يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 771 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 1487|ئىنكاس: 13

ئالتە خىل تۇرمۇش شەكلى ئادەمنى دۆتلەشتۈرىۋېتىدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
56 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى
نادىر
1
يازما
224
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى 20:56:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە كىشى ئەقىللىك ، چېچەن بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ ، شۇنداقلا ھەركىم بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا پايدىسى بار دەپ قارىغان چارىلەرنى قوللىنىدۇ . بىراق ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ، تۇرمۇش ئامىلى ۋە كىشىلەرنىڭ كاللا ئىشلىتىش ئادىتى چوڭ مېڭىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ .
ئادەمنى دۆتلەشتۈرۈۋېتىدىغان ئالتە خىل تۇرمۇش شەكلى مۇنۇلار :

   1 . سۆرەلمىلىك ، كاللىنى ئاز  ئىشلىتىش
كاللىنى كۆپ ئىشلەتكەنچە ئۆتكۈرلىشىدۇ ، دېگەن گەپ بار . كاللىنى ئىلمىي ، مۇۋاپىق ھالدا كۆپ ئىشلىتىش ، نېرۋا سىستېمىسىنىڭ قېرىلىشىشىنى ئاستىلىتىدۇ ، ھەمدە نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئورگانىزم ئىقتىدارىغا نىسبەتەن تەڭشەش ۋە تىزگىنلەش رولىنى ئوينايدۇ ، بۇ ئارقىلىق مېڭىنى ساغلاملاشتۇرۇش ، ئۆمۈرنى ئۇزارتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ . ئادەم ھۇرۇن ، سۆرەلمە بولۇپ ، دائىم مېڭە ئىشلىتىپ تۇرمىسا چوڭ مېڭىگە ۋە سالامەتلىككە زىيان يېتىدۇ .

   2 . ئوي - پىكرى قالايمىقان بولۇش ، كاللىنى نامۇۋاپىق ئىشلىتىش
" كاللىنى ئىشلەتكەنچە ئۆتكۈرلىشىدۇ " دېگەندە كاللىنى ئىلمىي ، مۇۋاپىق ئىشلىتىش كۆزدە تۇتۇلغان ، ئەگەر ھەددىدىن ئارتۇق جىددىيلىشىش ، تەشۋىشلىنىش ياكى ئەمەلىيەتتىن چەتنىگەن ھالدا قاتتىق باش قاتۇرۇش ھالىتىدە بولغاندا چوڭ مېڭىگىمۇ ، سالامەتلىككىمۇ زىيان يېتىدۇ .

   3 . ئاغرىق ھالەتتە مېڭىنى زورلاپ ئىشلىتىش
سالامەتلىك ياخشى بولمىغان ئەھۋالدا ، خىزمەت ۋە ئۆگىنىشنى زورمۇ - زور داۋاملاشتۇرغاندا ، ئۈنۈم تۆۋەن بولۇپلا قالماستىن ، ئاسانلا چوڭ مېڭىنى زەخىمىگە ئۇچرىتىدۇ ، سالامەتلىككىمۇ زىيانلىق .

   4 .قورساق ئاچ ھالەتتە كاللا ئىشلىتىش
بەزى ئادەملەر ئورنىدىن سەھەر تۇرماي ، ناشتا قىلىشقا ئۈلگۈرەلمەيدۇ ، ياكى ناشتا قىلمايدىغان ناچار ئادەتكە ئىگە بولغان بولىدۇ . بۇنداق ئادەملەر چۈشتىن بۇرۇن يېرىم كۈن قورسىقى ئاچ ھالەتتە ئىشلەيدۇ ، بۇنداق بولغاندا قان شېكىرى نورمال تەمىنلەش سەۋىيىسىدىن تۆۋەن بولۇپ ، چوڭ مېڭىگە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بۇنداق ھالەت داۋاملىشىۋەرسە چوڭ مېڭىنىڭ ساغلاملىقى ۋە تەپەككۇر ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچرايدۇ . ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ تەجرىبە ئارقىلىق ئىسپاتلىشىچە بالىنىڭ يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەر بىلەن ئوزۇقلانغاندىكى ئۆگىنىش نەتىجىسى ئاددىي تاماق بىلەن ناشتا قىلغاندىكىدىن روشەن يۇقىرى بولىدىكەن ، ناشتا قىلمىغان بالىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ئومۇمەن بىرقەدەر تۆۋەن بولىدىكەن . ئوخشاشلا ، باشقا چاغلاردا ئاچ قورساق كاللا ئىشلەتكەندىمۇ ، چوڭ مېڭىگە زىيانلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ .

   5 . ئۇيقۇ سۈپىتى ناچار بولۇش
چوڭلار كۈندە 7 سائەتلىك ئۇيقۇغا موھتاج ھەمدە ئۇيقۇ سۈپىتىنىڭ بىرقەدەر يۇقىرى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا توغرا كېلىدۇ . ئەگەر ئۇيقۇ ۋاقتى يېتەرلىك بولمىسا ياكى ئۇيقۇ سۈپىتى يۇقىرى بولمىسا چوڭ مېڭە ناچار غىدىقلىنىدۇ ، بۇنداق ئەھۋالدا چوڭ مېڭىنىڭ چارچىغان ھالەتتىن ئەسلىگە قايتىشى قىيىن بولىدۇ ، ئاسان قېرىلىشىش يۈزبېرىدۇ . ئۇيقۇسى يېتەرسىزلەر ياكى ئۇيقۇ سۈپىتى تۆۋەنلەر ئۇيقۇ ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئۇزارتىشى لازىم ھەمدە ئۇيقۇ ئەھۋالىنى ياخشىلاش تەدبىرىنى قوللىنىشى لازىم .

    6 . باشنى پۈركەپ ئۇخلاش
بەزى ئادەملەر ئۇخلىغاندا بېشىنى پۈركىۋېلىشقا ئادەتلەنگەن ، بۇنداق بولغاندا يوتقان ئىچىدىكى كاربون تۆت ئوكسىدىنىڭ قۇيۇقلۇقى ئېشىپ ، ئوكسىگېننىڭ قۇيۇقلۇقى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەيدۇ ، ئۇزاق مۇددەتكىچە مۇشۇ خىل بۇلغانغان ھاۋادىن نەپەسلەنگەندە ، چوڭ مېڭىنىڭ ساغلاملىقىغا جەزمەن زىيان يېتىدۇ .

Rank: 3Rank: 3

توردا
34 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى
نادىر
1
يازما
221
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى 22:26:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ ئۇيقۇم بەك ناچار.......دۆتلىشىپ  كېتىدىكەنمەندە

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
573 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1181

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى 22:42:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئالتە خىل ئالامەتلەرغۇ مەندە يوقكەن بولمىسا، ئەمما مۇشۇ كۈنلەردە ئۆزەمنىڭ دۆتلىشىپ كېتىۋاتقىنىمنى ھېس قىلىۋاتىمەن...

Rank: 3Rank: 3

توردا
34 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى
نادىر
1
يازما
221
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى 22:50:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىنى دۆتلىشىپ كېتىۋاتقاندەك تۇيغۇ  ئەقىلىقلىشىپ كېتىۋاتقانلىقنىڭ ئالامىتى دەك

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
573 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1181

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى 22:52:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كامىران، سىز پىسخىكا ئوقۇغانمۇ-قانداق؟

Rank: 3Rank: 3

توردا
34 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى
نادىر
1
يازما
221
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى 22:56:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يانا خاتا گەپ قىلىپ قويمىغاندىمەن  ھە،مەخسۇس پسىخكا كەسپىدە ئوقۇمىغان،لېكىن ئىككى يىل ئۆگەنگەن

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى 17:50:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەندەك ئاز ئۇخلايدىغانلارغا نېمە دېگۈلۈك؟

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
87 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
560

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى 20:46:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس باشنى پۈركەپ ئۇخلاش راسلا ياخشى ئەھۋال ئەمەس . دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلىلەركەن ھەممىسىلا .

Rank: 8Rank: 8

توردا
550 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
842

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى 10:42:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
. ئوي - پىكرى قالايمىقان بولۇش ، كاللىنى نامۇۋاپىق ئىشلىتىش
ماۋۇ مەندە باركەن. قانداق قىلارمەن ؟ دائىم غەلىتە خىياللارنى قىلىمەن.

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
233 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى 10:51:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئويلىغان زادى ...بەك ئۇزاق ئەسرالىشالمايمەن سىلەر بىلەن دوستلار ، مۇشۇ تۈرنىڭ 2،3،5 مەندە بار ئەھۋاللاركەن ، ئاللىمادىس يوقاپ كەتسەم توغرا چۈشىنەرسىلەر

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 10:21 , Processed in 0.054211 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش