يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 356|نەقىل: 7

مەخسۇس كۇرس خاراكتېرىدىكى ئالىي مەكتەپلەر توغرسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
10 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى
نادىر
0
يازما
26
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى 14:00:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەخسۇس كۇرس خاراكتېرىدىكى ئالىي مەكتەپلەر توغرسىدا



    مەيلى سىزنىڭ پەرزەنتىڭىز بولسۇن ياكى ئاكا –ئۇكىلىرىڭىز دوست بۇرادەرلىرىڭىز بولسۇن ،ئىشقىلىپ ھەربىرىمىزنىڭ ئارسىدا تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار  يوق ئەمەس .
    سىزمۇ بىلسىز ھەر بىر ئۇقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىپ بولغاندىن كىيىن ئۈزىنىڭ غايىسى، قىزقىشى، ئىمتىھان بىرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن ئارزۇ تولدۇرۇش قەغىزىگە ئۆزى ئارزۇ قىلغان مەكتەپلەرنى تولدۇرىدۇ .بۇلارنىڭ ئىچىدە ھەممىسى ئۆزى ئارزۇ قىلغان داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتۈپ كېتەلىشى ناتايىن ،بەزى ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ كۆڭۈلدىكدەك داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتۈپ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ،يەنە بەزى ئوقۇغۇچىلار مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن مەخسۇس كۇرس خاراكتېرىدىكى مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىپ ئوقۇيدۇ .ئەمەلىيەتتە مەيلى تولۇق كۇرس بولسۇن ياكى مەخسۇس كۇرس بولسۇن پەقەت ئۇنۋان جەھەتتىلا پەرق بار ،ئەمەلىي ئىقتىدارنى  يېتىلدۈرۈش بولسا  شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ ،قانداق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشگە باغلىق ،ياراتقۇچىمىز ئىنسانلارنى ياراتقاندا ‹‹يارىتىشنى مەن ياراتتىم يارىلىشىڭ ئۆزەڭدىن ››دەپتىكەن، دېمەك بىز مەيلى مەخسۇس كۇرس ياكى تۇلۇق كۇرس خاراكتېردىكى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىپ  ئوقۇيلى كەلگۈسىمىزنى قانداق يارىتىش ئۆزىمىزگە باغلىق بولۇپ قالدى .  
    ئەمدى مەن بۇ يەردە تىلغا ئېلىپ ئۆتمەكچى بولغان مەسىلە مەخسۇس كۇرس خاراكتېرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار قانداق شارائىتتا قانداق مۇھىتتا بىلىم ئىگىلەۋاتىدۇ ؟دېگەن مەسلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق مەخسۇس كۇرسنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كېيىنكى ئىستىقبالى ۋە خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ئەھۋالى توغرسىدا سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن .
    مەخسۇس كۇرس خاراكتېرىدىكى ئالي مەكتەپلەرگە نەزەر سالىدىغان بولساق مەخسۇس كۇرس خاراكتېرىدىكى بەزى ئالىي مەكتەپلەر تولۇق كۇرۇس مەكتەپلىرىدە ئەمدىلا ئومۇملىشۋاتقان ،ئۆگىنىش بىر قەدەر قىيىن بولغان كەسىپلەرنى يولغا قويۇپ  شۇ خىل كەسىپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ تەربىيلەۋاتىدۇ ،بۇ مەخسۇس كۇرستا ئۇقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ياخشى پۇرسەت ،لېكىن بۇيەردە شۇ خىل كەسىپنى ئىگىلىگەن ئوقۇغۇچىلار  مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كىيىن قانداق ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسلىسى كىشىنى ئويغا سالىدۇ . مەسلەن بەزى مەخسۇس كۇرس خاراكتىردىكى ئالىي مەكتەپلەر قانۇن كەسپىنى يولغا قويۇپ ئوقۇغۇچى تەربىيلەۋاتىدۇ ،ئارزۇ قەغىزىگە قوبۇل قىلىمىز دەپ يولغا قويغان سان 40 ،ئەمەلىيەتتە قوبۇل قىلىپ تەربىيلەۋاتقان ئوقۇغۇچى 100دىن ئاشىدۇ، بەزى مەكتەپلەردە تېخى 180 گە يىقىن ئوقۇغۇچى قانۇن كەسپى بويىچە تەربىيلىنىۋاتىدۇ ، قانۇن كەسپى ئۆگىنىش بىرقەدەر قىيىن بولغان كەسىپلەرنىڭ بىرى ،ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە بارغاندىن كىيىن بىر يىل تىل ئىگىلەپ كەسىپكە چۈشكەندىن كىيىن دەرس ئۆتىۋاتقان مۇھىت، دەرس بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىلىم سەۋىيسى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئىگەللىشگە تەسىر  كۆرسىتىدۇ ،بەزى ئوقۇغۇچىلار خەنزۇ تىلىنى ياخشى ئىگەللىمىگەن بولغاچقا كەسىپكە چىققاندىن كىيىن كەسىپ خەنزۇچە ئۆتىلىدىغان بولغاچقا دەرسنى ياخشى ئۆزلەشتۈرەلمەيدۇ ،بەزى ئوقۇغۇچىلار ئۆتىلىدىغان دەرس كۆپ، ئوقۇش مۇددىتى قىسقا بولغاچقا ئۆزىگە ئېنىق بىرنىشان بەلگىلەپ بولغۇچە ئىگەللىگەن بىلىمنىڭ تايىنى يوق مەكتەپ پۈتتۈرۈپ چىقىپ كېتىدۇ ،يەنە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ كەسىپنىڭ قىيىنلىق دەرىجسى ،ئوقۇش مۇددىتىنىڭ ئاز بولۇشى، دەرس ئۆتۈۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلىنىڭ ياخشى بولماسلىقى ۋە دەرس بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  شۇ كەسىپكە نىسبەتەن بىلىم سەۋىيسىنىڭ كەمچىل بولۇشى، مەكتەپ شارائىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى (مەسلەن بەزى مەكتەپلەرنىڭ كۈتۈپخانىسى بەك كىچىك ،ئوقۇغۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى كەمچىل )سەۋەبلىك كەسىپنى پىششىق ئىگەللىمەي تۇرۇپلا مەكتەپ پۈتتۈرۈپ چىقىپ كېتىدۇ ،مەكتەپ پۈتتۈرۈپ چىققاندىن كېيىن خىزمەتكە ئورۇنلىشش ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ بەزىلىرى ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ خىزمەتكە ئورۇنلىشالىسمۇ كۆپ ساندىكىلىرى كەسىپنى پىششىق ئىگەللىيەلمىگەچكە خىزمەت تېپىشى قىيىن بولىدۇ ،خىزمەتكە ئورۇنلاشقانلىرىمۇ كەسپى بىلىمىلىرى كەمچىل بولغاچقا خىزمەتنىڭ ھۆددىسدىن ياخشى چىقالمايدۇ ،نەتىجىدە مەخسۇس كۇرس خاراكتىردىكى ئالىي مەكتەپتە ئۇقىغاندىن ئۇقىمىغان ياخشى دېگەندەك ئاڭ- سەۋىيە شەكىللىنىپ قالىدۇ.
    قانداق قىلغاندا مەخسۇس كۇرس خاراكتېرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىگەللەش قىيىن بولغان كەسىپلەرنى پۈتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ ؟
    مېنىڭچە بولغاندا مەخسۇس كۇرس خاراكتېرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە مەسئۇل مائارىپ نازارىتىدىكىلەر قانۇن كەسپىگە ئوخشاش ئىگەللەش قىيىن بولغان كەسىپلەرگە  نىسبەتەن ساندىن ئاشۇرۇپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قىلمىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ سۈپەتلىك ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا شارائىت ھازىرلاپ بەرسە ،مەكتەپكە مەسئۇل باشلىقلىرىمىزمۇ ،مەكتەپ شارائىتىنى ياخشلاپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئېلىشىغا پايدىلىق بولغان تۈزۈملەرنى يولغا قويۇپ ،كەسىپكە پىشقان بىلىملىك ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسىپنى پىششىق ئىگەللىشىگە كاپالەتلىك قىلسا، ساندىن سىرت ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىپ مەكتەپنىڭ ئۇقۇتۇش سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزدىغان ناچار ئامىللارنى تۈگەتسە ،ئوقۇغۇچىلارمۇ ‹‹ئۈزۈم پىش، ئاغزىمغا چۈش ››دەپ ئولتۇرماي تىرىشچانلىق كۆرسەتسە مەخسۇس كۇرسنى پۈتتۈرۈپمۇ ياخشى خىزمەتلەرنى تىپىپ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرالايدۇ دەپ ئويلايمەن
مۇنبەرداشلارنىڭمۇ قانداق قىلغاندا مەخسۇس كۇرس خاراكتېرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىگەللەش قىيىن بولغان كەسىپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ ؟دېگەن تېما ئۈستىدە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن !
تەييارلىغۇچى :قۇربانجان

Rank: 3Rank: 3

توردا
96 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
396
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى 15:17:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشقا ئۇرۇنلىشىش مەسىلىسى ھەر قانداق بىر ئاتا-ئانا ئۆز پەرزەنتى ئۈچۈن ياكى  ئوقۇش پۈتتۈرمەكچى بولغان سىتودېنت ئۈچۈن، بەكمۇ باشنى قاتۇرىدىغان مەسىلە. بۇ مەسىلىنىڭ نېگىزى، ئادەم جىق، ئىشقا ئۇرۇنلۇشۇش پۇرسىتىنىڭ ئاز بۇلۇشى، بەزى كەسپلەرنى بىزنىڭ بەزى سىتودېنتلىرىمىزنىڭ ياخشى كۆرمەسلىكى، بەزى خىزمەتلارنى ياخشى كۆرمەسلىكى، قىزىقماسلىقى، جاپادىن قورقۇش، مەكتەپتىكى بىلىملىرىنىڭ يېتىشمەسلىكى ۋە ياكى مەكتەپتە ياخشى ئوقۇماي، ئوقۇش پۈتتۈرسەممۇ بەرىبىر خىزمەت يوق دىگەندەك ناچار خاھىش سەۋەبلىك بىلىمنى ئۈگەنمەي ئوقۇش پۈتتۈرىشى، ياشلىقىمىدا ئوينىۋالمىسام، قاچان ئوينايمەن دىگەندەك، ھەر خىل ئاڭ،ئىدىيە بىلەن ئوقۇش نەدە، ئۆزى نەدە، ئاتا ئانىنىڭ ئۈمىدى نەدە، جەمئىيەت تەرەققىياتى نەدە، بۇ ھەركىمنى ئويغا سالىدۇ.
      ئىشقىلىپ، بىزمۇ ھازىردىن باشلاپ، شۇ پەرزەنتلىرىمىزنىڭ يەنى تېخى مەكتەپ يېشىغا توشمىغان پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كەلگۈسىدە خىزمەت تاپالامدۇ يوق دىگەننى ئويلاپ قالىمىز. بۇ مەسىلىگە ھەر قايسى تەرەپلەردىن ئويلاشماي بولمايدۇ، بۇنىڭغا ئاددىلا مۇنداق  قىلىش كېرەك، ئانداق قىلىش كېرەك دەپ سۆزلىگىنىمىز بىلەن  ئەمەلىيەتنىڭ، جەمئىيەتنىڭ قانداقلىقى سىز ۋە بىزگە ئايان.  
     قىسقىسى،  بۇ سۇئاللارغا جەميەتشۇناشلارمۇ توغرا يەكۈن چىقىرالماسلىقى مۇمكىن.
    تۈنۈگۈن تېخى مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 13-قانىلىدا ، يەنى ئاخبارات قانىلىدا مۇنداق بىر خەۋەر بىرىلدى، ئۇنىڭدا ئىچكىردىكى مەلۇم بىر جايدا، شىياڭگاڭ قاتارلىق جايلارنىڭ ياردىمىدە قۇرۇلغان بىر باشلانغۇچ مەكتەپ، ئوقۇغۇچىلارنى 2 ھەپتە ئوقۇتقاندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلارنى سىلەر باشقا مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇڭلار دەپ، بۇ باشلانغۇچ مەكتەپنى مەلۇم بىر شىركەتكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، نەتىجىدە بىر باشلانغۇچ مەكتەپ، ماشىنا رىمونت مەركىزى بۇلۇپ قالغان، مۇخبىر زىيارەت قىلغاندا، بىر  دەرىجە يۇقۇرى ئورگانلارنىڭ بۇ ئىشتىن قىلچىمۇ خەۋىرى يوق ئىكەنلىكى ۋە بۇ ئىشنى چۇقۇم تەكشۈرۈپ ئېىنىقلايدىغانلىقى  .....نى سۆزلىدى.  
     بىر ئادەم تەربىيىلەيدىغان ئۇرۇننىڭ ماشىنا رىمۇنتخانىسىغا ئايلىنىپ قېلىشى بۇ كىچىك ئىش ئەمەس، ئەلۋەتتە.
سىز خېلى جىق ئىزدىنىپسىز، ھەقىقەتەنمۇ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلاردىن پۇلنى ئالسىلا بولدى، ئوقۇتقۇچىلارمۇ مائاشىنى ئالسا بولدى، ئوقۇغۇچىلارمۇ ئاتا ئانىسىنىڭ پۇلىدا ئوقۇشقا كەپ، ئوينىۋالسا، ياشىۋالسا، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، نىمە ئىش قىلالايسەن دىسە، تىرنىقىنى تاتلاپ، مەكتەپنىڭ ئۈگەتكەنلىرى تايىنلىق تۇسا دەپ ھەممىنى باشقا ئامىلغا ئاتىپ، ئىششىپ تۇسىمۇ، ئۇنى بىر نەسە قىلغىلى بولمايدۇ، چۈنكى، ئۇ دىگەن ئاتا-ئانىنىڭ يۈرەك پارىسى. ئاتا-ئانا ھىچقاچان بالىسىنى چاغ دىمەيدۇ.
      مۇھىمى، ئادەمدە توغرا بىر ئېتىقاد بولسا، ئۆزىنىڭ نىمە ئۈچۈن، دۇنياغا  كەلگەنلىكى ، ئاتا -ئانا ئۈچۈن، ئۆزى ئۈچۈن، كەلگۈسى ئۈچۈن، جەمئىيەت ئۈچۈن، قانداق  ياشاش كېرەكلىكى ئايدىڭ بولغاندا، ئاندىن نىمە قىلىش كېرەك، قانداق قىلىش كېرەك، قانداق داۋاملاشتۇرۇش كېرەك، نىمە ئۈگۈنۈش كېرەك، قانداق ئۈگۈنۈش كېرەك، بۇ جەمئىەتتە قانداق قىلغاندا بىر كىشىلىك ئورنۇمنى تىكلەپ، ئورنى يوق، پۇلى يوق سۆلتەكلەردىن، بىكار تەلەت لاغايلاردىن بولۇپ قالمايمەن دىگەننى ئويلىيالىسا، مەكتەپلەرمۇ، ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئەتراپلىق بىلىم بەرسە، ئوقۇغۇچىلارمۇ قىزىقىپ ئۈگەنسە، ئەھۋاللاردا ياخشىلىنىش بولار .

Rank: 3Rank: 3

توردا
766 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1416

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى 17:30:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇربانجان دېگەن كىم؟ تېما قەيەردىن كېلىۋاتىدۇ؟

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 1

توردا
10 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى
نادىر
0
يازما
26
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى 17:44:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
peacelife212 يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى 15:17
ئىشقا ئۇرۇنلىشىش مەسىلىسى ھەر قانداق بىر ئاتا-ئانا ئۆز ...

پىكىرىڭىزنى قوللايمەن

Rank: 1

توردا
10 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى
نادىر
0
يازما
26
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى 17:47:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەھۋە يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى 17:30
قۇربانجان دېگەن كىم؟ تېما قەيەردىن كېلىۋاتىدۇ؟


قۇربانجان دېگەن مەن   قانۇن كەسپىنىڭ ئۇقۇغۇچىسى  تېما    مىنىڭ ئۆز  قەلمىمىدىن كېلۋاتىدۇ  ،بۇ تېما تەڭىرىتاغ  تورىدىمۇ تەستىقلانغان  قانداق پېكىرىڭىز بارما  پېكىرىڭىز  بولسا  قالدۇرۇپ قۇيۇڭ    بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نازلى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى 17:48  


Rank: 3Rank: 3

توردا
766 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1416

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى 17:50:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نازلى يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى 17:47
قۇربانجان دېگەن مەن   قانۇن كەسپىنىڭ ئۇقۇغۇچىسى  تېما  ...


پىكىر يوق، ئەمما گەپ بار.
سىزنى قۇربانجانمىكىن دەي دېسەم، نازلىكەنسىز. شۇڭا جۈرئەت قىلالمىغان. مەنبەسى ئۆزىڭىزكەنغۇ. قەلىمىم دەۋەتسىڭىزلا بولاتتىغۇ.

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2099
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى 19:31:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تۇغرسىدا ئويلانسام بىر يەلىرىم ئاچچىق مۇچ يەۋالغاندەك بۇپ قالىدۇ،مەن سىزنىڭ تىرىشىپ ياخشى ئوقۇپ ،كەلگۈسىدە چىقىش يۇلى تاپالايدىغانلىغىڭىزغا ئىشىنىمەن .قالدى قاتتى گەپلەرنى كىيىنكى تۇرمۇش مۇساپىڭىزدە،ئېنىقلا ئېيتسام ئىشقا ئورۇنلىشىش جەريانىدا ھىس قىلىپ يىتىسىز.ئاڭغىچە تەڭسىزلىك،تەكشىسىزلىكلەر تۈزۈلۈپمۇ قالار بەلكىم:L بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   باتۇرچەۋەنداز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى 19:32  


ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 1

توردا
10 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى
نادىر
0
يازما
26
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى 09:07:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەھۋە يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى 17:50
پىكىر يوق، ئەمما گەپ بار.
سىزنى قۇربانجانمىكىن دەي دې ...

ئۇقۇشماسلىق بولمىسۇن نازلى مۇنبەرگە  گە قوللانغان ئىسىم  ئەسلى ئىسمىم قۇربانجان   مىنى قوللىغىنىڭىزغا   رەھمەت..!
دوس بوپ قالايلى  280818946   چ چ

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 08:28 , Processed in 0.108828 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش