يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 653|نەقىل: 18

فىرانسىيە مودا ناخشا خانىشى – ئەلىزې [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
974 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1702
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى 14:35:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

فىرانسىيە مودا ناخشا خانىشى – ئەلىزې


غېنى سەمەت



    فىرانسىيەلىك ياش ناخشىچى ئەلىزېنىڭ << گۈزەل ئارال >> ناملىق ناخشىنى ئۇرۇندىغاندىكى ئۇماق، مەپتۇنكار قىياپىتى ، ساددىلىق، نازاكەت تېمىپ تۇرغان چىرايى، ئوت يېنىپ تۇرغان ئاۋازىغا مەھلىيا بولغانلار ئاز ئەمەس. لېكىن، ئۇنىڭ تۇرمۇشى ۋە سەنئەت ھاياتىدىن خەۋەردار كىشىلەر كۆپ بولمىسا كېرەك.

   ئەلىزې فىرانسىيە ناخشا مۇنبىرىدىكى ئەڭ تېز چاقنىغان، تەسىرى كەڭ ۋە ئۇزاققا تارالغان، ياش تۇرۇپلا << مودا ناخشا خانىشى >> شەرىپىگە ئېرىشكەن، << كۆزنى قاماشتۇرىدىغان >>   ياش ناخشا چولپىنىدۇر.

ئەلىزې 1984-يىلى 21-ئاۋغۇست فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى دېڭىز پورتى-ئاجاكسىيودا كومپېيوتېر مۇتەخەسسىسى بىلەن ئايال ئوقەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىدۇ. بالىلىق دەۋرى لېرىك دېڭىز ساھىلىدا تولىمۇ شادىمان ۋە بىخارامان ئۆتىدۇ.ئۇ كىچىكىدىنلا ئۆزىنىڭ قەلبىدىكى سەنئەت دۇنياسىنى ئىزدەشكە كىرىشىپ، دەسلەپتە ئۇسسۇلغا ئوتتەك ئىشتىياق باغلايدۇ،ناخشا ۋە رەسىمگە مۇھەببەت قويىدۇ. 11 يېشىدا رەسىم سىزىش مۇسابىقىسىدە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، سەنئەت ھاياتىنىڭ تۇنجى قەدىمىنى ئوڭۇشلۇق باسىدۇ. 15 يېشىغىچە ئۇسسۇل كەسپىدە ئوقۇپ، كېينچە ماتېرىيال ئارقىلىق ئوقۇش ئارقىلىق مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ ماڭىدۇ.

16 يېشىدا فىرانسىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى M6 يېڭى، جەلىپكار ماھىرلارنى تاللاش مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولۇپ، فىرانىسىيەنىڭ داڭلىق ئايال ناخشىچىسى ميلەنە.فارمېر بىلەن داڭلىق فىلىم ئىشلىگۈچى لائۇرەنت.بوتونناتنىڭ نەزىرىگە نائىل بولىدۇ. ئەنە شۇلارنىڭ ياردىمى ۋە ھامىيلىقىدا ، تۈنجى ناخشىسى - << مېنىڭ ئىسمىم لولىتا >> ئىشلەپ تارقىتىلىدۇ. ئويلىمىغان يەردىن بۇ ناخشا تارقىتىلىشى بىلەنلا ، زور تەسىر قوزغاپ، فىرانسىيەنىلا ئەمەس، پۈتۈن ياۋرۇپانى قاپلاپ كېتىدۇ.ھەتتا، فىرانسىيە، ئىسپانىيە، ئىتالىيە، گىرمانىيە، ئىسرائىلىيە، رۇسىيە، گوللاندىيە،پولشا قاتارلىق سەككىز دۆلەتنىڭ مودا ناخشا رەت تەرتىۋىدە بىراقلا 1- ئورۇنغا چىقىدۇ. بۇ ناخشا فىرانسىيەدە ئالماس مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن باشقا، گىرمانيە، گوللاندىيە، بىلگىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق ئەللەردىمۇ قوشلاپ مۇكاپاتلارغا سازاۋەر بولىدۇ.سېتىلىش مىقدارى جەھەتتە رىكورت يارىتىدۇ.شۇنداق قىلىپ ، ئەلىزې 16 ياش ۋاقتىدىلا ،تۈنجى ناخشىسى بىلەنلا، بىر كېچىدىلا دۆلەت ھالقىغان نۇرلۇق چولپانغا ئايلىنىدۇ. << مېنىڭ ئىسمىم لولىتا >> بىلەن تاشلانغان تۈنجى ئۇتۇقلۇق قەدەمنىڭ تەمى ۋە چولپانلىق شۆھرىتىنىڭ ئىلھامىدا، ئەلىزې 2000-يىلى تۈنجى خاس ناخشا پىلاستىنكىسى-<< مەززىلىك تائام >> نى ئىشلەپ تارقىتىدۇ. بۇ << تۇنجى >> مۇ يەر شارى مىقياسىدا تۆت مىليون نۇسخىدىن ئارتۇق سېتىلىپ، بۇ جەھەتتىمۇ رېكورت يېڭىلايدۇ. ئەلىزېمۇ << فىرانسىيەدىكى ئەڭ ئىستىقباللىق شەخس >> مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ.2003-يىلى يەنە بىر پىلاستىنكىسى - << سېھرى ئېلېكتر دولقۇنى >> ئىشلىنىپ، فىرانسىيەدىلا ئەمەس، ياۋرۇپانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدە، ھەتتا، جۇڭگو تەيۋەندىمۇ تۈرلۈك نۇسخىلىرى نەشر قىلىنىدۇ. ئۇندىن باشقا، ئەلىزېنىڭ << زېرىكتىم >> قاتارلىق نۇرغۇن خاس ناخشىلىرىدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئايرىم-ئايرىم پىلاستىنكا تەييارلىنىپ (يالغۇز ئىنگلىزچە نۇسخسىدىنلا تۆت خىلى ئىشلەنگەن )، تارقىتىلغاندىن كېيىن ، مودا ناخشا تەرتىۋىدە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇننى ئىگىلەپ، سېتىلىش مىقدارى جەھەتتە يېڭىدىن-يېڭى رېكورتلارنى يارىتىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ كاتتا مۇزىكا، پىلاستىنكا مۇكاپاتلىرىغا  ،جۈملىدىن، M6 مۇزىكا مۇكاپاتى، NRJ مۇزىكا مۇكاپاتى ۋە دۇنيا مۇزىكا مۇكاپاتلىرىغا نائىل بولىدۇ. ئەلىزې 20 ياشقا تولماي تۇرۇپلا،دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدىكى  ھەممە كىشىگە تونۇشلۇق ، ئاجايىپ شۆھرەتلىك ناخشىچىغا ئايلىنىدۇ.

  ئۇنىڭ يالغۇز كىشىلىك ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈشى ئىككىنچى پىلاستىنكىسى - << سېھىرلىك ئېلېكتر دولقۇنى >> تارقىتىلغاندىن كېيىن باشلانغان بولۇپ، پارىژدا 2003-يىلى تۈنجى ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزگەندىن تارتىپ، ئۇدا 40 مەيدانغىچە سەييارە ئويۇن قويۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ ئويۇنلاردا ئۇ تاماششىبىنلارغا سەرخىل ناخشىلارنى تەقدىم قىلىپلا قالماي، بۇ كېچىلىكلەر پىلاستىنكا قىلىپ ئىشلىنىپ، دۇنيا مىقياسىدا كەڭ-كۆلەمدە تارقىلىپ،ئۇنىڭ تەسىرىنى ئۆزلۈكسىزلىككە ئىگە قىلىدۇ.

ئەلىزېنىڭ دۇنياۋىي تەسىرىنى ئۇنىڭMV  پىلاستىنكىلرىدىن كۆرە، نەق مەيدان يەككە ناخشا پىلاستىنكىلىرىدىنمۇ ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. ئۇ 2003-يىلىلا << گۈزەل ئارال >> ، << مەن تېخى 20 گە كىرمىدىم >> قاتارلىق بىر قانچە ناخشىنى تېلېۋىزۇردا نەق مەيدان ئورۇنلاپ، پىلاستىنكىسى تارقالغاندىن كېيىن ، خاس ناخشا پىلاستىنكىسىدىنمۇ زور ئۈنۈم ۋە تەسىرگە ئىگە بولىدۇ.بولۇپمۇ ، << گۈزەل ئارال >> ناملىق نەق مەيدان ئورۇندىغان ناخشىسى شۇنچىلىك كەڭ تارقالغانكى، تەكلىماكاننىڭ خىلۋەتلىرىدىكى ياش بالىلارمۇ ئەلىزېنى بىر قاراپلا تونىۋالالايدۇ.

ئۇنىڭ تۇرمۇشىمۇ سەنئەتتىكى شۆھرەت قازىنىپ قېلىشىغا ئوخشاش تولىمۇ تاساددىپىي ۋە رۇمانتىك. ئۇ 2003-يىلى 3-ئايدىكى بىر مەيدان ناخشا كېچىلىكىدە،تۇيۇقسىز فىرانسىيەدىكى يەنە بىر يېڭى ناخشا چولپىنى-جېرېمي.چاتالائىن بىلەن تونۇشۇپ قېلىپ، ئۆز قەلبىدىكى << ئاق ئاتلىق شاھزادە >> نى تاپقاندەك بولىدۇ. ئىككىسى بىر كۆرۈپلا ئاشىق بولۇشۇپ ، تېزلا قايناق مۇھەببەت قاينىمىغا غەرق بولىدۇ. 11-ئايدىلا لاسۋىگاستا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ. ئارقىدىنلا، ئۆزى سەنئەت ھاياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە تۇرىۋاتقان شۇ پەيتلەردە تۇيۇقسىز بىر قارارنى – سەنئەت ساھەسىدىن چېكىنىدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ. بۇ قارار ئۇنىڭ دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە دېگۈدەك تارالغان مەستانىلىرىنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ.ئۆز تۇرمۇشىغا ھەمراھ بولۇپ كېلىۋاتقان سۈيۈملۈك پەرىشتىنىڭ چېكىنىشى مەستانىلەرنى گاراڭ ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ تۇرمۇشى ۋە سەنئەت ھاياتى ھەققىدە مەستانىلەرمۇ، تاراتقۇلارمۇ دېرەكسىز قالىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىنى ئۈنسىز كۈتىشىدۇ.كۈتكەنگە يارىشا، ئەلىزې قىزى تۇغۇلۇپ ئىككى يىلدىن كېيىن -- 2007-يىلى << مۇكەممەل ئوبرازى >> بىلەن سەنئەت ساھەسىگە قايتىپ كېلىپ، ئۆز مەستانىلىرىگە يولدىشى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن يېڭى پىلاستىنكىسى ( خاس ئۈچىنچى پىلاستىنكىسى )- << Psychédélices >> (                        ) نى تەقدىم قىلىدۇ. ئۈچ يىللىق تەييارلىقتىن كېيىن چىققان بۇ يېڭى پىلاستىنكا تېخىمۇ شۆھرەت قازىنىپ، يەنە بىر قېتىم << ئەلىزې دولقۇنى >> نى قوزغايدۇ.

ئۇنىڭ ناخشىلىرىدىكى سېھرى كۈچ نەدە ؟ نېمىشقا ئۇنىڭ پىلاستىنكىلىرى پارتلاش خاراكتېرلىك تەسىر قوزغايدۇ ؟ ئەلۋەتتە،سەنئەت ئەنئەنىسى ۋە مۇھىتىغا باي، قۇدرەتلىك ، ھازىرقى زامان مەنىسىدىكى دىموكراتىيەنىڭ بۆشىكى-فىرانسىيەدە  ياشاش بىر سەنئەتكارغا نىسبەتەن،ئالدى بىلەن ئەڭ مۇھىم مۇۋەپپەقىيەت ئامىلى ھېسابلانسىمۇ، لېكىن، بۇ سېھىرلىك زېمىندىكى تالانتلىق، ئىستىدادتلىق،پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغان كىشىلەرنىڭ كۆپلۈكى دۇنياغا تەسىر قىلغۇدەك ئۇتۇق قازىنىشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ نۇقتىدىن بىز ئەلىزېنىڭ تالانتى ، سۈپىتى ۋە ئىقتىدارىدىن گۇمانلىنىشقا ئاساسسىزمىز. ئۇ تۇغما تالانتلىق ۋە تەلەيلىك بولغاندىن باشقا، ئۇنىڭ ناخشىلىرىدا دۇنيا مىقياسىدا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن كېيىن توغۇلغانلارنىڭ ھېسسىياتى،تۇرمۇشى، ئىنتىلىشى ئەكس ئەتكەندىن سىرىت، يەنە ئۆتمۈش بىلەن بۈگۈن ئوتتۇرىسىدىكى تولىمۇ نازۇك ھېسسىي باغلىنىش ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. ئۇنىڭ ئاۋازىدا ساددىلىق ۋە قايناق كەيپىيات زىچ بىرىكىپ كەتكەن، ناخشىدىكى ھېسسىيات، مەزمۇن بىلەن ئۇنىڭ خاراكتېرى، سەمىمىي،گۈزەل، جەلىپكار ئوبرازى ، بىر-بىرىگە يەملىشىپ كېلىۋاتقان كۆركەم ھەرىكەتلىرى مۇكەممەل گارمونىيەنى ھاسىل قىلغان. ناخشىنسىنىڭ تېكىستى ۋە مېلودىيەسى ئۇنىڭ ئاۋاز تۈسىگە ۋە خاراكتېرىگە تولىمۇ ماس كەلگەن.يەنە بىر نۇقتىدىن، پۈرسەتنى تۇتۇش ۋە پايدىلىنىش ئىقتىدارىمۇ بارغانسېرى ئېشىپ بارغان. بىر ناخشىچىنى كۆتۈرىدىغان بارلىق مۇھىم ھالقىلارنى-پۇرسەت، ئىقتىساد، ھەمكارلىشىدىغان تالانتلىقلار قوشۇنى،تاماشىبىنلار قاتلىمى،ئاخبارات ۋاستىلىرىنى ئۆز ئەتىراپىغا قانداق جۇغلاش، ھەتتا پەرۋانىدەك چۆرگىلىتىشنى ، ئۆزىنى داۋاملىق تەربىيەلەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ مېڭىشنى بىلگەن ۋە بارا-بارا ئەمەلگە ئاشۇرغان.

گۈزەل ۋە ئىللىق چىراي ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئەسلىتىدىغان، بويى 1.61 مېتىر ، ئېغىرلىقى 45 كىلوگرام كېلىدىغان بۇ << مودا ناخشا خانىشى >> نىڭ مىجەزى ئوڭلۇق، تارتىنچاق، رۇمانتىك ۋە يۇمۇرىستىك.قارامتۇل قوڭۇر رەڭنى ياخشى كۆرىدۇ. فىرانسوز تىلىدىن باشقا، ئىنگلىز تىلىنى ئادەتتىكىچە بىلىدۇ، ئىتالىيان تىلى ۋە ئىسپان تىلىدىن ئاز-تولا خەۋەردار.ناخشا ۋە ئۇسسۇلدىن باشقا يەنە ، كومېدىيە ۋە مال سېتىۋېلىشقا ھەۋەس قىلىدۇ. ئۇسسۇلچى ۋە كومپىيوتېر ئىنژېنېرى بولۇش – ئۇنىڭ ھاياتىدىكى يەنە بىر كەسپى تەلپۈنىشى.


مەنبە -تەڭرىتاغ تورى .



Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1429 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى 16:27:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ ناخشىسىنى بەك ياخشى كۆرىمەن







مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2099
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى 16:36:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناخشىسىنى ئاڭلىسام شۇنداق يىقىملىق تۇيغۇ ھاسىل بۇلىدۇ،ئۆزىگىمۇ ھەۋەس بىلەن قايلاپ قالىمەن بەزىدە

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1429 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى 16:39:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باتۇرچەۋەنداز يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى 16:36
ناخشىسىنى ئاڭلىسام شۇنداق يىقىملىق تۇيغۇ ھاسىل بۇلىدۇ ...

ھېلىقى ئەلفىرەگە قايلىغاندەكما، دېمىگەن بىلەن باتۇر چەۋەندازنىڭ سەنئەتكارلارغا قىزىقىشى خېلى باركەن، كۆز تەگمىگەي

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
974 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
1702
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى 16:40:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باتۇرچەۋەنداز يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى 16:36
ناخشىسىنى ئاڭلىسام شۇنداق يىقىملىق تۇيغۇ ھاسىل بۇلىدۇ ...

تۇنۇگۈن ئاپتاپپەرەسكە ھەۋەس قىلغانتىڭىز ، بۈگۈن ....

Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2099
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى 16:42:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارسلان يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى 16:40
تۇنۇگۈن ئاپتاپپەرەسكە ھەۋەس قىلغانتىڭىز ، بۈگۈن . ...

ما ھەۋەس ئوخشىمايدۇ جۇماڭ ماخما

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2099
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى 16:45:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرۋەرى يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى 16:39
ھېلىقى ئەلفىرەگە قايلىغاندەكما، دېمىگەن بىلەن  ...


بۇ  بۇ بۇ  بۇ  بۇ   ئۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ،بۇنىڭدا قەتتى ياۋايى ھەۋسىم يوق بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   باتۇرچەۋەنداز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى 16:58  


ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2099
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى 17:00:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىرايلىق چەتئەللىك ئايال ناخشىچىلارنىڭ ئىسمىنىڭ بېشىغا ئەل كېلىدىكەن دىسە

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1429 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى 17:03:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باتۇرچەۋەنداز يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى 16:45
بۇ  بۇ بۇ  بۇ  بۇ   ئۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ،بۇنىڭدا قەتت ...


دىمەك باشقىلىرىغا ياۋايى ھەۋەس...........

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2099
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى 17:06:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرۋەرى يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى 17:03
دىمەك باشقىلىرىغا ياۋايى ھەۋەس...........

يۈرەككە ئوت چۈشسە بۇ بەك ياۋايى ھەۋەسكە كىرمەس ،دىگىنىم ئەمدى شۇ ئەلغىرەگە

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 08:37 , Processed in 0.059094 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش