يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 649|نەقىل: 10

پىشقەدەم ئەرلەرگە ئىككى ئېغىز سۆز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
96 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
396
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى 12:40:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈنۈگۈن ئەمدىلا ئالتە ئايلىق بولغان ئوغلۇمنى قورۇنىڭ ئىچىدە ئاپتاپ يىگۈزەي دەپ ھويلىغا ئېلىپ چىققان ئىدىم، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي چاچلىرى ئاقارغان، كۈرۈنىشىدىن خېلى پىشقەدەم كۈرۈنىدىغان بىر «دادا» كېلىپ، ھويلىدىكى راۋاقتا، ئۇدۇلىمىزدا ئولتۇردى، دەسلەپتىلا، بۇ يەرگىچە نەچچىنى يۈتۈلۈپ، قېقىلىپ كەتكەن بۇ پىشقەدەم، ھۈتەلگەن چاغدا، ئاغزىنى تۇتۇۋالماستىن بىز تەرەپكە شالىلىرىنى چاچرىتىشقا باشلىدى، كۈزۈمنىڭ قۇيرۇقىدا قالاپ قۇيۇپ، ئارتۇق گەپ قىلمىدىم، كۆڭلۈمدە بولسا، كىچىك باللىغا زۇكام يۇقۇپ قالمىسا بولاتتى دەپ ئويلىدىم، قارىغىنىمنى سەزدى بولمىسا، بۇ بوۋاي سۈپەت پىشقەدەم كىشى....ئارقىدىن قانداق بولدى دىمەمسىز ؟ تۇيۇقسىز يانچۇقىدىن تاماكا چىقىرىپ چىكىۋاتىدۇ،  باياتىن بېرى قېقىلىپ ،يۈتۈلۈپ قىلغان بۇ ئادەم، يەنە يانچۇقىدىن تاماكا چىقىرىپ چىكىۋاتاتتى، چەكسىغۇ چەكسۇن، ئۆزىنىڭ پۇلىغا ئېلىپ چېكىدۇ، بىراق، كىچىك باللا بار يەردە تاماكا چېكىشى قەتئى ئىدىيەمدىن ئۆتمىدى، نىمە دىگەن مەسئۇليەتسىز پىشقەدەم «مويسىپىت » بۇ كىشى ؟ بۇ كىشىنى قانداقمۇ ھۆرمەت قىلاي؟ ئاچچىقىمدا تازا بىر قارىۋېتىپ، بالامنى ئېلىپ ، باشقا ئۇرۇنغا يۆتكىلىپ كەتتىم، ئۇ كىشى خېلىغىچە تاماكا ئىسىنى چىقىرىپ، ئولتۇراتتى...

    بۇرۇن بىر پىشقەدەم مۇنبەردە مۇنداق بىر ۋەقەلىكنى ئوقۇغان ئىدىم، ئۇنىڭدا، خېلىلا ياخشى تۇنۇشىدىغان ، دوستلار قاتارىغا بېرىپ قالغان بىر ئۇيغۇر بالا، موسكۋادا بىر رۇس دوستىنىڭ ئۆيىگە مېھماندارچىلىققا بېرىپتۇ، تاماق يىيىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ يىگىت ئۆي ئىگىسىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماستىن بۇلۇپمۇ، ئۇئۆيدە ئەمدىلا 5-6 ياشلارغا كىرگەن بىر كىچىك بالا بار ئىكەن، ئۇنىڭغىمۇ قارىماستىن تاماكىسىنى تۇتاشتۇرۇپ چىكىشكە باشلاپتۇ، نەتىجىدە، ئۆي ئىگىسى شۇنداق خاپا بۇلۇپ، مەندىن رۇخسەت ئالمىساڭمىغۇ مەيلى، نىمىشقا بۇ نارەسىدە بالىنىڭ ئالدىدا تاماكا چىكىسەن دەپ، يۈز خاتىرە قىلماستىن ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىپتۇ....

      ئارىمىزدا نۇرغۇن ئەرلىرىمىز،ئاتىلار، دادىلار باركى، ئۇلار نارەسىدە باللىرىنىڭ ئالدىدا تەپتارتماستىن تاماكا چىكىدۇ، ھەتتا بوۋاق باللىرىنىڭ قېشىدىمۇ تاماكا چىكىدىغانلارنىمۇ ئەتراپىمىزدا ئۇچرىتىمىز، كوچىلاردا ئۇلارنىڭ شۇ كىچىك باللىرىنىڭ ۋە ياكى ھامىلدار ئايالىنىڭ قېشىدىمۇ،  ئالدىدىمۇ تاماكا چەككەنلىكلىرىنى كۆرسەم، ئۇلارغا شۇنداق ئاچچىقىم كېلىدۇ، ئۇلار نىمىشقا شۇ نارەسىدە باللىرىنىڭ، ھامىلدار ئايالىنىڭ قوساقتىكى ھامىلىنىڭ  سالامەتلىكىنى ئويلىمايدۇ؟
   بىزدە ئۆزىدىن چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرنى ئىززەتلەشتىن ئىبارەت گۈزەل ئەنئەنە بار، ئارىمىزدىكى كۆپىنچە پىشقەدەملەر ئۆزلىرىنىڭ ئەخلاقى- پەزىلىتى، مۇلايىملىقى، ئەقىل -پاراسىتى بىلەن بىزنىڭ قايىللىقىمىزنى قوزغىسا، بىر قىسىم ئەخلاقسىز، ئەنە شۇنداق ئاددى ساۋاتلارغا سەل قارايدىغان، باشقىلارنىڭ بۇلۇپمۇ، كىچىك بالىلارنىڭ ،كەلگۈسىنىڭ ئەۋلاتلىرىنىڭ سالامەتلىكىنى ئويلىمايدىغانلار نەپرىتىمىزنى ۋە ئۆچلىكىمىز قوزغايدۇ، ئۇلارنى ياش جەھەتتىن چوڭ بولسىمۇ، كىشىنىڭ ھۆرمەتلىگىسى كەلمەيدۇ، بەزى قىلىقلىرى كىشىنى تېخىمۇ بىزار قىلىدۇ، بەزى پىشقەدەملەر كېچە كۈندۈز ھويلىدا قەرت ۋە ياكى ماجاڭ ئويناپ، خوشنىلارنىڭ ئارام ئېلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، بەزى پىشقەدەملەرنىڭ بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغانلارنىڭ ھەتتا ھاراق ئىچىپ دەلدەڭشىپ قالغانلىقىنى كۈرىمىز،ئۇلارغا نەپرەت كۆزىمىز بىلەن ئالىيىپ ئۆتۈپ كەتمەكتىن باشقا ئامالىمىز يوق.

    ئەرلەر ئائىلىنىڭ تۈۋرىكى، ئەلنىڭ ئوغلانلىرى، ئاياللارنىڭ پاسىبانلىرى، پەرزەنتلەرنىڭ زۇلپىقارى، غەمگۇزارى، شۇنىڭغا ئۇلار ھەر قايسى جەھەتلەر ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىشى، باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە لايىق ئىش قىلىشى، يېشىغا لايىق ئىش قىلىشى، ياشلارغا ئۈلگە بولىشى كېرەك.....  
    پىشقەدەملەر ۋە ئەرلەر ئويلىنىپ باقايلى.......
   مەنبە: ئۆزەمنىڭ ئويلىغانلىرىم

Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2099
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى 14:39:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن سىلە تەرەپتىكى ھويلىغا ئۆتۈپ قالسام كىچىك بالىلار بامۇ يوق قاراپ باقسام بولغىدەك ،بولمىسا سىلىدىن تىل ئىشتكىدەكمەن  :Pمەن تاماكىنى ياخشى چىكىپ قۇيىمەن(تاشلاي  دەپمۇ تاشلىيالمىدىم، ئىرادەم بوش ئوخشايدۇ)

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 3Rank: 3

توردا
96 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
396
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى 14:49:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[url=]مەن سىلە تەرەپتىكى ھويلىغا ئۆتۈپ قالسام كىچىك بالىلار بامۇ يوق قاراپ باقسام بولغىدەك ،بولمىسا سىلىدىن تىل ئىشتكىدەكمەن  مەن تاماكىنى ياخشى چىكىپ قۇيىمەن(تاشلاي  دەپمۇ تاشلىيالمىدىم، ئىرادەم بوش ئوخشايدۇ)

/url]

نەسىھەت، كىچىل بالىلارنىڭ ئالدىدا، ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئالدىدا ھەرگىز چەكمەڭ.

Rank: 3Rank: 3

توردا
766 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1416

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى 17:37:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، بالىلار ۋە ھامىلدار ئاياللار ئالدىدا چەكمىگەن ياخشى. مېنىڭ يولدۇشۇم دەل شۇنداق.:)
  ئەپسۇس، پىشقەدەملەر كىرمەيدۇ دە بۇ يەرگە.:L

تاماكىنى ياخشى چېكىپ قويىمەن، دەڭ.  تاماقنى ئوخشۇتۇپ قويىمەن دېگەندەك...

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2099
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى 19:08:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
peacelife212 يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى 14:49
مەن سىلە تەرەپتىكى ھويلىغا ئۆتۈپ قالسام كىچىك بالىلار ...


بۇنىڭغا ئادەتتىمۇ دىققەت قىلىمەن.لىكىن تاماكا خۇمارىم بارغانسىرى كۈچلۈك بۇلاپ كىتۋاتىدۇ ،ئۇ بۇۋايدەك بولغىچە نىمە بۇلۇپ كېتىمەنكىن تاڭ..ئۆمىرىمنى بەرسە(تاماكىنى تولا چېكىپ،ئۆمرۈم قىسقا بۇلىدۇ ھەقىچان.بىر نىيەت قىلىپ تاشلاشقا يەنە ئۇرۇنۇپ كۆرسەم بولغىدەك) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   باتۇرچەۋەنداز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى 19:11  


ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 1

توردا
214 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
0
يازما
136
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى 11:35:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي توۋا!!تاماكىنى ياخشى چېكىپ قويىمەن دەڭ.:o
ئۆزىڭىزنى ماختىغاندەكلا گەپ قىپسىزغۇ؟;P بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مىلودىيە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى 11:36  


مۇزىكا ئىنسان روھىنىڭ ئېنژىنىرى!

Rank: 1

توردا
214 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
0
يازما
136
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى 11:41:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راست دەيسىز.تاماكىنى چەككۈچىلەردىن بەكرەك ئەتراپىدىكى كىشىلەر زەھەرلىنىدىكەن.ئۆزىنى زەھەرلىگەن ئاز كەلگەندەك،باشقىلارنىمۇ زەھەرلىسە قانداق بولىدۇ؟مېنىڭ يولدۇشۇممۇ ئۆيدە ھەم كىچىكلەر،ھامىلدارلار بار يەردە پەقەت تاماكا چەكمەيدۇ.يەنىلا دىققەت قىلغان ياخشى!

مۇزىكا ئىنسان روھىنىڭ ئېنژىنىرى!

Rank: 3Rank: 3

توردا
90 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
240
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى 23:24:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن راس گەپنى قىلسم 14 ياش ۋاقتىمدا بىر چەككەن15 يىشىمدا تاشلىۋەتكەن،ھازىر تاماكىدىمۇ،ھاراقتىمۇ يوق.

Rank: 8Rank: 8

توردا
170 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
983

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى 19:17:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن قەتئىي ئۆگىنەلمىدىم مۇشۇنى، شۇڭا ھازىرغىچە چەكمەيمەن. بەكلا جاپالىقكەن تاماكا چېكىش. شۇنداق ئاچچىق ئىس قىزىلئۆڭگەچتىن ئۆتۈپ، كاناينى قىرىپ، ئۆپكىگە بېرىپ، يەنە ئايلىنىپ نەپەس يولىنى بويلاپ بۇرۇندىن چىقىپ بولغۇچە، كۆز، قۇلاق، تاڭلاي ھەممە نەرسىنى غىدىقلاپ چىقىدىكەن.
شۇڭلاشقىغۇ ئىشخانا تاماكا كۆتۈرۈپ كەلگەنلەر بەرگەن تاماكىلىرىنى بىر قۇتىغا سېلىپلا قويىمەن ( پارچە تاماكا جۇمۇ، تەپتىش قىلىپ كەتمەڭلا يەنە. يولداشلار ئىشىكتىن كىرىپلا بىر تال تاماكا تۇتىدۇچۇ).
تاماكا چەككەن يەردە تۇرغۇم كەلمەيدۇ، كۆزۈم ۋە دىماقلىرىم بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.

بىر ئۇستاز ئۇچرىشىپ دوزاخ ھەم بېھىش،ئۆزەڭدە دىدى ئۇ ئېزىپ يۈرمىگىن -ھەييام

Rank: 8Rank: 8

توردا
170 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
983

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى 19:18:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاماكىنىڭ زىيىنىنى ھەممە ئادەم بىلەمدىكىن، سورۇنغا بارسىمۇ ھاراقنى زورلايدىغان ئادەم بار، تاماكىنى زورلايدىغان ئادەم يوق ھە. ئەقلىم بەك ھەيران!

بىر ئۇستاز ئۇچرىشىپ دوزاخ ھەم بېھىش،ئۆزەڭدە دىدى ئۇ ئېزىپ يۈرمىگىن -ھەييام
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 05:39 , Processed in 0.065655 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش