يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 789|نەقىل: 10

بۇ تايىنى يوق ئىشلارمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
285 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
802
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى 20:44:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
...قانداق خانىمكىنە بۇ،ھەممە ئىشلارغا ئارىلىشىۋالىدىغان،نەدىكى تايىنى يوق ئىشلارغا ئارىلاشقىچە دەرىسىنى ئۈتۈشىنى بىلسىە بولمامدىكىنە؟
ئىشخانىغا غوتۇلدىغىنىچە كىرگەن بۇ ئايالنىڭ ئەلپازىغا قاراپ سەل ئەيمىنىپ قالدىم.سالام قىلماق بۇلۇپ قوپتۇميۇ يەنە ئولتۇرۇپ قالدىم.ئەلۋەتتە ئۇ ئايال مىنىڭ سالامىمىغا قارايدىغاندەك ئەمەس ئىدى .شۇ ئارىدا يەنە بىر خىزمەتدىشىم كىردى ۋە ماڭا ئۇڭايسىزلانغاندەك ،تەڭقىسلىقتا قالغاندەك بىر ھالەتتە ئېغىز ئاچتى.
- بۇ ئاچىمىزنىڭ سىزگە دەيدىغان گىپى بار ئوخشايدۇ،-
-ھېلىقى چېپىلغاق خانىم سىلىمۇ؟
ئۇدۇللا ئېيتىلغان بۇ گەپتىن ئۇجۇقۇپلا كەتتىم.مەن ئورنۇمدىن سەل قىمىرلاپ قۇيۇپ،جاۋاپمۇ بەرمەي ئۈستىلىم ئۈستىدىكى ماتىرياللارنى رەتلەپ ئولتۇرۇۋەردىم.خىزمەتدىشىم ماڭا قاراپ پەس ئاۋازدا دىدى.
-بۇ سىز تۇنۇگۈن چاپاننىڭ ئالدىنى ئەتمەپسىز دەپ تەنقىد قىلغان قىزنىڭ ئانىسىكەن،ئۇ قىز بۈگۈن كەلمىدى، تىلىفۇن قىلسام ئانىسى قىزىمنى تىللىغان قانداق خانىمكەن ئۇ،مەن ئۆزۈم كۆرىشىمەن،مىنىڭ قىزىمنىڭ كىيىنىشى بىلەن نىمە ئىشىكەن،قىزىم بىر يىرىنى ئۇچۇق قاپتىمۇ........دەپ رەنجىپ قالدى، مانا ئۈزى كەپتۇ.
ھە،مۇنداق ئىشكەن-دە!
نىمىشقىكىن ،بەلكىم كىتاپلارنى كۆپ ئۇقۇپ ياكى خىزمىتىمنىڭ خارەكتىرىدىنىمىكىن ياكى ئۈزۈم سەل مۇتەسسىپمۇ ئىشقىلىپ قىزلارنىڭ كىيىنىشىگە بەك ئارىلىشىۋالاتتىم. ئەلۋەتتە جايىدا، رەتلىك كىيىنسە مەنمۇ ئارىلىشىۋالمايمەندە!

ئالدىنقى كۈنى سىنىپقا كىرىشىمگە بىرسىنىڭ پاققىدە سېغىز ئېتىلدۇرغىنىغا كۈزۈم چۈشتى.مەيلىلا،دەرىسكە ئەمدى كىردىمغۇ...دەپ ئارتۇق گەپ قىلماي دەرىسنى باشلىدىم.مەشىق ئىشلەۋېتىپ بىرسىنىڭ ئالدى ئىتىلمىگەن چاپىنىغا كۈزۈم چۈشتى.ئۇ قىز يېنىكى ساۋاقدىشىغا پۇپايكىسىنىڭ ئالدىدىكى رەسىم ۋە خەتلەرنى كۆرسىتىپ دەرىسنى ئۇنتۇغان ئىدى.ئۇلارنىڭ قېشىدا خېلى ئۇزۇن تۇرغاندىن كىيىن ئاندىن مىنى سەزدى.ئالدىراپ چاپىنىنىڭ ئالدىنى يىغدى، ئىھتىمال ئتىلمىسە كىرەك.ئادەتتە مەن ھەر قانداق ۋاقىتتا بۇلۇپمۇ مەن دەرىسكە كىرگەن ۋاقىتتا قىزلاردىن تەلەپ قىلىدىغان ئايرىم تەلەپلىرىم بار ئىدى، چېچىنى قۇيۇپ بەرمەسلىك،تىرنىقىنى ئۆستۈرمەسلىك،خىنە ياقماسلىق،ئولتۇرسا ياكى ئالدىغا ئىڭىشسە بەدىنى ئېچىلىپ قالىدىغان كىيىملەرنى كىيمەسلىك،چاپاننىڭ ئالدىنى ئىتىش،زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقىماسلىق،پاكىز يۈرۈش .........قاتارلىق بىرمۇنچە تەلەپلىرىم سىنىپىمدىكى ھەم دەرىس بىرىدىغان باشقا سىنىپتىكى قىزلار تەرىپىدىن ئاساسەن ئۇرۇندىلاتتى.پەقەت مۇشۇ ئايالنىڭ قىزىدەك ئاز ساندىكى بىر قىسىم قىزلارلا ئۈزىنىڭ پۇلىنى،ئاتا-ئانىسىنىڭ بايلىقىنى،ھۇقۇقىنى،ئۆزلىرىنىڭ مودىلىقىنى،ئەركە-نايناقلىقىنى ئىپادىلەپ تۇرۇش ئۈچۈن پات-پات مەن بىلەن قېرىشىپ قۇيۇپ،يەنە ئوڭلىنىپ قالاتتى. خىياللىرىمنى يىغىپ قوشقا قاتقان كالىدەك پۇشۇلداپ ئولتۇرغان ھېلىقى ئايالغا بولغان ئەھۋالنى چۈشەندۇردۈم،گەرچە چىن كۆڭلۈمدىن خالىمىساممۇ! چۈنكى ئۇنىڭ قىزىغا مەن ئادەتتىكى سىلىق گەپلەر بىلەن 2-3 ئېغىز تەربىيە ئىشلىگەن ،بۇ ئايال خاپا بولغىدەك گەپلەرنى ئەسلا قىلمىغان ئىدىم. ئايال چۈشەندۈرشۈمنى ئاڭلىغاندىن كىيىن
نىمىشقا بۇنداق خاپا بولغانلىقىنى سۆزلەشكە باشلىدى.............ئۇنىڭ دىيىشىچە،( قىزىنىڭ ئۇنىڭغا دىيىشىچە)مەن پەقەت ئۇنىڭ قىزىغىلا چېپىلىدىكەنمەن، ئۇنىڭ كىيگەن كيىمىگە،قىسقان چاچ قىسقۇچلىرىغا،ئىشلەتكەن سومكا،تېلىفۇنلىرىغاچىدىماي شۇنداق قىلغىدەكمەن.
باشقىلارغا شۇنداق چىرايلىق كۈرۈنگەن چاچ پاسۇنى ماڭىلا غەلىتە،ساڭگىېۋاراڭ،قۇچقاچ چاڭگىسىدەك كۈرۈنەرمىش.ئۇنى خۇددى ئۆزۈمنىڭ قىزىنى باشقۇرغاندەك بەك چىڭ باشقۇرغىدەكمەن......پەقەت ئۇنىلا باشقۇرغىدەكمەن،قىلغان ئەبجەش گەپلىرىدىن قۇسۇر تاپقۇدەكمەن،...............مەن مانا مۇشۇنداق نەدىكى تايىنى يوق ئىشلارغىلا چېپىلغۇدەكمەن.مەندەك پوققىمۇ-سۈيدۈككىمۇ چېپىلىدىغان خانىمدىن يەنە بىرسى يوقمىش.يەنە تېخى قەستەن ئىمتاھاندىن ئۆتكۈزمەپتىمەن،ئۇنىڭدىن ئۆچ ئاپتۇمەن......
ئايالنىڭ ئېغىزى تالدى بولغاي ئاخىرى توختىدى.
ياپاناھ!
ئايال ئاخىردا قىزىنىڭ ئۇنداق ئىشلىرىغا مىنىڭ ئارىلىشىۋالماسلىقىمنى،باشقۇرغىلى سىنىپ مۇدىرى بارلىقىنى،مىنىڭ دەرىس ئۈتۈشنىلا بىلىشىمنى...دىگەندەك بىرمۇنچە ئىشلارنى تاپىلاپ چىقىپ كەتتى.ئۇھ دەپ چوڭ بىرتىندىم.قارىغاندا بۇ ئايالنىڭ قىزى شۇنداقلا كۇچىغا چىقىپ كەتسە ياق دىمەمدۇ نىمە؟بەلكىم ئۇنچىلىك ئەمەستۇر، بىراق......
بۇنداق «تايىنى يوق ئىشلار»غا ئارىلىش كىرەكمۇ -يوق؟ بۇ ئىشلار راستلا «تايىنى يوق»ئىشلارمىدۇ؟ ياراتقان ئىگەم ئۆزۈڭ ئىنساپ بەرگەيسەن...

مەنبە:قەلىمىم

زىمىستاندا ھارارەتكە،زۇلمەتتە نۇرغا تەشنا بولساڭ...يېنىڭدا مەن بار...

Rank: 8Rank: 8

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1938

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى 15:51:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزنى بۇزغان ئانىسى دەپ قىزلىرىمىزنى ئۆزىمىزلا بۇزۇۋاتىمىزغۇ؟!:Q
ئوقۇتقۇچىسى بىر ئوبدان نەسىھەت قىلىپ تەربىيە بەرسە، ئىشلىرىغا ئارتۇقچە ئارلاشقانلىق بولدىكەندە. قانداق ئانا بۇ؟!:L

Rank: 3Rank: 3

توردا
131 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
308
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى 19:26:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلارنى مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى ،ئۆيدە ئاتا-ئانا باشقۇرىدۇ .ئوقۇتقۇچىلارنىڭ باشقۇرىشىغا چات كېرىۋالغان ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ئۆزى بۇزۇۋالىدۇ .

كىرىپ قالسا تۇيۇق يولغا ،باشلاپ قويغىن يورۇق يولغا .

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1429 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى 11:27:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nazinin يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى 19:26
بالىلارنى مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى ،ئۆيدە ئاتا-ئانا باشقۇرى ...

توغرا گەپ!

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 3Rank: 3

توردا
766 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1416

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى 14:17:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا مۇشۇنىڭدەك ئانىلار بالىلارنى، قىزلارنى بۇزىدۇ دە. كۆپ ئۇچرايدۇ بۇنداقلار. «مىللەتنىڭ تەقدىرى ئانىلارنىڭ قولىدا» لىقىنى بىلمەيدىغانلار. سىنىپ مۇدىرى ئۆزى ئۇ خانىم بىلەن ئوبدانراق پاراڭلشىپ، ئۆزىنىڭ، قىزىنىڭ ئوخشاشلا خاتا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويسا سىزلا چېپىلدىڭىز دېمەس بولغىيمىتى.

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
495 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1893

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى 21:47:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا ، تۈنۈگۈنلا قىزلاربىلەن شۇ گەپنى قىلىشقانتۇق دىسە :o...
نىمە دىيىشنى بىلمىدىم گۈلخان ، ئوقۇغۇچلارنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسىغۇ ئوقۇش ، لېكىن تۈنۈگۈن ماڭا بىر سىڭىل دوستۇم ئۆزىنىڭ ئوقۇشتىن چېكىنىشىگە سىنىپ مەسئۇلۇم سەۋەبلىك دەپ زارلىنىپ بەرگەنتى ، ئۇ قىز شۇ يېشىدىكىلەردىن فىزىلوگىيلىك جەھەتتە سەل بالدۇر يېتىلىپ قاپتىكەن ، شۇڭا سەل كەڭرەك مايكا چاپانلارنى كىيىپ چاپاننىڭ ئالدىنى ئېچىۋېتىدىكەن ، بەك چىڭ ئېتىۋالسا ئوغۇللاردىن خىجىل بولۇپ ، ئەمما سىنىپ مەسئۇلى دەرسكە كىرسىلا : مېڭىڭ ، سىز چىقىپ چاپاننىڭ ئالدىنى ئېچىپ مەيداندا ئايلىنىپ يۈرۈڭ دەپ خىجىل قىلىپ ، ئاپىسى كېلىپ چۈشەندۈرسىمۇ يەنەشۇنداق داۋاملىشىۋېرىپ   ئاخىرى نومۇسقا چىدىماي بىر مەۋسۈم ئاخىرلىشاي دىگەندە چېكىنىپ چىقىپ كېتىپتىكەن مەكتەپتىن :L
شۇڭا بۇ تېمىنى كۆرۈپ تېڭىرقاپلا قالدىم، بەلكىم ئوقۇقۇچىلىرىمىزمۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن كۆپرەك دوستانە پىكىرلەشسە بولامدۇ قانداق

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
285 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
802
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى 22:34:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەسىلىنى بۇ تەرەپتىن ئويلىسا توغرا، بۇمۇ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان نوقتا، بىراق ،ئانار ،مەن ئويلايمەن.قىزلار بۇلۇپمۇ تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ  باسقۇچىدىكى قىزلاردا ،(فىزولوگىيەلىك يىتىلىش مەزگىلدە )ئۇغۇللارداباشقا جىنىستىكىلەرنى ئۇزىگە جەلىپ قىلىش ئىستىكى بىر ئاز كۈچلۈكرەك بۇلىدۇ.شۇ سەۋەپتىن بىر قىسىم قىزلاردا بەدىنىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈردىغان خاھىش يوق ئەمەس،ئادەتتە مەكتەپ فورمىللىرى كەڭ ئازادە كىلىدۇ،لىكىن بىر قىسىم قىزلار دەل مۇشۇ كەڭ،ئازادە كيىملەردىمۇ بەدىنىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ،ئۈزىنىڭ چوڭ بولغانلىقىنى بىلدۇرمەكچى بۇلىشىدۇ.بۇنداق بولغانىكەن،قارىمايدىغان،دىققەت قىلمايدىغان ئوغۇللارنىڭمۇ قاراپ سالىدىغان ،كۆز تاشلايدىغان چاغلىرى بۇلىدۇ،بۇ دەل بىر قىسىم ئەخلاقسىزلىقلارنىڭ مەنبەسى بۇلۇپ قالىدۇ.شۇڭا شەرىئىتىمىزدىمۇ ئاياللارنىڭ بەك تار .قىسقا،نىپىز كىيىملەرنى كىىيىشى چەكلەنگەن ئەمەسمۇ؟ئۇنىسىغۇ ھازىر ئانىسى قىزىدىن ، قىزى ئانىسىدىن قېلىشماي بىر-بىرىدىن تار ،نىپىز،قىسقا كىيىملەرنى كىيىۋالىدىغان،گەپنىڭ سەتىنى دىسەم كۆكسىنى ،ئۇزراقىنى دىسەم بوينىنى خېلى بىر يەرلەرگىچە ئۇچۇق قۇيۇپ،قولتۇقلىرىنى كۆرسىتىپ كىيىم كىيمىسە دەردى چىقمايدىغان بۇلۇپ قالدى، ئەگەر مۇشۇنداق ئەنئەنىۋى ئەخلاق قاراشلىرىمىز مۇشۇنچىلىك بولسىمۇ چەكلەپ تۇرمىسا،قىز-ئاياللرىمىزنىڭ كىيىنلىكى قانداق بۇلار؟ ھېلىمۇ بىزنىڭ تارتقۇلۇقلىرىمىز ئازمۇ؟يەنە قانداق كۈنلەر بار بېشىمىزدا؟!

زىمىستاندا ھارارەتكە،زۇلمەتتە نۇرغا تەشنا بولساڭ...يېنىڭدا مەن بار...

Rank: 3Rank: 3

توردا
96 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
396
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى 00:34:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ قىزنىڭ دادىسى قانداق قارايدىغاندۇ ؟

Rank: 1

توردا
10 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى
تىزىملاتقان
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى
نادىر
0
يازما
26
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى 17:16:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مال ئىگىسنى دورىمىسا ھارام دە  ئاتا -ئانسى بولغان ئادەم مۇشۇنداق ئىشلارغا نىمشقا ئەھمىيەت بەرمەيدىغاندۇ

Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2099
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى 15:50:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزنى بۇزغان ئانىسى،مۇزاي ئانىسىنى دورىمىسا ھارام.  ئەستەقپۇللا،نىمۇ دىگۈلۈك.
پەرزەنىت تەربىيىسى،بالىلار تەربىيىسى سېپىدىكى مېھنەتكەشلەرگە ئوتلۇق سالام! جاپا چەكتىڭلار

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 06:47 , Processed in 0.073840 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش