يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 300|نەقىل: 2

« دۇنيا ئۇيغۇر تىلى كۈنى » شەنىگە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
52 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى
نادىر
0
يازما
96
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى 13:41:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« دۇنيا ئۇيغۇر تىلى كۈنى » شەنىگە

ب د ت پەن – مەدەنىيەت ئورگىنى (UNESCO ) نىڭ بېكىتىشى بىلەن ھەر يىلى 2 – ئاينىڭ 21 – كۈنى 2000 – يىلدىن باشلاپ ‹‹ دۇنيا ئانا تىل كۈنى ›› دەپ قۇتلانماقتا. باشقىچە ئېيتقاندا، بۈگۈن ئۇيغۇر تىلىنى ئانا تىل سۈپىتىدە ئەزىزلەيدىغان كىشىلەر ( يەنى ئۇيغۇرلار ) ئۈچۈن << دۇنيا ئۇيغۇر تىلى كۈنى >> دۇر! نۆۋەتتىكى يازمىمىز دەل << دۇنيا ئۇيغۇر تىلى كۈنى >> شەنىگە بېغىشلانغان.
تىل ئالاقە ۋاستىسى ۋە تەپەككۇر قۇرالى، شۇنداقلا مىللەتنىڭ مەنىۋى ئومۇرتقىسى، مىللىي مەۋجۇدلۇقىنىڭ زۆرۈر كاپالىتى، مىللەت تەرەققىياتىنىڭ سولماس قانىتى. دۇنيادىكى بارچە تىللار ئوخشاش گۈزەل ۋە بۈيۈك ھېسابلانسىمۇ، ئەمما ھەر مىللەت ئۈچۈن ئۆز ئانا تىلى ئەڭ مۇقەددەستۇر!
« دۇنيا ئۇيغۇر تىلى كۈنى » شەنىگە

ب د ت پەن – مەدەنىيەت ئورگىنى (UNESCO ) نىڭ بېكىتىشى بىلەن ھەر يىلى 2 – ئاينىڭ 21 – كۈنى 2000 – يىلدىن باشلاپ ‹‹ دۇنيا ئانا تىل كۈنى ›› دەپ قۇتلانماقتا. باشقىچە ئېيتقاندا، بۈگۈن ئۇيغۇر تىلىنى ئانا تىل سۈپىتىدە ئەزىزلەيدىغان كىشىلەر ( يەنى ئۇيغۇرلار ) ئۈچۈن << دۇنيا ئۇيغۇر تىلى كۈنى >> دۇر! نۆۋەتتىكى يازمىمىز دەل << دۇنيا ئۇيغۇر تىلى كۈنى >> شەنىگە بېغىشلانغان.
تىل ئالاقە ۋاستىسى ۋە تەپەككۇر قۇرالى، شۇنداقلا مىللەتنىڭ مەنىۋى ئومۇرتقىسى، مىللىي مەۋجۇدلۇقىنىڭ زۆرۈر كاپالىتى، مىللەت تەرەققىياتىنىڭ سولماس قانىتى. دۇنيادىكى بارچە تىللار ئوخشاش گۈزەل ۋە بۈيۈك ھېسابلانسىمۇ، ئەمما ھەر مىللەت ئۈچۈن ئۆز ئانا تىلى ئەڭ مۇقەددەستۇر!
ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلى ! ئۇيغۇر تىلى – ئۇيغۇرنىڭ جېنى!
ھەر بىر ئۇيغۇر پۇشتى ئۇيغۇر تىلىنىڭ شان – شەرىپىنى قوغداش، ساپلىقى ۋە گۈزەللىكىنى ساقلاش، پاساھىتى ۋە بالاغىتىنى جەۋلان قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆز ئانا تىلى ‹‹ ئۇيغۇر تىلى ›› نى قەدىرلىشى ، ئۇنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىشى، ئىجتىمائىي ئالاقىلەردە ئۇنى سۆيۈنۈش ئىلكىدە ئىشلىتىشى كېرەك. ئىنسان پەقەت ۋە پەقەت ئانا تىل تەپەككۇرى ئارقىلىقلا ئۆزىنىڭ يۈكسەك پەللىسىنى يارىتالىشى مۇمكىن. ئېينىشتىيىنمۇ ئەگەر ئانا تىلى – نىمىس تىلى ئارقىلىق تەپەككۇر قىلمىغان بولسا ئىلىم – پەننىڭ چوققىسىغا مۇۋاپپەقىيەتلىك ئۆرلىيەلمىگەن بولاتتى. بىز يەنە شۇنى ئۈمىد قىلىمىزكى، ھەر بىر ئۇيغۇر پەرزەنتى مىللەتنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى نامايىش قىلىش، مىللەتنىڭ گۈزەل كېلەچىكىنى يارىتىش ئۈچۈن چوقۇم خەنزۇ ، ئېنگىلىز تىللىرىغا ئوخشاش باشقا بىر قانچە تىلنى ئىگىلىشى لازىم. بىر تىلنى ئارتۇق بىلگەنلىك ، ھېكمەت قەسىرلىرىدىن بىرىنىڭ ئاچقۇچنى ئارتۇق ئىگىلىگەنلىك؛ بىر تىلنى ئارتۇق بىلگەنلىك دۇنيانى چۈشىنىشنىڭ يېڭى بىر خىل ئۇسۇلىغا ئېرىشكەنلىك؛ بىر تىلنى ئارتۇق بىلگەنلىك جاھاندارچىلىقنىڭ يەنە بىر يولىنى تاپقانلىقتۇر. ئانا تىلنى باشقا تىللار بىلەن قارمۇ – قارشى قويۇپ قويماسلىق ، تىل ئۆگىنىشنى بىر تۈرلۈك زۆرۈر مەنىۋىي ساپا سۈپىتىدە تونۇش كېرەك.
يېقىنقى يىللاردىن بېرى، ھۆكۈمىتىمىز ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىنى قوغداش جەھەتتە زور خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. مەسىلەن، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىدىكى پەن كەسىپلەرنى ئېچىش، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل – يېزىقىدىكى نەشىرىياتچىلىقنى زور كۈچ بىلەن قوللاش قاتارلىق. ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىنى قوغداش ئارقىلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى تېگىشلىك ھۆرمەت ۋە تەرەققىيات ئىمكانىغا ئىگە قىلدى.
ئەمما ، مانا شۇنداق چوڭ ياخشى ۋەزىيەتتە ئانا تىل تەربىيىسى بىر چەتتە بويۇن قىسىپ قالسا ، بوغۇنلار باشقا تىللاردا قۇشقاچتەك سايراپ، ئۆز ئانا تىلىدا << ئانا ، دادا >> دېيەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالسا ، بۇ تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئەھۋال بولمامدۇ؟!… تۈركىي مىللەتلەرنىڭ پەخىرلىك يازغۇچىسى چېڭغىز ئايتىماتوف: «كۆپ تىللىق بولۇش شەراپەت، ئانا تىلنى بىلمەسلىك جىنايەت» دەپ تولىمۇ توغرا ئېيتقان. شۇڭا، بىز شۇنى تەكلىپ قىلىمىزىكى، ئاتا – ئانىلار ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى – بۇرچىنى تولۇق تونۇپ، مەكتەپلەردىكى ئانا تىل تەربىيىسى سالمىقى تۆۋەنلىگەن شارائىت ئاستىدا ئائىلىدىكى ئانا تىل تەربىيىسى سالمىقىنى ئاشۇرۇشى ، ئەدىناسى پەرزەنتلىرىنى ئانا تىلىدىن مەھرۇم قويماسلىقلىرى كېرەك.

سەمىمىزدە بولسۇنكى، ئانا تىل ـــــ ئانىمىزنىڭ تىلى! سڭقۇسەلى تۇتۇڭ، مەھمۇد كاشغەرى ، يۈسۈپ خاس ھاجىب، ئەلشىر ناۋايى …. نىڭ تىلى! مۇقاملىرىمىزنىڭ كۈي- چەشمىلىرىگە، مىڭ ئۆيلىرىمىزنىڭ نەقىش-بېزەكلىرىگە، ھەتتا قان-قېنىمىزغا، تومۇر-تومۇرلىرىمىزغا سىڭگەن تىل، ھەمىمىز «ئانا» دەپ تۇنجى ئېغىزلانغان تىل.
خۇلاسە، مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى ئويلايمىز، پەرزەنتىمىزنى توغرا تەپەككۇرغا، ساغلام روھى ھالەتكە ئىگە قىلىمىز دەيدىكەنمىز، ئانا تىلمىز – ئۇيغۇر تىلىنى سۆيەيلى، پەرزەنتلىرىمىزگە ئانا تىلنى ئۆگىتەيلى!!!


مەنبە: يۈكسەل بلوگى










Rank: 8Rank: 8

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1938

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى 20:51:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىلىمنى مەڭگۈ قەدىرلەيمەن!
مۇشۇ سۆز يېتەرلىك!

Rank: 1

توردا
127 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
569
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى 15:58:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىڭىز بەك ياخشىكەن.ھازىز بالىلىرىمىزنى خەنزۇ تىل سىنىپدا ئوقۇتىۋاتقان بولساقمۇ لىكىن ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلىمىزنىمۇ چۇقۇم ئۆگۈتۈپ قۇيىشىمىز زۆرۇر.بۇ بىزنىڭ مەجبۇريىتىمىز.ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەيلى،ھەم تىخىمۇ مۇستەھكەملەيلى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 09:02 , Processed in 0.049279 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش