يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 352|نەقىل: 9

تىل مەدەنىيىتىمىز ۋە سۆزلىشىش ئادەتلىرىمىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
131 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
3
يازما
308
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى 07:35:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تىل ئىنسانلارنىڭ ئالاقە قورالى. ئىنسانلار تىلدىن ئىبارەت بۇ قورالنىڭ ۋاسىتىسىدە بىر – بىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرىدۇ، ئوي – پىكىرلىرىنى، ھېسسىياتىنى ئىپادىلەيدۇ. باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلىشتا قارشى تەرەپنى تەسىرلەندۈرۈش، قايىل قىلىش تىلنىڭ گۈزەل، يېقىملىق، ئىلمىي، مەدەنىي بولۇش – بولماسلىقىغا باغلىق. بىر ئادەمنىڭ تىل قابىلىيىتى ئۇنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى، ئىپادىلەش ئۇسۇلى، تىلىنىڭ جانلىق، ئوبرازلىق، يۇمۇرىستىك ۋە پاساھەتلىك بولۇشى قاتارلىقلاردا ئىپادىلەنسە، ئۇنىڭ تىل مەدەنىيىتى ۋە سۆزلەش ئادىتى ئىشلەتكەن سۆزىنىڭ ئىلمىي، گۈزەل، ساپ، ئاۋازىنىڭ يېقىملىق، تەلەپپۇزىنىڭ سىلىق ھەم جاراڭلىق بولۇشىدا ئىپادىلىنىدۇ. بۇلار ئورتاق مەۋجۇت بولغاندا، سۆزىمىزنىڭ تەسىرلەندۈرۈش ۋە قايىل قىلىش كۈچى تېخىمۇ ئاشىدۇ. بىراق، ئارىمىزدا سۆزلەشكەندە مەقسەتنى توغرا ئىپادىلىيەلمەيدىغان، قوپال، تاققا – تۇققا، غەيرىي تەلەپپۇزدا سۆزلىشىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. بۇلارغا دىققەت قىلىنمىسا، ئاسانلا ئۆزئارا ئۇقۇشماسلىق ۋە رەنجىشلەرنىڭ روي بېرىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، بۇنىڭغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، تىل بايلىقىمىزنى بېيىتىپ، ياخشى سۆزلەش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىمىز، تىل مەدەنىيىتىمىزنى قوغدايمىز دەيدىكەنمىز، باشقىلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، تۆۋەندىكى تەرەپلەرگە ئەھمىيەت بېرىشىمىز لازىم
.
سۆھبەتدىشىڭىزغا باراۋەرلىك ۋە ھۆرمەت تۇيغۇسى بېرىشكە تىرىشىڭ. مەيلى باي ياكى نامرات، ئىجتىمائىي ئورنى يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولسۇن، سۆز – ھەرىكەتتە ھەممىگە باراۋەر بولۇش گۈزەل ئەخلاق جۈمىلىسىدىندۇر. شۇڭا، ئەجدادلىرىمىز ئۆزئارا ئالاقىدە بىر – بىرىنى ھۆرمەت قىلىپ، بىر – بىرىگە يول قويۇپ كەلگەن. كىچىكلەر چوڭلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، چوڭلار بالىلارنى، ئاياللارنى قوغدايدىغان، ئۇلارغا كۆيۈنىدىغان گۈزەل مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى شەكىللەندۈرگەن. مەسىلەن: چوڭلار گەپ قىلغاندا كىچىكلەر ئېغىز غېرىچلىماي ئەستايىدىل ئاڭلاپ، يول قويۇش، ئەرلەر سۆزلەشكەندە ئاياللار گەپ قىستۇرماسلىق، ئاياللارنىڭ پارىڭىغا ئەرلەر قوشۇلۇۋالماسلىق، ئەرلەر ئاياللار ۋە بالىلار ئالدىدا قالايمىقان گەپ قىلماسلىق، ئويلىنىپ سۆزلەش دېگەندەك ئەنئەنىلەرنى يارىتىپ، چوڭلار ۋە بالىلار ئوتتۇرىسىدا ئۆز ئارا ھۆرمەت ۋە پەردىشەپنى ساقلاپ كەلگەن.

باشقىلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، سۆھبەتدىشىمىزنى ئۆزىمىز بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇپ ھۆرمەت قىلساق، بۇنىڭ تەسىرى چوڭ بولىدۇ. ئەلۋەتتە، كىشىلىك تۇرمۇش ۋە ئىجتىمائىي جەمئىيەتتە، كىشىلەرنىڭ ياشاش يولى، ئىجتىمائىي ئورنى، مەدەنىيەت سەۋىيەسى، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ئوخشىمايدۇ. بۇلار ئادەملەر بىلەن ئادەملەر ئارىسىدا بەلگىلىك پەرقلەرنى شەكىللەندۈرگەن. ئەمما، ھەر قانداق ئادەم ئۆزىگە ماس كېلىدىغان، ئۆزى بىلەن باراۋەر ئورۇندا تۇرىدىغان ئادەملەر بىلەنلا ئالاقە باغلاپ، شۇلار بىلەنلا سۆزلىشىشى مۇمكىن ئەمەس. كىشىلىك ھايات، ئىجتىمائىي تۇرمۇش داۋام قىلىدىكەن، مۇقەررەركى، ھەر خىل ئادەملەر بىلەن ئۇچرىشىش، ئالاقە قىلىش، پاراڭلىشىشتىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ. يەنە ھەر قانداق ئادەم سۆزلىرى ئارقىلىق باشقىلارنىڭ دىلىغا ئازار بېرىشنى، باشقىلارنى رەنجىتىپ ئۆزىگە ئۆچمەنلىك قوزغىۋېلىشنى، باشقىلارغا يامان تەسىر بېرىشنى خالىمايدۇ، بەلكى باشقىلاردا ياخشى تەسىر قالدۇرۇشنى، ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىگە، قوللىشىغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. شۇنداق ئىكەن، پاراڭلاشقاندا يېقىملىق، گۈزەل، ئىلمىي سۆزلەر ئارقىلىق سۆھبەت ئۈنۈمىنى ئاشۇرغىلى، ئازادە پاراڭلىشىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

سۆھبەتتە قارشى تەرەپنى ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر ئورۇنغا قويۇش تۇيغۇسى بىلەن پاراڭلاشقاندا، قارشى تەرەپنى ئاسانلا تەسىرلەندۈرگىلى، قايىل قىلغىلى، كۆڭلىنى ئۇتۇپ، ھۆرمىتىنى قوزغىغىلى بولىدۇ. ئەگەر گۈزەل، يېقىملىق، ئىلمىي بولغان سۆز مەدەنىيىتىگە ئوبرازلىق، جانلىق، يۇمۇرىستىك تىل سەنئىتى قوشۇلسا، سۆزنىڭ قۇدرىتى يەنىمۇ ئاشىدۇ. يەنە پاراڭلاشقاندا باشقىلارنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلاش، زۆرۈر تېپىلغاندا مۇۋاپىق سۆز قوشۇپ كۈچەيتىش، تولۇقلاش، ئىلھاملاندۇرۇش قاتارلىقلارمۇ قارشى تەرەپنى ھۆرمەتلىگەنلىك بولىدۇ. ئارىمىزدا شۇنداق ئادەملەرمۇ بار، ئۇلار كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىدا ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ ھېچكىمگە گەپ بەرمەيدۇ. ئۆزىنى جاھاندىكى جىمى ئىشلارنى بىلىدىغان ئەۋلىيا كۆرسىتىپ، تىنماي سۆزلەپ قۇلاقنى گاس قىلىۋېتىدۇ. ھەتتا باشقىلارنىڭ سۆزىنىڭ بىلىگە تېپىپ، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن سۆز تارتىۋالمىغۇچە ئارام تاپمايدۇ. بۇنداق سۆزلەش ئادەتلىرى ئادەمنى بىزار قىلىدۇ، زېرىكتۈرىدۇ، بىئارام قىلىدۇ.

خەلقىمىز ئۆزىنى چوڭ تۇتۇشنى، كىبىر كۆرسىتىشنى، ئۆزىگە تەمەننا قويۇشنى يامان كۆرىدۇ ۋە بۇنى ‹‹گۇناھ›› ھېسابلايدۇ. سۆھبەتتە، قىزغىن، ئوچۇق – يورۇق، مۇلايىم بولغاندا، سۆزلىگۈچى بەزىدە قەلبىدىكى ھېس – ھاياجىنىنى، خۇشاللىقىنى ۋە قايغۇ – خاپىلىقىنى ئايانماي ئىپادىلىشى، قارشى تەرەپكە پايدىلىق مەسلىھەت بېرىشى، بىرەر ئىشنى قوللاش، دەردىگە دەرمان بولۇش، خۇشاللىقلىرىغا ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە بولۇشى مۇمكىن. مەيلى قانداقلا بولسۇن، سۆزلىگەندە سۆزنىڭ يۆنىلىشى ۋە ئۇسۇلىغا، يەتمەكچى بولغان نىشان ۋە سۆز مەزمۇنىغا دىققەت قىلىپ، كۆپتۈرۈپ سۆزلەشتىن، يالغان – ياۋىداق سۆزلەرنى قىلىشتىن، بۇ سەۋەبلىك ئىناۋىتىنى تۆكۈۋېلىشتىن ساقلىنىش لازىم.

بەزى كىشىلەردە باشقىلار بىلەن سۆزلەشكەندە ئۆزىنى كۆرسىتىش مەقسىتىدە راست – يالغاننى ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلەيدىغان ئادەت بار. ئەمەلىيەتتە، ئۇلار باشقىلار ئالدىدا ئۆزىنىڭ ‹‹قالتىس››لىقىنى كۆرسىتىپ قويماقچى بولسىمۇ، ئەمما ئۆزى سەزمىگەن ھالدا ئابرۇيىنى تۆكۈۋالىدۇ، ئۆزىنىڭ نۇقسان، ئاجىزلىقلىرىنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ. ئادەتتە، ئاياللار بىر يەرگە جەم بولغاندا كۆپرەك كىيىم – كېچەك، ئائىلىسى، ئېرى، توي – تۆكۈن…لەر ھەققىدە پاراڭلىشىدۇ. بەزى ئاياللار ئۆيىدە ئېرىنى قانداق باشقۇرىدىغانلىقىنى پەخىرلىنىپ سۆزلىگىنى بىلەن، ‹‹ئەر ئەردەك، ئايال ئايالدەك بولۇشى كېرەك›› دەپ قارايدىغان ئاقكۆڭۈل، پەزىلەتلىك ئاياللار ئېرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان بۇنداق ئاياللارنى ياقتۇرمايدۇ، ئۇلارنى ‹‹بىشەم››، ‹‹ھازازۇلكەن›› دەپ قارايدۇ.

جانلىق، ئوبرازلىق، يۇمۇرىستىك سۆزلەشكە دىققەت قىلىش كېرەك. ئۆزئارا پاراڭلاشقاندا، قارشى تەرەپنى جەلپ قىلىشنىڭ ئىپادىسى تىل سەنئىتى بولۇش، ئىپادىلەشكە، بايان قىلىشقا ماھىر بولۇش، سۆزلەر ئاز، ساز، مېغىزلىق، چۈشىنىشلىك، سۆز – جۈملىلەر راۋان، بىر – بىرىگە باغلىنىشلىق، پىكىرنىڭ ئېنىق بولۇشىغا سەل قارىماسلىق لازىم. كىشىلەرنىڭ ئوي – پىكرىنى ئىپادىلەش ئىقتىدارى ئوخشىمايدۇ. ھەر كىم ئۆزىنىڭ تىل ۋە ئىپادىلەش قابىلىيىتىگە لايىق سۆزلەيدۇ. ھەر كىمنىڭ كۆڭلىدىكىسى ئۆزىگە ئايان. شۇڭا، نۇتۇق قابىلىيىتى تۆۋەنلەر ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ئاساستا سالماق بولۇپ، دېمەكچى بولغانلىرىنى ئاۋۋال ئويلىنىپ، ئاندىن ئالدىرىماي بايان قىلسا، ئۆزىدىكى نۇتۇق ئاجىزلىقى ۋە كەمتۈكلۈكىنى يېپىپ كېتەلەيدۇ ۋە ئاڭلىغۇچىلارغا ياخشى تەسىر بېرىدۇ.

ئومۇمەن، تىل بايلىقىمىزدىن پايدىلىنىپ، بەلگىلىك تىل سەنئىتىنى ئۆگىنىپ، تىل قابىلىيىتى، سۆزلەش، بايان قىلىش، ئىپادىلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرگەندە ۋە يۇمۇرىستىك، جانلىق ۋە ئوبرازلىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغاندا، تىلىمىز تېخىمۇ تاكاممۇللىشىدۇ، تەرەققىي قىلىدۇ، تىل بايلىقىمىز ئاشىدۇ.

ئارىمىزدىكى بەزى كىشىلەردە خەنزۇ تىلى بىلەن، ئانا تىلىنى ئارىلاشتۇرۇپ بۇزۇپ سۆزلەيدىغان ئادەت بار. بۇ ھەر ئىككى تىلنىڭ ساپلىقىغا، گۈزەللىكىگە، تەرەققىياتىغا نۇقسان يەتكۈزىدۇ. بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ھېچقانداق بىر تىلغا ئوخشىمايدىغان ۋە ھېچقانداق بىر تىلنىڭ قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان شەكىلدە سۆزلىشىشى بىزنى ئويلاندۇرىدۇ ۋە ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.

تىلنىڭ گۈزەللىكى ۋە ساپلىقى مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ گۈزەللىكى ۋە ساپلىقىدۇر. تىلنىڭ مەۋجۇتلۇقى مىللەتنىڭ ۋە مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىدۇر. ئەجدادلار ياراتقان تىل بايلىقىنى توغرا ئىشلىتىپ، ئۇنى خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋىلىكىگە ئىگە تىل مەدەنىيىتى بىلەن نۇرلاندۇرساق، تىلىمىزنىڭ ھاياتىي كۈچى تېخىمۇ ئاشىدۇ.


ئاپتورى:ئىمىنجان كېرىم ئاقشەھىرى
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى



كىرىپ قالسا تۇيۇق يولغا ،باشلاپ قويغىن يورۇق يولغا .

Rank: 8Rank: 8

توردا
170 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
983

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى 10:14:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىلنىڭ بۇزۇلۇپ سۆزلىنىشى توغرىسىدا ئانچە بەك ئۇھسىنىپ كەتمەيدىغانمۇ بولۇپ قالدىم.
مۇشۇ مۇنبىرىمىزگە يوللانغان بىر ئىتوت بار. تېمىنىڭ ئىسمى ۋەھشى يۇمۇرغۇ دەيمەن. بۇ ئىتوتنى ئورۇندىغۇچىلار قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار. شۇلارنىڭ ئىتودىمۇ ئۇيغۇرچە بىلەن روسچىنى ئارلاشتۇرۇپ سۆزلەيدىغان يەرلىرى كۆپ. مەيلى، ئۇلارمۇ ئورۇسلارنىڭ بىلەن ئارلىشىپ ئولتۇراقلاشقاندىكىن. بىزمۇ ئاناتىلنى ساپ سۆزلەيمىز دەپ تۇرىمىزيۇ، يانفۇن نۇمۇرىمىزنى خەنزۇچە دىيىشكە ئادەتلىنىپ كەتتۇق، ئۇيغۇرچە دەپ بەرسەك قارشى تەرەپ رەنجىيدۇ. ئۇيغۇرچە سۆزلىگىنىمىزدىن ئەمەس، بەلكى مۇرەككەپلەشتۈرۈپ يۈرگىچە، چۈشىنىشلىك، ئاددى ، ئېنىق قىلىپ تېلفۇن نۇمۇرنى خەنزۇچە دەپ بەرسەڭ بولمامدۇ دەيدۇ.
قايسى كۈنى بىر چوڭ ئاپىمىز تېلفۇن قىلىپتىكەن. ئازراق ئىش بىلەن ئايالىمنى ئىزلەيدىكەن. شۇنىڭ بىلەن نۇمۇرىنى دەپ بەردىم :« بىر يۈز سەكسەن توققۇز....» ، ئەمما بۇ چوڭ ئاپىمىز:« ياۋ با جيۇ ....» دەپ تۇرۇپ يېزىۋالدى. چوڭ ئاپىمىزنىڭ ھازىر جاۋاب تەرجىمانلىقىغا قايىل بولدۇم.
گەپنى يەنە بىر قېتىم ئايلاندۇرۇپ بايامقى قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىتوتىغا ئېلىپ كىلەي، شۇ ئىتوتنىڭ مەلۇم بىر بۆلىكىدە قەبرە ئورنى ساتقۇچىنىڭ :« ھۇي ئاكاۋوي، بىز دىگەنچۇ ئىشلارنى كەسكىن قىلىدىغان گەنجىڭ باللا جۇمۇ ھوي». دەيدىغان بىر يېرى بار. بۇ يەردىكى گەنجىڭ سۆزى خەنزۇ تىلىدىكى 干净 سۆزىدىن بىۋاستە كىرگىنى، بۇ يەردە ئىشنى پاكىز، كەسكىن قىلىدىغان سۆزىنىڭ تېخىمۇ ئاشۇرما ھالىتىنى ئىپادىلەشتە ئىشلەتكەنلىكى ئېنىق. خوش، ئەمدى بۇ يەردىكىلەرغۇ خەنزۇ يولداشلار بىلەن كۆپ ئارلىشىپ، بەزى خەنزۇچە ئاتالغۇلار سىڭىپ كەتتى دەيلى. ئەمىسە، ئۇ ياقتىكىلەرنىڭمۇ خەنزۇچە سۆزى قوشۇلغان شالغۇت تىل ئىشلىتىشىنىڭ سەۋەبىنى قانداق قىياس قلىش كېرەك؟
شۇڭا بۇرۇنقىدەك ئۇھسىنىپمۇ كەتمەيدىغان بولۇپ قالدى.
تىل ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىدە بىر ئاڭ شەكىللەنگەندىن باشلاپ، پىكىر ئالماشتۇرىدىغان قورالى. ئىنسانلار ئەڭ دەسلەپتە قول ئىشارىتى ۋە غەلىتە ئاۋاز چىقىرىپ مەقسەتلىرىنى بىلدۈرۈشكەن شۇ تاش قوراللار دەۋرىدىن باشلاپ ھازىرقى ئېلىكترون دەۋرىگىچە بىر مىليون يىل بولدى. مانا بۇ جەريانىدا تالاي قېتىم تىللار رويادقا كېلىپ، يەنە غايىب بولدى. ھازىر پۈتۈن يەرشارىدا 5651خىل تىل باركەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئېتراپ قىلىنغان مۇستەقىل تىل 4200 خىلغا يېتىدىكەن. بىر مىليوندىن يۇقۇرى نوپۇس قوللىنىدىغان تىل 19 خىل ئىكەن. نوپۇس سانى ئەڭ كۆپ تىل خەنزۇ تىلى، ئىشلىتىلىدىغان دۆلەت سانى ئەڭ كۆپ تىل ئېنگىلىز تىلى ( 30دىن ئوشۇق دۆلەت ئېنگىلىز تىلى) ئىشلىتىدۇ. بىر ھىندىستاندىلا 854خىل تىلنى تەڭ ئىشلىتىدىكەن.
مۇشۇنچىلىك تىللار ئىچىدىن خېلى بىر ئورۇندا تۇرىدىغان تىل ۋە تىل مەدەنىيىتىمىز توغرىسىدا ئويلىنىپ باقساق بولىدۇ.

بىر ئۇستاز ئۇچرىشىپ دوزاخ ھەم بېھىش،ئۆزەڭدە دىدى ئۇ ئېزىپ يۈرمىگىن -ھەييام

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
495 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1893

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى 13:07:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئارىلاش سۆزلەيدىغان يامان ئادىتىمنى ئۆزگەرتىۋالدىم دىمىگەن بىلەن ....;Pمۇشۇ ئىككىسنى قوشۇپ سۆزلىسە ياكى يازسا ئاغرىپلا قالىمەن ، جىيەن قىزىم خەنزۇچىدا ئوقۇغاچقا كالدىرلاپلا كېتىدۇ ، ‹لاۋ لىيۇ نىڭ قىزىمۇ سىز › دەپ چېىلىپ يۈرۈپ ئۇنىمۇ ئوڭشىۋالدىم :lol

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا

Rank: 8Rank: 8

توردا
170 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
983

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى 15:41:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
anar يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى 13:07
مەنمۇ ئارىلاش سۆزلەيدىغان يامان ئادىتىمنى ئۆزگەرتىۋا ...

سىز كىچىك ۋاقتىدا دەپ بەرگەن قىز شۇمۇ:
_ جې شى شېنموووو؟
_ جې شى چۈمۈلە....
:lol

بىر ئۇستاز ئۇچرىشىپ دوزاخ ھەم بېھىش،ئۆزەڭدە دىدى ئۇ ئېزىپ يۈرمىگىن -ھەييام

Rank: 1

توردا
0 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
255
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى 17:55:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىدىن بىزنىڭ  ئۇيغۇر تىلمىزنى  بىرىنجى ئورونغا  قويمە  مەن.....

Rank: 8Rank: 8

توردا
170 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
983

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى 22:28:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەگزات يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى 17:55
ھەممىدىن بىزنىڭ  ئۇيغۇر تىلمىزنى  بىرىنجى ئورونغا  قوي ...

ئەسلى ئىنكاس: ھەممىدىن بىزنىڭ  ئۇيغۇر تىلمىزنى  بىرىنجى ئورونغا  قويمە  مەن.....

تۈزىتىلگىنى: مەن  ھەممىدىن بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىزنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىمەن.

ئانا تىلنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويغىنىڭىز ياخشى روھ، ئىملا، گىرامماتىكىغا بەك دىققەت قىلسىڭىز. سەل ئىچىڭىز پۇشۇۋاتقان بولىشى مۇمكىن، ئەمما ئۆگىنىپ كېتىسىز. بۇرادەر.

بىر ئۇستاز ئۇچرىشىپ دوزاخ ھەم بېھىش،ئۆزەڭدە دىدى ئۇ ئېزىپ يۈرمىگىن -ھەييام

Rank: 3Rank: 3

توردا
766 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1416

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى 15:40:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر چاغلاردا ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلەيدىغان بولۇپ قالغان، بۇمۇ باشقىلاردىن يۇققاندە. ھېلىمۇ ياخشى تېز تۈزىتىۋالدىم. ھازىر تەبىئيلا ساپ سۆزلەيمەن. بۇنىڭدا مۇنبەرلەرگە كۆپ كىرگەننىڭ پايدىسىمۇ بولدى، دەپ قارايمەن. مەنمۇ ئالدىنقى قېتىم تېلفۇن پۇلى تۆلىگىلى كىرىپ، ئۇيغۇرچە دېسەم ساننى كىرگۈزۈپ بولالماي، تەمتىرەپ، چىرايلىرى ئۆڭۈپ كەتتى. ھېچنىمە بولمىغاندەك چىقىپ كەتتىم.
  ئويلاپ باقساق، تىل بايلىقىمىز بەك مول. مۇشۇ شېئىر ئوقۇيدىغان بولساق، تارىخى كىتابلارنى ئوقۇيدىغان  بولساق ئىچ-ئىچىگە كىرىپ كېتىمىز. نۇرغۇن چۈشەنمەيدىغان گەپلەرمۇ چىقىدۇ، چەكسىزلىكىدىن، موللىقىدىن ھوزۇرلىنىدۇ كىشى. ھەر بىرلىرىمىزدە بىر خىل ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى شەكىللىنىدۇ.
   ھازىر مەن بالا تەربىيلەشنىڭ مۇھىم ھالقىسىدا تۇرىۋاتقاچقا، بالامغا ئۈلگە بولۇشۇم كېرەككەن. ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان مەيدان، تاكسى، ئائىلىمىزنىڭ ئادرېسى قاتارلىقلارنى كۆپىنچە خەنچە ئاتاپتىكەنمىز، ھازىر ھەر بىر دېيىش توغرا كەلسىلا ئوغلۇمنى ئۇيغۇرچە دەڭ، دەپ نازارەت قىلىپلا تۇرىمەن.
  ئوقۇغان، تەربىيە كۆرگەنلەرنىڭ پاراڭلىشىش سەنئىتى بولىدۇ، ئۆزىگە تەلەپنى قاتتىق قويىدۇ، سۆز-چۆچەك، غەيۋەت قىلمايدۇ. ئەمما ئاز ساندىكىلەردە يەنىلا باشقىلارنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلماسلىق، گىپىنى تارتىۋېلىشلار مەۋجۇت. يۇمۇرستىك بولۇشمۇ بىر خىل سەنئەتكەن. باشقىلارغا كۈلكە بېغىشلايدۇ، ئىللىقلىق ئاتا قىلىدۇ دېگەندەك.
  ئىشقىلىپ بۇ تۇرمۇشىمىزدا ئۆگىنىشكە تېگىشلىك، بىلىشكە، تۈزىتىشكە تېگىشلىك ئىشلار بارغانسېرى كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ. كېيىنچە قايتا تۇغۇلۇپ، قايتا ئادەم بولۇشقا كىرىشىدىغان ئىشلار بولامدۇ نېمە، دەپمۇ قالىمەن...:L

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2099
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى 15:58:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانچە-مۇنچە  قىزىقچىلىقنى ھىساپقا ئالمىغاندا،تېل نۇمىرنى دىيىشتىن باشقا ئەبجەش سۆز قىلدىغان ئاددەت يوق مەندە

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت

Rank: 3Rank: 3

توردا
766 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1416

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى 17:18:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باتۇرچەۋەنداز يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى 15:58
ئانچە-مۇنچە  قىزىقچىلىقنى ھىساپقا ئالمىغاندا،تېل نۇمى ...

ما خەقلەرگىچۇ پۇل بەرسىڭىزمۇ قىلمايدۇ بىر ئېغىز ئۇيغۇرچىنى. تېل نومۇرنى ئۇيغۇرچە دەپ ئۆگەنسە تەس ئەمەسقۇ.

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 2

توردا
791 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
2099
يوللىغان ۋاقتى: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى 19:01:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەھۋە يوللىغان ۋاقتى  2012-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى 17:18
ما خەقلەرگىچۇ پۇل بەرسىڭىزمۇ قىلمايدۇ بىر ئېغىز ئۇيغ ...

دەلتى ،قاپاق ،دۆت دەپ تىلىغاندەكلا بىلىندا :lol

     ئۇگىنىمەن چوقۇم ئۈگىنىمەن

ھەقىقىي بايلىق سىرتىڭىزدا تۇرۇۋاتقان ماددى نەرسىلەر ئەمەس، ۋۇجۇدىڭىزدا تۇرۇۋاتقان يۇشۇرۇن قابىليەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 08:32 , Processed in 0.135840 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش