يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 759 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 869|ئىنكاس: 12

ئاشخانىدىكى خەتەردىن نېمىلەرنى بىلىسىز؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
231 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى 20:14:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈز تەگلىك قازان (خەتەر دەرىجىسى: 5 – دەرىجە) بۇنىڭدا تۇۋاقسىز تۈز تەگلىك قازان ئەڭ خەتەرلىك. شۇڭا ياخشىسى تۇۋاقلىق چوڭقۇرراق قازان ئىشلەتكەن ياخشى. بۇنداق قازانغا تاسادىپىي ئوت كەتسە، بىخەتەر ئوت ئۆچۈرۈش تەدبىرلىرىنى چوقۇم ئەستە تۇتۇش لازىم، يەنى ئاۋۋال گاز ئوچىقىنى ئېتىش ياكى توكنى ئۈزۈۋېتىش؛ ئاندىن ھۆللەنگەن لۆڭگە بىلەن قازاننىڭ ئاغزىنى تاكى ئوت ئۆچكىچە يېپىپ قويۇش لازىم. ئوت كەتكەن قازاننى ئاشخانىدىن ئېلىپ چىقىشقا ياكى سۇ قۇيۇشقا قەتئىي بولمايدۇ.

   توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەر (خەتەر دەرىجىسى: 4 – دەرىجە) توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەرنى ئېرىگەن ھامان، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يېۋىتىش كېرەك، ئۇنى قايتىدىن توڭلاتقۇغا سېلىپ توڭلاتماسلىق لازىم. يېمەكلىك قايتا توڭلىتىلغاندىن كېيىن، ئاسانلا سالمۇنېللا باكتېرىيەسى ۋە لىسىت باكتېرىيەسىنىڭ < يېتىلىش بازىسى > غا ئايلىنىپ قالىدۇ.

   مىكرو دولقۇنلۇق دوخۇپكا (خەتەر دەرىجىسى: 3 – دەرىجە) مىكرو دولقۇنلۇق دوخۇپكىدا ئېشىپ قالغان يېمەكلىكلەرنى ئىسسىتقاندا، تېمپېراتۇرا قايناش نۇقتىسىدىن ئاشقاندىن كېيىنمۇ، يېمەكلىكتە كۆپۈكچە پەيدا بولمايدۇ. شۇڭا، يېمەكلىكنى مىكرو دولقۇنلۇق دوخۇپكىدىن ئالغاندا، ئېھتىيات قىلىنمىسا، قول ھوردا ئاسانلا كۆيۈپ قالىدۇ.

   توڭلاتقۇ (خەتەر دەرىجىسى: 2 – دەرىجە) توڭلاتقۇدىكى پىششىق ۋە خام يېمەكلىكلەر ئارىسىدا ئۆز – ئارا باكتېرىيە يۇقۇش ئېھتىماللىقى ئەڭ چوڭ بولىدۇ. شۇڭا، خام گۆشلەرنى ياخشى ئوراپ، توڭلىتىش قاچىسىنىڭ ئاستىغا قويۇپ، گۆشتىن سىرغىپ چىققان قاننىڭ باشقا يېمەكلىكلەرنى بۇلغاپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.

   يېمەكلىك ئورالمىلىرى (خەتەر دەرىجىسى: 2 – دەرىجە) ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 2009 – يىلىدىكى بىر دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مۇھىتتىكى ئانىلىق ھورمون بالىلارغا، بولۇپمۇ ئوغۇل بالىلارنىڭ ساغلاملىقىغا زور خەۋپ ئېلىپ كېلىدىكەن. كۆپلىگەن يالتىراق خالتا، ئورالمىلارنىڭ تەركىبىدە ئورتوفتالىك كىسلاتا تۇزى قاتارلىق <ئانىلىق ھورمون خىمىيەلىك ماددا>لىرى، يالتىراق يېمەكلىك ئورالمىلىرى ۋە كونسېرۋا قۇتىلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سىرنىڭ تەركىبىدىكى قوش فىنول A راك كېسىلىنى، شۇنداقلا ئىسپېرما سانىنىڭ ئازىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قىز – ئوغۇل تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزغۇچى ئەڭ ئاساسلىق ئامىل ئىكەن

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 3Rank: 3

توردا
160 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
488
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى 01:50:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي ، مەن تىخى  گاز ، توك دىگەنلەرنى دىدىمىكىن دەپتىمەن

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ ~

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1850

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى 12:48:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خانىم-قىزلار دىققەت قىلىدىغان ئىشكەن.
مىكرو دولقۇنلۇق دوخوپكىدا تاماق قىزىتقاندا ئېھتىيات قىلاي.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
833

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى 12:53:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەتەرلىك دەرىجىسى 1-دەرىجىلىكتىن ھالىقىغان خەتەرلەر: رەتسىز قويۇلغان پىچاق، سىلىق سۈرتۈلگەن فار فور خىش، ئاغزى ئوچۇق چايدان، ئاچچىقلانغان خوتۇن، ئۆلۈپ قالغان چاشقان، رۇخسەتسىز كىرگەن بالا، تولۇق ئېتىلمىگەن گاز ئوچاق، رەڭ قارغۇسى بولغان ئاشپەز . . .

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1850

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى 12:55:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
saye بۇ يازمىنى 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى 12:53 دە يوللىغان
خەتەرلىك دەرىجىسى 1-دەرىجىلىكتىن ھالىقىغان خەتەرلەر: رەتسىز قويۇلغان پىچاق، سىلىق سۈرتۈلگەن فار فور خىش، ئاغ ...

سايە ھەممىدىن خەۋەرداركەنسىزا؟

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 8Rank: 8

توردا
156 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى
نادىر
1
يازما
458

Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى 20:37:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سايەنىڭ ئىنكاسىنىڭ تولۇقلىمىسى : قىمار ئۇستىلى ئالدىدىكى ئەر ، چالا مەست ئەر  ، تاماكا خۇمار ئەر .......

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
833

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى 10:04:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ayqiz بۇ يازمىنى 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى 20:37 دە يوللىغان
سايەنىڭ ئىنكاسىنىڭ تولۇقلىمىسى : قىمار ئۇستىلى ئالدىدىكى ئەر ، چالا مەست ئەر  ، تاماكا خۇمار ئەر .......


يۇقۇرىقىدىكى ئەرلەرمۇ ئاشخانىدىكى خەتەرگە كىرەمدۇ؟   
ئەمىسە ئانالىز قىلىپ باقايلى :
قىمار ئۈستىلىدىكى ئەر : بۇنداق ئەرلەرنىڭ قىمارغا خۇمارلىق نىسبىتى ئالاھىدە يۇقۇرى،ئاشخانىغا ئەمەس، ئائىلىگىمۇ قايتىشى تەس،مەسئۇلىيەتسىز،ئائىلىگە كۆيۈمسىز ئەرلەر قاتارىغا قوشىۋەتسەك بولىدۇ. دىمەك،ئاشخانا خەتىرىگە چېتىلمايدۇ.
چالامەست ئەر: ئاشخانىغا كىرىش ئېھتىمالى بار، ئەمما چوڭ ئەمەس. چالا مەست ئەرلەر باشقا سورۇنلاردا كەيپىنى قايتىدىن توشقۇزۇش ئېھتىمالى 84پىرسەنت،ئەقلىنى يىغىپ شۈكرى قىلىپ ئارام ئالىدىغانلىرى 10 پىرسەنت، ئائىلىگە قايتىپ ئاشخانىدىن يىمەكلىك ئېلىپ ئۆزى تەييارلايدىغانلار 1 پىرسەنت، خوتۇنىغا تەييارلىتىدىغانلىرى 5 پىرسەنت. گەرچە بۇ تۈردىكى ئەرلەرنىڭ ئاشخانىدىكى خەتەرلىك نىسبىتىنى يوق دىيىشكە بولمىسىمۇ ئەمما چوڭ ئەمەس، خەتەرلىك دەرىجىسىنى يىنىك دەپ قارىساق بولىدۇ، ئەمما چالا مەست كىرىپ ئاشخانىدىكى خوتۇننى غەزىپىنى قوزغاپ قويسا بۇ خەتەر بىراقلا 1-دەرىجىلىكتىن ئاشىدۇ.
تاماكا  خۇمارى كۈچلۈك ئەر: تاماكا چىكىدىغان ئەرلەر تاماكىنى ئاساسەن چاقماق ( ياقماق) بىلەن ياندۇرۇدىغان بوپ كەتتى، بۇرۇنقىدەك سەرەڭگە ئىزلەپ ئاشخانىغا كىرىدىغانلار ناھايىتى ئاز، ھەرقانداق تاماكا خۇمارى كۈچلۈك بولغان ئەرمۇ ھەرگىز ئاشخانىدىكى      گاز ئوچاقتىن تاماكىسىنى تۇتاشتۇرمايدۇ، شۇڭا ئاشخانىدىن سەرەڭگە ئەكىرىشتىن باشقا ئىشقا كىرمەيدىغان ئەرلەر ئۈچۈن ئاشخانىدىكى خەتەر بولۇش دەرىجىسىگە توشمايدۇ. شۇڭا مەلۇم بىر ھادىسىلەرنى ھىسابقا ئالمىغاندا بۇخىلدىكى ئەرلەرنى ئاشخانىدىكى خەتىرى بار ئەھۋاللاردىن ساقىت قىلساق تامامەن بولىدۇ.

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
560 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1178

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى 12:45:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەھشەت ئانالىز بوپتىغۇ بۇ!

يېمەكلىك ئورالمىلىرى (خەتەر دەرىجىسى: 2 – دەرىجە)
مۇشۇ بىزنىڭ ئۆيدىكى بەزەنلەر يېمەكلىكلەرنى ئوراپلا تۇرىدۇ. بالا ئىككىلەڭلارغا زىيانلىق، دېسەم بىرمۇنچە پەلسەپە سۆزلەيدۇ. ئەمدى قۇلاقتىن تارتىپ ئەكىرىپ كۆرسىتىدىغان يەرگە يەتتى...

رەھمەت ئانار! بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك نەرسىلەركەن. بۈگۈنكىدەك ھەممىلا ئادەم قوساق ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتقان كۈنلەردە ئاشخانا بىلىملىرىنى بىلىۋېلىش زۆرۈر.

[ Coffee بۇ يازمىنى  2010-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى 12:48  دە تەھرىرلىگەن. ]

Rank: 3Rank: 3

توردا
56 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى
نادىر
1
يازما
224
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى 00:10:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر يالتىراق خالتىلاردىن ئايرىلالماس بولۇپ قالدۇق ، ئورىمىساق تېخى ، ئورىساق تېخى ... گېزىتكە ئورىغىلى يا بولمىغان ، ئەمدى رەخكە ئوراپ سېلىشنىڭ ئورنى يوق ، قانداق قىلىشىپ كەتتۇقكىن تاڭ ، ھەي !!! ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
150 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
833

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى 00:34:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاماقنى ئوخشىتىپ ئەتسەڭ، يىيىلىپ تۈگىسە ئورىمىساڭلا بولمىدىمۇ؟
گۆشنى ئۇششاق پارچىلاپ، يىمەكلىكنىڭ مەخسۇس دېزىنفىكىسيە قىلىنغان يالتىراقنى ئىشلەت. بولسا خوشناڭنىڭ توڭلاتقۇسىغا ئەكىرىپ قوي، بىرىنچىدىن توكنى تىجەيسەن، ئىككىنچىدىن ئۆزۇڭنىڭ گۆشىنى قالدۇرۇپ قويۇپ، خوشناڭنىڭ گۆشىنى توغراپ ئىشلىتىۋەر، بەرىىبىر بىلمەيدۇ. گۆش ئازلاپ كىتىپتۇ دىسە، توڭلاتقۇ سىلىنىڭ ئۆيدە بولغاندىكىن سىلەر بىلەرسىلەر؟  مېنىڭ ئۇششاق گۆشلىرىمدىنمۇ كاملاپ قاپتۇ. مەن تاز دىگۈچە سەن تاز دەۋىلىپ بۇلارنى قارا. ھارامدىن قورقمامسىلەر دەپ قويساڭلا بولىدۇ باغرىم.
سەن بۇنى قىلالايسەن. چۈنكى سەن بۇنىڭغا ئادەتلەنگەن ، ساڭا يۈزدە بىر يۈز قىرىق پىرسەنت ئىشىنىمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 06:57 , Processed in 0.065790 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش