يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 181|نەقىل: 0

ئەنگلىيەلىك بالىلارنىڭ ئون چوڭ بايانى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كونا ئەزا

زۆھرەگۈل

Rank: 3Rank: 3

توردا
130 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
625
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى 11:16:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنگلىيەلىك بالىلارنىڭ ئون چوڭ بايانى بار. بۇ ئىنچىكە ۋە تەپسىلىي تۈزۈلگەن باياننىڭ جۇڭگولۇق ئاتا- ئانىلارنىڭپەرزەنت تەربىيلىشىگە جىق پايدىسى بار.

1.< ساغلام چوڭ بولۇش مۇۋاپىقىيەتتىنمۇ مۇھىم>
بارلىلارنى تەربىيلەشتە تۈرلۈك چوقۇقلار بولىدۇ، ئالايلۇق، نەپەسلىنىش ھوقۇقى، ياشاش ھوقۇقى، ئار- نۇمۇس ھوقۇقى دېگەندەك..... بۇ ھوقۇقلارنى ھېچكىم تارتىۋالالمايدۇ. بالىلارغا يەنە بىخەتەرلىك ھوقۇقىنىمۇ ھېچكىمنىڭ تارتىۋالالمايدىغانلىقىنىمۇ ئېيتىپ قويىشىمىز كېرەك. بىخەتەرلىك ھەممىدىن مۇھىم.

2.< ئادەمنىڭ ئىچ كىيىم، كۇسار بار يەرلىرىنى بىرەرسىنىڭ تۇتىشىغا رۇخسەت يوق>
بالىلار بەدىنىنىڭ ئۆزىگىلا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك، بەدىنىنىڭ كىيىم بىلەن ئورالغان مەلۇم جايلىرىنى باشقىلارنىڭ كۆرۈشىگە، تۇتۇپ بېقىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

3.< ھاياتلىق بىرىنچى، مال- دۇنيا ئىككىنچى>
بالىلىرىمىزغا زوراۋانلارغا يولۇققاندا باشقىلارنى ياردەمگە چاقىرىشنى ياكى زوراۋانلارنىڭ تەلىپىنى قەتئىي رەت قىلىشنى دەپ قويۇشىمىز كېرەك. نۇرغۇن زوراۋانلار قارماققا ۋەھشىيدەك كۆرۈنگىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە ناھايتى قورقۇنچاق كېلىدۇ. شۇڭا بالىلار بىرلىشىپ < ئەبلەخ> دەپ توۋلىسا قورققىنىدىن بەدەر تىكىۋېتىشى مۇمكىن. ئالىمادىس ھاياتى خەۋپكە ئۇچرىغۇدەك بولسا بالىلارنىڭ كۈچى ئاجىز كەلگەنلىك ۋەجىدىن ئىتائەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بالىلىرىمىزغا ھاياتلىقنىڭ ۋېلىسىپىتتىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى دەپ قويۇشىمىز كېرەك.

4.< مەخپىيەتلىكنى ئاتا- ئانىغا ئېيتىش>
مەيلى قانداق ئىش يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، ھەر قانداق بىر ئىش بولسا ئاتا- ئانىغا ئېيتسا، ئۇنى ئەيىپلىمەيدىغانلىقىمىزغا يەنە كېلىپ ياردەم بېرىدىغانلىقىمىزغا كاپالەت بېرىشىمىز كېرەك.

5.< يات كىشىلەر بەرگەن ئىچىملىكنى ئىچمەسلىك، يات كىشىلەر بەرەەن تاتلىق- تۇرۇمنى يىمەسلىك>
يات كىشىلەر بەرگەن ئىچىملىكىنى ئىچمەسلىك، يات كىشىلەر بەرگەن تاتلىق- تۇرۇمنى يىمەسلىك كېرەك. بالىلارنىڭ زەھەرنى، ھاراق- تاماكىنى قەتئىي رەت قىلىش ھوقۇقى بار.

6.< ناتونۇش كىشىلەر بىلەن گەپلەشمەسلىك>
بالىلارنىڭ ناتونۇش كىشىلەر بىلەن گەپلەشمەسلىك ھوقۇقى بار. ناتونۇش كىشى بالىغا گەپ قىلماقچى بولغاندا بالا ئاڭلىمىغانغا سېلىۋالسا ياكى قېچىپ كەتسە بولىدۇ. ناتونۇش كىشى ئىشىك چەكسە ئاڭلىماي تۇرۇۋالسا، ئىشىكنى ئاچمىسا بولىدۇ. بالىلىرىمىزغا ناتونۇش كىشىلەرگە پەرۋا قىلماسلىقنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى، چۈنكى كىچىك بالىنىڭ ئۇلارغا ياردەم بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ قويىشىمىز كېرەك.

7.< خەتەرگە دۇچ كەلگەندە ئەينەكنى چېقىۋېتىشكە، ئائىلە جابدۇقلىرىنى بۇزىۋېتىشكە بولىدۇ>
بالىلار ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ھەر قانداق تۈزۈم، چەكلىمىلەرنى بۇزۇشقا ھوقۇقلۇق. بالىلىرىمىزغا جىددىي ئەھۋالدا ۋارقىراپ- جارقىراشقا، ئادەمنى تېپىشكە، چىشلەشكە ھەتتا ئەينەكنى چېقىشقا، ئۆي جابدۇقلىرىنى بۇزۇشقا بولىدىغانلىقىنى دەپ قويايلى. سىماگۇاڭنىڭ سۇ ئىدىشىنى چېقىشى بۇنىڭ يارقىن مىسالى.

8.< خەتەرگە يولۇققاندا ئالدىدا قېچىپ كېتىشكە بولىدۇ>
يامان ئادەملەرگە، يەر تەۋرەشكە، ئوت ئاپىتىگەيولۇققان بالىلار قەتئىي جاننى ساقلاش ئۈچۈن قېچىش كېرەك. چوڭلارنىڭ يول كۆرسۈتىشىنى ساقلاشنىڭ ھاجىتى يوق.

9.< ئەسكى ئادەمنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلىمساسلىق>
بالىلىرىمىزغا بىرسىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش ھەققىدە قەسەم قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئەسكى ئادەملەرنىڭ مەخپىيەتلىكىنى جەزمەن ئاتا- ئانىغا دىيىش كېرەكلىكىنى ئېيتىپ قويايلى. بۇنداق مەخپىيەتلىكنى ھەرگىز كۆڭۈلدە ساقلاشقا بولمايدۇ.

10.< ئەسكى ئادەملەرگە يالغان ئېيتىشقا بولىدۇ>
ئەسكى ئادەملەرگە دۇچ كەلگەندە راست گەپ قىلمىسىمۇ بولىدۇ. چېچەنلىك بىلەن تاقابىل تۇرغاندىلا ياخشى بالا بولغىلى بولىدۇ.

مەنبە: شىنجاڭ مەدەنىيىتى


باھاسى بار ئايالنىڭ قىممىتى بولمايدۇ،
قىممىتى بار ئايالنىڭ باھاسى بولمايدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 08:49 , Processed in 0.048335 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش