يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 324|نەقىل: 6

بىز بىر ئۆمۈر بەخىتلىك بولىمىز دېيىشكەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
9 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
1
يازما
28
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى 12:36:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


بىز بىر ئۆمۈر بەخىتلىك بولىمىز دېيىشكەن

مۇھەببەتلەشكەندە بىز مۇھەببەت مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ دەپ ئويلايمىز، ئەمما مۇھەببەت نىكاھقا ئايلانغاندا بولسا ئەينى ۋاقىتتىكى قىزغىنلىقنىڭ بىرئاز سۇسلاشقانلىقىنى ئەكسىچە مەسئۇلىيەتنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى بايقايمىز. مۇھەببەت تەڭ قىممەتتىكى ئالماشتۇرۇش ئەمەس، مۇھەببەت ئۈن-تىنسىز، شەخسىيەتسىز ھالدىكى ئۆزىنى بېغىشلاشتۇر. ئۆزىڭىزنىڭ تۆلىگەن بەدەللىرىگە قاراپلا شۇنىڭغا چۇشلۇق مۇھەببەتكە ئېرىشىمەن دەپ ئويلىماڭ. ئەگەر مۇشۇنداق ئويلىغان بولسىڭىز بۇ مۇھەببىتىڭىزنىڭ دېگەندەك چوڭقۇر ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەگەر سىز قارشى تەرەپنى ئۆز غورورىڭىزنى چۆرۈپ تاشلىيالىغۇدەك دەرىجىدە ياخشى كۆرسىڭىز ئۇنداقتا ئۇنى داۋاملىق شۇنداق ياخشى كۆرۈڭ.
ۋاز كېچش، ئۇنتۇش؟ بۇ پەقەت سىزنىڭ ھەقىقىي ياخشى كۆرمىگەنلىكىڭىزنى ئىسپاتلايدۇ، بەزىلەر ھايات يولىڭىزدىكى بىر يولۇچى بولىشى مۇمكىن، بىراق يەنە بەزىلەر باركى ئۇلار قەلبىڭىزدە بىر ئۆمۈر ساقلىنىدۇ، ئۇنتۇپ كېتەي دەپمۇ ئۇنتۇيالمايسىز.
سىز ئامالسىزلىقتىن ۋاز كىچىشنى تاللىغىنىڭىزدا بۇ سىزنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىڭىزنى ئىپادىلىمەيدۇ، بىز دائىم ئېرىشكەندە قانداق قەدىرلەشنى بىلمەيمىز، يوقاتقاندا بولسا پۇشايمان قىلغان بىلەنمۇ بىكار. بىرەرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىڭىزنى بىلگەن چېغىڭىزدا چوقۇملا ئۇنىڭ ئۈچۈن بارلىقىڭىزنى ئاتايسىز، سىز ياخشى كۆرگەن شۇ كىشى سىزنىمۇ ياخشى كۆرگەن بولسا سىلەر چوقۇم بەخىتلىك بولىسىلەر، سىز ياخشى كۆرگەن كىشى سىزنى ياخشى كۆرمىسە سىز چوقۇم بىر ئۆمۈر ئازابلىنىسىز. بەزىلەر شۇنچە ياخشى بولسىمۇ سىزدە مۇھەببەت تۇيغۇسى ئويغىتالمايدۇ، ئەمما يەنە بەزىلەرنىڭ تىلغا ئالغۇدەك ياخشى تەرىپىمۇ يوق، بىراق سىز قېرىشقاندەك شۇنى ياخشى كۆرۈپ قالىسىز، بىرەرسىنى ياخشى كۆرۈشكە سەۋەب كەتمەيدۇ، ياخشى كۆرگەنكەنسىز پۇشايمان قىلماڭ.
ئايرىلىشنىڭ ئارقىسىدا ئازاپ يۇشۇرۇنۇپ ياتىدۇ، سىز ئۇنى ھېلىمۇ ياخشى كۆرسىڭىز ئالدىراپ ئايرىلىپ كېتەيلى دېمەڭ، بەلكىم سىز چارچىغان، مەنىسىزلىك ھېس قىلغاندۇرسىز، ئەمما يېرىم يولدا بەل قويىۋەتمەڭ.
بىز بىر ئۆمۈر بەخىتلىك بولىمىز دېيىشكەن، ھېچكىمنىڭ ۋاز كېچىمەن دېيىشىگە رۇخسەت يوق!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەقىدە010 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى 12:38  


Rank: 3Rank: 3

توردا
9 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
1
يازما
28
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى 12:45:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلار تىنچلىقمۇ، مۇنبەرگە كىرمىگىنىمگە بەك ئۇزۇن بولۇپ كېتىپتۇ، بۈگۈن پارولنى ئاران تېپىپ كىردىم، بىراق قارىسام مۇنبەر بەكلا چۆلدەرەپ قاپتۇ جۇمۇ، ياخشى، مەنىلىك تېمىلار بىلەن مۇنبەرنى قىزىتىپ، ئۇخلاپ قالغان تەپەككۇرىمىزنى ئويغىتايلى، مەنمۇ چوقۇم شۇنداق قىلىمەن

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1429 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى 12:49:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھابا ئەقىدە، يولىڭىزغا شۇنداق قارىدۇق، ئېسىل يازمىلىرىڭىزنى سېغىندۇق، راست گەپ قىلسام بۇ يازمىڭىز مېنىڭ نەچچە كۈنلۈك بىئارامچىلىقىمغا ئازراق مەلھەم بولغاندەك ھېس قىلدىم، ئۆزۈمدە نېمىشقا بۇنداق بىئارامچىلىقنىڭ پەيدا بولغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم.

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2099
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى 15:08:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىيىشىش=ئەمىليەت ئەمەس

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
495 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1893

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى 23:14:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باتۇرچەۋەنداز يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى 15:08
دىيىشىش=ئەمىليەت ئەمەس

نىمە ئۈچۈن ؟ شۇنداق ئېغىزدىن چىققانىكەن شۇ گەپكە مەسئۇل بولۇش كېرەكتە ؟

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا

Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2099
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى 08:44:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anar يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى 23:14
نىمە ئۈچۈن ؟ شۇنداق ئېغىزدىن چىققانىكەن شۇ گەپكە مەسئ ...

ئەلۋەتتە مەسئۇل بۇلۇش كىرەك.لىكىن نۇرغۇن نۇرغۇن سەۋەپلەر تۈپەيلى ئەمىليەتتە ئۇندا بولمايتىكەن.دىيىشكەن دىيىشكىنى پىتىم قېپ قالدىكەن

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 1

توردا
22 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
156
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى 08:58:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام سىزگە ئەقىدە ، ئالدى بىلەن بۇ ئىسمىڭىزنى شۇنچىلىك ياقتۇرىمەن ئاندىن يازمىلىرىڭىزنى ....

ھىچكىمنىڭ ۋاز كېچىشىگە رۇخسەت يوق ........بۇ قۇرلارنى بەكمۇ سۈيۈنۈش ئىچىدە ئوقۇدۇم !

ساڭا كۈلكەم بىلەن بەخت تىلەيمەن !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 08:15 , Processed in 0.049141 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش