يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1921 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 354|نەقىل: 3

ئانا تىلنى توغرا ئىشلىتەيلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنبەر مەسئۇلى

مۇنبەر تېخنىكى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
875 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى
نادىر
0
يازما
160

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى 21:19:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنۋېرىستېتى ئاخبارات تارقىتىش ئىنىستىتۇتىدىن بىلقىز سۇلايمان

مۇنبەردىكى ئەزا نامى: kizilgul


    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم 7قىز مۇنبىرىدىكى ئەزىزلەر، مەنكى بېلقىز سۇلايمان سەل كېچىككەن بولساممۇ بۈگۈنكى دۇنيا ئانا تىل بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن، ئەسلى تۈنۈگۈن ياكى ئەتتىگەندە يوللىماقچى ئىدىم، ئەتتىگەندىن بۇيان ھەقىقەتەن ۋاقىت چىقىرالمىدىم. ھېلى ھەم بولسىمۇ بۇ ماقالىنى يوللىمىسام، ئانا تىل ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلمىغاندەك، ئۆزۈمنى گۇناھكاردەك ھېس قىلدىم. كەچۈرگەيسىلەر! ئانا تىلنى قوغداش ھەممىمىزنىڭ بۇرچى. قوغداش نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ئانا تىلنى توغرا ئىشلىتىش، ئۆز تىلىدا توغرا سۆزلەش ۋە توغرا يېزىش بۇ تىلنى قوغدىغانلىقتۇر. بۇ ماقالە ئاز بولسىمۇ بىر نەرسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەر دېگەن ئۈمىدتىمەن.

     《بىر مىللەتنىڭ تىلى _ شۇ مىللەتنىڭ كىملىكىدۇر》،《تىل _ ئىنسان ۋۇجۇدى ئاسمىنىنىڭ جاھاننى نۇرلاندۇرغۇچى يۇلتۇزىدۇر》.《تىل _  قەلبنىڭ ئاچقۇچىدۇر》. دانالىرىمىز تىلغا ئەنە ئەشۇنداق تەبىرلەرنى بەرگەن. تىل شۇنداق بىر ئىجتىمائىي ھادىسىكى، ئۇ مەلۇم بىر ئىجتىمائىي كوللىكتىپ، يەنى مەلۇم  بىر مىللەت ئۈچۈن بىرلىككە كەلگەن ئورتاق ئىجتىمائىي ھادىسە بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس بىر يۈرۈش  قائىدە-قانۇنىيەتلىرى بولىدۇ. ھەربىرئادەم شۇ تىلنىڭ قائىدىسى بويىچە سۆزلىگەندە ۋە يازغاندىلا، ئاندىن ئۆز مەقسىدىنى باشقىلارغا ئۇقتۇرالايدۇ. تىل قائىدىسىدە ھەر قانداق بىر شەخسنىڭ (ئۇ مەيلى قانداق ئادەم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر)تىلنى خالىغانچە بۇزۇشىغا، ئۆزگەرتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. تىلنى  خالىغانچە بۇزۇش، ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتىش شۇ  ئادەمنىڭ تەربىيەلىنىشى ۋە بىلىم ساپاسىنىڭ يېتەرسىز  ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىغان ئامىل بولۇپلا قالماي يەنە _ تىل-يېزىق خىزمىتىدىكى مەسئۇليەتسىزلىك ھېسابلىنىدۇ.  
    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىزنىڭ رادىيو_تېلېۋىزىيە پىرۇگىراممىلىرىمىز كۈنسېرى جانلىنىپ، پارتىيە_ ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەت، ئەمىر-پەرمانلىرىنى خەلققە ۋاقتىدا يەتكۈزۈش، كەڭ خەلق    ئاممىسىنىڭ كۈنسايىن  ئېشىۋاتقان مەنىۋىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. بۇ جەريانىدا كىشىنى قايىل قىلغۇدەك سۆزى راۋان، چۈشىنىشلىك، تىلى تاتلىق دىكتور، رىياسەتچىلىرىمىز  بارلىققا كېلىپ،  تەدرىجى كۈچىيىپ، خەلقىمىز قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىۋاتىدۇ. خەلقىمىز بۇنداق تىل ئۇستىلىرىدىن پەخىرلىنىدۇ، سۆيۈنىدۇ ئەلبەتتە. بىراق، يەنە بىر قىسىم دىكتور، رىياسەتچى ۋە ئاۋاز ئارتىستلىرىمىزنىڭ تىلىدا   تۈزەتمىسە بولمايدىغان بىر قىسىم  نوقسانلار ساقلىنىۋاتىدۇ. بۇ نوقسانلار شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىگىلا ئەمەس، بەلكى شۇ ساھەدە ئىشلەۋاتقان بارلىق خادىملارنىڭ، شۇ ئىدارىنىڭ، ھەتتا بىرمىللەتنىڭ ئوبرازىغا نوقسان يەتكۈزىدۇ. چۈنكى، رادىيو_تېلېۋىزىيە پارتىيە_ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقات ئاپاراتى، تەشۋىقات كانىيى، بىلىم_مەرىپەت، ئەدەب-ئەخلاق ۋە بارلىق يېڭىلىقلارنى تارقاتقۇچى ئەڭ مۇھىم ۋاستە بولۇپ ، دىكتور_رىياسەتچىلەر پارتىيە_ھۆكۈمەتكە، پۈتۈن خەلققە، بىر مىللەتكە  ۋاكالىتەن سۆزلەيدۇ. شۇڭا، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى تىلنى توغرا  ئىشلىتىشكە  ئالاھىدە دىققەت قىلىشى، تىل ئىشلىتىشتىكى ئۇستىلاردىن بولۇشى لازىم ئىدى. ئەپسۇس، ئايرىم ساندىكى دىكتور_رىياسەتچىلىرىمىز تىلنى خالىغانچە  بۇزۇۋاتىدۇ. جۈملە  ئاھاڭى يەنى ئىنتۇناتسىيە، پائۇزا يەنى توختاش دېگەنلەرنى تازا  جايىدا ئىپادىلىمەيدۇ. سۆزلەرنىڭ تەركىبىدىكى تاۋۇشلارنى خاتا تەلەپپۇز قىلىدۇ، بەزى قوشۇمچىلارنى خالىغانچە قوشۇپ قويىدۇ، بىلىش كېرەككى، ئاھاڭ  (ئىنتۇناتسىيە)، پائۇزا(توختاش)، قوشۇمچە قاتارلىقلارنىڭ  ھەممىسى مەنە ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن: رادىيۇدا بېرىلگەن بىر خەۋەردە: ”ئامېرىكا ئارمىيىسى  ئىراقلىق بىر ئەر-خوتۇننى ئېتىۋەتتى “دېگەن جۈملىنى دىكتور:  ”ئامېرىكا ئارمىيىسى ئىراقلىق بىر ئەر،خوتۇننى ئېتىۋەتتى “دەپ ، جۈملىنىڭ توختىمايدىغان يېرىدە توختاپ، ئەسلىدىكى جۈملىنى مۈجىمەل قىلىۋەتكەن. بۇنى دىكتورنىڭ ئوقۇغىنى بويىچە چۈشەنگەندە:” ئامېرىكا ئارمىيىسى بىلەن بىر ئىراقلىق ئەر بىر خوتۇننى ئېتىۋەتتى “بولۇپ قالىدۇ.
  《ياسانچۇق بەگزادىلەر》ناملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرىدا بىر پېرسۇناژ:”مېنىڭ ئاكام شائىرە “ دەيدۇ. بۇ جۈملىدىكى” شائىرە“دېگەن سۆزنىڭ ئاخىرىدىكى”ە“ قوشۇمچىسى خاتا قوشۇلغان. بۇ يەردىكى” ە“ قو- شۇمچىسى ئەرەب تىلىدىن كىرىپ ئۆزلەشكەن قوشۇمچە بولۇپ، ئىش-ھەرىكەت ئىگىسىنىڭ  ئايال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان جىنىس قوشۇمچىسى.”ئاكام “دېيىلگەن ئىكەن، ”شائىر “دېيىش كېرەك ئىدى، ئەپسۇس، ”شائىر “  دېگەن سۆزنىڭ كەينىگە” ە“ قوشۇمچىسىنى قوشۇپ قويۇپ، ئەرنى ئايالغا ئۆزگەرتىۋەتكەن.
  ئۇيغۇر تىلىدىكى 32فونېمىنىڭ سۆز تەركىبىدە مەنە پەرقلەندۈرۈش رولى بار. بولمىسا  ئۇ تىلدا مەۋجۇد بولۇپ تۇرالمايدۇ. بىر فونېمىنىڭ (تاۋۇشنىڭ)ئورنىغا يەنە  بىر فونېمىنى قويۇشقا بولمايدۇ. بولمىسا مەنە   ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. ئەمما، بەزى دىكتورلار بەزى سۆزلەرنىڭ تەركىبىدىكى فونېما (تاۋۇش)لارنى خالىغانچە ئۆزگەرتىپ تەلەپپۇز قىلىدۇ. مەسىلەن:” رايون“ دېگەن سۆزنى ئايرىم دىكتورلار ئىزچىل ھالدا”راھون “ دەپ تەلەپپۇز قىلىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ تىلى ”ي“ غا كەلمەمدۇ ياكى باشقا سەۋەب بارمىدۇ؟ يەنە بەزى دىكتورلار:”يىل “نى”جىل “، ”يىلقا “نى”جىلقا “...دەپ تەلەپپۇز قىلىدۇ. (بۇنداق مىساللار ناھايىتى كۆپ، دېققەت قىلسىڭىز بۇنداق مىساللارنى كۈندە نەچچە قېتىم ئۇچرىتالايسىز)
يەنە شۇنى دېگۈم كېلىدۇ: بىر پىرۇگىراممىنى ئىشلەشكە بىرمۇنچە ئادەم قاتنىشىدۇ. شۇ     پىرۇگىراممىنىڭ ئاخىرىدا دىققەت قىلسىڭىز دىكتور –رىياسەتچى، ئاۋاز ئارتىسىدىن باشقا  تەرجىمان، مۇھەررىر، مەسئۇل مۇھەررىر، نازارەتچى، باش نازارەتچى دەپ بىرمۇنچە ئادەمنىڭ ئىسمى چىقىدۇ. بۇلار نېمىنى تەھرىرلەيدۇ؟ نېمىنى نازارەت قىلىدۇ؟
  مەيلى تەرجىمان، مۇھەررىر ۋە ياكى نازارەتچى بولسۇن، مەيلى دىكتور، رىياسەتچى بولسۇن، تىلنىڭ  قائىدىلىرىنى پىششىق ئىگىلىشىنى، ئۆز خىزمىتىدە ئەستايىدىلراق، مەسئۇليەتچانراق بولۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
   بەزىلەر: سىياسىي خاتالىق بولمىسىلا، ئۇ دېگەن كىچىك ئىشلار دەپ قارايدىكەن. شۇنى بىلىش كېرەككى، بەزى كىچىك ئىشلار چوڭ ئىشلارغا سەۋەب بولۇپ قالىدۇ،كىچىك ئىشلاردىن چوڭ ئىشلار ھاسىل    بولىدۇ.جەمئىيەتتىكى باشقا كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئۈچۈن، تىلنى خالىغانچە بۇزۇش كىچىك    ئىشلار بولۇشى مۇمكىن،(ئەگەر شۇنداق دېيىشكە توغرا كەلسە)لېكىن،رادىيۇ،تېلېۋىزىيە پىرۇگىراممىلىرى ۋە بۇ ئورۇندا ئىشلەيدىغانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا بىر پەش،(پائۇزا)، ئاڭاڭ(ئىنتۇناتسىيە)، بىر تاۋۇشمۇ ناھايىتى مۇھىم. ۋاقتى كەلسە بىر پەش ياكى بىر ئاھاڭمۇ سىزگە خېلى چوڭ ئاۋارىچىلىقلارنى كەلتۈرۈشى مۇمكىن. يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەندەك، دىكتور، رىياسەتچىلەر تىل ئىشلىتىش ئۇستىلىرىدىن بولۇشى، جەمئىيەتتىكى باشقا كىشىلەرگە تىلنى قانداق ئىشلىتىشنى ئۆگىتىشتە ئۈلگە بولۇشى كېرەككى، تىلنى بۇزغۇچىلاردىن بولماسلىقى، مەخسۇس تىل بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تۇرۇپ، باشقا ساھەدىكى كىشىلەرگىمۇ يەتمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالماسلىقى كېرەك.
  ھازىرقى جەمئىيەتتە بەزىلەر ماختاشقىلا ھېرىسمەن بولۇپ، ئۆزىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى باشقىلارنىڭ كۆرسىتىپ بېرىشىنى خالىمايدىغان، مەن نېمىشقا شۇنداق قىلغاندىمەن؟ دېگەننىڭ ئورنىغا، مېنى نېمىشقا شۇنداق دەيدۇ؟ دەپ ۋايسايدىغان بولۇپ كەتتى. شۇنداقتىمۇ بۇنداقلارنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ، نوقسانلارغا يول قويىۋەرسەك بولماس؟ بولۇپمۇ ھەممىمىزگە ئورتاق بولغان تىلنى خالىغانچە بۇزۇشقا قاراپ تۇرساق  بولمايدۇ-دە!
  ھەر قانداق بىر نەرسىنىڭ ئىگىسى بولغىنىدەك، تىلنىڭمۇ ئىگىسى بار، ئۇ بولسىمۇ خەلق پۈتۈن خەلققە ۋاكالىتەن تىلنى باشقۇرىدىغان، تىلنى قېلىپقا سالىدىغان《تىل يېزىق كومېتىتى 》بار. 《تىل يېزىق   كومېتىتى》نەچچە يىلدىن بېرى تىلنى  قېلىپلاشتۇرۇش، بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۆپ خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىلىرىنى قايتا تۈزىتىپ ، تېخى يېقىندىلا(2009-يىلنىڭ  ئاخىرى) نەشىر قىلدۇردى. تىلنى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلدى. بۇ نەتىجىلەرگە نۇرغۇن ئالىم ، مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئۇزۇن يىللىق جاپالىق ئەمگىكى سىڭدى. تىلنى خالىغانچە بۇزۇش، تىل قائىدىسگە ھۆرمەت قىلماسلىق ئەمەلىيەتتە، ئەشۇ ئالىم ، مۇتەخەسىسلەرنىڭ،《تىل يېزىق كومېتىتى》خادىملىرىنىڭ جاپالىق مېھنىتىگە، مىللەتكە، قانۇنغا ھۆرمەت قىلمىغانلىق.
   رادىيو_تېلېۋىزىيە ئورۇنلىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ  رادىيو _تېلېۋىزىيە خىزمىتىكى تىل قائىدىسىگە ئۇيغۇن بولمىغان نوقسانلارنى تۈزىتىش ئۈچۈن، ئۈنۈملۈك بولغان ئەمەلىي چارە-تەدبىرلەرنى  قوللىنىشى، بۇنىڭغا يۈكسەك دەرىجىدە ئېتىبار بېرىشى ئىنتايىن زۆرۈر.
   ئىنسانلار ھەرقانچە ئىقتىدارلىق بولسىمۇ، ئۆز يۈزىدىكى قارىنى كۆرۈش ئىقتىدارى بولمىغاچقا، ئەينەكنى كەشىپ قىلغان ئىكەن. بۇ ماقالىمۇ ئەينەكچىلىك رول ئوينىيالىسا، مېنىڭ ۋە ماڭا ئوخشاش پىكىردىكىلەرنىڭ ياخشى نىيىتى لايىقىدا جاۋابقا ئېرىشكەن بولاتتى.

بۇ ماقالە 2010-يىلى «رادىيو تېلېۋىزىيە گۈلزارى»ژورنىلىغا  بېسىلغان.


«قىسمەت» لىرىمگە كۈلمە بۇرادەر، ھەممە ئىشقا «يەتتە قىز» گۇۋاھ !

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
287 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
802
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى 22:56:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىلنى قەدىرلەشنى ھەممىمىز ئۈزىمىزدىن ،كىچىك ئىشلاردىن باشلىساق، بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقارساقلا بەزى ئىشلار ئاستا-ئاستا ئوڭشىلىپ كىتەرمىكىن دىگەن ئۈمىدتە مەن.
ئىرادە مۇھىم ئەمەس،ھەممىدىن مۇھىمى ھەرىكەت!

زىمىستاندا ھارارەتكە،زۇلمەتتە نۇرغا تەشنا بولساڭ...يېنىڭدا مەن بار...

Rank: 3Rank: 3

توردا
766 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1416

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى 09:21:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزىلگۈل ھەدىمىز بۇ ماقالىنى  بەك ياخشى يېزىپتۇ. مەنمۇ ئانا تىل توغرىلىق بىرەر تېما يوللاشنى ئويلىغان، ئەمما ئارمانغۇ چۇشلۇق دەرمان يوق بولۇپ قالغان ئىدى.
  بۇ ماقالىدىكى بىر نەچچە مىساللار بەك ئىلمى ئېلىنىپتۇ. ئەمما مېنىڭ كاللامدىن ئۆتمىگىنى «ياسانچۇق بەگزادىلەر» فىلىمىنى رايونىمىزدىكى نوپۇزلۇق تېلىۋېزىيە ئىستانسىسى تەرجىمە بۆلۈمى تەرجىمە قىلغان تۇرۇقلۇق، نېمە ئۈچۈن ئاشۇنداق چوڭ خاتالىشىشنىڭ كېلىپ چىقىشىغا يول قويىدۇ؟ قارىغاندا ئاخبارات ساھەسىدىكىلەرنىڭ تىل-يېزىق، ئانا تىل توغرىسكى چۈشەنچىللىرى يەنىلا يۈزەكى. تەھرىرلەر مەسئۇلىيەتچان ئەمەس، ۋەياكى ئەدەبىياتنى ياخشى ئوقۇمىغان، ۋە ياكى سەل قارىغان، دېگەندەك. ھەدىمىز بۇ نۇقتىنى ياخشى تېپىپ چىقىپتۇ.
  تىلىمىزغا ھۆرمەت قىلمىغانلىقىمىز مىللىتىمىزغا ھۆرمەت قىلمىغانلىقىمىز، شۇنداقلا ئۆز-ئۆزىمىزنى ھۆرمەت قىلمىغانلىق بولىدۇ. ئۆزىمىزنى ئېتراپ قىلمىغانلىق بولىدۇ. مىللەتنىڭ ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ تىلىدا، مەدەنىيىتىدە ئىپادىلىنىدۇ.
  ھەممىمىز ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئانا تىلىمىزنى قوغدايلى، ئاسرايلى! ئازراق بولسىمۇ ئانا تىلمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ قويايلى! بولۇپمۇ كەلگۈسىگە يۈز كېلەلەيدىغان بولايلى، بالىلارنى ئويلايلى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقەرىلەر بىزگە بىباھا گۆھەرلەرنى قالدۇرۇپتىكەن. بىز كېيىنكىلەرگە نېمە قالدۇرىمىز؟ ھېچ بولمىغاندا بۇزۇلمىغان، ساپ تىلىمىزنى قالدۇرايلى!!!

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 1

توردا
127 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
569
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى 17:03:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا  ھەممىمىز  دىققەت  قىلايلى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 21:17 , Processed in 0.057895 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش