يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1920 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 305|نەقىل: 1

ئىگلىك تىكلەش توغرىسدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
10 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى
نادىر
0
يازما
26
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى 00:10:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىگلىك تىكلەش توغرىسدا


ئەسسالاممۇ –ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار مەن يىقىندىن بۇيان قانداق قىلغاندا  ئاز مەبلەغ بىلەن كۆپ ئىقتىسادى قىممەت ياراتقىلى بۇلدۇ،دېگەن تېما ئۈستىدە كۆپرەك ئويلىندىغان بوپ قالدىم ،ھەم ئىگىلىك تىكلەش توغىرسىدا ئاز –تۇلا ئىزدىنىپ باقتىم .
جەمىيتىمىزگە قارايدىغان بولساق ،ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ جەميەتكە تۆھپە قۇشۋاتقان ، كۆزگە كۈرۈنگەن داڭلىق كارخانچىلار كۆپلەپ بارلىققا كىلۋاتىدۇ، مىكروسوفىت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بىلگايتىسنىڭ كومپىيوتېر ساھەسىدىكى مۇۋاپېقيەتلىرى ، ئارمان شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى رادىل ئابلا ئاكىمىزنىڭ يىمەك –ئىچمەك ساھەسىگە قوشقان تۆھپىللىرى ،ئۇنىڭدىن باشقا جەميەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئىقتىسادى قىممەت يارتىۋاتقان كارخانچىلارنىڭ مۇۋاپېقيەتلىرى بىزنى قايىل قىلماي  تۇرالمايدۇ ،ئەلۋەتتە بىلگايتىس ۋە رادىل ئابلا ئاكىمىزدەك داڭلىق  كارخانچىلار، تۇغۇلۇپلا كارخانچى بۇلۇپ تۈرەلگەن ئەمەس .ئۈزىنىڭ تىرشچانلىقى ۋەجاپالىق ئەمگىكىگە  تايىنىپ ئىگلىك تىكلەپ ،ئقتىسادى قىممەت ياراتقان .ھەمدە مۇۋاپېقيەت قازنىشنى ئويلاۋاتقان ياشلىرىمىزغا ئىگىلىك تىكلەشنىڭ يۇلىنى كۆرسىتىپ بەرگەن ،مىنىڭچە بىزمۇ تىرشىپ.تىرمىشىپ ئىگىلىك تىكلەش توغىرسىدا ئىزدىنىپ  باقساق رادىل ئابلا ئاكىمىزدەك داڭلىق كارخانچى بۇلالمىغان تەقدىردىمۇ ئۈزىمىزگە ئاز-تۇلا چىقىش يۇلى تاپالايمىز دەپ ئويلايمەن .
تور دۇنياسىغا قارايدىغان بولساق ھەرخىل تىلللاردىكى تور ئۇچۇر مەركەزلىردە ئىگىلىك تىكلەش توغىرسىدىكى ئۇچۇرلار كۈزىمىزگە چىلىقىپ تۇرىدۇ ،بەزىلىرىنى ئۇقۇپ ئۆتسەكمۇ بەزىللىرنى ئۇقۇشقا ۋاقتىمىز چىقماي كۆز يۈگۈرتىپلا ئۈتۈپ كىتمىز ،مەن يىقىندا تور ئارلاۋىتىپ ئىقتىساد ۋە ئىگىلىك تىكلەش توغىرسىدىكى  بەزى ئۇچۇرلارنى ئەستائىدىل ئۇقۇپ  كۆردۈم ،بۇ ئۇچۇرلرنىڭ كۈپۈنچىسى  ‹‹ئىگىلك تىكلەشنى خالامسىز ؟››تىز باي بولغىڭىز بارمۇ ؟‹‹قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكللەشنى خالامسىز ؟››‹‹ئاز مەبلەغ بىلەن كۆپ پۇل تاپقىڭىز بارمۇ ؟››دېگەندەك مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە  ئالىدىكەن .بۇ ئۇچۇرلارنىڭ كۈپۈنچىسدە ئۆزنىڭ  تىرشچانلىقىغا تايىنىپ قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلەشنى ،ئاز مەبلەغ بىلەن كۆپ ئىقتىسادقا ئىگە بۇلشنى مەخسەت قىلغان  ياشلار كۆزدە تۇتۇلغان ئىكەن، ،بۇ ئۇچۇرلارنى تارقاتقان شىركەتلەرنىڭ بەزىللىرگە 600يۈەن مەبلەغ بىلەن ،مەبلەغ سالغۇچى بۇلۇپ كىرگىلى بۇلدىكەن ،بەزىللىرگە ئۈزىنىڭ ئىقتىدارىغا ،تىرشچانلىقىغا تايىنىپ قۇرۇق قول، ئەزا بۇلۇپ ئىقتىسادىي قىممەت ياراتقىلى بۇلدىكەن ،يەنە بەزى شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلرىنىڭ ۋاكالەتچىلكىنى سېتۋىلىپ ئىقتىسادىنى تەرەققي قىلدۇرغىلى بۇلدىكەن ،مەيلى ئاز مەبلەغ بىلەن پۇل تېپېش بولسۇن .مەيلى قۇرۇق قول ئىگىلك تىكلەش بولسۇن ،ھەممسلا تىرشچانلىقنى جاپالىق ئەمگەكنى تەلەپ قىلدۇ ،ھەم ئۈزىگە نىسبەتەن ئىشەنچ بۇلۇش كىرەك .
،مەن يۇقارقى مەزمۇنلارنى دېيىش ئارقىلىق يۇقىرقىدەك شىركەتلەرگە مەبلەغ سالسىڭىز ئىگىلىك تىكلەپ مۇۋاپېقيەت قازنالايسىز دېمەكچى ئەمەس ،مۇۋاپىقيەت قازنىشنى ئۇيلاۋاتقان ياشلار ئەگەر قىلشقا قۇربىمىز يەتسە  يۇقرقىدەك پۇرسەتلەردىن پايدىلنىپ ئۈزىمىزگە ماس كەلگەن ئىگىلىك تىكلەش يۇلنى تۇتۇپ ئۈزىمىزنى سىناپ باقساق  نەتىجسنى كۈرەلىشمىز مۇمكىن .
ئەمدى ئۆز گىپىمىزگە كەلسەك قانداق قىلغاندا ‹‹ئاز مەبلەغ بىلەن كۆپ ئىقتىسادىي قىممەت ياراتقىلى بۇلدۇ ؟››دىگەن تېما ئۈستىدە تورداشلار بىلەن پىكىرلەشمەكچىمەن .
مىنىڭچە بولغاندا مەيلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرغانلار بۇلسۇن ،مەيلى ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇۋېتىپ ئۆزئالدىغا پۇل تېپىپ ئاتا-ئانىسنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىشنى ئۇيلاۋاتقانلار بولسۇن ،ياكى جەميەتتكە چىقىپ بولغان ،ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ ئىقتىساتقا ئىگە بۇلشنى خالايدىغانلار بولسۇن ،ۋەياكى ھۈكمەت ئۇرۇندا خىزمەت قىلۋاتقان ،خىزمىتىدىن سىرىت بىر ئىش قىلىپ تىخمۇ كۆپ ئىناۋەت -شان شەرەپنى،ئىقتىسادنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۇيلاۋاتقانلار بولسۇن ، ئۈزىگە ئىشىنىىپ نەزەر دائىرسىنى كىڭىەيتىپ تىرشچانلىق كۆرسەتسە مۇۋاپېقيەت قازنالايدۇ  .ئەلۋەتتە بۇ مۇۋاپىقيەت قازىنىشنى ئىككى ئىغىز گەپ بىلەنلا ھەل قىلغىلى بۇلدىغان ئىش ئەمەس ، ‹‹كونىلاردا ئۈزىگە ئىشنىش ،مۇۋاپېقيەت قازنىشنڭ ئاساسى›› دەيدىغان گەپ بار ،ھەرقانداق ئىشنى قىلشتا ئىجتىمائى ئەمليەتنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا ، ئۈزىمىزگە ئىشنىپ  تىرىشچانلىق كۆرسەتسەك ئۈنىمىنى كۈرەلەيمىز.بىز مۇۋاپىقيەتكە ئىنتىلگۈچى بۇلۇش سۈپپىتىمىز بىلەن  دانالارنىڭ مۇۋەپېقيەت توغىرسىدىكى كىتاپلىرنى ،ھىكمەتلىك سۆزلىرنى ئۇقۇپ باققان بۇلشىمىز مۇمكىن .ئاشۇ كىتابلاردا ئىيتىلغىندەك ھەربىر كىشى ئۈزىنىڭ قىلشقا قۇربى يىتىدىغان ،جەميەتتە كىشلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرشىپ كېلۋاتقا شەرىت –شارائىتى ماس كىلدىغان ئىشنى تاللاپ ھەركەتلىنىپ باقسا ئۈزى ئۇيلاپ باقمىغان مۇۋاپېقيەتلەرگە نەتىجلەرگە ئېرشەلىشى مۇمكىن ،مەسلەن :ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان سېتودېىت بولسىڭىز ،سىزنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئىگەللەپ چىققان كەسپىڭىزگە ماس كىلدىغان ،ياكى قىلشقا كۈزىڭىز يەتكەن ،ئشلارغا مەبلەغ سىلىپ،ئۈزىڭىزنىڭ تىرشچانلىقى بىلەن  ئۈگەنگەن بىلمىڭىزنى بىرلەستۈرۈپ ھەركەتلىنىپ باقسىڭىز نەتىجە يارتالايسىز ،زىيان تارتىڭىز ،مەغلۇپ بولدىڭىزدېگەن تەقدىردىمۇ ،تەجىربە –ساۋاققا ئىگە بۇلۇپ كىينكى ئىشلىرىڭىز ئۈچۈن ئۇل سالالايسىز ...
،ئالىي مەكتەپتە ئۇقۋاتقان ،ئۇقۇشتىن سىرىت پۇل تېپشنى ئۇيلاۋاتقان ئۇقۇغۇچى بولسىڭىز ،ئۈگنىشڭىزگە تەسىر يەتمىگەن ئاساستا ،ۋاقتىڭىز، شارائىتىڭىز ،ماس كىلدىغان ئىشلارغا تۇتۇش قىلىپ ئەمىليەتنى چىقىش قىلغان ئاساستا تىرشىپ باقسىڭىىز مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كىيىنمۇ ئىقتساتتىن ،خىزمەتتىن ،غەم قىلماي،ھۈكىمەتنىڭ مۇئاشىغا تايانمايمۇ  ئۆزئالدىڭزغا ئىگىلىك تىكلەپ جان بېقىپ كىتەليدىغان ئىقتىدارنى ھازىرلىيالىشىڭىز مۇمكىن ،مۇھىم بىر مەسلە پۇل تاپتىم دەپ ئۈگنىشنى تاشلاپ قويسىڭىز سىزنىڭ مۇۋاپىقيىتىڭىز ئۇزۇنغا بارمايدۇ.شۇڭا شەرىت –شارائىت جەھەتتىن ئۈزىڭىزگە ماس كىلدىغان ئىشنى تاللىشىڭز كىرەك .
جەميەتكە چىقىپ بولغان ياش بولسىڭىز ئۈزىڭىزنىڭ جەميەتتىكى مۇناسىۋەت دائىرىڭىزدىن پايدىلنىپ ،جەميەتنى كۈزتىپ جەميەتتە مۇھىم ئۇرۇننى ئىگلەۋاتقان ،خەلىقنىڭ قوللىشغا ئىرشىۋاتقان ،ئىقتىسادىي قىممەت يارتىشقا كۈزىڭىز يەتكەن، تۈرلەرگە مەبلەغ سىلىپ ئۈزىڭىزنى سىناپ باقسىڭىز بەلگىلىك نەتىجىگە ئىرشىپ جەميەتتە بىر كىشلىك ئورنىڭزنى تاپالىشىڭىز مۇمكىن .
خىزمەت قىلۋاتقان ،خىزمىتىدىن سىرىت ئۆزئالدىغا ئىگلىك تىكلەشنى ئويلغانلار بولسىڭىز خىزمىتىڭىزنىڭ قۇلايلقىدىن، خىزمەت قىلىش جەريانىدىكى مۇناسىۋەت دائىرىڭىزدىن ،خىزمەت تەجىربىڭىزدىن پايدىلىنىپ ،ئىگلىك تىكلەش توغىرسىدىكى ئۇچۇرلارنى ياخشى ئىگەللەپ ھەركەتلىنىپ باقسىڭىز قوش قىممەت يارتالىشىڭىز مۇمكىن ،خىزمەت قىلۋىتىپ ئىگلىك تىكلەپ خىزمىتىدىن ئستىپا بىرىپ داڭلىق كارخانچىلارغا ئايانغانلارمۇ ئىنتايىن كۆپ،بۇيەردە تەكىتلەۋاتقىنىمىز خىزمەتنى تاشلاپ كارخانچى بولسا ياخشى دىگەنلىك ئەمەس .ئەمىليتىڭىزگە بېقىپ ئىش قىلسىڭىز بۇلىدۇ .
‹‹مەغلۇبىيەت غەلبىنىڭ ئانسى ››ئىگىلىك تىكلەيمىز دەيدىكەنمىز غەلبە بىلەن مەغلۇبىيەت تەڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىدۇ ،قىلغان ئىشمىزنىڭ ھەممىسنىڭ ئۈنۈمنى كۈرۈپ مۇۋاپېقيەت قازنالىشىمىز ناتايىن ،مۇۋاپېقيەت قازانغاندا بولسا مۇۋاپېقيتىمىزدىن مەغرۇرلانماي داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىسەك ،مەغلۇپ بولغاندا تەجىربە ساۋاقنى يەكۈنلەپ تېخمۇ تىرشسپ ئىشلىسەك  ئىشلىرىمىز نەتىجىلىك ئۈنۈملۈك بۇلىدۇ .
ئەمدى تورداشلارنىڭمۇ ،ئاز مەبلەغ بىلەن كۆپ پۇل تىپىش ،ئىگىلىك تىكلەش توغىرسىدا پىكىر يۈرگۈزۈپ ئۈزنىڭ قاراشلىرنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ بېقىشىنى ئۈمۈد قىلمەن .

مەنبە:ئويلىغانلىرىم


Rank: 8Rank: 8

توردا
237 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
642

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى 09:41:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىگىلىك تىكلۇگىچىلەر بولسا مۇ مۇنبەرگە كىرىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز.


http://www.xjparlan.com/shownews ... &smallclassid=0




كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 15:42 , Processed in 0.147028 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش