يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 548|نەقىل: 5

ئاياللاردىكى سېھرىي كۈچ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
131 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
308
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى 09:15:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاياللاردىكى سېھرىي كۈچ

رابىيە تۇرسۇن


سېھرىي كۈچ گۈلدەك چىراينى شەرت قىلمايدۇ ، ئۇ بىر ئىچكى گۈزەللىك . ئاياللارنىڭ جەزبىدارلىقى چىرايىدا ، خاراكتىرىدا ئىپادىلىنىدۇ. سۆيۈملۈكلىگى بولسا مېھرىبانلىقىدا ،ئەقىل-پاراسىتىدە ئىپادىلىنىدۇ .

   سېھرىي كۈچكە ئىگە ئايالنىڭ سېھرىي كۈچى «ئاياللىق جەزبىدارلىق »ىدا .بۇنداق ئايال كىشىنى تېخىمۇ ھاياجانغا سالىدۇ . مۇلايىملىق ئېلىپ كەلگەن ئاياللىق جەزبىدارلىق ياش بىلەن مۇناسىۋەتسىز، ھەتتا سىرتقى قىياپەت بىلەنمۇ مۇناسىۋەتسىز .

   ئاياللىق جەزبىدارلىق دېگىنىمىز ـــ پەزىلەتلىك ، ئاقكۆڭۈل ، مۇلايىم كۆرۈنىدىغان ئاياللارغا خاس خاراكتېرنى ، شۇنداقلا ئەرلەر تاقابى لتۇرالمايدىغان كۈچنى كۆرسىتىدۇ .

ئەرلەرنىڭ كەسكىنلىگى پىشىپ يېتىلگەن قەيسەر خاراكتېرى بىلەن ئىپادىلەيدۇ .بىراق ،ئاياللارنىڭ كەسكىنلىگى دائىم كىشىلەرگە سوغۇق ،قوپال تەسىر بېرىدۇ ، ئەتراپىڭىزدىكى ئاياللارنى كۈزەتسىڭىزلا ،كىشىلەرنىڭ ئامراقلىغىنى كەلتۈرىدىغان ،كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى بولغانلار «مۇز چىراي گۈزەللەر »بولماستىن ،بەلكى چىقىشقاق ،مۇلايىم ئاياللاردۇر . گەرچە بەزىلىرىنىڭ تەرقى –تۇرقى ئانچە چىرايلىق بولمىسىمۇ ، تولىمۇ ئاق كۆڭۈل ۋە مېھرىبان خاراكتېر كىشىلەرگە گۈزەللىك تۇيغۇسى بېغىشلايدۇ . چۈنكى، ئادەم ئوي-پىكىرلىك كېلىدۇ، ھېسسىيات جەھەتتىن ئۆز-ئارا ئالاقە ۋە مېھرى –مۇھەببەتكە مۇھتاج .كىشىلەرنىڭ دائىم ئاياللاردىن ئۈمىد قىلىدىغىنى ئانىلىق مۇھەببەتكە بولغان گۈزەللىكتۇر. بۇنداق گۈزەللىك تەبىئىي نۇقسانلارنى تولۇقلايدۇ ، ياش ئاياللارنى سۆيۈملۈك ، يېشى چوڭ ئاياللارنى ئۇلۇغ قىلىپ كۆرسىتىدۇ .

   مۇلايىملىق جەزبىدار ئاياللارنىڭ مۇھىم قورالى. ئاياللار دەل ئۆزىدىكى ئەشۇ رومانتىك ،يېقىملىق ، مۇلايىم خاراكتېرىگە تايىنىپ ، ئەرلەرگە ئىللىق دۇنيا ئاتا قىلالايدۇ ، شۇنداقلا مۇھەببەتلىك تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكىگە ئېرىشەلەيدۇ ،ئەرلەرگە ئىچكى گۈزەللىك ھېس قىلدۇرىدۇ . بىر ئايال بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ، ئۆزىڭىزدە مۇستەقىل خاراكتېر ئالاھىدىلىكلەرنى ساقلاپلا قالماي ، مۇلايىملىق ئېلىپ كەلگەن گۈزەللىكنىمۇ ساقلاپ قېلىشىڭىز كېرەك ،شۇندىلا ئۆمۈرلۈك نازاكىتىڭىزنى ساقلاپ قالالايسىز .

   ئۆزىگە ئىشىنىش ئاياللارغا ئۆمۈرلۈك نازاكەتكە ئىگە قىلىدۇ . نازاكەتلىك ئايالنىڭ ئۆزىگە خاس سالاپىتى بولىدۇ ، بۇنداق سالاپەت ئۆزىگە ئىشىنىشتىن كېلىدۇ . ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئاياللار دائىم روھى كۆتۈرەڭگۈ ، جۇشقۇن بولۇپ ،خىزمەت ۋە تۇرمۇشقا ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسىدا مۇئامىلە قىلىدۇ . ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىقلارغا ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارغا يۈزلىنىدۇ ،ئەمىلىي ھەركىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ غورۇرىنى قوغدىيالايدۇ .

   گۈزەل رۇخسار ،سەۋرى-قامەت ئاياللارغا تەبىئي سېھرىي كۈچ ئاتا قىلىدۇ . لېكىن ئاياللارنىڭ سېھرىي كۈچى پۈتۈنلەي گۈزەللىكتىن بولماستىن، يېقىملىق ۋە چېچەنلىكتە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ .

   بەزى ئاياللار «سېھرىي كۈچ تۇغما بولىدۇ .چىرايلىق، زىلۋا ئەمەس. ئېسىل كىيىمىممۇ يوق ،شۇڭا بىر ئۆمۈر ئۇنىڭغا ئېرىشىشنىمۇ ئويلىمىسام بولىدۇ» دەپ قارايدۇ . بەزى ئاياللار تەبىئىي گۈزەل بولسىمۇ ،بەزىلىرى  كىيىم-كېچەكلەرنى ماسلاشتۇرۇپ كىيىش، زىبۇ-زىننەتلەرنى لايىقىدا تاقاش ، مۇۋاپىق گىرىم قىلىش ئارقىلىق ھۆسۈن-جامالىدىكى نۇقسانلارنى يېپىپ ،كىشىلەرگە گۈزەللىك تۇيغۇسى بېغىشلايدۇ .لېكىن كىشىنى ھەقىقىي زوقلاندۇرۇش ئۇنداق ئاسان ئەمەس .

   چىرايىڭىز گۈزەللەرگە ،قابىلىيىتىڭىز ئىقتىدارلىق ئاياللارغا يەتمىسىمۇ ، سىز پەقەت ئۆزىڭىزگە ئىشەنسىڭىز ، قەيسەر بولسىڭىز ،سىزگەتەئەللۇق بولغان ئەشۇ سېھرىي كۈچنى چوقۇم تاپالايسىز . پەقەت تۇرمۇشقا ئىشەنچ بىلەن مۇئامىلە قىلسىڭىزلا ، ھاياتلىق سەھنىسىدە چوقۇم ئاياللىق نازاكىتىڭىزنى چاقنىتالايسىز .

   خوشاللىق گۈزەل ئايالنى تېخىمۇ نازاكەتلىك قىلىدۇ .ئاياللارنىڭ خوشاللىقى قەيەردىن كېلىدۇ ؟ بۇ ناھايىتى ئاددىي . ئىللىق ئائىلە ئاياللارنى خوشال قىلىدۇ ، ئۆزى خالىغان ئىشنى قىلىش جەريانىدىمۇ خوشاللىق ھېس قىلالايدۇ ، كىشىلىك ھايات پەيدا قىلغان تۇيغۇلاردىمۇ خوشاللىق ھېس قىلىدۇ .

   خوشاللىق تېگىدىن ئېيتقاندا خوشاللىق ئىزدەيدىغان كىشىلەرگىلا مەنسۇپ . چۈنكى ، گۈزەللىك خوشاللىقتا ئىپادىلىنىدۇ .خوشاللىق ئۆز-ئۆزىنى ئېتىراپ قىلىش ،تۇرمۇشنىڭ سۆيۈملۈك تەرەپلىرىنى بايقاشتۇر . خوشال ئايالنىڭ ھەر بىر سەھىرىدە شەبنەم تامچىسى يالتىرايدۇ ، ھەر بىر كۈنىدە خۇشپۇراقگۈللەر ئېچىلىپ تۇرىدۇ !

  خوشاللىق مېڭىنىڭ سەگەكلىگىدىن كېلىدۇ ، بەدىنىڭىز، ئائىلىڭىز ،كەسپىڭىزنىڭ ھەممىسى پىسخىكىڭىزغا بوي سۇنىدۇ ، ئۇلار ھەر ساھە ،ھەرتەرەپتىن سىزنىڭ مول مەزمۇنلۇق ئاياللىق دۇنيايىڭىزدا تەشكىل قىلىدۇ . سىز ئۇلارنى تەشكىللەيسىز ،تەڭشەيسىز ،ئۇلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئۆزىڭىز ئۈچۈن نەپىس ،گۈزەل ۋە تەسىرلىك ھاياتلىق مۇزىكىسىنى چالغۇزىسىز .

  خوشاللىق ئەمەلىيەتتە ئاددىي-ساددا تۇرمۇشتا مەۋجۇت .ئۇ ئاشخانا ئۆيدە ، يولدىشىڭىز ،بالىلىرىڭىز ئوتتۇرسىدىكى كۈلگە –چاقچاقلارغا يوشۇرۇنغان بولىدۇ . ئىللىق چىراي نۇرىدا ،جىمجىت سىنىپلاردا ،ۋاراڭ –چۇرۇڭلۇق بازاردا ،كۆزنى قاماشتۇرىدىغان سودا سارايلاردا ، ئوچاقنىڭ يېنىدا ، كۆل بويىدا، ئورمانلىقتا ،ئوتلاقلاردا.....سىزگە تەلمۈرۈپ تۇرىدۇ .

   خوشاللىق ھەممىمىزنىڭ ئەتراپىدا. خوشاللىقنى چىڭ تۇتۇڭ، خوشاللىقنى قۇچاقلاڭ!


مەنبە: شىنجاڭ ياشلىرى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nazinin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى 08:49  


كىرىپ قالسا تۇيۇق يولغا ،باشلاپ قويغىن يورۇق يولغا .

Rank: 3Rank: 3

توردا
766 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1416

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى 16:49:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاياللار بار يەر گۈزەل، پۇراقلىق، يېقىملىق بولغىنىدەك، ئاياللار تېمىسمۇ يۈرەككە ياقىدىغان بولىدىكەن. كىشى باشقىچە يېقىملىق بىر دۇنيانى كۆرگەندەك بولىدىكەن.
ئاياللارنىڭ سېھرى كۈچى ھەقىقەتەن زور. سىز ئەڭ ئاددى ئىش-ھادىسىلەردىنلا ئۇلاردىكى سېھرى كۈچنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ھېس قىلالايسىز. مەسلە سىزنىڭ بايقاش-بايقىيالمىغانلىقىڭىزدا، نامايەن قىلىش-قىلالماسلىقىڭىزدا.
   "ئاياللار گۈزەل بولغانلىقى ئۈچۈن سۆيۈملۈك ئەمەس، بەلكى سۆيۈملۈك بولغانلىقى ئۈچۈن گۈزەلدۇر". ئۆزى ئاددى، چىراي-تۇرقى ئادەتتىكىچە بەزى ئاياللار نېمە ئۈچۈن شۇنچىلىك جەزبىدار كۆرۈنىدۇ؟ بۇ بەلكىم ئۇلاردىكى بىر خىل يوشۇرۇن سېھرى كۈچنىڭ تەسىرىدىن بولسا كېرەك. تۇرمۇشتىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. ئۇنداق ئاياللارغا قارىىسڭىز ئىچ-ئىچىدىن نۇر يېغىپ تۇرغان، يېقىملىق، ئىللىق.
   مۇلايىملىق جەزبىدار ئاياللارنىڭ مۇھىم قورالى. ئاياللار دەل ئۆزىدىكى ئەشۇ رومانتىك،  يېقىملىق، مۇلايىم خاراكتېرىگە تايىنىپ، ئەرلەرگە ئىللىق دۇنيا ئاتا قىلالايدۇ. شۇنداقلا مۇھەببەتلىك تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكىگە ئېرىشەلەيدۇ ،ئەرلەرگە ئىچكى گۈزەللىك ھېس قىلدۇرىدۇ.
  ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، گۈزەللىككە ئىنتىلىدىغان، ئۆزى ۋە ئۆزگىنى سۆيۈشنى مۇھىم دەپ بىلىدىغان ئاياللار تەبىئىيلا سىزگە ئىشەنچ تۇيغۇسى بېغىشلايدۇ. ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئىنتىلىدىغان ئايال جەزبىدار، سېھرى كۈچكە تولغان، پىشقان ئاياللاردىن بولۇشى مۇمكىن.
  ئايال بولۇش ئاسان. ئەمما مۇكەممەل، مۇلايىم، گۈزەل، ئاقكۆڭۈل ئايال بولۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. تۇرمۇشنىڭ نۇرغۇن سىناقلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، نۇرغۇن تەجىرىبە-ساۋاقلاردىن كېيىن بىر يىتىلگەن ئايال، پىشقان ئايال بولۇش مۇمكىن.
دائىم كۈلۈپ، ئۆزىنى تېتىك، روھلۇق تۇتۇپ يۈرىديدىغان ئاياللارنىڭ ھەر بىر كۈنى خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتۈشى مۇمكىن. مەن ئادەتتە ئاچچىقىم يامان، ئەمما ئۆزۈمنى تىزگىنلەپ ھەر ۋاقىت خۇشال ياشاشنىڭ كويىدىلا يۈرىمەن. تۇرمۇشۇمدىن خۇشاللىق ئىزلەيمەن. دېگەندەك بىز ئىزدىگەن خۇشاللىقلار، بەخت ئۆيىمىزنىڭ ئىچىدە،  دەريا بويلىرىدا، دوستلار ئۇچرىشىشدا، ئۇرۇق-تۇققانلار يىغىلىشىدا بولۇشى مۇمكىن.
   تۇرمۇش بىر مۇزىكا بولسا، ئاياللار ئۇنىڭدىن سەر خىل يېقىلىق كۈيلەرنى ياڭراتقۇچىدۇر!

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 3Rank: 3

توردا
90 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
240
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى 20:00:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىسالى كەبى-ئاياللار بىر دۇتتار بولسا،ئۇنىڭ ئۈستىنكى تارىسى تاشقى گۈزەللىكىدۇر.ئاستىنكى تارىسى ئىچكى گۈزەللىكىدۇر.بۇ قوش تاردىن چىقىۋاتقان كۈي-مىلودىيە،دۇنيانىڭ،ھاياتنىڭ نەقەدەر چىن-گۈزەللىكىنى مەدىھلىسە،تۇرمۇشقا ھاياتى كۈچ بېغىشلايدۇ!
‹غ›

Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2099
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى 15:24:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلنى ياخشى كۆرىمەن دەيدىكەنمىز -پەرۋىشنى ۋاختىدا،جايىدا قىلىپ، تىكىننى سانجىتۋالماي ھۇزۇرلىنىشنى بىلىشمىز:victory: كېرەك. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   باتۇرچەۋەنداز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى 18:53  


ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 3Rank: 3

توردا
96 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
396
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى 20:19:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاياللاردىكى نازاكەت، مۇلايىملىق ، خۇشپېئىللىق ، ئەخلاق پەزىلەت، دىيانەت ئاياللاردىكى سېھرى كۈچنىڭ ئاساسى.

Rank: 1

توردا
127 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
569
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى 14:59:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا،ھەممىمىز  شۇ  سىھرى كۈچى بار ئايال بولىشقا تىرىشايلى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 02:36 , Processed in 0.925657 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش