يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 507|نەقىل: 7

ئالىي مەكتەپ قىزلىرى بىلىشكە تېگىشلىك 20 نوقتا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كونا ئەزا

زۆھرەگۈل

Rank: 3Rank: 3

توردا
130 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
625
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى 21:07:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1. قىزلار ناھايىتى سىلىق-سىپايە، نازاكەتلىك بولۇشى، ھەرگىزمۇ ھازازۇل –قوپال بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. ئەدەپ ئۇقمايدىغان قىزلار ئاسانلا باشقىلارنى بىزار قىلىپ قويىدۇ؛ ئېسىل، نازاكەتلىك قىزلار ھەممىلا يەردە باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ.

2. ئالىي مەكتەپ ھاياتى تولىمۇ قىسقا، قىزلار بۇ ۋاقىتتا گۈزەللىككە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ كىشىلىك پەزىلىتىنى تەربىيىلەشكىمۇ كۈچ سەرپ قىلىشى كېرەك. چۈنكى سىز 25 ياشتىن ھالقىغاندىن كېيىنلا، قېرىشىش كوچىسىغا قاراپ يول ئالىسىز، بۇ ۋاقىتتا سىزگە ئەسقاتىدىغىنى قورۇق چۈشكەن رۇخسارىڭىز بولماستىن، بەلكى كىشىلىك پەزىلىتىڭىزدۇر.

3. بىر ئايالنىڭ پەزىلىتى ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئەرنىڭ قانداق بولۇشىغا باغلىق، ئاياللارنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىش-ئۆمۈرلۈك ھەمراھىنى توغرا تاللىشىدۇر.

4. بىر ئەرنىڭ يامان ياكى ياخشىلىقىنى بىلىشتە، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بىر توپ دوستلىرىغا دىققەت قىلسىڭىزلا كۇپايە.
5. ئاياللارنىڭ دوستلۇق ھېسسىياتىنىڭ كېلىشى ۋە قايتىشى ئوخشاشلا تېز. ئەمەلىيەتتە ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىيات ئاچا-سىڭىللىق ھېسسىياتتىن ئىشەنچلىك، شۇڭلاشقا، سىز ئۇنى قەدىرلىسىڭىز بولىدۇ.

6. گىرىم بۇيۇملىرىغا سەرپ قىلىدىغان پۇلغا ياخشى كىتابتىن ئىككىنى سېتىۋالغىنىڭىز ياخشى، گىرىم لايىقىدا بولۇشى كېرەك، ئەمما بۇ سىزنىڭ گىرىم بىلەن بىلىم بىلەن ئۆزىڭىزنى نامايان قىلىدىغان ۋاقتىڭىز ئەمەس. ئالاھىدە گىرىم قىلغانلار قارىماققا باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتقاندەك قىلغىنى بىلەن، ئۆز ئىقتىدارى ۋە ساپاسى بىلەن باشقىلارغا قالدۇرغان تەسىر ھەرگىز ئۇنتۇلمايدۇ.

7. ساختا ئوغۇللار دائىم سىزنى ياخشى كۆرىدىغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرگەن ئوغۇل بالا  سىزگە «مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن» دەپ ئالدىراپ دېمەيدۇ، پەقەت دېيىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغاندا دەيدۇ. باشقا ۋاقىتتا سىزنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى پەقەت ئۆز كۆڭلىدە بىلىدۇ ھەمدە سىزگە سىز ئويلاپ باقمىغان ئۇسۇللار بىلەن ئىپادىلەيدۇ.

8. ئەگەر بىر ئوغۇل بالا سىزنى بىر كۆرۈپلا باشقىچە ھەۋەسلەردە بولغان بولسا، ئۇنداقتا بۇ سىزنىڭ مەغلۇبىيىتىڭىزدۇر. سىز بىر ناچار ئوغۇل بالىغا يولۇقۇپ قالغانلىقىڭىزغا ئاغرىنىپ يۈرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. چۈنكى بۇنىڭغا سىزنىڭ سالاھىيىتىڭىز سەۋەبچى بولغان.

9. سىزنىڭ تېخى ئىشلار ۋاقتىغا يەتمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئۆزىڭىزنى تەقدىم قىلغان پەيتىڭىز دەل ئۇنىڭ قەلبىدە قىممىتىڭىزنىڭ كۇرسى چۈشكەن ۋاقتىدۇر. ئەگەر سىز بارلىقىڭىزنى ئوغۇل دوستىڭىزغا ھەدىيە قىلىۋەتسىڭىز، ئۇنداقتا بولغۇسى ئېرىڭىزگە  زادى نېمىڭىزنى تەقدىم قىلىسىز؟!…

10. ئوغۇللار سىز ئويلىغاندەك ئۇنچە ياخشى بولماسلىقى مۇمكىن. شۇڭلاشقا، سىز ھامان چېكىنىش يولى قويۇپ قويسىڭىز بولىدۇ، چۈنكى سىز ئازابلانغان ۋاقىتتا ھەممىسى كېچىككەن بولىدۇ.  

11. ئوغۇللارنىڭ شېرىن-شېكەر سۆزلىرىگە ئالدىراپ ئىشىنىپ كەتمەڭ، چۈنكى بىر خەتنىمۇ تونۇمايدىغان ئوغۇللار ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغان قىزلارغا يولۇققاندا بىر پارچە شېئىرغا ئايلىنىدۇ. ئەمما شائىرلار ھەرگىزمۇ رېئال تۇرمۇشتا ياشىمايدۇ.

12. ئەگەر سىز ئوغۇل دوستىڭىز بىلەن ھېچيەرگە بېرىپ ئايلانمىغان بولسىڭىز، كىتابخانىلارغا بارسىڭىز بولىدۇ. سىز ئۇنىڭغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ كىتاب ئوقۇڭ، مۇشۇ پەيتنىڭ قانچىلىك رومانتىك ئىكەنلىكىنى ئۇ ھېس قىلماي قالمايدۇ.

13. بىرى سىزنى ياخشى كۆرسە، سىز ئۇنى ناھايىتى كىچىك ئىشلاردىنمۇ ھېس قىلالايسىز؛ ئوخشاشلا ئەگەر بىرى سىزنى ياخشى كۆرمىسە، سىز ئۇنى يەنە ئاشۇنداق كىچىك ئىشلاردىن بايقىيالايسىز.  

14.  ئەگەر سىز بىر يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە بىر ئەرنى بايقىغان ۋاقتىڭىزدا ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئەمەلىي ئىشلىرى توغرىلىق پىكىر ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ، شۇنداق قىلسىڭىز سىزمۇ مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇپ قالىسىز.  

15. ياخشى يىگىت ھەمراھ ئىزدەيدۇ، يەنى خوتۇن بولغۇدەك ياخشى قىز ئىزدەيدۇ، ئۇنىڭ ئىزدەيدىغىنى ھەرگىزمۇ كوچىدىكى سەتەڭلەرگە ئوخشىمايدۇ. شۇڭلاشقا سىز ئۆزىڭىزنىڭ زادى قايسى يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىڭىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىڭىز كېرەك.

16. مۇھەببەتلىشىش قانداقتۇر ئالىي مەكتەپتىكى جەزمەن « مەجبۇرىي ئوقۇلىدىغان دەرس» ئەمەس. شۇڭلاشقا سىز ئۇنى «تاللاپ ئوقۇلىدىغان دەرس» قىلسىڭىز بولىدۇ. ئەڭ ياخشىسى شۇنداق قىلىڭ.

17. ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ سىز كېيىنكى بەش يىللىق ھاياتىڭىزنى پىلانلاشقا باشلىسىڭىز بولىدۇ. سىز ئالدى بىلەن بۇ پىلانغا ئوغۇللارنى كىرگۈزمەڭ، يەنىلا ئۆزىڭىزدىن ئىبارەت بىرلا باش قەھرىمان بۇ پىلاننى ياخشى ئورۇندىسۇن، ھەرگىز ھۇرۇنلۇق قىلماڭ.

18. ھەر ۋاقىت بۆرىنىڭ ھۇجۇمىدىن ئېھتىيات قىلىڭ، بارلىق ماھارىتىڭىزنى ئىشقا سېلىپ ئۆزىڭىزنى قوغداڭ.

19. ئېسىڭىزدە بولسۇن، ئالىي مەكتەپتە ئوغۇللار ناھايىتى كۆپ، ئەمما ئەرلەر ساناقلىقلا. ئەر بىلەن ئوغۇلنىڭ پەرقى چوڭ. ئەرلەر بىلەن ئوغۇللار كۈچلۈك-ئاجىزلىق، پىشىش ياكى خاملىق جەھەتتە پەرقلەنمەستىن بەلكى، ھېسسىيات ۋە كەلگۈسى جەھەتتىكى كۈچلۈك مەسئۇلىيەت جەھەتتە پەرقلىنىدۇ. سىز ۋە باشقىلارنىڭ ئالدىدا قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن ئوغۇللارنىڭ ئىچىدە ئاخىرى ئەر بولالايدىغانلىرىنىڭ ناھايىتى ئاز ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭىز كېرەك.

20. ئېسىڭىزدە بولسۇن، بۇ دۇنيادا سىزنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرۈشىڭىزگە ئەرزىيدىغىنى ئاتا-ئانىڭىزدىن باشقا پەقەت ئۆزىڭىزلا.

مەنبە: تور دۇنياسى

Rank: 1

توردا
214 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
0
يازما
136
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى 08:52:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ دۇنيادا سىزنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرۈشىڭىزگە ئەرزىيدىغىنى ئاتا-ئانىڭىزدىن باشقا پەقەت ئۆزىڭىزلا.

ماۋۇ بەكلا جىڭ گەپ!

مۇزىكا ئىنسان روھىنىڭ ئېنژىنىرى!

Rank: 8Rank: 8

توردا
813 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
1384

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى 09:52:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
21. تىرىشىپ ئۆگىنىپ ۋەتەن خەلىققە ياراملىق ئادەم بولايلى!!!

ئۆي بەكلا ئىسسىپ كەتتى، تالا بەكلا سوغۇق

Rank: 3Rank: 3

توردا
766 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1416

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى 10:00:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىلودىيە يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى 08:52
بۇ دۇنيادا سىزنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرۈشىڭىزگە ئەرزىيدىغىنى  ...

توغرا دەيسىز مىلودىيە! ھەقىقەتەنمۇ ئەقىلللىق كىشى بۇنى بىلىپ يىتىشى تەس ئەمەس.
بۇ دۇنيادا سىزنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرۈشىڭىزگە ئەرزىيدىغىنى ئاتا-ئانىڭىزدىن باشقا پەقەت ئۆزىڭىزلا.
چۈشىنىش ياشىسۇن!

  ئالىي مەكتەپ بەك گۈزەل، ئۇنىڭدىكى كارتىنىلار ئاندىن گۈزەل. ئۇ ئىنساننىڭ ئۆز  ھاياتىدىكى ئېسىل باھار پەسلىدۇر.

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
495 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1893

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى 22:19:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە قىزلار ھازىر بۇنى تولۇقسىزدىلا ئەمىلىيلەشتۇرۈپ بولامدىكىن دەيمەن
لېكىن  مېنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ھاياتىم بەك كۆڭۈللۈكتى

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا

كونا ئەزا

زۆھرەگۈل

Rank: 3Rank: 3

توردا
130 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
625
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى 11:59:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Aydar يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى 09:52
21. تىرىشىپ ئۆگىنىپ ۋەتەن خەلىققە ياراملىق ئادەم بولايل ...

چالا قالغان يېرىنى ئايدار تولۇقلاپ ياخشى قىپسىز، ئەڭ مۇھىم نۇقتا چۈشۈپ قاپتۇ ئەمەسمۇ

باھاسى بار ئايالنىڭ قىممىتى بولمايدۇ،
قىممىتى بار ئايالنىڭ باھاسى بولمايدۇ.

Rank: 8Rank: 8

توردا
813 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
1384

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى 14:59:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەم ئەقىللىق بولسىمۇ باشقىچە بولىدۇ جۇمۇ

ئۆي بەكلا ئىسسىپ كەتتى، تالا بەكلا سوغۇق

Rank: 1

توردا
127 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
569
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى 17:11:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسىت  قىزلار  ئالىي  مەكتەپ  ھاياتىنى  ئوقۇشقا  قارىتىشى  كېرەك  بۇ  تەربىيلىنىشنىڭ  ياخشى  پەيىتى.بۇ  ۋاقىتتا  مۇھابەتلىشىش  كۆپۈنچە  ھاللاردا  دەرىستە  چىكىنىشنى  كەلتۈرۈپ  چىقىرىدۇ

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 00:21 , Processed in 0.053204 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش