا داخىل بولۇپ، ئاددى كاللام بىلەن ئاددى پىكىرلىرىمنى قاتناشتۇرالىغانلىقىمدىن بەكمۇ خۇرسەنمەن!
ھەر بىر ئاتا- ئانا بولغۇچى ئۆز پەرزەنتىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ ئەلۋەتتە، شۇ سەۋەپلىك مەكتەپكە تاپشۇرىمىز، بىز بىلدۈرەلمىگەن، بىر جاۋاپسىز قويغان سوئاللىرىنىڭ جاۋابىنى مەكتەپتىن تاپىدۇ دەپ ئويلايمىز، لېكىن خىيال باشقا رېئاللىق باشقا.
بۇرۇن ھەر قانداق بىر كىچىك بالىدىن:
- بالام چوڭ بولغاندا نىمە بولىسەن؟- دەپ سورىسىڭىز.
- قىزلىرىمىز ئوقۇتقۇچى، ئوغۇللىرىمىز ساقچى ياكى ھەربىي( خەلق ئارمىيىسى) دەپ جاۋاپ بېرەتتى.
ئوقۇتقۇچى بولغان ئادەم ئۆزىدىن شۇنداق پەخىرلىنەتتى، ئۆز كەسپىنى قىزغىن سۆيەتتى، ھېچقانداق تەمەسىز تۆھپە قوشاتتى، مۇئاشلىرى تۆۋەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ كەسپىنى سۆيگەنلىكى ئۈچۈن، كەلگۈسى ئەۋلاتلارنى تەربىيلەيدىغان بۇ مۈشكۈل ئەمما شەرەپلىك خىزمەتنى جان پىدالىق بىلەن ئىشلەيتتى( ھازىرمۇ ھەم شۇنداق)
بۇرۇنلاردا بالىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن بالىلارلا ئەمەس، ئاتا- ئانىلارمۇ تەپ تاراتاتتى، خېلى- خېلى ئابۇرۇيلۇق كىشىلەرمۇ ئوقۇتقۇچىنى كۆرگەندە سالام قىلاتتى. ئوقۇتقۇچىلار شۇ بالىلارنى تەربىيلەش جەريانىدا ئۆز بالىسىدەك كۆرۈپ ئۇرۇپ قويسىمۇ ھېچكىم چىش يېرىپ بېرىپ ئوقۇتقۇچىغا بىر نېمە دىمەيتتى، ئەجىبا ئۇ چاغلاردا بالىلارنىڭ ئەتىۋارى يوقمىدۇ؟ ئەجىبا ئاتا- ئانىلار شۇنچە دۆتمىدۇ، ئۆز بالىسىنى ئۇرسىمۇ گەپ قىلمىغۇدەك.
ئەمدى ھازىرغا نەزەر سالساق، ھەممىمىزنىڭ ئاق ئاتلىق شاھزادە ۋە مەلىكىلىرىمىز مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىدىن كىچىككىنە تەنبىھ يىگۈچە ئالدىمىز مەكتەپ مۇدىرىغا، كەينىمىز مائارىپقا چاپىمىز. بالام نىمىش قىلغان بولغۇيتى دىمەستىن، بار توقۇناق بالانى ئوقۇتقۇچىغا ئارتىمىز، شۇنىڭ بىلەن بالىلار بارا- بارا ئوقۇتقۇچىنى كۆزگە ئىلمايدۇ ۋە قورقمايدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا ھازىر ئوقۇتقۇچىلارغىمۇ يۇقۇردىن ۋەزىپە بار، مەسىلەن: سىنىپنىڭ بىر مەۋسۇملۇق نەتىجىسىنى مانچە نومۇرغا يەتكۈزىسەن، سىنىپ كۆچۈش نىسبىتىنى مانچىگە يەتكۈزىسەن دېگەندەك. بولمىسا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇئاشى، يىللىق مۇكاپاتى تۇتلىدىكەن. دىمەك ھازىر داۋالاش ۋەزىپە، ئىشلەپ چىقىرىش ۋەزىپە بولغاننى ئاز دەپ، ئادەم تەربىيلەشمۇ ۋەزىپە بولدى. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بېسىمى كۈندىن- كۈنگە ئاشتى، ئائىلە، بالا، مەكتەپ ئارلىقىدا چارچىدى، ئۇنى ئاز دەپ بىزنىڭ بېسىمىمىز.
دىمەك <غوجامنىڭ غوجىسى بار، چامغۇرنىڭ ئورىسى> دېگەندەك، يۇقۇردىن مەكتەپكە بېسىم قىلىدۇ، مەكتەپتىن ئوقۇتقۇچىلارغا بېسىم قىلىدۇ، مەكتەپ ئوقۇغۇچىغا، ئوقۇغۇچى بىزگە ...قانداق زەنجىرسىمان مۇناسىۋەت ھە!
ئەمدى تاپشۇرۇقنىڭ كۆپلىكى توغۇرلۇق گەپ قىلسام مەن سەل قايناپ قالىمەن، بۇ يەردە ئوقۇغۇچىلار تاپشۇرۇق ئىشلەشتىن زېرىكسە، ئوقۇتقۇچىلار كېچە- كېچىلەپ ئولتۇرۇپ تەكشۈرۈشتىن زېرىكمەسمۇ؟ بىز ئائىلىمىزدىكىلەر بىلەن بىللەن ئولتۇرۇشۇپ تېلۋېزور كۆرگەندە ئۇلار كۆزئەينەكنى تاقاپ، مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ تاپشۇرۇق تەكشۈرەيدۇ.
نەچچە يىل ئىلگىرى تېلۋېزوردا تاپشۇرۇقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغۇرلۇق غۇل-غۇلا بولغاندا يەنىلا ئاتا- ئانىلار بالىلىرىمىز ئويۇن قېپى بوپ كېتىدۇ، تاپشۇرۇق بەرمىسە زادى بولمايدۇ، دېگەن پىكىرنى بەردى، ئىچكىردىكى مەلۇم بىر مەكتەپتە ئوخشاش يىللىقتىكى ئىككى سىنىپنىڭ بىر سىنىپىغا بىر مەۋسۇم تاپشۇرۇق بەرمىگەن، يىل ئاخىرقى ئىمتىھاندا ئىككى سىنىپنىڭ نەتىجىسى يەنىلا ئوخشاش بولغان، لېكىن يەنىلا ئاتا- ئانىلارنىڭ پىكىرى بىلەن بۇ سىناق شۇ يەردىلا قالغان ئەمىليلەشمىگەن.
پايدىلىنىش ماتىرياللىرىنىڭ بالىلارغا زىيىنىدىن كۆپرەك پايدىسى جىق، ئەمما شۇ سومكىنى ئېغىرلاشتۇرۋېتىدۇ. لېكىن نەتىجىسى كۆتۈرۈلدۇ، بۇ ياخشى ئىشقۇ، بىزنىڭ كۆزلەيدىغىنىمىز دەل شۇ نەتىجە، دەل شۇ قىزىل قەلەمدە قويۇلغان چىرايلىق نومۇرلار ئەمەسمىدى؟
قېنى قايسىڭلار مۇشۇ كەمگىچە، بالام 60 ئالساڭمۇ مەيلى، دەپ باقتىڭلار، ھەرگىز ئۇنداق دىيەلمەيسىلەر، دىيەلمەيمىز.
مۇشۇ كەمگىچە نۇرغۇنلىغان قۇرۇلتايلار ئېچىلدى، نۇرغۇنلىغان خەلق ئارىسىدىكى قىيىنچىلىقلار، مەسىلىلەر ھەل بولدى، قايسى بىر ۋەكىل بىرەر قېتىم مائاراپتا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقتى،  يەنى ئېغىرلىشىپ كەتكەن سومكا مەسىلىسى، جىقلىقىدىن بالىلىرىمىزنى مۈكچەيتىپ قويۇۋاتقان تاپشۇرۇق مەسىلىسى دېگەندەك..
دىمەكچىمەنكى، جۇڭگو مائارىپى نەچچە يىللاردىن بېرى مۇشۇ خىل قېلىپقا چۈشۈپ بولدى، بالىلارنىڭ سومكىسى ئېغىرلاشسا ئېغىرلىشىدۇكى يېنىكلىمەيدۇ، بىز نىمە قىلىشىمىز كېرەك، بىز بالىلارنىڭ سومكىسىنى ئەمەس ئۇلارنىڭ روھىي جەھەتتىكى بېسىمىنى يېنىكلىتىشنى بەكرەك ئويلىشىمىز كېرەك!
سىز بىرەر قېتىم بالىڭىز ئىشىكتىن كىرگەندە:
- بالام بۈگۈن كەيپىياتىڭ قانداق، دەپ باقتىڭىزمۇ؟- مېنىڭچە بەك، بەك ئاز ئاتا- ئانىلار سورايدۇ، بىزنىڭ بىرىنچى بولۇپ سورايدىغىنىمىز،- بۈگۈن نېمە تاپشۇرۇق بەردى؟
ئۇنىدىن باشقا شەنبە، يەكشەنبىلىك كۇرۇسلارنى مەكتەپ سىزگە تاڭمايدۇ، سىز خالاپ بېرىسىز، قايسى بىر كۇرۇستا ئوقۇۋاتقان بالا شۇ دەم ئېلىشىنى ھارام قىلىپ يەنە ئۆگۈنىشنى خالايدۇ، پەقەت بىزنىڭ بېسىم قىلىشىمىز بىلەن ئامالسىز بارىدۇ، قېنى كىم ئۇنداق ئەمەس دىيەلەيدۇ؟
مەنمۇ بىر ئانا بولۇش سۈپىتىم بىلەن بالامنىڭ باش كۆتۈرمەي تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە قاراپ ئىچىم سېرىلىدۇ، بىراق ئۆگەنمىسە قانداق قىلىدۇ، شۇڭا مەن دائىم ئۇنىڭدىن:
- ئاۋال ئوينامسىلەر ياكى تاپشۇرۇق ئىشلەمسىز؟- دەيمەن.
- ئاۋال ئوينايمىز دېسە، بولىدۇ، ئەمما ياتقۇچە تاپشۇرۇقنى تۈگىتىڭ، بولمىسا ئەتە ساۋاقداشلىرىڭىز سىزنى يارىماس دەپ قالىدۇ، دەيمەن.
-ئاۋال ئىشلەپ بولۇپ ئاندىن ئويناي، دېسە-، بولىدۇ، ئەمما قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتسە ئەتە ئويناڭ، دەيمەن.
قىزىم ھېچقانداق قارشىلىقسىز ئۆگىنىشىنى ئۆزى داۋاملاشتۇرىدۇ، بەزىدە ئۆزى بۈگۈن تاپشۇرۇق بەك جىق، شۇڭا مەن ئوينىماي تاپشۇرۇق ئىشلەيمەن دەپ، ھوجۇرسىدا ئۆگىنىشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
ئېمتىھان ۋاقىتىغا ئاز قالغاندا بولسا، بىز ئويۇن ئوينىغاچ تەكرار قىلساق بولامدۇ، دەيمەن.
بۇ ئويۇن پەقەت ئاق قەغەزگە كىم ئەڭ جىق خەت يازالايدۇ، كىم ئەڭ كۆپ ھېساپ ئىشلىيەلەيدۇ...قاتارلىقلار.
شەنبە، يەكشەنبىدە قانغۇچە ئۇخلاپ، قانغۇچە ئوينايدۇ، بەزىدە بىز ھەمرا بولۇپ ئوينىتىمىز، ئەڭ ئاخىرقى كۈنى ئولتۇرۇپ ئۆگىنىشىنى قىلىدۇ. مۇشۇنداق ئاددى ئۇسۇللار بىلەن بالىڭىزدىكى ئۆگىنىش بېسىمىنى ۋە زېرىكىشنى يېنىكلىتەلىسىڭىز سىزنىڭ غەلبىڭىز شۇ.


باھاسى بار ئايالنىڭ قىممىتى بولمايدۇ،
قىممىتى بار ئايالنىڭ باھاسى بولمايدۇ.

مۇنبەر مەسئۇلى

مۇنبەر تېخنىكى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
875 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى
نادىر
0
يازما
160

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى 20:18:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ تېمىنى يېزىش ئۈچۈن ئۇزۇن ئويلاندىم. تېمىنىڭ، ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن، بۇ تېمىدا خاپىچىلىق بولۇشىنى خالىمايمەن. شۇڭا بەزى ئىنكاسلارنى تازىلىدىم،  كەچۈرۈڭلار!

«قىسمەت» لىرىمگە كۈلمە بۇرادەر، ھەممە ئىشقا «يەتتە قىز» گۇۋاھ !

Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2103
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى 20:34:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Qismet يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى 20:18
مەن بۇ تېمىنى يېزىش ئۈچۈن ئۇزۇن ئويلاندىم. تېمىنىڭ، ئۇ ...

دايىملا غۇلغۇلا قۇزغىغدەك تىمىلارنى يوللايسىز،بۇنىڭغا ئۇتتۇرغا قۇيغان ئىنكاسلارنى ئىجابىي جەھەتتە چۈشەنسە بۇلىدۇ خالاس

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

مۇنبەر مەسئۇلى

مۇنبەر تېخنىكى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
875 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى
نادىر
0
يازما
160

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى 21:34:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلمىدىم، مەنلا تېما يازسام ئوت چىقىپ كېتىدىكەنغۇ تاڭ !

«قىسمەت» لىرىمگە كۈلمە بۇرادەر، ھەممە ئىشقا «يەتتە قىز» گۇۋاھ !

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1430 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى 14:31:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Qismet يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى 21:34
بىلمىدىم، مەنلا تېما يازسام ئوت چىقىپ كېتىدىكەنغۇ تاڭ  ...

ئۇنى بىر دېمەڭ، بىر تېمىڭىزدا ئەبەيلەر قاپلاپ كەتتى مۇنبەرنى، ئۇ تاققا-تۇققىلارغا كۈلۈپ ھېچ ھالىم قالمىغان

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

كونا ئەزا

زۆھرەگۈل

Rank: 3Rank: 3

توردا
130 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
625
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى 16:20:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەرس ئۆلچىمى ئېلىمىزدىكى مىليونلىغان ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نېمىنى ئۆگىنىشى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نېمىنى ئۆگىتىشى، نېمىدىن ئىمتىھان ئېلىشى، دەرسلىكلەرنى قانداق تۈزۈشى قاتارلىق مۇھىم مەزمۇنلارغا مۇناسىۋەتلىك. بۇ يىل 9-ئايدا، «ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھىنى يېتىشتۈرۈش»نى ئاساس قىلغان يېڭى دەرس ئۆلچىمى ئون يىل ئىشلىتىلگەن دەرس ئۆلچىمى تۈزىتىلمە نۇسخىسىنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ.

  بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ يېڭى دەرس ئۆلچىمىدە، باشلانغۇچ مەكتەپ 3-، 4-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى يازىدىغان خەت سانى ئىلگىرىكى ئىككى مىڭ خەتتىن 1600 ئەتراپىغا ئازايتىلىدۇ. بىر قىسىم ساۋات خاراكتېرلىك ئوقۇتۇش تەلىپىگە قارىتا، ئىلگىرىكى تونۇش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش سەۋىيەسى چۈشىنىش، بىلىش سەۋىيەسىگە تەڭشىلىدۇ.

  يېڭى دەرس ئۆلچىمىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈرلۈك ئىقتىدارلىرىنى يېتىشتۈرۈش تېخىمۇ تەكىتلەندى. «ئىنگلىز تىلى»نىڭ يېڭى دەرس ئۆلچىمىدە، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشكە باشلىغاندىكى ئوقۇتۇش مەزمۇنى ۋە تەلىپى-ئوقۇغۇچىلار ئىگىلىيەلەيدىغان تۈرلۈك تىل ماھارىتىنى ئاساس قىلدى.ماتېماتىكا دەرسىنىڭ يېڭى ئۆلچىمىدە، «ماتېماتىكا ئىدىيەسى» دېگەن يېڭى مەزمۇن تۇنجى قېتىم كۆپەيتىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكىلىق تەپەككۇر قىلىپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئۆگىنىشىگە ئاسانلىق تۇغدۇرۇلدى.

  يېڭى دەرس ئۆلچىمىگە ئالەم قاتنىشى، دېڭىز سۈيىنى تۇزسىزلاشتۇرۇش، ھىدروگېن ئېنېرگىيە قىلىنغان ئاپتوموبىل قاتارلىق يېڭى پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى كىرگۈزۈلۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە جۇڭخۇا تېبابەت دورىلىرى، ھۆسنخەت، چوت قاتارلىق جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇشىغا كىرگۈزۈلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تۈرلۈك پەنلىرىنىڭ ئۆلچىمىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتى بۇ يىل باشلىنىدىكەن.
...............................................................


بۇ يېڭى دەرىس ئۆلچىمى سومكىلارنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۋېتەرممۇ ياكى؟ بالىلاردىكى بېسىمنى ئازايتارمۇ يا؟؟؟؟

باھاسى بار ئايالنىڭ قىممىتى بولمايدۇ،
قىممىتى بار ئايالنىڭ باھاسى بولمايدۇ.

كونا ئەزا

زۆھرەگۈل

Rank: 3Rank: 3

توردا
130 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
625
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى 16:23:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇ يىلدىن تارتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلەنگەن ئىلىم-پەن ساۋاتلىرى تۈرىدىكى مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرس يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ساپا مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاپتونوم رايون نۆۋەتتىكى تۈرلۈك مۇسابىقە پائالىيەتلىرى كۆپ بولۇش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس يۈكى ئېغىر بولۇش، تەربىيەلەش ئورگانلىرى مۇرەككەپ بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ، «ئاپتونوم رايوندىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھەر دەرىجىلىك مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى ئېنىقلاش، قېلىپلاشتۇرۇش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى چىقىرىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلىم-پەن ساۋاتلىرى تۈرىدىكى مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىدىكەن شۇنىڭ بىلەن بىللە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مۇسابىقە نەتىجىسى، گۇۋاھنامىسى بىلەن ئۆرلەپ ئوقۇش ياكى نومۇر قوشۇپ بېرىشنى چېتىۋېلىش، مەكتەپلەرنىڭ مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنىڭ مۇكاپاتلىنىش ئەھۋالىنى ئۆرلەپ ئوقۇشنىڭ قوشۇمچە شەرتى قىلىۋېلىشىنى قاتتىق چەكلەيدىكەن.
..................................................................
بۇ بىرىنچى پەسىلدە بېرىلگەن خەۋەر ئىكەن، مەكتەپلەردە ئومۇملاشتىمۇ يوق بۇنىسى بىزگە نامەلۇم.


باھاسى بار ئايالنىڭ قىممىتى بولمايدۇ،
قىممىتى بار ئايالنىڭ باھاسى بولمايدۇ.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
285 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
802
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى 20:43:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياق،جانىم.تېخىچە  ئومۇملاشقىنى  يوق.ۋە  بەلكىم  بۇ يەر مەركەزگە يىراقراق  بولغاندىكىن  يەنىمۇ  كىيىنراق .ومۇملىشارمىكىن،
ئادەمنىڭ  ئارامىنى   قويمايدۇ  شۇ  مۇسابىقىلەر،مەن  ئوتكەن يىلىمۇ  يازلىق  تەتىلدە  ئىككى-ئۈچ ھەپتىلەرگقچە  يۈرگەن  شۇ مۇسابىقە دىگەنلەرنىڭ  خاپىلىقى  بىلەن،  بۇ يىل  باشقا  بىر ئوقۇتقۇچىنى  بەلگىلىۋىدى،ئۇنىڭ ھەر ھەپتىدە  ئڭككى-ئۈچ كۈنى كىتىدۇ  شۇ  ئىشقا،ئورنىغا  مەن  دەرىس ئۆتىمەن،دەرىس ئۆتۈشقى  مىنىڭ  ۋەزىپەم،لېكىن چاتاق  يىرى  مەۋسۇم ئاخىرىدا  قالغان  شۇ  درىسلەرنى  قاتلاپ-قاتلاپ ئۆتىدۇ  بالىلارنىڭ  بىلىش -بىلمەسلىكى  بىلەن  كارى بولماي،مانا ئۆتكەن  بىر ھەپتىمۇ  مەن  ناھىيىدە  ئۆتكۈزىلىدىغان  ئىشچى-خىزمەتچىلەر تەنھەرىكەت  يىغىنىغا  ئالۋاڭنى ئۆزۈش ئۈچۈن  قاتىنىشىپ  يۈرۈپ  بىر ھەپتىلىك  دەرىسىم قالدى.چىقمىسا  يۇقۇرىنىڭ  بۇيرىقى،چىقسا  قالغان  ئاشۇ  دەرىسلرىمنى  قانداق چاغدا  تۇلۇقلاپ  بۇلىمەن،
بەزىدە  راستتىنلا زەردەم  قايناپ  قالىدۇ.

زىمىستاندا ھارارەتكە،زۇلمەتتە نۇرغا تەشنا بولساڭ...يېنىڭدا مەن بار...

Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2103
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى 09:30:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇلخان يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى 20:43
ياق،جانىم.تېخىچە  ئومۇملاشقىنى  يوق.ۋە  بەلكىم  بۇ يەر م ...

ئىملا،ئۈندەش،پەش-چىكىت بىلەن قالسىزيۇ....ئۆزلىرى دىققەت قىلماپلا شۇ ئاينا

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
285 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
802
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى 22:42:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوپ باشلىق،دىققەت قىلاي،

زىمىستاندا ھارارەتكە،زۇلمەتتە نۇرغا تەشنا بولساڭ...يېنىڭدا مەن بار...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 12:01 , Processed in 0.070990 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش