يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1920 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 371|نەقىل: 3

ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
442
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 00:07:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلار ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخى تەجىربە -ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەپ ئۇزۇن ئۆمۇر كۆرۇشكە  پايدىلىق بولغان توغرا تۇرمۇش ئادەتلىرىنى يىتىلدۇرۇپ ئەسىرلەر داۋامى ئەۋلاتتىن- ئەۋلاتقا قالدۇرۇپ كەلمەكتە.
1. ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە پايدىلىق يىمەكلىكلەر بىلەن غىزالىنىش ؛ نان- ئوتتا قاقلاپ پىشۇرۇلىدۇ. بۇ يىمەكلىك تولىمۇ مىزىلىك ، يېيىشلىك ھەم سىڭشلىك، ھېچقانداق زىيىنى يوق ئاساسلىق يىمەكلىك. ئۇيغۇرلارنىڭ تاماقلىرى سەۋزە بىلەن باش پىيازدىن ئايرىلالمايدۇ. باش پىياز خولىستىرىننى تۆۋەنلىتىپ  مىكىرۇپ ئۆلتۇرۇپ،يۈرەكنى كۈچەيتىدۇ. قان شىكىرىنىڭ يۇقىرلاپ كىتىشنى توسۇش بىلەن بىللە  ئۇنىڭ تەركىبىدىكى گۇڭگۇرت  راكقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە. گۈش،سەۋزە،باش پىياز بىلەن شورپا قىلىپ ،نان چىلاپ يىسە  تولىمۇ قۇۋۋەتلىك تائام بولىدۇ. ئۇيغۇرلار يەنە ھەسەل، قېتىق، ياڭاق قاتارلىق يىمەكلىكلەر بىلەن ئوزۇقلىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ھەسەلنىڭ ئەزەلدىن تارتىپ  ساغلاملاشتۇرۇش يېمەكلىكى دېگەن نامى بار  بولۇپ،  ئۇ ئادەم بەدىنىنى سەككىز خىل ئاساسى ئامىنۇ كىسىلاتاسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. قېتىقتا كۆپ مىقداردا سۈت كىسىلاتاسى بولۇپ، ئۇ راكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ياڭاق تەركىبىدە ۋىتامىن ۋە مىنرالنى ماددىلار  ئىنتايىن مول بولۇپ، تەكشۈرۇشلەرگە قارىغاندا  دۇنيادىكى يۈزياشتىن ئاشقانلار يۇقىرقى يىمەكلىكلەردىن يىگەن ئىكەن.  ھەمدە ياڭاق بىلەن ئۈزۇمنى سوقماق قىلىپ قۇۋۋەتلىك ئوزۇقلۇق بىلەن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگۈچىلەر بۇنىڭدىن غىزالىنىپ كەلگەن.
2. سەھەر قوپۇش. بۇنىڭ ساغلاملىق ئۈچۇن  پايدىسى ئىنتايىن ياخشى بولغان. سەھەر قوپۇپ بىر ئىستاكان سۇۋۇتۇلغان قايناق سۇنى ئىچكەندە ئۆتكە تاش چۈشۇشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئۇ كېچىكىدىن يىغىلغان زەھەرنى  زەھەرسىزلەندۇرۇپ  ناشتا قىلىش ئارقىلىق بەدەننى ساغلاملاشتۇرىدۇ. ئەتىگەندىكى ھاۋا  تولىمۇ ساپ بولىدۇ. يامغۇر ياغقاندىن كىيىنكى  ھاۋا تېخمۇ شۇنداق، چۈنكى يامغۇر  ھاۋانى تازلاپ ساپلاشتۇرىدۇ.
3. ھەركەت قىلىش . << ھاياتلىق ھەركەت>تە  دېگەندەك مۇۋاپىق ھەركەت قىلىش ئارقىلىق چېنىقىپ بىرىشنى ئادەت قىلغان يۈزياشتىن ئاشقان ئۆمۈر چولپانلىرى كىچىكىدىن تارتىپ ئەمگەك قىلىشقا ئادەتلىنىپ كەلگەن.
4. ئاپتاپقا  مۇۋاپىق قاقلىنىپ بىرىش؛ سەھەر تۇرۇپ 30 مىنۇت پىيادە مىڭىپ ياكى ئاستا يۇگۈرۇپ بىرىش كىرەك بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
5. كىشىلەر بىلەن ئەپ ئۆتۇش كىرەك؛ ياخشى ئىش قىلغاندا ئادەمنىڭ كەيپىياتنىڭ جۇشقۇن، روھىي جەھەتتە خۇشال بولىدىغانلىقى يەنە ئادەمنىڭ ئىمۇنىتىت سىستىمىسىنىڭ ياخشلىنىدىغانلىقى بايقالغان.
مەنبە: ماتىريال

كەيپىم بەك چاغ

Rank: 3Rank: 3

توردا
766 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1416

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 15:50:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇداغا شۈكرى! گۈلسەنەم ئاستا-ئاستا ئەسلىگە قايتىۋاتقاندەك قىلىدۇ.:P

بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بەك ئېسىل ئەنئەنىللىرىمىز، ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بار. تۇرمۇشتىكى تۇتقان ھەر بىر يول شۇنچىلىك توغرا. نۇرغۇن ئادەتلىرىمىز خەلقئارادىكى دۆلەتلەرنىمۇ  ھەيران قالدۇرغان. نان، سەۋزە قاتارلىقلارنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى خېلى بۇرۇنلا تونۇپ يىتىپتىكەن ئەجدادلىرىمىز. مانا ئەمدىلىكتە ئوزۇقلۇق ئادەتلىرىمىز نۇرغۇن قوشنا مىللەتلەرنىمۇ قايىل قىلىۋاتىدۇ.
سەھەر تۇرغاندا ساپ ھاۋادىن نەپەس ئېلىش نىشانىغا يىتىپلا قالغىلى بولماستىن، ئۆي ئىچى-سىرتى تازىلىقىنىڭمۇ ناھايىتى ياخشى يۈرۈشۈپ مېڭىشقا پايدىلىقكەن. يەنە خوشنىلار ۋە ئەتراپتىكى ئادەملەر بىلەن ئەپ ئۆتۈشمۇ ناھايىتى ئېسىل ئەنئەنە. نۇرغۇن مىللەتلەر بۇنىڭ ئىنچىكە تەرەپلىرىنى چۈشىنىپ كېتەلمەيدۇ. ئىشقىلىپ بىزنىڭ يازساق تۈگىمەيدىغان ئېسىل ئادەتلىرىمىز بار مىللەت.

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 3Rank: 3

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
442
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى 20:33:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەھۋە يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 15:50
خۇداغا شۈكرى! گۈلسەنەم ئاستا-ئاستا ئەسلىگە قايتىۋاتقا ...

شۇنداق، ئەسلىمگە قايتىشقا تىرىشىۋاتىمەن:P

كەيپىم بەك چاغ

Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2099
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى 20:35:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىشىلەر بىلەن ئەپ ئۆتۇش كىرەك؛ ياخشى ئىش قىلغاندا ئادەمنىڭ كەيپىياتنىڭ جۇشقۇن، روھىي جەھەتتە خۇشال بولىدىغانلىقى يەنە ئادەمنىڭ ئىمۇنىتىت سىستىمىسىنىڭ ياخشلىنىدىغانلىقى بايقالغان.

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 11:19 , Processed in 0.080734 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش