يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1921 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 369|نەقىل: 6

چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پۇللىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
59 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
147

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى 11:01:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقنىڭ نامى چىڭگىزخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى چاغاتاينىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان. چىڭگىزخان ئاخىرقى ئۆمرىدە بويسۇندۇرغان زېمىنلىرىنى تۆت ئوغلىغا بۆلۈپ بەرگەن. بۇنىڭ بىلەن موڭغۇللارنىڭ تۆت خانلىقى بولغان قىپچاق خانلىقى، چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقى، ئوگداي خانلىقى، ئىلىكخان خانلىقى بارلىققا كەلگەن. بۇ تۆت خانلىقنىڭ ئىچىدە چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقى (1221-يىلدىن 1370-يىللارغىچە) بىر قەدەر چوڭ خانلىق بولۇپ، شىنجاڭ تارىخىغا ناھايىتى زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن. چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ زېمىنى شەرقتە ئىلى دەرياسى ۋادىسىغىچە، جەنۇبتا بۈگۈنكى شىنجاڭدىكى قاراشەھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئۇنىڭ غەربىدىكى رايونلار، جەنۇب تەرىپى ئامۇ دەرياسى ۋادىسىدىكى رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئالمىلىق شەھىرى چاغاتاي خانلىقىنىڭ ئاستانىسى شۇنداقلا سىياسىي، ئىقتىسادىي مەدەنىيەت مەركىزى بولغان. چاغاتايخان ئوگداي بىلەن قارشىلىشىپ، ئوگدايخاننىڭ سۇيۇرغال قىلىنغان يەرلىرىنى ئىگىلىۋالغان. 14-ئەسىرنىڭ بېشى (مىلادىيە 1318-يىل)دا چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقى شەرقىي چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقى ۋە غەربىي چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقىغا بۆلۈنۈپ كەتكەن بولۇپ، ئالمىلىق شەھىرى شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي مەدەنىيەت مەركىزى بولغان. يېرىم ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىن غەربىي چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقى تېمۇر ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان، شەرقىي چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، 1514-يىلى يەكەن خانلىقى تەرىپىدىن مۇنقەرز قىلىنغان.


چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقى پۇللىرىنىڭ قېزىلىش ئەھۋالى

چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقى قۇيۇپ ئوبوروت قىلغان پۇللارغا دائىر خاتىرىلەر خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ. چاڭدې 1259-يىلى ‹‹غەربىي يۇرت خاتىرىسى›› ناملىق ئەسىرىدە بولات شەھىرى (بۈگۈنكى بورتالا)نىڭ غەربىدە ئالتۇن، كۈمۈش، مىس پۇل ئىشلىتىلىدۇ، پۇلغا يېزىق چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، پۇلنىڭ تۆت چاسا تۆشۈكى يوق دەپ يازغان. بۇ بايانلار شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى چاغاتاي خانلىقىنىڭ شەكلى يۇمىلاق، تۆشۈكى يوق پۇللارنى قۇيۇپ ئوبوروت قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقى قۇيۇپ تارقاتقان پۇللار 19-ئەسىردىن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە چەت ئەللىك ئاتالمىش ئېكىسپېدىتسىيەچىلەر تەرىپىدىن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن قېزىۋېلىنىپ، چەت ئەللەرگە ئېلىپ چىقىپ كېتىلگەن. ئەنگلىيەلىك سىتەيىن كۇچادىن چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئۈچ دانە پۇلىنى تاپقانلىقىنى، شۇنداقلا ‹‹ئاسىيانىڭ ئىچكى رايونى›› ناملىق كىتابىدا، بۇ پۇللارنىڭ مىلادىيە 14-ئەسىردە قۇيۇلغان پۇللار ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن. ياپونىيەلىك داگۇ گۇاڭرۇي تۇرپان، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردىن چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پۇللىرىنى قولغا چۈشۈرۈپ ياپونىيەگە ئېلىپ كەتكەن، ئەمما چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ سەككىز دانە كۈمۈش پۇلىنى ئېلىمىزنىڭ لۇشۈن مۇزېيىغا قالدۇرۇپ قويغان.

ئېلىمىزنىڭ مەشھۇر ئارخېئولوگىيە ئالىمى خۇاڭ ۋېنبى ئەپەندى ‹‹تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئارخېئولوگىيە خاتىرىسى›› ناملىق ئەسىرىدە 1928-، 1929-يىللار تۇرپاندا چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقىنڭ بەش دانە كۈمۈش پۇلى ۋە ئىككى دانە مىس پۇلىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ئۇ ‹‹يۈەن دەۋرىدىكى ئالمىلىق شەھىرى ھەققىدە مۇلاھىزە›› (بۇ ماقالە ‹‹ئارخېئولوگىيە›› ژۇرنىلىنىڭ 1963-يىللىق 10-سانىدا ئېلان قىلىنغان) ناملىق ماقالىسىدە، دېھقانلار ئالمىلىق شەھىرىدىن ئالتۇن، كۈمۈش ۋە مىس پۇللارنى ئۈزۈلدۈرمەي قېزىۋالغان دېيىلگەن. 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن كېيىن سانجى، گۇچۇڭ، فۇكاڭ، مورى، قورغاس، بورتالا، تارباغاتاي، كۇچا، قەشقەر، قەشقەر كونا شەھەر، خوتەن، تۇرپان قاتارلىق جايلاردىن چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پۇللىرى كەينى كەينىدىن قېزىۋېلىنغان. 1977-يىلى سانجى ناھىيەسىدە ئاساسىي قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلغاندا چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ 1364دانە كۈمۈش پۇلى قېزىۋېلىنغان. 1990-يىلى بورتالادىكى دالتا قەدىمكى شەھىرى خارابىسىدىن چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ 1600 دانىدىن كۆپرەك مىس پۇلى قېزىۋېلىنغان بولۇپ، بۇ پۇللار ھازىر بورتالا ئوبلاستلىق مۇزېيدا ساقلىنىۋاتىدۇ.2001-يىل 8-ئايدا قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسىدىكى بىر دېھقان ئۆز ئائىلىسىنىڭ كۆكتاتلىقىنى كولىغاندا، چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ساپال ئىدىشقا سېلىنغان 800دانىدىن كۆپرەك كۈمۈش پۇلىنى قېزىۋالغان. تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، چاغاتاي ئۇيغۇر جانلىقىنىڭ ھازىرغىچە قېزىۋېلىنغان پۇللىرى كەم دېگەندە 6400 دانە بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئالتۇن پۇل 80 دانە، كۈمۈش پۇل 3570دانە، مىس پۇل 2500 دانىدىن ئاشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا پارچە?Cپۇرات قېزىۋېلىنغان پۇللارنىڭ سانى تېخى ئاشكارىلانمىغاچقا، چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقى پۇللىرىنىڭ كونكرېت سانىنى ئىستاتىستىكا قىلماق تەس.


چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقى پۇللىرىنىڭ شەكلى ۋە ئالاھىدىلىكى

چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقى خانلىقى قۇرۇلغان 450 يىل ئىچىدە ھەر بىر خان تەختتە ئولتۇرغاندا ئۆز نامىدا پۇل قۇيۇپ تارقاتقان.خانلىق ئورۇن كۆپ قېتىم ئالمىشىپ تۇرغانلىقتىن، قۇيۇلغان پۇللار تېخىمۇ خىلمۇ-خىل بولغان. پۇل ماتېرىيالىنىڭ سۈپىتى، شەكلى، چوڭ-كىچىكلىكى، ئېغىرلىقى، يېزىقلىرى، بەلگىلىرى ۋە بېزىلىشى قاتارلىقلار ئوخشىمىغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغان.

پۇل ماتېرىيالى ۋە ئۇنىڭ شەكلى: چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقى قۇيۇپ تارقاتقان ئالتۇن، كۈمۈش، مىس پۇللاردا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەرەب?Cئىسلام پۇللىرىنىڭ شەكلى ساقلاپ قېلىنغان. ئالتۇن پۇل دىنار دەپ ئاتىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىيا رايونلىرىدا ئوبوروت قىلىنغان. ئۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئېغىرلىق ئۆلچىمى (4.25گىرام)گە يەتكەن بىر تۈرلۈك ئالتۇن پۇلدىن ئىبارەت. چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقى قۇيۇپ تارقاتقان ئالتۇن پۇللارنىڭ ئېغىرلىقى 3.4 گىرامدىن 10.5 گىرامغىچە، دىيامېتىرى 15 مىللىمېتىردىن 32 مىللىمېتىرغىچە، قېلىنلىقى 1.5 مىللىمېتىردىن 2.7مىللىمېتىرغىچە، تەركىبىدىكى ئالتۇن مىقدارى %60 دىن %70 گىچە كېلىدۇ. كۈمۈش پۇل دەرھەم دەپ ئاتالغان بولۇپ، دەرھەمنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئېغىرلىق مىقدارى ئالتۇن پۇللارنىڭ ئوندىن يەتتىسىگە توغرا كەلگەنلىكتىن، كۈمۈش پۇلنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئېغىرلىق مىقدارى 2.79 گىرام بولغان. خانلىقنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تارقىتىلغان كۈمۈش پۇللارنىڭ ساپلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما ئېغىرلىقى ئۆلچەملىك بولمىغان. ئادەتتە، ئېغىرلىقى 1.4 گىرامدىن 3.4 گىرامغىچە كېلىدىغانلىرى بار بولۇپ، كۆپىنچىسى ئىككى گىرامدىن ئۈچ گىرامغىچە، دىيامېتىرى 17 مىللىمېتىردىن 27 مىللىمېتىرغىچە، قېلىنلىقى بىر مىللىمېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ. مىس پۇل فىلس دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئاز ساندا سېرىق مىس پۇلمۇ قۇيۇلغان. ئېغىرلىقى 1.7 گىرامدىن 3.9 گىرامغىچە، دىيامېتىرى 20مىللىمېتىردىن 24 مىللىمېتىرغىچە، قېلىنلىقى بىر مىللىمېتىردىن 1.5مىللىمېتىرغىچە كېلىدۇ. مىس پۇل بىر خىل قوشۇمچە پۇل بولۇپ، پەقەت بەزى كىچىك كۆلەمدىكى ئاددىي سودا-سېتىقلاردا ئىشلىتىلگەن. قائىدە بويىچە ئېيتقاندا چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە زور مىقداردا ئالتۇن، كۈمۈش ۋە مىس پۇللار قۇيۇپ تارقىتىلغان بولۇپ، بىرقەدەر مۇكەممەل پۇل تۈزۈمى بولۇشقا تېگىشلىك ئىدى، ئەمما پۇللارنىڭ شەكلى ۋە ئېغىرلىقى بىردەك بولمىغان. مېنىڭ قارىشىمچە، خانلىق ئالاھىدە چوڭ، جايلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى تەكشىسىز ۋە كان بايلىقلىرىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى پەرقلىق بولغانلىقتىن پۇللارنىڭ سۈپىتى ۋە شەكلىمۇ پەرقلىق بولغان بولۇشى مۇمكىن.

پۇللاردىكى يېزىق ۋە پۇللارنىڭ بېزىلىشى: پۇللارغا چۈشۈرۈلگەن يېزىقلار ئەرەب يېزىقىنى ئاساس قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر يېزىقى ۋە باسىبا يېزىقلرىمۇ بار. ئىسلام دىنى ئالەمدە پەقەت بىرلا ئاللاغا ئېتىقاد قىلىشنى تەكىتلەپ،بارلىق مەبۇتلارغا جۈملىدىن، پادىشاھلارنىڭ مەبۇتلىرىغا چوقۇنۇشقا قارشى تۇرىدۇ. شۇڭا چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقى پۇللىرىنىڭ ئوڭ ۋە تەتۈر يۈزىدە يېزىق، ئىمزا ۋە تۈرلۈك نەقىشلەر بار بولۇپ، يېزىقلاردا قۇرئان كەرىمدىكى سۆزلەر ۋە پادىشاھلارنى مەدھىيەلەيدىغان مەزمۇنلار بار. پۇللارنىڭ ئوڭ يۈزىدە كۆپىنچە ئەرەبچە ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ياكى ئاللاھ بىردىن بىر دېگەن خەتلەر چۈشۈرۈلگەن. پۇللارنىڭ تەتۈر يۈزىدە كۆپىنچە ئەرەبچە ئادىل، ئۇلۇغ ياكى پادىشاھنىڭ ھوقۇقى ئاللاغا مەنسۇپ، ئالەم ئاللاھقا مەنسۇپ، دېگەن سۆزلەر چۈشۈرۈلۈپ، بۇ سۆزلەرنىڭ ئاخىرىغا پادىشاھنىڭ ئىسمى، يىل ۋە يەر نامى چۈشۈرۈلگەن.

پۇللارنىڭ قۇيۇلۇش ئۇسۇلى: چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئالتۇن پۇللىرىنى قۇيۇشتا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ پىرىسلاش ئارقىلىق پۇل قۇيۇش ئۇسۇلى قوللىنىلغان. بۇ خىل ئۇسۇلغا ئاساسەن ئاۋۋال مېتالنى پىششىقلاپ ئۇرۇپ نېپىزلەتكەندىن كېيىن، ئۇ پۇل قېلىپىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قىستۇرۇپ سوقۇلىدۇ. ئوخشاش بىر خىل پۇلنىڭ قېلىن-نېپىزلىكى، چوڭ-كىچىكلىكى، ئېغىر-يېنىكلىكى، خەتلەرنىڭ قېنىق-سۇسلىقى ئوخشاش بولمايدۇ، پۇل بەك ئۆلچەمسىز، چۆرىسى قوپال بولۇپ ئوتتۇرىسىدا تۆشۈكى يوق.

پۇل قۇيۇلغان ئورۇن ۋە ۋاقىت: چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقىدىكى پۇل قۇيغان ئورۇنلار بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، سانى بىرقەدەر كۆپ بولغان پۇل قۇيغان ئورۇنلارنىڭ ئىسمىدىن قارىغاندا پۇللار تۆۋەندىكى ئورۇنلاردا قۇيۇلغان. بىرىنچىدىن، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى شەھەرلەردىن خوجەند (بۈگۈنكى تاجىكىستان چېگرىسى ئىچىدە)، سەمەرقەند (بۈگۈنكى ئۆزبېكىستان چېگرىسى ئىچىدە)، بۇخارا (بۈگۈنكى ئۆزبېكىستان چېگرىسى ئىچىدە)، تالاس (بۈگۈنكى قازاقىستان چېگرىسى ئىچىدە)قاتارلىق جايلاردا قۇيۇلغان. ئىككىنچىدىن، شىنجاڭ چېگرىسىدىكى ئالمىلىق، بورتالا، قەشقەر، كۇچا، خوتەن قاتارلىق جايلاردا قۇيۇلغان پۇللاردىن ئىبارەت. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم پۇللاردا قۇيۇلغان ئورۇن ئىسمى ئەسكەرتىلمىگەن بولسىمۇ، بىراق ‹‹ئەڭ چوڭ ئوردا›› دېگەن خەتلەر ئەسكەرتىلگەن، بۇنىڭ دەل پۇل قۇيۇلغان ئورۇننىڭ ئىسمى ئىكەنلىكى ئېنىق.ئۈچىنچىدىن، ئالمىلىق چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقىنڭ سىياسىي ۋە پۇل مۇئامىلە مەركىزى جايلاشقان ئورۇن بولغاچقا، ‹‹ئەڭ چوڭ ئوردا›› دېگەن سۆز خانلىق باشقۇرىدىغان ئورگانغا، شۇنداقلا خانلىقنىڭ مەركىزىي پۇل تارقىتىش ئورگىنىغا قارىتىلغان. بۇنىڭدىن ئالمىلىقنىڭ ئەڭ كۆپ پۇل قۇيۇلغان ئورۇن ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. تۆتىنچىدىن، پۇللارغا چۈشۈرۈلگەن ھىجىرىيە يىلنامىسىدىكى سانلارغا ئاساسەن، چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقى پۇللىرىنڭ 13-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن 14-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىم مەزگىللىرىگىچە قۇيۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈرگىلى بولىدۇ.

چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پۇللىرى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن قېزىۋېلىنغان بولۇپ، ھۆججەت، ماتېرىيال ۋە ئارخېئولوگىيەلىك ماتېرىياللارغا ئاساسەن چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پۇللىرى توغرىسىدا تۆۋەندىكى يەكۈننى چىقىرىشقا بولىدۇ.

پۇل قېزىۋېلىنغان ئورۇن 15 كە يەتكەن بولۇپ، تەڭرىتېىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا، ئاساسلىقى تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىي باغرىدىكى لىنىيەلەردىكى ھەرقايسى خارابىلىقلارغا تارقالغان. بۇ خانلىقنىڭ سىياسىي مەركىزىنىڭ ئىلى ۋىلايىتىنىڭ تارىخىي ئەھۋالى بىلەن مۇناسىۋەلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قەشقەر ۋە شەرقىي شىنجاڭدىكى تۇرپان قاتارلىق جايلاردىن چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پۇللىرى قېزىۋېلىنغان، بۇ رايونلارنىڭ دەل چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تەۋەسىدىكى رايونلار ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭ چېگرىسىدىكى تاۋار ئىقتىسادىنىڭ گۈللەنگەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بىرىدۇ. بىر قانچە مىڭ دانە پۇللاردا ئەسكەرتىلگەن پۇل قۇيۇلغان ئورۇن توققۇزدىن كۆپرەك بولۇپ، ئۇلارنىڭ زور كۆپ قىسمى ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ چېگرىسى ئىچىدە. بۇ شىنجاڭ رايونىدا ئوبوروت قىلىنغان پۇللارنىڭ ئۆز جايىدا قۇيۇلۇپ، ئۆز جايىدا ئوبوروت قىلىپ ئىشلىتىلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى بۇخارا ۋە سەمەرقەند قاتارلىق جايلاردىمۇ چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پۇللىرى قۇيۇلغان بولۇپ، بۇ خانلىقىنڭ شەرقىي قىسمى بىلەن غەربىي قىسمىنىڭ پۇل شەكلىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكى، ئۆزئارا ئوبوروت قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقى پۇللىرىنىڭ قېزىۋېلىنغان سانىدىن قارىغاندا كۈمۈش پۇلنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ناھايىتى زور بولۇپ، كۈمۈش پۇلنىڭ ئومۇمى سانى 3500 دانىدىن ئاشىدۇ. بۇ كۈمۈش پۇلنىڭ خانلىقتا ئاساسلىق ئوبوروت قىلىندىغان پۇل ئىكەنلىكى، مىس پۇلنىڭ قوشۇمچە پۇل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پۇللىرى شىنجاڭ تارىخىدا ئەرەب ئۇسلۇبىدىكى پۇللار ئىچىدە شەكلى ئەڭ نەپىس بولغان پۇل بولۇپ، ئىسلام ئەللىرى ۋە قاراخانىيلار خانلىقىنڭ پۇللىرىدىكى يېزىق ۋە نەقىشلەردىن باي ھەم مەزمۇنلۇق، دىنىي تۈسىنىڭ بىرقەدەر قويۇق ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

تارىخىي، مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن قارىغاندا چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقى پۇللىرىنىڭ قۇيۇلغان ۋاقتى ۋە ئورنىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى سۇلالىلەرنىڭ پۇللىرىدىن تېخىمۇ توغرا ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈش مۇمكىن. ئومۇمەن، چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پۇللىرى ئەرەب مەدەنىيىتى ۋە ئىسلام مەدەنىيىتىنى جۇڭگوغا تارقاتقانلىقى ھەمدە جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشكەنلىكىنىڭ تارىخىي ئىسپاتى ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پۇللىرىنى يىغىپ ساقلاش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى شىنجاڭنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.


مەنبە :  جۇڭگو تور تېلېۋىزىيىسى


Rank: 1

توردا
52 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
96
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى 11:55:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چەتئەل ئارخىئولوگلىرى شىنجاڭدىن تاپقان قەدىمكى پۇللار

يىپەك يولىنىڭ شىنجاڭ بۆلىگى تارىختىن بۇيان چەتئەل ئارخىئولوگلىرى، ئېكىسپىدىتسىيىچىلىرىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىپ كېلىۋاتقان مۇھىم جاي بولۇپ، يېقىنقى يۈز يىلدىن بۇيان، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە،فرانسىيە، شىۋىتسىيە، رۇسىيە، ئامېرىكا، ياپۇنىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە يىپەك يولىنىڭ شىنجاڭ بۆلىگىنى ئارخىئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ۋە قېزىش قىزغىنلىقى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن. تولۇقسىز سىتاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 1900-يىلدىن 1948-يىلغىچە يۇقىرىدا تىلغا ئالغان دۆلەتلەرنىڭ ئارخىئولوگلىرى چارلاش، تەكشۈرۈش، ساياھەت قىلىش ۋە كۆزۈتۈش دېگەندەك ناملار بىلەن شىنجاڭغا ئۆمەك تەشكىللەپ 130قېتىمدىن كۆپرەك كەلگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرقەدەر مەشھۇر ئارخىئولوگلاردىن ئەنگىلىيىلىك سىتەيىن، گېرمانىيىلىك لىكوك، شىۋىتسىيىلىك سېۋىن.ھېيدىن، فرانسىيىلىك بېلئوت، رۇسىيىلىك پىرژىۋالىسكى، ياپۇنىيىلىك داگۇگۇاڭرۇي، خورنا قاتارلىقلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ شىنجاڭغا كۆپ قېتىم كېلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ زور مىقداردىكى قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى بايقىغان ۋە ئوغۇرلاپ كەتكەن بولۇپ، قەدىمكى پۇللار زور سالماقنى ئىگەللەيدۇ. سىتەيىن 1900-يىلدىن 1901-يىلغىچە، 1906-يىلدىن 1908-يىلغىچە، 1913-يىلدىن 1916-يىلغىچە جەمئىي ئۈچ قېتىم غەربىي يۇرتقا ئارخىئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشكە كەلگەن. ئۇ كەشمىردىن چېگرا ئارقىلىق كىرىپ قەشقەر يېڭىشەھەر، خوتەن، چىرىيە، كىرىيە، چاقىلىقتىن ئۆتۈپ، دۇنخۇاڭغا بېرىپ يەنە قايتىپ كېلىپ، تۇرپان، كۇچا، قەشقەرگە بېرىپ چېگرىدىن چىقىپ كەتكەن. ئۇ خەن، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت مۇھىم خارابىلىقلارىغا بېرىپ، زور مىقداردىكى قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى بايقىغان ۋە ئوغۇرلاپ كەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بۈگۈنكى كۈندە ئەنگىلىيە خان جەمەتى مۇزېيى ۋە ھىندىستان مۇزېيى قاتارلىق جايلاردا ساقلانماقتا. سىتەيىن بارغانلا يېرىدە نۇرغۇن قەدىمكى پۇللارنى بايقىغان بولۇپ، خوتەندە قۇيۇلغان خەنزۇ ۋە كاراشتى يېزىغى چۈشۈرۈلگەن پۇل (ئات سۈرەتلىك خوتەن پۇلى)ۋە خەن، تاڭ سۇلالىسى دەۋرگە مەنسۇپ قەدىمكى پۇللارنى قولغا چۈشۈرگەن. يالغۇز خوتەندىكى يوتقان خارابىلىغىدىن 5جۇلۇق پۇلدىن 170دانىدىن كۆپرەكنى قولغا چۈشۈرگەن. چىرىيە ناھىيەسىنىڭ شىمالىدىكى قۇملۇققا جايلاشقان دەندەنئۆيلۇك خارابىلىغىنىڭ ئەتراپىدىن كەييۇەن ۋە تىئەنباۋ يىلنامىسىدىكى قەدىمكى پۇللارنى قولغا چۈشۈرگەن. سىتەيىن كىرورەن قەدىمكى خارابىلىغىنى چارلاش داۋامىدا خەن سۇلالىسى دەۋرگە مەنسۇپ 5جۇلۇق پۇللارنى قولغا چۈشۈرگەن. شاڭدا تەرجىمە قىلغان «سىتەيىننىڭ ئارخىئولوگىيە خاتىرسى» ناملىق كىتابنىڭ 98-بېتىدە سىتەيىن مۇنداق دەپ يازغان: « خەن سۇلالىسى دەۋرگە مەنسۇپ چاسا تۈشىگى بار ناھايىتى نۇرغۇن مىس پۇللار چېچىلىپ يېتىپتۇ، بۇنىڭدىن بۇ پۇللارنىڭ ئوبروت بولۇش دائىرسىنىڭ كەڭلىگىنى، سودىنىڭ ئاۋات ئىكەنلىگىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ». تېخىمۇ قىزىقارلىق يىرى شۇكى، ئۇلار چەكسىز كەتكەن قۇملۇقتا ئېزىپ قالغاندا ھەمىشە تاپقان قەدىمكى پۇللارنى كومپاس قىلىپ داۋاملىق ئىلگىرلىگەن. «سىتەيىننىڭ ئارخىئولوگىيە خاتىرسى» ناملىق كىتابنىڭ 113-بېتىدە سىتەيىن بىر قەدىمكى زامان يولىنى بويلاپ ماڭغاندا چېچىلىپ ياتقان 100دانە ئەتراپىدىكى قەدىمكى پۇللارنى كۆرگەنلىگىنى، بۇ چاسا تۆشۈكلۈك پۇللارنىڭ خەن سۇلالىسى دەۋرىگە مەنسۇپ ئىكەنلىگى، گەرچە قوغداپ ماڭغان ئادەم ئېلىپ ماڭغان بولسىمۇ، تاغارنىڭ ئارغامچىسى بوشاپ كېتىپ، پۇل تاغاردىن چۈشۈپ قالغان دەپ يازغان. سىتەيىن بارغانلا يېرىدە قەدىمكى پۇللارغا تايىنىپ، قەدىمكى خارابىلىقلارنىڭ يىل دەۋرىنى بېكىتكەن. بۇنىڭدىن قەدىمكى پۇللارنىڭ ئارخىئولوگىيەدە قانچىلىك مۇھىم رول ئوينىغانلىغىنى كۆرىۋالغىلى بۇلىدۇ. سىتەيىننىڭ غەربىي يۇرتتا ئېلىپ بارغان ئارخىئولوگىيە پائالىيىتىدە قانچىلىك قەدىمكى پۇللارنى ئوغۇرلاپ كەتكەنلگىنى بىلگىلى بولمايدۇ. شىئانەي ئەپەندى «شىنجاڭ ئارخىئولوگىيىسىنىڭ 30يىلى» ناملىق كىتابنىڭ 467-بېتىدىكى «ئات سۈرەتلىك خوتەن پۇلى ھەققىدە مۇلاھىزە» ناملىق ماقالىسىدا: «سىتەيىن غەربى يۇرتتىن جۇڭگونىڭ تۈرلۈك قەدىمكى پۇللىرىدىن 187دانىنى ئوغۇرلاپ كەتكەن» دەيدۇ. ۋاڭنىڭشېڭ ئەپەندى «شىنجاڭ ئارخىئولوگىيىسىنىڭ 30يىلى» ناملىق كىتابنىڭ 203-بېتىدىكى «خەن ۋە جىن سۇلالىسى دەۋرىدىكى غەربى يۇرت ۋە ۋەتەن مەدەنىيىتى» ناملىق ماقالىسىدا: «لوپنۇر كۆلىدىكى يوللاردا دائىم 5جۇلۇق قەدىمكى پۇللارنى تاپقىلى بۇلىدۇ، سىتەيىن بىر قېتىمدىلا قەدىمكى پۇللاردىن 211دانىنى ئوغۇرلاپ كەتكەن» دەيدۇ. شىنجاڭ ئارخىئولوگىيە تەتقىقات ئورنىدىكى ۋاڭبىڭخۇا ئەپەندى ماقالىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، سىتەيىننىڭ شىنجاڭدىن ئوغۇرلاپ كەتكەن ئات سۈرەتلىك خوتەن پۇلى 340دانىدىن ئاشىدۇ، ئايرىم -ئايرىم ھالدا ئەنگىلىيە، ھىندىستان ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى قاتارلىق دۆلەتلەردە ساقلانماقتا».
ياپۇنىيەلىك داگۇگۇاڭرۇي قاتارلىقلىقلار 1902-يىلىدىن 1914-يىلىغىچە شىنجاڭغا ئۈچ قېتىم ئېكىسپىدىتسىيەگە كەلگەن. ئۇلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تۇرپان، كۇچا، قەشقەر ۋە خوتەن قاتارلىق جايلارغا كېلىپ، بارغانلا يېرىدە قېزىش ئېلىپ بارغان. 1910-يىلى تۇرپانغا كېلىپ ئاستانە قەدىمقى قەۋرىستانلىغىنى بىر يىلدىن كۆپرەك قېزىپ، مۇقەددەس كىتاب، تام رەسىملىرى، توقۇلما بۇيۇملار ۋە پۇل قاتارلىق قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئوغۇرلاپ ياپۇنىيەگە ئېلىپ كەتكەن. ئېلىمىزدە ئازاتلىق ئۇرۇشى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، بۇ قىممەتلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئېلىمىزنىڭ قۇلىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن. قەدىمكى پۇللار ئىچىدە خوتەندە قويۇلغان خوتەنچە ۋە خەنزۇچە يېزىق چۈشۈرۈلگەن پۇل (ئات سۆرەتلىك خوتەن پۇلى)دىن 10دانە، (ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئېلىمىزدە ساقلىنىۋاتقان ئات سۆرەتلىك خوتەن پۇلى 13دانە ئىكەن) خەن سۇلالىسى دەۋرىگە مەنسۇپ 5جۇلۇق پۇللاردىن 2دانە، خۇچۇەن خەتلىك پۇلدىن 12دانە، 6سۇلالە دەۋرىگە تەئەللۇق پۇلدىن 249دانە، تاڭ سۇلالىسىنىڭ كەييۇەن يىللىرىدىكى پۇلدىن 116دانە، سۇڭ سۇلالىسى قاتارلىق دەۋىرگە تەئەللۇق پۇلدىن35دانە، قوچۇ خانلىغىنىڭ گاۋچاڭ جىلى خەتلىك پۇلدىن 3دانە، ئارىسلانخان دەۋرىگە تەئەللۇق پۇلدىن 17دانە بار ئىكەن.
يۇقىرقى بايانلاردىن چەتئەل ئارخىئولوگلىرىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ، ئۆز مەيلىچە شىنجاڭنىڭ نۇرغۇن  قەدىمكى پۇللىرنى قېزىپ ئوغۇرلاپ ئۆز دۆلەتلىرىگە ئېلىپ كەتكەنلىگىنى، بۇ قەدىمكى پۇللارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭنىڭ يىراق زامانلاردىن بۇيان مەشھۇر مەدەنىيەت مەركىزى ۋە پۇل-مۇئامىلە مەركىزى ئىكەنلىگىنى پۈتۈن دۇنياغا نامايەن قىلىپ تۇرىۋاتقانلىغىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

جۇڭگو رادىيو تورى شىنجاڭ تارماق تورى

Rank: 1

توردا
275 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
390
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى 15:51:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەسىمى بىلەن بولسىچۇ كاشكى.
شىنجاڭدىن چىققان كان بايلىقلىرى، مەدەنىيەت بايلىقلىرى ئاز ئەمەس جۇمۇ !

تىمامنى تەستىقلىۋەتسەڭلارچۇ

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1430 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى 16:42:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇف....بۇنداق تارىخى  تېمىلارنى بۇنداق ئەستايدىل ئوقۇپ باقمىغىلى ئۇزۇن زامانلار بوپتىكەن، ياقتۇرمايمەن ئەمەس، شۇ ئوقۇغا نەرسىلەر كاللامدا زادىلا تۇرمايدۇ، نەچچە كۈندىن كېيىن شۇنداق بىر ئەسلەش توغرا كەلسە شۇنداق بىر غۇۋا ھالەتتە ئېسىمگە كېلىدۇ.

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
974 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1703
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى 17:32:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇلنىڭ ھەممىسىنى چەتئەللىك ئوغرىلار ئېلىپ كىتىپ بىزگە بىر تالمۇ قالماپتۇ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
285 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
802
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى 19:49:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز كىچىك چاغلىرىمىزدا داچەن دەپ ئاتالغان ئوتتۇرسىدا چاسا ،يومىلاق تۆشىكى بار نەرسىلەردە تەپكۈچ ئىتىپ ئوينايتتۇق،
يەنەتېخى چوڭ ئانامنىڭ كۈمۈشتىن ياسالغان تۈگمىللىرى بار ئىدى.بۇ بىزنىڭ ئاتا-بوۋىللىرىمىز ئىشلەتكەن پۇلكەن دىگىنى ھېلىمۇ يادىمدا،
يېقىندا ئۇقۇپ بولغان يازغۇچىمىز جالالىدىن بەھرامنىڭ «كونا قاپقان» دىگەن رومانىدىمۇ چەتئەللىكلەرنىڭ دىيارىمىزدكى بۇلۇپمۇ خۇتەن،قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قانداق ئېلىپ چىقىپ كەتكەنلىكى ،يەرلىك خەلىقلەرنىڭ ئۇلار بىلەن قانداق ئېلىشقانلىقى،بىر قىسىم كىپەن ئوغۇرلىرىنىڭ مۇناپىقلارچە قىلمىشلىرى يۇرۇتۇلۇپ بىرىلىپتۇ،

زىمىستاندا ھارارەتكە،زۇلمەتتە نۇرغا تەشنا بولساڭ...يېنىڭدا مەن بار...

Rank: 3Rank: 3

توردا
96 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
396
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى 21:47:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇلنىڭ ھەممىسىنى چەتئەللىك ئوغرىلار ئېلىپ كىتىپ بىزگە بىر تالمۇ قالماپتۇ




چەتئەللىك ئەكەتمىسە، بىز بۇنىڭ قەدىر قىممىتى يوق دەپ تاشلىۋېتىمىز.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 17:30 , Processed in 0.055013 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش