يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1921 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 421|نەقىل: 8

مەن كىچىك ئەمەس [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
285 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
802
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى 15:20:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  كىچىك  ئەمەس

راست،ئوغلۇمنىڭ  چۇڭۇپ قالغانلىقىنى  سەزمەيلا  قاپتىمەن دىسە،ئۇنى  كىچىكىدىن باشلاپ «سىز» لەپ گەپ قىلاتتىم. ئەمما بەزى  ۋاقىتلاردا ئاچچىقلاپ  قالسام «سەن» لەپمۇ قوياتتىم. ئۆيدە  ھەممىمىز  بىر-بىرىمىزنى  سىزلەپ گەپلىشەتتتۇق، شۇڭلاشقىمىكىن 3 ياشقا كىرەي دەپ قالغان قىزىممۇ ھەممىمىزنى شۇنداق ئوماقلىق بىلەن سىزلەيتتى، ھەتتا ئۇنىڭ  ئاچچىقلاشلىرى، رەنجىشلىرىمۇ «سىز» بىلەن تۇلاتتى.
مېنىڭ  ھەدىسىلا «سىز چوڭ  بولغاندىكىن، سىڭلىڭىزغا  يول قويۇڭ....»دىيىشلىرىمدىن زېرىككەن ئوغلۇم بەزىدە  ئۆزىچە ئادەمنىڭ  ئىچىنى ئاغرىتىپ  سۆزلەپ  قۇياتتى. « چوڭ-چوڭ دەۋىرىدىكەنسىز، مەن ئەمدى 8 ياشقا كىردىم. مەن تېخى كىچىك، مەنمۇ كىچىك بالا، ماڭا كىم يول قويىدۇ ئەمىسە، ئەمدى  مەن ئارتۇقچە  بولۇپ قالدىممۇ؟ » دىگەندەك گەپلەر بىلەن ئۈزىنىڭمۇ  تىخى كىچىك  ئىكەنلىكىنى  ئىسپاتلىماقچى بولاتتى.
بالا تەربىيلەشكە ئائىت  شۇنچە  كۆپ كىتاپلارنى ئوقۇغانلىقىمغا  باقماي، ئويدىكى تۆت ئادەمنىڭ مۇناسىېۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىشتا بەزىدە  بېشىمنىڭ ئىچىمۇ، تېشىمۇ  قېتىپ  كېتەتتى.
نىمە بولدىكىن ئالدىنقى ھەپتە  ئوغلۇمنىڭ  مەن بىلەن  پاراڭلاشقۇسى  كىلىپ قالدى.
-مەن ئەمدى  كىچىك  ئەمەس-دەپ باشلىدى ئوغلۇم گىپىنى:
   ئۆتكەندە  مەن كىچىك دەپ تۇرىۋالغان، لېكىن ئۇ راست گىپىم ئەمەس، مەن چوڭ بولدۇم، شۇڭا  ھەمىشە  سىڭلىمغا  يان بېسىپ مىنى  بوزەك  قىلماڭ. بوۋامنىڭ ئۆيىگە بارساق مېنى سەنلىمىسۇن، ئىككى ئاچىڭىزغىمۇ دەپ قويۇڭ، ئۇلارمۇ سىز دىسۇن ، بولمىسا ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بارمايمەن. ياكى مەنمۇ سەن دەيمەن.  بەزى  نەرسە -كىرەكلەرنى ئۈزۈم  سېتىۋالاي، تاپشۇرۇقنى  ئىشلەپ بولسام قانداق ئوينىشىمنى بەلگۈلەپ بەرمەڭ،   ئۆيگە كەلسەم تاپشۇرۇقنىڭ  گىپىدىن باشقا گەپ يوق، بۇلۇپمۇ بۇ بىر يىلدىن بۇيان شۇنداق، ماڭىمۇ  ئەركىنلىك  بىرىڭ.  كىيىملىرىمنىڭ  پاسۇنىنى ئۈزۈم تاللاي.  ئاچچىقىڭىزنى كەلتۈرۈپ  سالساممۇ مىنى سەن دىمەڭ. ئەمدى  سەن دىسىڭىز  مەن سىزدىن رەنجىيمەن.  ئاچچىقىڭىزنى مەندىن ئالماڭ.   ماڭا خوشياقمىسا  كىتاپ ئۇقۇشقا  زورلىماڭ.  يەنە بەزى كىتاپلارنى چۈشەنمەيسىز  دەپ تۇرۇۋالماي  ئۇقۇغىلى قۇيۇڭ.
ئىشقىلىپ مەن چوڭ  بولدۇم. مەن كىچىك  ئەمەس.»
توۋا، ئوغلۇم راستىلا  چوڭ بولغان چېغى، بەزى گەپلەرنى  كىتاۋىلاشتۇرۇپ  دەپ  كىتىشلىرىچۇ تېخى. ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ  بولغاندىن كىيىن «بالام ، چوڭ بولغانلىقىڭىزنى بىلدىم» دىيەلىدىم،  باشقا گەپ قىلالمىدىم.  نىمە دەيمەن، نىمە دىيىشىمنى راستلا بىلەلمىدىم. لېكىن  نىمىدە كەتكۈزۈپ قويغانلىقىىمنى، بۇنىڭدىن كىيىن نىمىگە دىققەت قىلىشىمنى بىرئاز چۈشەنگەندەك بولدۇم. ئۇ نىمىشقا بۇنچە ئىتتىك  چوڭ بولىۋالدىكىنە؟ ئۇ راستتىنلا چوڭ بولدىمۇ ياكى تىلىۋىزۇر، كىتاپلار، مىنىڭ  تۈگىمەس كوتۇلداشلىرىم ئۇنى چوڭ قىلىپ قويدىمۇ؟
بىز بىلەن بىللە رادىئودىن خەۋەر ئاڭلاشلىرىنى، جاھاندىكى ئىشلار،  تارىخ ۋە تارىخى شەخىسلەرگە باشقىچە قىزىقىشىنى ئويلىسام، ئۇنىڭ يېشى بىلەن سېلىشتۇرپ كۆرسەم ئەنسىرەيمەن بەزىدە!
ئۇنىڭ چوڭ بولغانلىقىغا ئىشىنەيمۇ-يا؟! ماڭا مەسلىھەت بىرىڭلارچۇ؟


Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2110
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى 16:10:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالا تەربىيلەش ئۇسۇلىڭىزدا چوڭ مەسلىلەر يوقكەن.ئۆز-ئارا پىكىرلىشىدىغان ۋاقىتلار كۆپرەك بولسا تىخىمۇ  ياخشى بولاتتىكەن.
    يەنە نىمىگە ئىشەنمەيسىز ئوغلىڭىز چوڭ بولغىلى 8يىل بوپتۇ.:victory:

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 1

توردا
44 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
0
يازما
60
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى 17:03:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىڭىز چوڭ بولۇپتۇ بەزى ئىشلاردا دىققەت قىلمىسىڭىز بولمايدۇ جىمۇ؟ بالام كىچىك دەپ بىپەرۋا يۈرمەڭ ;P

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1430 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى 22:07:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ پەرىزىمچە بالىڭىزدا تۇنجى قېتىملىق قارشىلىق پىسخېكىسى شەكىللەنگەندەك قىلىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنى سىزگە چوڭ بولدۇم دىيىش ئارقىلىق ئەركىنلىككە ئېرىشمەكچىدەك قىلىدۇ. ئەمەليەتتە ئۇ چوڭ بولمىدى، بىراق ئۆزىنى چوڭ بولغاندەك كۆرسىتىپ سىزنىڭ كىچىكلەرگە قىلىدىغان، ئۆزى خالىمايدىغان مۇئامىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرماقچىدەك قىلىدۇ.
مېنىڭچە بالىڭىزنىڭ باشتا ئۆزىنى كىچىك دىيىش ئارقىلىق ئوخشاش بىر مۇئامىلىگە، ئوخشاش كۆيىنىشكە ئېرىشمەكچى ئىكەنلىكىنى، سىزدىن باراۋەرلىك تەلەپ قىلغانلىقىنى چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ، لېكىن تۇيۇقسىزلا چوڭ بولغانلىقىنى بىلدۈرگىنىدىن قارىغاندا سىز ئۇنىڭغا بەكلا كۆيۈنگەنلىكىڭىزدىن ئۇنىڭ ھەممە ئىشىنى تەڭ قىلىپ، ئۇنىڭغا مۇستەقىل ئىش قىلىش پۈرسىتى بەرمىگەنلىكىڭزدىن بولسا كېرەك، بارلىق ئاتا- ئانا نەزىرىدە بالا مەڭگۈ چوڭ بولمايدىغاندەك، ئۇلار مەڭگۈ كىچىك بالىدەك كۆرۈنگەچكە ئۇلارنىڭ ھەممە ئىشىغا كۆڭۈل بۆلگىمىز كېلىپ تۇرىدۇ، شۇڭا بالىلار ئۆزىدىكى بىزارلىقنى بىۋاستە ئىپادىيەلمەي مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا ئىپادىلىگەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلۇدۇم. مېنىڭچە بولسا بالىڭىز بىلەن كۆپىرەك سۆھبەتلىشىپ بېرىڭ، ئۇنىڭغا چوڭلاردەك، ئانىلاردەك ئەمەس دوستلاردەك مۇئامىلىدە تۇرۇپ سۆھبەتلىشىڭ، ئۇنىڭ ئۆزى ياقتۇرغان ئىشلارنى ئۆزىنىڭ مۇستەقىل قىلىشىغا يول قويۇڭ، بولسا يۇقۇردىكى تەلەپلىرىگە قوشۇلغاندىن سىرت ئارىلاپ  چوڭلار قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنىمۇ قىلغۇزۇپ بېقىڭ، مېنىڭچە بەزىبىر ئىزلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغاندا ياكى قىلىشقا كۆزى يەتمىگەندە ئۆزىنىڭ بالا ئىكەنلىكىنى چوقۇم ئېتىراپ قىلىدۇ.
ئۆزۈمنىڭ مىجەزىم يوق كومپيۇتېر ئالدىدا ئۇزۇن ئولتۇرۇشقا ئىمكانىيەت بولمىغاچ تاققا- تۇققا بولسىمۇ، ئولتۇرۇپ- قوپۇپ ئۆز قارىشىمنى سۆزلەپ قويدۇم.

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 1

توردا
214 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
0
يازما
136
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى 09:29:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ تېمىنى كۆرۈپ مەن يازغان ئوخشايمەن دەپ قاپتىمەن;Pنىمىشقا دېسىڭىز،باللىرىڭىزنىڭ چوڭ كىچىكلىگى،چوڭىنىڭ ئوغۇل،كىچىگىنىڭ قىزلىغى،ھەتتا سىزنىڭ ئوغلىڭىزغا دىگەن گەپلىرىڭىزدىن تارتىپ،مېنىڭ ئائىلەمدىكىگە ئوخشايدىكەن.مېنىڭ ئوغلۇممۇ 8ياشقا،قىزىم 2.5 ياشقا كىردى.مېنىڭمۇ 2ئاچام بار.مەنمۇ ئوغلۇمغا سىز ئەمدى چوڭ بولدىڭىز دىسەم،ئۇمەن تېخى كىچىك دەيدۇ............................................خۇددى سىزنىڭ ئوغلىڭىزدەكلا!:L
مەنمۇ كىمدىن مەسلىھەت ئالسام بولار دەپ يۈرەتتىم.مەرۋەرىنىڭ ئىنكاسنى ئوقۇپ،كۆڭلۈم يورۇپ كەتتى.مەنمۇ سىناپ باقاي!!!كۆپ رەھمەت!:victory::victory: بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مىلودىيە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى 14:13  


مۇزىكا ئىنسان روھىنىڭ ئېنژىنىرى!

Rank: 3Rank: 3

توردا
766 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1416

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى 16:05:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا خۇدايىم...:L نېمە ئىش بۇ. دوستلارنىڭ كۆڭلى ئاشۇنداق بىر-بىرىگە تۇتاش بولامدىغاندۇ؟
  مەن بۇ تېمىغا كىرىپ، ئوقۇشقا ئالدىراپ كېتىپ  ئىگىسىگە قارىماستىن ئوقۇپ چىقىپتىمەن ھەم ئىنكاسلارنى كۆرۈپ بولۇپ، ئاندىن بۇ تېمىنىڭ ئىگىسىنىڭ مىلودىيە ئەمەسلىكىنى ئېتراپ قىلدىم.:L توۋا، مەن مىلودىيە يازغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن.......:L
مەرۋەرى بەك ئورۇنلۇق پىكىر قىپتۇ. شاھزادەم چوڭ بولغاندا ئاندىن ماڭا پىكىر قىلىشقا نۆۋەت كەلگۈدەك .

باھا سۆز

مىلودىيە  خۇددى مەن يازغاندەكلا ھە؟  يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى 08:56:52
ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 8Rank: 8

توردا
170 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
983

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى 17:50:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
8 ياش ۋاقىت بالىلارنىڭ ئاق قارىنى ۋە گۈزەللىكنى ھېس قىلىدىغان ۋاقتى.
5 ياشلىق كىچىك بالىنىڭ يېنىغا 2 ياشلىق بالىنى تۇرغۇزۇپ قويسىڭىز، ئۇ ئۇكىسىغا خۇددى ئاپىسى سۆزلىگەندەك ئەركىلىتىپ، ئىش ئۆگىتىپ سۆزلەپ كېتىدۇ. 2 ياشلىق بالىنىڭ ئالدىدىلا شۇ ئاكىسىنى بىر ئەيىپلىسە، ئاكىسىنىڭ غورۇرىغا تىگىدۇ.
8 ياش ۋاقىت دىگەن بىر بالىنىڭ 2،3-سىنىپقا چىققان ۋاقتى. شۇ ۋاقىتتا مەن تۇنجى قېتىم قىز بالا ساۋاقداشلارنىڭ تولىمۇ چىرايلىق ھەم خۇشپۇراق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان.(بۇ مەخپىيىتىم ئىدى ئەسلى) :L ، دىمەك ئەمدى شۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپلا خەققە چىرايلىق كۆرىنىش، خەقنى ياخشى كۆرۈش دىگەننىڭ تۇنجى تاتلىق چوقانلىرى پەيدا بولىدۇ.

باھا سۆز

مىلودىيە  8ياشتىلا ياخشى كۆرۈش پەيدا بولامدا؟؟ۋاي خۇدايىم!  يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى 08:59:55
بىر ئۇستاز ئۇچرىشىپ دوزاخ ھەم بېھىش،ئۆزەڭدە دىدى ئۇ ئېزىپ يۈرمىگىن -ھەييام

Rank: 8Rank: 8

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1938

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى 11:23:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
saye يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى 17:50
8 ياش ۋاقىت بالىلارنىڭ ئاق قارىنى ۋە گۈزەللىكنى ھېس قىل ...

ئۇف،،، ما ئىنكاسنى قانداق قىلاي؟
سەككىز ياشقا كىرە-كىرمەي تۇرۇپ قىزلارغا قىزىققىلى تۇرغان بولسا ھازىر.........:L:lol

Rank: 8Rank: 8

توردا
170 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
983

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى 14:35:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇلالىق يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى 11:23
ئۇف،،، ما ئىنكاسنى قانداق قىلاي؟
سەككىز ياشقا كىرە-كى ...

ھازىر شۇنداق بەختلىك ئائىلىدىن بىرنى قۇرۇپ چىقتىم، رەھمەت!:lol

بىر ئۇستاز ئۇچرىشىپ دوزاخ ھەم بېھىش،ئۆزەڭدە دىدى ئۇ ئېزىپ يۈرمىگىن -ھەييام
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 16:23 , Processed in 0.087569 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش