يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 767 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 584|ئىنكاس: 1

تارىختىكى راھىب"يىشيۇ" [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1860

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى 13:22:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىختىكى راھىب "يىشيۇ"



ئېھتىمال ياش ئۆسمۈرلىرىمىز ۋە شۇنداقلا نۇرغۇن كۆرۈرمەنلىرىمىز بۇنىڭدىن 30يىل بۇرۇن ئىشلەنگەن <ئەقىللىق يىشىيۇ> دېگەن كارتون فىلىمنى كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن.

  ( 一休宗纯)يەنى يىشىيۇ بولسا تارىختا ھەقىقى بولۇپ ئۆتكەن شەخىس .ياپونىيە تارىخىدىكى 3 مەشھۇر بۇددا شەخىسنىڭ بىرى .شۇنداقلا بۇددا تارىخىدا ئاز ئۇچرايدىغان شەخىس .دەرۋىشانە راھىپ .ئۇ .ئۆز ئۆمرىدە باشقىلار چۈشىنەلمەيدىغان نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغان .ئۇ جوڭگۇنىڭ تاڭ دەۋرىدىكى پۇخۇا راھىپ ۋە لىياڭ دەۋرىدىكى جىگوڭ دەرۋىشكە ئوخشاش ئاجايىپ راھىپ . يىشىيۇنى سۆزلەش ئۈچۈن ئۇ تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنقى تارىخنى سوراشقا توغرا كېلىدۇ.يىشىيۇ تۇغۇلۇشتىن 60-يىل بۇرۇن ياپونىيە جەنۇب شىمال ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى،1392-يىلى شىمال تەرەپنىڭ 3-ئەۋلاد جىياڭجۈنى زۇلىيىمەن جەنۇب تەرەپنى قىستاش ئارقىلىق سۈلھى ئۆتكۈزۈشكە قىستاپ 60يىللىق تىركىشش ھالىتىنى ئۆزگەرتتى،ھەممە ھوقۇق زۇلىيىمەن جىياڭجۈننىڭ قولىدا بولۇپ تېننو خاننىڭ ئازراقمۇ كۈچى بولمايتتى.يىشىيۇنىڭ ئانىسى تېننو خان كىچىك سوڭتىيەننىڭ كىچىك خانىشى ئىدى.ئۇ ھامىلدار بولغاندىن كېيىن تېننو خان ئۇنى تېخىمۇ ئەتىۋارلاپ كۆردى.بۇنى كۆرەلمىگەن چوڭ خانىش يىشىيۇنىڭ ئانىسىنىڭ جەنۇب تەرەپ خان جەمەتىدىن ئىكەنلىكىنى پەش قىلىپ زۇلىيىمەنگە چاقتى،تېننو خان بىر ئاماللارنى قىلىپ كىچىك خانىشىنى ئېلىپ قېلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ بىراق يەنىلا ئۇلار ئوردىدىن كەتكۈزۈلدى.يەنە بىر كىتاپتا ئېيتىلىشچە يىشىيۇنىڭ ئانىسى جەنۇب تەرەپ شىمال تەرەپكە ئەۋەتكەن كىشى بولۇپ،تېننو خانغا يېقىنلىشىپ ئۇنى قەستلەش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغان،بىراق بايقىلىپ قېلىپ ئوردىدىن كەتكۈزۋېتىلگەن دېيىلدۇ.بىراق يېقىنقى تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولىشىچە يىشىيۇنىڭ ئانىسى قانداقتۇ جەنۇب تەرەبنىڭ ئادىمى بولماستىن بەلكى تېننو خان بىلەن جىياڭجۈن ئوتتۇرسىدىكى قۇربانلىق بولۇپ كەتكەن.جىياڭجۈن خانلىق تەختنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن تېننو خانننىڭ تەخىت ۋارىسى بولغان يىشىيۇنى كۆزدىن يوقاتماقچى بولغان،

ۋە شۇنىڭ بىلەن ئانا -بالا ئىككىسىنى ئوردىدىن قوغلاپ چىقارغان،يىشىيۇنى بولسا ئىبادەتخانىغا ئاپىرىپ راھىپ قىلۋەتكەن شۇنداقلا ئۇنىڭ راھىپلىقتىن قول ئۈزۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ھوشيار تۇرغان.

    يىشىيۇ 1394-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى كىيوتودا بىرئىبادەتخانىدا تۇغۇلغان بولۇپ،ئەزەلدىن خان ئەۋلادلىرىنىڭ شانۇ شەۋكەتلىرىدىن ھوزۇرلانمىغان ھەقىقى خەلق ئارىسىدا چوڭ بولغان ئىدى.بىراق بىز ئۇنىڭ شئېرلىرىدىن ئۆزىنى يەنىلا خان جەمەتىدىن دەپ قارايدىغانلىقىنىڭ ئىزنالىرىنى بايقايمىز.دەرۋەقە تېننو خان سوڭتىيەن ئۆلگىچە بۇ ئوغلىنى ئۇنۇتمىغان،سەكراتتىكى ۋاقتىدا ئۇنى چاقىرتىپ ئېلىپ كېلىپ ۋەسىيەت قالدۇرغان،بىراق بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئاددى پۇقرالىق دەرىجىسىنى ئۆزگەرتەلمىگەن،ئانىسى ۋاپات بولۇشتىن بۇرۇن يىشىيۇغا بىر پارچە ۋەسىيەتنامە قالدۇرۇپ ئۇنىڭ ساكيامۇنىنىڭ سادىق بىر مۇرتى بولۇشنى ئارزۇ قىلغان.

يىشىيۇ 6ياش ۋاقتىدا ئەنگۇ ئىبادەتخانىسىنىڭ باش راھىپ كالانى جوۋجىيەن ئۇنى بالا راھىپلىققا ئالغان،كېيىنچە ئۇنى رەسمى ھالدا شاگىرتلىققا ئالغان.يىشىيۇ 1405-يىلى 12ياش ۋاقتىدا رېنشېڭ باۋجۇاڭ ئىبادەتخانىسىغا بېرىپ بۇددا نوملىرى ۋە نېرۋانا تەلىماتلىرىدىن تەلىم ئالغان.كېيىنچە نەزىم شئېرلارغا ئىشتىياق باغلاپ ئەينى ۋاقىتتىكى ئىبادەتخانىلاردىن نەزم توغۇرلۇق بىلىم ئىگىلىگەن .شۇ چاغدا ياپونىيە ئىبادەتخانىلىرى پۈتۈن مەملىكەتتىكى بىلىم ئەھلىلىرى توپلانغان جاي بولغان،شۇنداقلا جوڭگونىڭ نەزم ئۇسلۇبى كەڭ تارقىلىپ پۈتۈن ئىبادەتخانىلاردا جەنۇبى سۇڭ ئۇسلۇبىدىكى نەزملەر ئەۋج ئالغان.يىشىيۇ مۇشۇ مەزگىلدە خەنزۇ يېزىقى ۋە خەنزۇ نەزملىرىنى پىششىپ ئۆگىنىپ ئۇستا نەزمچى بولۇپ يېتىشكەن.....

  بىر قېتىم زۇلىيىمەن جىياڭجۈن بۇددا چوڭ مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزگەن،ۋە كىم مۇشۇ يىغىندا ئەڭ ياخشى سۆزلىسە شۇنىڭغا 100سەر ئالتۇن بېرىمەن دېگەن،ھەممە راھىپلار ئەڭ ئېسىل كاسايالىرىنى كىيىپ كەلسە،يىشىيۇ بولسا ئەسكى جەندىلىرىنى كىيگىنىچە ،قولىغا سۆگەت ياغىچىنى ئېلىپ يىغىنغا كىرىپ مەيداندا  <ئەسكى تۈسكى ئىچرە بولساممۇ ئۆزۈم،باي باياشات مېنىڭ كۆڭلۈم.>دېگىنىچە ئۆزىنىڭ دەبدەبىلىك نۇتۇقىنى باشلايدۇ،نۇتۇقى تۈگىگەندىن كېيىن تايىقىنى يىراقلارغا چۆرېۋىتىپ ھېچكىم بىلەن كارى يوق چىقىپ كېتىدۇ،ھۆرمەت ھەيۋىسى چوڭ بولغان زۇلىيىمەن جىياڭجۈنمۇ بىر نەرسە دېيەلمەيدۇ......

  يىشىيۇ بىر ئۆمرىدە نۇرغۇن شېئېرلارنى يازغان بولۇپ <ئۇستىخان>،<ئۆزىگە پەرھىز قىسىسىلىرى>قاتارلىق شېئرلىرىدا بۇددا دىنى تەلىماتلىرىدىكى بەزى نۇقسانلارنى تەنقىد قىلغان،ھۆكۈمران سىنىپلارنى پاش قىلغان،ئۇ ھەتتا پاھىشىخانىلارغا كىرىپ شۇ جايدىكى ئاياللار بىلەن بۇددا ئەھكانلىرى توغرىسىدا مۇنازىرلەشكەن، بىر قېتىم دادې ئىبادەتخانىسى 100يىللىق چوڭ مەرىكە ئۆتكۈزگەندە ئۇ بارمايلا قالماستىن،ھەتتا بىر ئايال بىلەن ئوقۇلىۋاتقان بۇددا نوملىرىنى مەسخىرە قىلىپ كۈلگەن،ۋە ئەتىسى <100يىللىق مەرىكە ئالدىدىكى ساھىپجامال بىلەن سۆھبەتلىشىش >دېگەن نەزمسىنى يازغان. ئارىدىن ئۇزاق .ئۆتمەيلا بىر شېئېر يېزىپ بارلىق راھىپلارغا قارشى جەڭنامە ئېلان قىلغان.ئۇلارنىڭ يالغان ئېسىل پەزىلەتلىرىنى مەسخىرە قىلغان.شۇنداقلا بۇ ئىبادەتخانىدىن ئايرىلغان.شۇ سەۋەپتىن نۇرغۇن چوڭ راھىپلار ئۇنى قەستلەپ ئۆلتۈرمەكچى بولغان........

1460-يىلى پۈتۈن ياپونىيەدە ئاچارچىلىق ۋە ۋابا كەڭ تارقىلىپ خەلق ناھايتى جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرگەن،بىراق زۇلىيىمەن جەمەتى ۋە توقاللىرى ئەيىش-ئىشرەتلىك تۇرمۇشنى داۋاملاشتۇرىۋەرگەن. بۇ چاغدا يىشىيۇ  نەزم يېزىپ ئۇلارنى تاڭ شۇەنزۇڭ ۋە ياڭ گۈيفېيغا سىموۋىل قىلغان.1467~~1477-يىلغىچە ياپونىيەدە قاتتىق ئۇرۇش يۈز بېرىپ ئوردا كۈل بولغان،تېنننو ئۆلگەندىن كېيىن ھەتتا ئۇنى كۆمىدىغان پۇلمۇ قالماي نەچچە ئايغىچە سىرتتا قالغان.بىراق باشقا ھۆكۈمرانلار كارىدىمۇ يوق ئۆزىنىڭ ئويۇنىنى ئويناۋەرگەن.يىشىيۇ قاتتىق ئازاپلىنىپ نەزم توقۇپ ئۆزىنىڭ ھەسرىتىنى ئىپادىلىگەن.

شۇندىن ئېتىبارەن جوڭگولۇق راھىپ كالان زىمىن ھەزىرەتنى ئۇستاز تۇتقان.شۇندىن ئېتىبارەن ھۆكۈمرانلارنىڭ تەكلىبىگە بىنائەن دادې ئىبادەتخانىسىدا47-ئەۋلاد چوڭ راھىپ كالانلىقنى ئۈستىگە ئالغان.76يېشىدا كوچىدا ئويۇن قويۇپ جان باقىدىغان بىر قارىغۇ ئايالنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ۋە بۇ  سېن ئىسىملىك ئايال بىلەن ئۆلگۈچە يېقىن ئۆتكەن،خەلق ئارىسىدا تىرىك بۇدسادۋا دەپ تەرىپلىندىغان بۇ غەلىتە راھىپ 1481-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى كەچتە سېن ۋە باشقا شاگىرتلىرىنىڭ ئالدىدا جان ئۈزگەن. ھۆكۈمرانلار ئۇنى ئۇلۇغلاپ ئالايىتەن پۇل چىقىرىپ گاڭشەن مۇنارىنىڭ ئاستىغا دەپنە قىلغان.

يىشىيۇنىڭ ئەقىللىقى ۋە جاسارىتى ھېلىغىچە ياپون خەلقى ئارىسىدا تىللاردا داستان بولماقتا~!


كېلىش مەنبەسى: باغداش مۇنبىرى.


ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 8Rank: 8

توردا
215 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
561

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى 22:01:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىشىيۇنىڭ ئەقىللىقى ۋە جاسارىتى ياپون خەلقىدىلا ئەمەس پېقىرنىڭ قەلبىدىمۇ چوڭقۇر ھۆرمەتكە ئىگە.ئۇنىڭ نامىدا ئىشلەنگەن كارتون فىلىم"ئەقىللىق يىشىيۇ"نى  باشتىن ئاخىرغىچە كۆرۇپ چىققىنىم تا ھازىرغىچە ئېسىمدە تۇرۇپتۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 03:16 , Processed in 0.048802 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش